(نوزۇگۇم قەبرىسىنى كۆرگەندىن كېينكى تەسىراتىم) مۇستاپا ئابدۇلھەق
يانۋارئېيىنىڭ 23.كۈنى ئىلى دېيار كىتاپخۇمارلار گۇرپىمىزنىڭ ئەزالىرى مەرھۇم كۈرەشچان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇمنىڭ غۇلجا ناھىيە ئارا ئۆستەڭدىكى قەبرىسىنى يوقلىدۇق. نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئارا ئۆستەڭ بۇلاق مەھەللىسىنىڭ چېتىدىكى سازلىقنىڭ بويىدا چوقچىيىپ تۇرغان بىر توپا قەبرىدىن ئىبارەت ئىدى. قەبرە خۇددى تارىخنىڭ ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان يۈزىدەك غېرىپ ھەم تاشلاندۇق كۆرىنەتتى. بۇ قەبرىدە ياتقىنى 19.ئەسىردىكى مەنچىڭ زالىملىرىغا قارشى قوزغالغان خەلقنىڭ باتۇر قىزى، شۇنداقلا ئۆز ئارنومۇسىنى قوغداشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىپ كۈچلۈك دۈشمەنلەرگەمۇرەسسە قىلماسلىقنىڭ ھېكايىسىنى يازغان ئۇيغۇر قىزى نوزۇگۇم. تارىخىمىزدا بۇنداقھېكايىلەر تالاي قېتىم يېزىلغان ۋە ئۇنتۇلغان. كېيىنكىلەرنىڭ ئەجداتلار ئۈچۈن بىرئابىدە تىكلىمەي ھەركىمنىڭ ئۆز قايغۇسىدا ياشاپ ئۆتىشى تالاي نۇزۇگۇملارنى ئۇنتۇلدۇرغانىدى. شۇڭا نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە ئاددى بولسىمۇ بىرقەبرىنىڭ قاتۇرىلىشى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىش دېيىشكە بولاتتى. نۇزۇگۇم قەبرىسىنىڭ ئەتراپىدىكى قار باسقان دالا تالاي كەچمىشلەرنى ئۆز قوينىغاسىڭدۈرگەندەك سۈكۈتكە چۆمگەن، كۆل بويىدىكى قۇمۇشلار ئازاپلىق ھېكايىلەرگە كۆمۈلگەن ھالدا بىزگە قاراپ تۇراتتى. 1827- يىلى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ يۈزمىڭ كىشىلىك قوشۇنى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنى باستۇرغاندىن كېيىن ، قەشقەردە دەھشەتلىك سىياسەتلەرنى يۈزگۈزۈشكە باشلايدۇ.قەشقەردىن غۇلجىغا سۈرگۈن قىلىنغان ئون ئىككى مىڭ تۈتۈن ئادەم ئىچىدە نوزۇگۇم ۋەئۇنىڭ ئاكىسىمۇ بار ئىدى... چوڭلارنىڭ رېۋايەت قىلىشىچە نۇزۇگۇم قەشقەردىن غۇلجىغا سۈرگۈن قىلىنغان ۋەمەنچىڭ ئەمەلدارىغا خوتۇن بولۇشقا كۆنمەي قېچىپ كېيىن تۇتۇلۇپ قالغاندىن كېيىن غۇلجىدىكى ‹‹بوينى كېسىك›› كوچىسىدا قەتلى قىلىنغانىكەن. ئەتىسى بىرنەچچەيلەن نوزۇگۇمنىڭ جەسىدىنى قوناق شاخلىرى بېسىلغان ئات ھارۋىنىڭ يوشۇرۇپ ھازىرقى ئارائۆستەڭ يېزىسىدىكى قەبرىگە دەپنە قىلغانىكەن... تارىخىمىزدىكى خائىنلىق ، ساتقۇنلۇق بىلەن جان باققان تالايلارمۇ ئوخشاشلا يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نام نىشانى ئۆزى بىلەن تەڭ تۇپراقنىڭ ئاستىدا چىرىپ كېيىنكىلەرنىڭ لەنىتىگە قالدى. نوزۇگۇمدەك زېمىننىڭ كۈرەشچان پەرزەنتلىرىمۇ تۇپراقنىڭ ئاستىغاكىرىپ كەتتى، لېكىن ئۇلار تۇپراققا ئەمەس خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە كۆمۈلدى... ئۇلارنىدەۋىرنىڭ تەتۈر قۇيۇنلىرى ۋە زاماننىڭ ۋاقىت ماشىنىسىنىڭ يوقىتىۋىتەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى ئۇلاردىكى كېينكىلەرگە مەنىۋى قۇۋۋەت بولىدىغان روھتا بولسا كېرەك... زىيارەتتىن كېيىن پائاليەتكە ئىشتىراك قىلغان غۇلجىدىكى مەسئۇد ئەيسا قاتارلىق شائىرقەلەمكەشلەر نوزۇگۇم ھەققىدە يازغان شېئىرلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى:
ئىپپەت كۆمۈلگەن قەبرە مەسئۇد ئىسا
ئاسمان سۈزۈك ئىدى، يىلدىن كېيىنكى ئاسمان ! تاغلارقوللىرىنى قوۋۇشتۇرۇپ بۈگۈننىڭ ئادەملىرىنى تەئەججۇپتە قارشى ئالاتتى… بىزئالتۇن قازغۇچىلار ئەمەس! دەرەخلەرگە، قۇمۇشلارغا، تەۋۋەزۇبىلەن جاۋاپ بەردۇق!!! ئەگرى يوللار، تارانچى پۇرايدىغان يوللار، بىزنى ئېلىپ كەلدى غېرىپ-غۇۋار قەبرىگە! قەبرە-تارىخنىڭ دەپتىرى قەبرە-ئىنسان تۈگەللىنىشى. بۈگۈندىن بەكمۇ ئۇزاقتا بىرقاراڭغۇ كېچىدە تارانچى ھارۋىسىدا تۆت ئەر تاغدىنمۇئېغىر بىريۈرەكنى قۇشلاردىنمۇمەخپى تۇتۇپ ئېلىپ كەلدى مەن تىزلانغان يەرگە! كىمدۇربىرى چوڭقۇر تىندى بىرتىنىشقا چۆكتى زېمىن!!! دەرىخا! زۇلمەت قىلىچى شېخىدىن كەستى دېدى ئۈچۈنچىسى. زېمىن تىترەك قوللىرى بىلەن قانلىق غۇنچىنى باغرىغا ئالدى! قۇمۇشلار، تاغلار، قاراڭغۇ قوللرىنى كۆتۈردى دۇئاغا! كەلدى بىرسادا سۇدىن: بۇقەبرە زېمىندىكى ئەڭ ئېغىرقەبرە، بۇيەردە مەڭگۈلۈك يەرلەشتى ئىپپەت!!! ئاسمان سۈزۈك ئىدى. ئاسمانغائۇچاتتى قىرائەت! بىرتوپ ئالامان قايتىۋاتتى زامان يوچۇقلىرىدىن قىستىلىشىپ 185يىل ئىلگىركى قۇمۇشلۇققا… ئىپپەت ئانىسىنىڭ يېنىغا 2016.1.23
نۇزۇگۇمنىڭ قەبرىسى ئەسەت بالتاش
ئاپئاق قارنىڭ رۇجەكلىرىدە ... قۇمۇش گۈلى يەلپۈنىدۇ جىمجىتقىنە . سۇلارغا نالە قىپ تۇراتتى غەمكىن ، شىۋاقلارئارسىدا يالغۇز بىر قەبرە .
ئاھ، مېنىڭ يۈركىم پارچىلىنىپ كەتتى ، نەپىسىم توختاپ كېتەرمۇ ئەمدى ؟ . روھىمنى ئۆزىگە قىلماقتا مەپتۇن ، قۇمۇشلارئارسىدىن تۆكۈلگەن بەرگى .
كېسەكلەرئارسىدىن تۆكۈلگەن ھەسرەت ، يۈركىم بەرگىنى توزۇتتى ئاستا- ئاستا . قەبرەڭدىن بىرسىقىم توپىنى ئېلىپ ، يۈركىمگەسۈركەپ قايىتتىم ئاستا .
قىممەت قەبرە مەريەم نەشتەرى
كەلدىم قەيەرگە، يۈرۈگۈم چۇل چۇل، بىلمىدىم ئاسمان كىردى قانچىگە. يىغلايدۇ ئۆكسۈپ غېرىپ قۇمۇشلار، توپىلار يەنجىلەر مۆكۈنۈپ تەنگە.
يۈتىدۇ تىتىرەپ نازۇك قەبرىنى، ئوقۇپ كەلگەن كۈي ئەسىرئەسىردىن، ئىپپەت كۆمۈلگەن قىممەت قەبرە بۇ، ئۇ كەلمەس مەن كەچمەس كەتكەن ئىزىدىن.
چېچىڭنى دار قىلىپ ئۆلۈپ كەلدىممەن، توۋلىدىم قىتىلىپ ئەركەك يۈتتى دەپ. ئۇزلۇق قايدىكىن يۈرمۈدۈم سېزىپ ، ئاي بىلەن قۇياشنى نۇزۇك يۈزى دەپ.
قۇمۇش باغرىغا ئالمىغان نوزۇك، دوتەي بىشىغا تاغ ئاسقان نۇزۇك. قوينىغا ئالمىسا خايىن ئاسمانلار. ئىپپەتنى قۇچاقلاپ ئۇچتۇڭمۇ نۇزۇك.
نۇزۇگۇم شەمشىدىن يارمۇھەممەت
سوغۇق قېلىچتا كېسىلگەن باش قەبرە ئىچىدە ، ئارمانغا ئايلاندى چىشىنى چىشلىگىنچە. ئانىسى بىلمەيتى، ئۇنىڭ گۇناھىنى گۇناھكار ياراتمىغان،ھەتتا تەڭرى ئۇنى ئاسمان قولىغا ئالمىدى زىمىن پاتۇرمىدى مۆكتۈرگەندە سازنىڭ قۇمۇشى ئۇنى ئېلىپ قاچالمىدى دادىسنىڭ دۇئاسىدىكى زۇلمەتنىڭ قازاسىدىن قان تامچىۋاتقان پۇتى. ئلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ ئىلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟ بۇزلاشلىرىڭنى نازۇكنۇزۇگۇم ئاڭلمىدى ھېچكىم ھەتتاكى تۇغۇلغان بولساڭ بەلكىم،بەلكىم يىراق يات ئەلدە، كۈلەر ئىدىڭ مونالىزادەك بىر رەسسامنىڭ پورتىرىتىدا جۇت زاماندىن ئۇگۇلۇپ كەتتىڭ چاچلىرىڭدەك چۇگۇلۇپ كەتتىڭ كاج تەقدىرنىڭ قىيناقلىرىدا يىگىرمە ئىككى باھار توزىدى كۈلدەك مەلئۇنلارنىڭ سۇراق 200يىل كىيىن بۈگۈن يىگىرمە ئىككى ياشلىق بىر قىز شۇنچە شادىمان رەسمگە چۈشەر ئۈندىدارىدا لاي گۈمبەز يىغلاپ تۇرغان دالىدا، ئۇ سېنى ئىپپەت قەھىرىمانى دېدى 200يىللىق تارازىدا
ئاسمان گۇۋاھ بولسۇن مۇستاپا ئابدۇلھەق
كەتتۇق زاماننىڭ قارلىرىغا چوڭقۇرلاپ يىراق بەكمۇ يىراق 19.ئەسىردىن 21.ئەسىرگىچە ماڭماقتىمىز...
ئاسمان گۇۋاھ بولسۇن ! قەبرىلەر ئارىسىدىن نۇزۇكنى ئىزدەپ كېتىپ بارغان بىر توپ ئادەمگە... تالاي كۈلپەتلەرنى كۆرگەن زېمىن بۇ ئۆرلەيدۇ پەسلەيدۇ قاردا قەسىدە... بىزنى ئىككى ئەسىر كۈتۈپ يېتىپتۇ قار باسقان قۇمۇشلۇقلار بويىدا ئاشۇ گۈمبەزسىمان توپىلىق قەبرە!
قىرائەت توپىلىق قەبرىنى سىلاپ ئۆتۈپ كۆل بويىدا قۇمۇشلارغا ئۈنسىز پىچىرلىماقتا: ‹‹...سىلەر شېھىتلارنى مەككىنى تاۋاپ قىلغانلار بىلەن باراۋەر كۆرەمسىلەر!!! ...›› دېگەن مۇقەددەس سادا، تاراپ كەتتى بوشلۇققا...
2016.1.23
|