- تىزىملاتقان
- 2014-3-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4458
- نادىر
- 4
- يازما
- 254
ئۆسۈش
81.93%
|
putin يوللىغان ۋاقتى 2016-1-21 12:38
ئاپتۇرغا بىر تەرەپتىن مىننەتتارلىق بىلدۈرگۈم كەلدى ...
پۇتىن ئەپەندى، تىمامغا مىننەتدارلىق بىلدۇرگۈنىڭىزدىن سۆيۈندۇم. رەھمەت.
تەبىئىيكى، بەزى شەرتلەر ئاستىدا، يازمامدا بىر قىسىم بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىغا مەن يول قويدۇم. شۇنداق بولسىمۇ سىز دىگەن نۇقتىلاردا پىكىرلىشىپ باقاي.
1. دىگىنىڭىز توغرا. چۈنكى بىز ھىسسىي مىللەت. ھىسسىي مىللەتلىكىمىز ئەيىپ ئىش ئەمەس،ئەلۋەتتە. بىراق سىز دىگەندەك بەزى ۋىدىئۇلارغا قانداقتۇر ئۈمىدسىزلىكىمىزدىن ئەمەس، ھىسياتىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. بۇ ئايرىم بىر تىما، مەن چەتكە قاقمايمەن، مەن پەقەت تىمىنى ئۈمىدسىزلىك ئۈسىتىدە قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ يەرلىرىگە كىرمىدىم.
2. مەن سىزگە شۇنداقلا دەي ! مىللەتتىن ھەددىدىن زىيادە بىزارلىقنىڭ سەۋەبى نە قەدەر كۆپ بولسۇن. بىراق، يەنىلا سۆيمەسلىك بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ. مىللەتتىن بىزار بولغان كىشى ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ئاتا-ئانىسىنى تاشلايدۇ. بۇ قانداقتۇر ئەخمىقانە باھانە ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدە، مىللەتتىن ھەددىدىن زىيادە سەسكىنىدىغانلارنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار. قەلبىدە كىسەللىك بار. چۈنكى، ئۇنداقلار ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان بەزى بىر قىسىم كىشىلەرنى پۈتۈن مىللەت دەپ تونىۋىلىپ، ئۇلاردىن بىزار بولۇشنىڭ ئورنىغا پۈتۈن مىللەتتىن بىزار بولىدۇ. تارىختا نۇرغۇن ئالىملار ئۆز مىللەت كىشىلىرى تەرىپىدىن خارلانغان، قارىلانغان. بىراق ئۇلار يەنىلا ھاياتىنى شۇ مىللەت خىزمىتى ئۈچۈن ئاتا قىلغان. پەيغەمبىرىمىزنى ئەرەپلەر ئەڭ ئېغىر ھاقارەتلەر بىلەن تىللىدى، ھەتتا تاش ئاتتى. ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقاردى، بىراق پەيغەمبىرىمىز ئۇلاردىن بىزار بولمىدى، نەپرەتلەنمىدى. بەلكى قەلبىدىن سۆيدى. بىزنىڭ خەلقىمىز تىخى قىزىنى تىرىك كۆمىدىغان ئۇ ئەرەپلەرچىلىك جاھىل ئەمەسقۇ، مىللىتىمىز شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل، سۆيۈملۈك بىر مىللەت. پەيغەمبىرىمىز چىغىدا، شۇ زاماندىكى شۇنچىلىك قالاق،جاھىل ئەرەپلەردىن سەسكەنمەپتۇ. بىزنىڭ بۇ ئەزىز خەلقىمىزدىن سەسكىنىدىغان نىمە ھەققىمىز بار ؟ دىمەك، بۇ سۆيگۈدىن كىلىدۇ. مىللىتىمىز سىز، بىزگە تاش ئېتىپ، ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىپ باقمىدى.
3. قاراڭ ، بىزدە زىيادە پەخىرلىنىش بار دەپسىز، بۇنىڭغا پوتبۇل، ئۇچۇر تىخنىكىسى ۋە ئاسمىلاتسىيىلىشىش دەپ مىسال ئاپسىز. سىز جەمئىيەتنى قانداق كۈزىتىسىز بىلمىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ جەھەتلەردىن پەخىرلىنىدىغان كىشىلىرىمىز بار. بىراق، زىيادە پەخىرلىنىدىغان كىشىلىرىمىز پۈتۈن مىللەت نوپۇسىغا نىسبەتەن ئون بارماققا توشمايدۇ. زىيادە بىزار بولىدىغانغا سىلىشتۇرغاندا يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ يازمامدا تىمىنى پەقەت ئۈمىدسىزلىك ئۈستىدە ئىلىپ باردىم.
ئاسىتىدىكى پىكىرلىرىڭىز بەك چىچىلاڭغۇ ،بەك ئۇزۇن ئىكەن، ئۇيغۇر يىزىقىمىز ئۈسىتىدە گەپ قىپسىز. مىنىڭچە كىتاپ، كۈندىلىك تۇرمۇش، مىدىئا ۋاسىتىلىرىدا بىزنىڭ ئەرەپ تىلى ھەرپى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى ساقلاپ قىلىپ، كومپىيۇتىر مەشغۇلاتىدا لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ قوللانساق ياخشى بولىدۇ. بىز ھىلىمۇ بەرىبىر ئىككى يىزىقنى تەڭ قوللىنىۋاتىمىز. بىراق بىرلىككە كەلمىگەن، شۇڭا ئومۇملاشمىدى.
پىكىرلىرىڭىزگە رەھمەت ! |
|