قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 3

ئەلكۈن: كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 06:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن

باھار قۇشى غەزەل ئېيتقان سەھەردىن،
خۇش پۇراقلىق چېچەك تولغان بېغىمدىن،
مەڭزىم سۆيۈپ ئۇچۇپ قاچقان شامالدىن،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

ئەلكۈننىڭ خىيالى يىراق كەچمىشتە،
سېغىنار ھەر باھارنى ئۇزاق كۈتۇشتە،
ئۈندەر قارا قىشنى بالدۇر كېتىشكە،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

دەرتمەننىڭ يېشىدەك يامغۇر ياغسىمۇ،
گاھى بوران - چاپقۇن چىقىپ تۇرسىمۇ،
گۈللەرگە شەبنەم يا قىرو چۈشسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

تۇرنىلار قاتار - قاتار سەپ تارتسىمۇ،
قارلىغاچلار كېلىپ ئۆيىنى تاپسىمۇ،
قوزىچاق ئەگىز سۇ ئىچىپ قانسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

تېرەكلەر پوتلىسى يەرگە چۈشسىمۇ،
كاككۇك ئاۋازى زەينەپكە يەتسىمۇ،
ئېتىزدىن قىزلىرىمىز ئوسما تەرسىمۇ،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

دېھقانلار ئارزۇسى يەر بىلەن ئاتار،
باھار كۈيلەپ نوۋرۇز نەزمىسى قاتار،
بالىلار نەزىرى كۆك دالاغا باقار،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

كەلگەندە باھارنىڭ ئەركەك سۇلىرى،
تۆككەندە گۈل- چېچەك ئۆرۈك- تاللىرى،
ئۆسكەندە مومامنىڭ قاپاق مايسىسى،
كەلدىڭمۇ باھارىم سېنى سورايمەن؟

كۈلەلمەس ئەلكۈننىڭ يۈرىكى قېتىدىن،
كەتمىسە قىش تېخى دېھقان ئۆيىدىن،
چىللايدۇ پەسىلگە ئاتەش مېھىردىن،
كەلگىن ئەي باھارىم سېنى سورايمەن؟!


2016 - يىلى 12 - فېۋرال، لوندون


uyghuray

1

تېما

0

دوست

3220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 985
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 10:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئر قالتىس چىقىپتۇ، شائىر يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

6

تېما

3

دوست

7475

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   49.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1101
تۆھپە : 1596
توردىكى ۋاقتى: 506
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 11:18:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇراق ۋە قاپىيەلىرى ناھايىتى ياخشى چىققان شىئېر بوپتۇ، ئاپتۇرنىڭ قەلەم تۇلپارى ھارمىغاي!!!!!!

0

تېما

1

دوست

2633

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   21.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35216
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 812
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 03:00:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   

  ماڭا يىزىپ بەرگەندەكلا يىزىپتۇ بۇ شىئىرنى.  

  ئاپتورغا رەھمەت.

  قەدەملىرىڭىز بەرىكەتلىك، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق، بەدىنىڭىز سالامەت بولسۇن.
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )