قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1493|ئىنكاس: 5

ئەلكۈن: ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى 2000-يىلى لوندوندا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 07:34:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 09:08  

ئاتاقلىق ئۇيغۇر مۇزىكانتلىرى 2000-يىلى لوندوندا

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 - يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغۇسىز ئاجايىپ بىر كاتتا پائالىيەت بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.  بۇ بولسا ئۇيغۇرنىڭ سەنئەت ساھەسىدە بىر ئۆمۈر تەر ئاققۇزغان، ئۆزلىرىنىڭ ناخشا - مۇزىكا تالانتى، ئىجادىيىتى بەدىلىگە خەلقىمىز قەلب تۈرىدىن ئىززەت ۋە ئېكرام بىلەن ئورۇن ئالغان پېشقەدەم سەنئەتكارلار ئۇستازلاردىن مەرھۇم ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، بۈگۈن بىز بىلەن بىللە تارىخنىڭ شاھىدى بولۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزدىن مۇساجان رۇزى، پاشا ئىشان، ياسىن مۇخپۇل ۋە تۇرسۇن ئىسمايىل قاتارلىق ئەزىزلىرىمىزنىڭ ئەنگلىيە كېلىپ گۈزەل ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىدىن بىر قانچە نۆۋەت كونسېرت بېرىپ، سەھنىدە ۋە ببك قاتارلىق ئەنگلىيىنىڭ مەتبۇئات ۋە مېدىيالىرىدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغان 10 نەچچە  كۈنلۈك سەنئەت پائالىيىتىدۇر.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تونۇلغان پېشقەدەم مۇزىكانت ۋە ناخشچىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بۇ بىر گۈرۈپ سەنئەتكارلىرىمىزنى ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەت ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئافرىقا ۋە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناس دوكتۇرى رەچېل ھاررىس خانىمنىڭ تەكلىپ قىلىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن لوندوندا خەلقئارالىق سەنئەت كۆرسىتىش بويىچە كەسپىي مۇلازىمەت قىلىدىغان “ئاسىيا سەنئەت سىركۇس” ناملىق سەنئەت شىركىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدا بىلەن ئىككى يىل تەييارلىق كۆرۈش ھېسابىغا ئەمەلگە ئاشقان ۋە ياراتقان ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغان بىر قېتىملىق سەنئەت سەپىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ سەپەر داۋامىدا پېشقەدەم سەنئەتكارلىرىمىز ئەنگىلىيىنىڭ لوندون، Lake District ، Devon  قاتارلىق شەھەر ۋە رايونلىرىدا 10 كۈندىن ئارتۇق زىيارەتتە بولۇپ 4 قېتىم ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىنىڭ دۇردانىلىرىدىن كونسېرت بېرىدۇ. لوندوندا BBC (بېرتانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى) غا تەكلىپ قىلىدۇ. مېھمانلار ببك دە مەخسۇس زىيارەتتە بولىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئۈن ۋە سىنگە ئېلىنىشى ئۇچۇن ئورۇندايدۇ. 22- ۋە 23 ماي كۈنلىرى لوندوندىكى Globe Style ئۈن- سىن نەشىرياتىدا بىر كد پلاستىنكىسى ئىشلەش مەقسىتىدە مەخسۇس بىر يورۇش تاللانغان ئۇيغۇر ناخشا- مۇزىكا ئۆرنەكلىرىنى ئورۇندايدۇ. شۇ يىلى نويابىر ئېيىدا Globe Style ئۈن- سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇزىكانتلار» ناملىق ئۈن پلاستىنكىسى نەشىر قىلىنىپ دۇنيا مۇزىكا بازىرىدا سېتىلىشقا باشلايدۇ. گەرچە ئارىدىن 16 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ كد پلاستىنكىسى بازاردىن قالماي دۇنيادىكى داڭلىق ئۈن - سىن نەشرىيات بۇيۇملىرىنى تور ئارقىلىق ساتىدىغان ئامازۇن، ئەبەي، ئىتۇنە قاتارلىق تور بازارلىرىدا داۋاملىق سېتىلىپ كېلىدۇ.

