قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2054|ئىنكاس: 93

تاشپولات: تارتىش كۈچ دولقۇنى بىرىنچى قېتىم بايقالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

226

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 25
مۇنبەر پۇلى: 562
تۆھپە : 4236
توردىكى ۋاقتى: 293
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 09:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچ دولقۇنى بىرىنچى قېتىم بايقالدى

تاشپولات روزى


بۈگۈن دۇنيا مەتبۇئاتلاردا بۇ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە خەۋەر كەڭ ئورۇن ئېلىپ، دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىنى ھەيران قالدۇردى ۋە قالتىس خوش قىلدى. ئامېرىكا ماسساچۇسېتس سانائەت تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى مىڭدىن كۆپ تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار 15 يىل ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى تارتىش كۈچ دولقۇننى بىۋاستە بايقاپ چىقىپ، مانا بۈگۈن دۇنياغا جاكارلىدى. بۇ نەتىجە توغرىلىق ماقالە ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ فىزىكا ئوبزور تېز خەۋەرلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. بۇ تارتىش(ئېغىرلىق) كۈچى دولقۇننى 100 يىلنىڭ ئالدىدا يەنى 1915-يىلى ئىلىم-پەننىڭ ئاتىسى دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى ئېينىشتېين، ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا پەرەز قىلغان ئىدى. ئۇنۇڭ پەرىزى بويىچە بولغاندا ماكان-زامان ئەگرىلىنىپ، مۇشۇ ئەگرىلىك دولقۇن ھالەتكە ئايلىنىپ، نۇر تېزلىكىدە تارقىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. بۇ ئەگرىلىك ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولغان جىسىملار ھەرىكەت قىلغاندا يەنى ماسسىسى ئىنتايىن چوڭ بولغان قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشاش جىسىملار ماكان-زاماندا ھەرىكەت قىلغاندا، جىسىمنىڭ ئەتراپىدىكى ماكان-زاماندا پەيدا بولىدۇ.  بۇ قېتىم بايقالغان تارتىش كۈچ دولقۇنى يەر شارىدىن 13 مىليارد يورۇقلۇق يىل يىراقلىقتىكى ئىككى قارا ئۆڭكۈر ئۆزئارا بىرلىشىش جەريانىدا كېلىپ چىققان دەيدۇ. بۇ يەردە بىر گەپنى ئىزاھلاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. ھازىرغىچە قارا ئۆڭكۈر دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان جىسىملار، قارا ئۆڭكۈر ئېنىقلىمىسىنى تولۇق قانائەت قىلمىسىمۇ يەنى قارا ئۆڭكۈر دېگەن جىسىم مەۋجۇت بولمىسىمۇ، بۇرۇنقى ئاتىلىش ئادىتىمىز بويىچە مەنمۇ قارا ئۆڭكۈر دەپ ئالدىم.

تارتىش كۈچىنىڭ بىۋاستە بايقالغانلىقى، ھازىرغىچە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان جىسىملارنى بىۋاستە بايقاشتا رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تارتىش كۈچ دولقۇنى يوقىلىپ كەتمەي ناھايىتى يىراق يەرلەرگە بارالايدىغان خۇسۇسىيىتى بار بولغاچقا، ئالەمنىڭ ناھايىتى يىراق يەرلىرىنىمۇ تەكشۈرۈشتە، بولۇپمۇ ئالەمنىڭ سىرىنى ئېچىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.  بۇ نەتىجە ئالەم تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ھەم ئۇ ئېينىشتېين ئومۇمى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ توغرىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرىلەپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.


يۇقىرىدا دېگەندەك ئېينىشتېين، بۇ تارتىش كۈچى دولقۇننى ماكان-زاماننىڭ ئەگرىلىكىدىن كېلىپ چىققان دەپ پەرەز قىلغان بولسىمۇ، بىراق يېقىندا  جۇڭگو نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋۇ يۇەلىاڭ، ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ فىزىكا ئوبزور ژۇرنىلىدا (بۇ ژۇرنال يۇقىرىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان ژۇرنال بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ يەنى ئاچا-سىڭىل ژۇرناللار)  ماقالە ئېلان قىلىپ، 1915-يىلى ئېينىشتېين ئوتتۇرىغا قويغان بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ يەنە ماكان-زامانىڭ ئەگرىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كائىناتنىڭ ئەگىر ئەمەس تەكشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋۇنىڭ دېيىشىچە، كائىنات چوڭ پارتلاشتىن بارلىققا كەلمەستىن، چوڭ پارچىلىنىشتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن دەيدۇ. ئېينىشتېين، تارتىش كۈچنى ماكان-زاماننىڭ ئەگرىلىكىدىن كېلىپ چىققان دېسە، ۋۇ ئەپەندى،  تارتىش كۈچىنى كۋانت مىقدارى ياكى زەررىچىلەرنىڭ ماسسىدىكى كەملىكىدىن كېلىپ چىققان دەيدۇ.  قارىغاندا ماكان-زاماننىڭ ئەگرىلىكى توغرىلىق تەتقىقاتلار بۇندىن كېيىن تېخىمۇ قىزىيدىغاندەك قىلىدۇ. دوكتور ۋۇ يۇەلىاڭ، ھازىر بېجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ۋە نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى.

