نامسىز قالغان نامخۇمار
دا مىڭ
شەمسىيە شۆھرەت تەرجىمىسى
1939-يىلى 9-ئايدا يۈرۈش-تۇرۇشى ئاددىي بىر ئايال يازغۇچى تەكلىپ بىلەن خەلقئارالىق ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ مەيدانغا كىرىپ، بىر ئورۇننى تېپىپ جىممىدە ئولتۇردى، ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان سالاپەتلىك ئەر ئۆزىچىلا بۇ ئايالغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ كەتتى:
-مەن مەن ۋېنگىرىيەلىك داڭلىق يازغۇچى بولىمەن، ھازىرغىچە 349 پارچە رومانىم نەشردىن چىقتى. سىزچۇ خانىم؟ سىز كەسپىي يازغۇچىمۇ ياكى ئەدەبىيات ھەۋەسكارىمۇ؟
-ئاددىي بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارىمەن، ئەپەندى. مەن پەقەت بىر پارچىلا رومان يېزىپ باققان، سىزگە سېلىشتۇرغاندا نەتىجىلىرىمنىڭ پەقەتلا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق،- دېدى ئايال يازغۇچى كۈلۈپ تۇرۇپ.
ياش ئەر تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كەتتى.
-ۋېنگرىيەدە ئىسمىمنى بىلمەيدىغان ئادەم يوق، نەگىلا بارسام مەستانىلىرىم كەينىمگە كىرىۋېلىپ، مېنى بەك بىزار قىلىۋېتىدۇ. مەن سىلەردەك ئاددىي ئادەملەرگە بەك ھەۋەس قىلىمەن، سىلەر نام-ئاتاققا ياندىشىپ كېلىدىغان باش قېتىنچىلىقلاردىن خالىي.
-ئۇلارغا پەرۋا قىلمسىڭىز، باش ئاغرىقىڭىز تەبىئىيلا يوقىلىدۇغۇ؟-دېدى ئايال.
-ئەگەر مەندەك داڭلىق بولسىڭىز ئىدى، باش قېتىنچىلىقلاردىن قېچىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالاتتىڭىز.
-ئۇنىسى راست، مەن سىزدەك داڭلىق بولمىغاچقا، بۇ جەھەتتە كۆپ تەجرىبەم يوق،-دېدى ئايال يازغۇچى داۋاملىق كۈلۈپ تۇرۇپ.
-دېگىنىڭىز توغرا، داڭق چىقىرىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس-دە.
دەل شۇ چاغدا رىياسەتچى:
-ئەمدى ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال يازغۇچى، «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى مارگارېت مىچېل خانىمنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىسىنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلايلى،-دېدى.
رىياسەتچىنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشىغا، ۋېنگرىيەلىك «مەشھۇر» يازغۇچىنىڭ يېنىدىكى ھېلىقى ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىلدام قەدەم تاشلاپ سەھنىگە قاراپ ماڭدى. بۇ ئەر يېنىدا ئولتۇرغان ئاددىي-ساددا خانىمنىڭ دۇنياغا داڭلىق مارگارېت مىچېل ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.
مارگارېت مىېچلنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى بىلگەن ئەر خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ، يىغىن زالىدىن قاچقاندەك چىقىپ كەتتى.
1936-يىلى مارگارېت مىچېلنىڭ «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» ناملىق رومانى نەشر قىلىنىپ، شۇ يىللىق تراژى 2 مىليونغا يەتتى. شۇ ناملىق رومانغا ئاساسەن ئىشلەنگەن «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» فىلىمىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، 1940-يىلى 10 تۈرلۈك ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان بۇ مۇھەببەت ھېكايىسىنى كىشىلەر ھېلىھەم ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما، ھېلىقى 349 پارچە رومان نەشر قىلدۇرغان ۋېنگىيەلىك يازغۇچىنىڭ قانداق «مەشھۇر» ئەسەرلىرى بارلىقى ھازىرغىچە نامەلۇم، ئۇنىڭ نام-شەرىپىنىمۇ ھېچكىم ئۇقمايدۇ.
شەكسىزكى، ھەقىقىي ھۆرمەت، نام-ئابرۇي ھېچقاچان نامخۇمارلارغا مەنسۇپ بولمايدۇ. جۈملىدىن، نامخۇمارلارنىڭ نامسىز قېلىشى، ئالغاندىمۇ سېسىق نام ئېلىشى تارىخىي قانۇنىيەتتۇر.
مەنبە: ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 11-سانى
ئەسكەرتىش: باغداش مۇنبىرىغا خاس
|