مانا شۇ قېتىم لوندونغا كەلگەن مۇزىكا ئۇستازلىرىمىزدىن ھۆسەنجان جامى ۋە غىياسىدىن بارات ئاكىلىرىمىز بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقاندىن كېيىن تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە قەلبىمىزنى ھېلى ھەم مۇسىبەت تۇيغۇلىرى بىلەن ئۆرتەپ تۇرۇپتۇ. بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىزگە بولغان مېھرى - مۇھەببىتىمىز، سېغنىشىمىز يىللار ئۆتكەنسېرى قەلبىمىزدە ئاۋۇپ تۇرۇپتۇ. بەلكىم ھاياتنىڭ مەنىسى شۇ بولسا كېرەك، ئۆز ئېلى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۇرگەنلەرنى، ئەلىنى، خەلقىنى سۆيگەنلەرنى خەلق مەڭگۈ سۆيىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا ياراتقان ئىجادىيەتلىرى خەلق قەلبىدە مىللىي روھنىڭ يەنە بىر ئۆچمەس مەشئىلى بولۇپ يالقۇنجايدۇ.  

مەن ئەلكۈن مەن ياشايدىغان بۇ شەھەردە بولۇپ ئۆتكەن، ھازىر تارىخقا ئايلىنىپ، خاتىرىمىزدىن يىراقلاردا قالغان مۇشۇ ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئەسلىمىنى قىسقىچە بايان قىلىش ئارقىلىق بىزدىن ۋاقىتسىز ۋىدالاشقان ئەشۇ ئەزىز كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت ۋە سېغىنىشىمنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇ مەلۇماتنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزىرىگە سۇندۇم.

تۆۋەندە شۇ قېتىمقى پائالىيەتلەر داۋامىدا تارتىلغان بىر قىسىم سۈرەتلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن خاتىرە سۈپتىدە ئورتاقلاشماقچىمەن:



Muqam_Ensemble_1999.jpg



Musajan_Ruzi1.jpg



Pash_Ishan2000.jpg



Aziz_Niyaz.jpg



Musajan_Ruzi2.jpg



UyghurMusicians_Adv_.jpg



Uyghur_Musicians_CD.jpg




uyghuray

0

تېما

3

دوست

2290

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26906
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 716
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 19:54:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   visa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-2 20:33  

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،قۇدۇقتىكى پاقىدەك دۇنيانىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەپ تېلۋىزورلاردىكى يالغان ياۋداقلاردىن بېشى قېيىپ سەۋدايلارچە ياشاۋاتقان بىزدەك بىر تۈركۈم قېرىنداشلارغا بىلىمخۇمار ئەپەندىم،سىز قاتارلىقلارنىڭ يازمىللىرى دۇنيانى تېخىمۇ كەڭ دائىردە چۈشۈنۈش ئىمكانىيتىگە ئېگە قىلىۋاتىدۇ.بىزنىڭ خەلقىمىز 100 يىل بۇرۇن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىلتىجا قىلغان ئۇيغۇنۇش دەۋرىگە ئەمدى قەدەم باستى.بۇنىڭ دەلىلىگە قوش تىل تەربىيلەش ئورۇنلىرىدا يېشى 50 تىن ئېشىپ قالغانلارنىڭمۇ مۇكچۈيۇپ ئولتۇرۇپ بىر نەرسە ئۆگىنىۋاتقانلانى كەلتۈرۈش مۇمكىن.ھۆكۈمەت 2014-جەنۇبى شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان ئىدى .يىگىرمە يىلدىن بۇيان  توققۇز يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن نورغۇن ئوقۇتقۇچىلار  بۇ تولۇق ئوتتۇرنى ئوموملاشتۇرۇپ بولغۇچە قۇيرۇقىمىزنى قۇم باسارمۇ دەپ ئەنسىرگەن ئىدى. ئەمما جەمىيتىمىزدە ئاشۇنداق ئۆگىنىش روھىغا ئېگە كىشلەرنىڭ كۆپۈيشىگە ئەگىشىپ خەلقىمىزنىڭ ساپاسىمۇ يوقۇرلاپتۇ.20 يىل بورۇنقىدەك ئوقۇتمايمەن دەيدىغان ئاتا- ئانىلار ئاساسەن قالماپتۇ. ئەمدىكى گەپ ئاشۇ ئوقۇۋاتقانلارنى قايسى يۆنىلىش بويىچە ئوقۇشقا يېتەكلەش.بۇ دەل سىزدەك،بىلىمخۇمارئەپەندىمدەك  يوقۇرى مەلۇماتلىقلانىڭ يول كۆرسىتىشىگە،ئەقىل كۆرسىتىشىگە باغلىق.ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن قايسى كەسىپتە ئوقۇشنى بىلمەيلا ئوقۇپ قېلىش ئوقۇشقا ئىنتىزار كىشلەرنىڭ ئەڭ ئازاپلىق ئىشىكەن.مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم سىزدەك جاھان كۆرگەنلەرنىڭ يازمىللىرى ئارقىلىق  سىرىتقى دۇنيادىكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرمىزنىڭ ئانا ۋەتىنىمىزدە شۇغۇللۇنۇش مۇمكىن بولمايۋاتقان كەسىپلەردە نەتىجە قازىنىپ ئېتراپ قىلىشقا ئىرىششنى ھەر بىر ئاڭلىغاندا سىلەرنىڭ بۇ خالىس خىزمىتىڭلار  ياشلارغا بىر ماياك يېقىپ بىرىۋاتقاندەك،چوڭلارغا بالا تەربىلەشنىڭ بىر نىشانىنى كۆرسۈتۈپ بىرىۋاتقاندەك ئىلھام بەخىش ئاتا قىلىدىكەن.ئويلۇنۇشنىڭ ئۆزىمۇ زور نەتىجىكەن . يازمىللىرىڭلارغا ئىنكاسنىڭ كۆپ ياكى ئاز چۈششى بەلكىم جىق نەرسىنى چۈشەندۈرەلمەسلىكى مۇمكىن.  

0

تېما

0

دوست

882

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36603
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 250
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 21:56:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

2236

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34220
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-2 22:30:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
visa يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 19:54
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،قۇدۇقتىكى پاقىدەك دۇنيانىڭ ھەم ...

9يىللىق مەجبۇر مائارىپنى ھەتتا تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ ھەقسىز قىلماي پۇللۇق قىممەت  قىلسا بوپتكەن ئەسلى      مائارىپدا ئەزان گۈشنىڭ شورپىسى يوق بۇلۇشتەك ۋەزىيەت تامامەن شەكىللەندى .
uyghuray

1

تېما

0

دوست

3323

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21702
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1006
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 15:35:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت تېمىڭىزغا.بۇلسا مۇزىكىلىرىدىن بىر قانچىنى ئاڭلىساق دېگەن ئۈمۈدىمىز

1

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 2780
توردىكى ۋاقتى: 1359
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-3 16:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
komisar يوللىغان ۋاقتى  2016-2-2 22:30
9يىللىق مەجبۇر مائارىپنى ھەتتا تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ ھەق ...

ھىلىمۇ ئوقۇپ قاپسىز. توۋا، مائارىپ ۋە تەربىيەلىنىش دېگەن ئەسلىدىنلا ئىنساپ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقەللى ھوقوقى، بەھرىمەن بولۇشقا تىگىشلىك ھەققى. ئۇ ئەسلىدىنلا ھەقسىز بولۇشى كىرەك ئىدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئۆتكۈنچى دەۋرى سەۋەبلىك ئۇ ھەقلىق قىلىندى. ئەمدىلىكتە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىلەن ھەقسىز قىلىندى. مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەن پۇللۇق ياكى پۇلسىز قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى يوققۇ. ئىگىسىنىڭ بەرگىنىدىن ئىبلىس قىزغىنىپتۇ دېگەندەك سۆزلەيدىكەنسىز.
بولسا سىزگە ئوخشاش بايۋەتچىلەر ئوقۇپ پۇلىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش ئىشچىلارنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ تېخىمۇ جىق پۇل تېپىشنىڭ چارە ئاماللىرىنى ئۆگەنسە، كەمبەغەل نامراتلارنىڭ بالىلىرى بىلىم،ھۈنەر،تېخنىكا ئۆگۈنەلمەي مەڭگۈ نامرات قىلىپ سىزگە ئوخشاش بايلارغا ئىشلەپ ئۆتۈپ كەتسە بەك ياخشى بولاتتتى–ھە؟!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )