- تىزىملاتقان
- 2013-11-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 770
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
54%
|
نۇرغۇن كىشىلەر مىللى يېزىقتىكى تور بەتلەرگە ھازىر تازا بەك قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدى.ھەممىسى بىرسىدە بار بولغان مەزمۇن يەنە بىرسىدە بار بولغان ،يېڭلىق يارتىش روھى كەمچىل ، تور بەتلەردىن بولۇپ قالدى .قايسى تور بەتنى ئاچساق ئوخشاش.شۇڭا تور بەت كۆپ بولغان بىلەن مېغىزى ئوخشاش.مەن ئويلىنىش ئارقىلىق بۇنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق بىر نەچچە تۈرگە يىغىنچاقلىدىم:بىرىنچى:تېمىلارنىڭ كىلىش مەنبەسى توغرىسىدىكى قىيىنچىلىق: ھازىرقى تور بەتلەردە ۋە ئۈندىدارلاردا بولسا تور بەت ئادىرسى ۋە نامى ئوخشاشمايدۇ،لىكىن ئىچىدىكى مەزمۇن ئاساسى جەھەتتىن ئوپئوخشاش.شۇڭا كىشلەرنىڭ بۇ تور بەت ۋە ئۈندىدار سالونلارغا بولغان قىزىقىشى بەك يۇقىرى ئەمەس .قىزقىشىنى قوزغىيالمايدۇ.ھەممىسى دۆلەت تىلىدىكى بەيدۇ ۋە ياكى باشقا تورىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر بولغاچقا ،ئۇنى كېڭەيتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ،ئاندىن يوللاشنى تازا خالمايۋاتىدۇ.
ئىككىنچى:ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق: ئەلۋەتتە تور بەت قۇرغانلارنىڭ بەزلىرى ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كۆرسىتىش بولسا ،يەنە بەزلەر ئىقتىسادى ئۆنۈم يارتىش ئۈچۈندۇر.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ،بۇ تور بەتلەرنى يارتىپ ئوتتۇرغا قويۇش ئۈچۈن ئىقتىساد مەسلىسى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ. نۇرغۇنلىغان تور بەت قۇرغۇچىلار تور بەتنى لاھىيلىگەن بىلەن لىكىن ئەجرىگە لايىق ئۈنۈمگە ئېرشەلمىگەنلىكتىن،ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كېتىشنى خالىمايدۇ. يەنە كىلىپ ھازىر دۆلەت ئىچىدە ۋە ياكى خەلىقئارالىق داڭلىق تور بەتلەردە بولسۇن.ھەممىسى نىسىگە ئىش قىلمايدۇ.كىرگەن ئىكەنسىز چوقۇم پۇل تۆلەيسىز.ئاندىن ماترياللاردىن بەھرىمان بولالايسىز.لىكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەت ۋە يۇمتال لاھىيلىگۈچىلەر ،ئەپ لايھىلىگۈچىلەر بولسۇن، ھەممىسى قۇرۇق قول قېلۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ جەھەتتىكى مەسىللەرنىمۇ قەتئى ئويلىشىشىمىز لازىم.
ئۈچىنچىدىن:ئۆزىمىزدىكى كەمچىللىك: يەنە بىزدىكى زور كۆپچىلىك كىشىلەر بىكارلىق نەرسىلەرگە بەكلا ئامراق ،توردىكى نەرسىلەرنى پۇل تۆلەپ ،ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ. بىكارغا بولسا بەك ئامراق.لىكىن كۆپچىلىك شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ئەرزان مالىنىڭ شوۋىسى يوق.ئەلۋەتتە رېستۇرانغا قانچە كەتسە مەيلى تورغا پۇل تۆلەشنى خالىمايدۇ. لىكىن بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە شۇكى تېخنىكا ئۆگىنىشكىمۇ پۇل كېتىدۇ. ھازىر بىكارلىق نەرسىدىن قۇياش نۇردىن باشقا نىمە بار؟
تۆتىنچىدىن:پىروگراممىرلارنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى: بۇنى ئوتتۇرغا قويمىساقمۇ بۇلاتتى،لىكىن دىمىسەك بولمىدى. دۆلەت ئىچىدىكى داڭلىق تور بىكەتلەرنىڭ ئىقتىدارنى ھازىرقى زاماندىكى مېرسىدىسقا ئوخشاتساق،بىزنىڭ ئانا تىلمىزدىكى تور بەتلەر 70-يىللاردىكى ۋولگاغا ئوخشايدۇ.تېخنىكا ناچار،كىشلەرنى جەلىپ قىلغۇدەك يېرى يوق.ئۆگىنەي دېسە مۇقىم ئىقتىسادى ئاساس يوق.
مەنچە ھەل قىلىش لاھىيەسى؛بىرىنچىدىن :بىر قىسىم ياخشى تور بەتلەرنى مەزمۇنىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ،ھەق تۆلەپ كىرىدىغان ،بۇ ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان ،ئورتاق نەپكە ئىرىشىدىغان ياخشى قائىدىنى بىكىتىش. بۇ ئارقىلىق پىروگرامما لاھىيلىگۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.
ئىككىنچىدىن : يېڭلىق يارتىش ،تېخنىكا ئۆگىنىش سەۋيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك.كونلىققا ئېسىلۋالماي ،يېڭىلىق يارتىشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.يېڭى ۋە ياخشى بولغان مەزمۇنلارنى كۆپەيتىش كېرەك. بىر تور بەتتىكى مەزمۇننى يەنە بىر تور بەتكە كۆچۈرگىلى بولمايدىغان ياكى كۆچۈرسە كۆچۈرگىچىنىڭ نامى چىقىدىغان ، ئۇنى رەسۋا قىلىدىغان ،قايتا بۇنداق قىلمايدىغان ھالەتكە ئەپكىلىش كېرەك.
ئۈچىنچىدىن:قانۇن ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.بىر تور بەتتىكى مەزمۇننى يەنە بىر تور بەتكە كۆچۈرگەنلەرنى قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىش كېرەك.
|
|