يۇقىرىدىكى تارتىش كۈچى دولقۇننىڭ بايقالغانلىغىچە بولغان ئارىلىقنى كۆرۈپ باقساق 15 يىل كېتىپتۇ. خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى ئورگىنى شۇنچە مەبلەغ ۋە شۇنچە ئادەم كۈچى بىلەن بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئالدىنقى 10 يىلدا ھېچقانداق بىر يېڭى نەتىجىگە ئېرىشەلمەپتۇ. بىراق بۇ تەتقىقاتچىلار بىر كۈنمۇ مەغلۇبىيىتىدىن ۋاز كەچمەي، تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرى مەغلۇبىيەت ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم بولغان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. شۇڭا مەغلۇبىيەتكە تىز پۈكمەي، ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تەتقىقات ئېلىپ بارساق بىز چوقۇم دۇنياغا كۆپ تۆھپىلەرنى قوشالايمىز!

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://physics.aps.org/articles/v9/17
uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20454
توردىكى ۋاقتى: 8534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 09:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 09:20  

نەچچە كۈندىن بېرى تەقەززا بولغان خەۋەر بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
بىر مەزگىل مۇنازىرە-مۇھاكىمىلەرنىڭ قىززىشىدا،بۇ بايقاشنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە ئوخشىمغان قاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدا گەپ يوق.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20454
توردىكى ۋاقتى: 8534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 10:00:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات مۇئەللىم.ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ بىرلىشىش جەريانىدىكى ئوربىتىسى كۆك ۋە قىزىلدىن ئىبارەت ئىككى رەڭ بىلەن ئىپادىلىنىپتۇ،شۇنداقمۇ؟
uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20454
توردىكى ۋاقتى: 8534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 10:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايقاش پۇت تىرەپ تۇرالىسا چوڭ پارتىلاش راستىنلا يۆز بەرگەن دەپ قاراشقا بولىدىكەن.شەكىل نەزەريىسىگە  نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئىككى قارا ئۆڭكۆرنىڭ قوشۇلۇش جەريانىغىچە بولغىچە بولغان ئوربىتىسى ،ھەركەت شەكىللىرى 29-تېئورېمىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى سەۋىيەسىدىكى ئىسپاتى بولۇپ قالىدۇ.قارا ئۆڭكۈرلەرنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش تېزلىكى ۋە يۆنىلىشى بىلەن ئوربىتا رادىئوسىنىڭ بارغانسىرى قىسقىراپ بېرىشى بۇ تەشەببۇسنىڭ ئىسپاتى.

e17_2_medium.png


ئوربىتا كۆك ،قىزىل رەڭلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.قارا ئۆڭكۈرلەر ئوقىدا سائەت سىتىرىلىكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلانغان ۋە ئىزچىل ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىش ئارقىلىق ئوربىتا رادىئوسى قىسقىراپ ئاقىۋەت سوقۇلغان.نەتىجىدە ھازىر بايقالدى دېيىلىۋاتقان دولقۇن مەيدانغا كەلگەن.

0

تېما

5

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1318
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 10:47:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تىز بولغان ياخشى يازما ئىكەن . مەنمۇ ئاخشام تىڭشۇننىڭ تورىدىن تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان ئىدىم . بۇ بىر ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ . قارىغاندا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئالدىراپ قارار چىقارمىساق بولغۇدەك

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20454
توردىكى ۋاقتى: 8534
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 12:09:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 12:19  

جۇڭگو نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ۋۇ يۇەلىاڭ، ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ فىزىكا ئوبزور ژۇرنىلىدا (بۇ ژۇرنال يۇقىرىدا ماقالە ئېلان قىلىنغان ژۇرنال بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ يەنى ئاچا-سىڭىل ژۇرناللار)  ماقالە ئېلان قىلىپ، 1915-يىلى ئېينىشتېين ئوتتۇرىغا قويغان بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ يەنە ماكان-زامانىڭ ئەگرىلىكىنى ئىنكار قىلىپ، كائىناتنىڭ ئەگىر ئەمەس تەكشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

___________________

ۋۇ يۇەلىاڭنىڭ ماكان-زاماننىڭ ئەگرىلىكىنى ئىنكار قىلىشى توغرا.ئەگرىلىك ھەركەت ئۆزىنىڭ خۇسۇسى خارەكتىرى.ئىككى قارا ئۆڭكۈرنىڭ تىرايىكتۇرىيىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئېغىپ ،ئوربىتا رادىئوسىنىڭ بارغانسىرى قىسقىراپ ئاخىرى بىر-بىرىگە سوقۇلىشى بۇ تەشەببۇسۇمنىڭ ئىسپاتى.

________________

ئامرىكا:ئالىملار تارتىش كۈچى دولقۇنىنى بايقىغانلىغىنى جاكالىدى
美国:科学家宣布发现引力波
فىلىم:


2

تېما

4

دوست

4975

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6729
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 102
تۆھپە : 1471
توردىكى ۋاقتى: 578
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-12 12:22:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-12 12:28  

http://tv.cntv.cn/video/C10336/4b5c47c2ee3d4ab18c41dd8259f46baa

http://tech.qq.com/a/20160211/025055.htm


http://v.ku6.com/show/-ATcjPLiByTCRdOZSnj2-w...html#
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )