- تىزىملاتقان
- 2016-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-4
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2459
- نادىر
- 0
- يازما
- 259
ئۆسۈش
15.3%
|
ئۇيغۇر يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلار ۋە پىل» ناملىق ماقالىسى تېمىسىنىڭ يېڭىلىقى، مەزمۇنىنىڭ جەلپكارلىقى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغۇسى. قۇربانجان كۆرسەتكەن «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتاب (بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1989- يىل 11- ئايدا 1- قېتىم، خەنزۇچىسى بولسا 1991- يىل 4- ئايدا 1- قېتىم نەشر قىلىندى) قا كىرگۈزۈلگەن سۈرەتلەر ھەقىقەتەن تارىخىي قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى ھۆججەت خاراكتېرلىك سۈرەتلەردۇر. بۇ سۈرەتلەر ئىچىدىكى 7-، 9-، 10-، 23- سۈرەتلەر قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى چۈشىنىشتە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، 7- سۈرەت «بېشبالىق قەدىمكى شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار (回鹘) ئىبادەتخانىسىنىڭ خارابىسىدىكى تام رەسىملىرى» دەپ؛ 9- سۈرەت «بېزەكلىك مىڭئۆيلىرى 37- غاردىكى تام رەسىمى: ئۇيغۇر پادىشاھى (回鹘国王) نىڭ رەسىمى» دەپ؛ 10- سۈرەت «مىڭئۆي تام رەسىملىرى: قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى قاتلام كىشىلىرىنىڭ رەسىمى» دەپ؛ 23- سۈرەت «شايىگە چۈشۈرۈلگەن ئۇيغۇر بۇددىست تېۋىنغۇچى بوۋاي» (绢画供佛回鹘老者像) دەپ ئىزاھلانغان بولۇپ، بۇ رەسىملەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى، ئىرقىي ئالاھىدىلىكىنى يېتەرلىك چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. بۇلا ئەمەس، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئات مەدەنىيىتى، لەشكىرىي ئىشلار مەدەنىيىتى، ئوردا نەققاشلىق- بېزەكچىلىك مەدەنىيىتى، كىيىنىش- سالاپەت مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى چۈشىنىشتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە. ئەلۋەتتە بۇ كىتابتىكى باشقا سۈرەتلەرمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىنى چۈشىنىش ۋە تەسۋىرلەشتە كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە. قۇربانجاننىڭ مەزكۇر كىتابغا كىرگۈزۈلگەن 7- سۈرەتنى تۇتقا قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ پىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىماقچى بولغىنى ئالقىشلاشقا تېگىشلىك. بۇ سۈرەت قەدىمكى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلار ياراتقان مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتا ھەقىقەتەن كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، قۇبانجان بىزنىڭ دىققىتىمىزنى مۇشۇ سۈرەتكە بۇرىغان. بۇ سۈرەت بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ لەشكىرىي ئىشلار مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە تەسۋىرلەشتە كۈچلۈك پاكىت ئاساسىغا ئىگە. مېنىڭچە بۇ سۈرەتتىكى «پىل»نىڭ ئوبرازىنى يەنىمۇ ئېنىق دەلىللەش كېرەك. شۇنداق بولغاندا بۇ تېما ھەقىقەتەن قالتىس يۇقىرى قىممەتكە ئىگە بولۇر. قۇربانجانغا رەھمەت مۇشۇنداق تەربىيەۋى قىممىتى يۇقىرى تېمىنى تاللاپ بىزلەرگە سۇنغىنىغا! |
|