قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1835|ئىنكاس: 39

«قوشراپ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىزدىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

1237

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   23.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46219
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 396
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-15 14:58:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


«قوشراپ» نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئىزدىنىش


مۇھەممەت تۇرسۇن مەجىددىن


(ئاپتور:يەكەن ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىىنىڭ پىنسىيونېرى)





قوشراپ يېزىسى يەكەن بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 94 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان تاغلىق يېزا بولۇپ، دېھقانچىلىقتا بىر قىسىم جايلار دەريا سۈيىگە تايانسا، بىر قىسىم جايلار يامغۇر سۈيىگە تايىنىدۇ. 1986-يىلىدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا بۇ يېزىنىڭ تېرىلغۇ يېرى 18 مىڭ 281 مو بولۇپ، تاغلىق،دۆڭلۈك جايلىرىنىڭ مەيدانى بولسا 2126 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. 23 كەنت، 94مەھەللىگە بۆلۈنگەن. 15 مىڭ 209 نوپۇس، 3425 ئائىلە بار.
بۇ يېزا «يەكەن خانلىقى» دەۋرىدە چوڭ يېزا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دەڭ قۇرۇلۇپ قاراۋۇلخانا تەسس قىلىنغان. 1916-يىلى ھەربىي گازارما سېلىنغان. 1937-يىلى يېزا تەسس قىلىنغان.ئازادلىقتىن كېيىن 1950-يىلى كاچۇڭ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1954-يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەت تەسس قىلىنغان. 1959-يىلى خەلق گۇڭشىسى قۇرۇلغان. 1984-يىلى يېزا بولۇپ قۇرۇلغان. مەن بۇ ماقالەمدە بۇ يېزا نامىنىڭ «قوشراپ» دەپ ئاتىلىشىدىكى ئاساسلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.
يەر - جايناملىرى بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسە. ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى. يەر-جاي ناملىرىنىڭ كۆپى شۇجاينىڭ تەبىئەت مەنزىرىسى، ئىقتىسادىي ئالاھىدىلىكى، جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى،تۇرمۇش شارائىتى ھەم مىللەت، دىن، مەدەنىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكى،ئولتۇراقلىشىش ئەھۋالى، ئەپسانە-رىۋايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ ۋە شۇ ئاساستا مەيدانغا كېلىدۇ. شۇڭا، يەر جاي نامىنى بىكىتكەندە ۋە تەتقىق قىلغاندا كىشىلەرنىڭ ئاغزاكىي بايانلىرىغىلا قارىماستىن يۇقۇرىقى كۆرسىتىلگەن شەرت ھەم بەلگىلەرگە ئاساسەن خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئىزدىنىش لازىم. «قوشراپ» دېگەن يەر نام ىئۈستىدە ئىزدەنگەندىمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش لازىم بولىدۇ. شۇ چاغدىلا قوشراپنىڭ ھەقىقىي يەر نامى مەلۇم بولىدۇ.
قوشراپنىڭ ئەسلىنامى «قوشراپ» دېگەن بۇ يۇرتنىڭ تارىخىي ۋە تەبئىي جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنىڭ بىرلىشىشى ئارقىلىق تەبئىي ھالدا مەيدانغا كەلگەن نام بولۇپ بۇلارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلاردىن بىلىشكە بولىدۇ.
1) قوشراپ خەلقىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھالىتى تارقاق بولۇپ بۇ يۇرتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى، جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. لېكىن، ئۇلارئۆز ئارا بىرلىشىش، قوشۇلۇش ئارقىلىق بىر يېزا بولۇپ ئۇيۇشۇپ، تارىختىن بىرى ئىتتىپاق بولۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ياشاپ كەلگەن. قوشراپ يېزىسىنىڭ ئۆزى تۆت چوڭ تەبئىي بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ يېزىدىكى ئىككى كەنت (قىزىل بىلەن ئاراتاش)بولسا دەريانىڭ ئاياغ تەرىپىدە (كاچۇڭ تەرەپتە) بولۇپ قوشراپقا تەۋە جاي. ئۇنىڭدىن باشقا بازار تۆلكەن، يىرما، لەنگەر، ھەسەلباغ قاتارلىق كەنتلەر ئولۇش تەۋەلىكىدە.تاخلا، شاخلا، نۇرباغ، جايباغ قاتارلىق كەنتلەر كونگو تەرەپتە. ئارىسىنى قاراتۇزدىن كېلىدىغان چوڭ سەل دارىسى (كەلكۈن ئاقىدىغان ساي) ئايرىپ تۇرىدۇ. تاشنا،دامسى، ئىچبەلدىر، قىزىلقىر، پوۋجان، توققۇز ئات قاتارلىق كەنتلەر دامسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئۇلارنى بىر قانچە تاغ-بەل، سەل دارىسى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنداق مۇرەككەپ يەر شارائىتىدا ياشىغان كىشىلەرنىڭ بىرلىككە كېلىپ ئورتاق مەدەنىيەت يارىتىشى ھەم ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشى بولسا چوڭ قوشۇلۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
2) يەكەن دەرياسى ئاساسەن قوشراپنىڭ بېشىدىن، بەلكى بۇ يېزىغا تەۋە بولمىغان دائىرىدىن ئېقىپ كېلىپ قوشراپ يېزىسىنى يانداپ بىر قانچە كەنتنى چىگرا قىلىپ ئېقىپ ئۆتىدۇ.بۇ سۇدىن كونگو ۋە ئولۇشدىكى بىر قىسىم كەنتلەر سۇ ئىچىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دامسى ۋە قارا تۇز تەرەپتىن كېلىدىغان چوڭ سۇ دارىسى ھەر يىلى ياز پەسلىدە قوشراپ يېزىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنداقلا قوشراپنىڭ ھەسەلباغ ۋە تاخلا كەنتى ئاخىرىدا كەڭرىسۇ ئېقىنى ھاسىل قىلىپ كېڭىيىپ، تاغ سەل دارىسىدىن كەلگەن سۇلار (تاغ سۈيى)دەرياغا قوشۇلۇپ دەريا سۈيىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ جايدىكى سۇنىڭ قوشۇلۇشى قوشراپ يېزاتەۋەسىدە بولغانلىقى ھەم خەلق دەريا سۈيى بىلەن تاغ سۈيىدىن قوشلاپ سۇ ئىچكەنلىكىنىڭ ئۆزىمۇ جۇغراپىيەلىك مۇھىت شارائىت تەبئىي ھالدا قوشۇلغان سۇنىڭ بىرلىشىشى، ئىككىنچى تەرەپتىن يەنە بىر قوشۇلۇش بولىدۇ.
3)يەكەن ناھىيەسى مىرزا ئابابەكرى زامانىسىدا قاتتىق ۋەيران قىلىنغان سەۋەبلىك سۇلتان سەئىدخان ۋەيران بولغان ئىگىلىكنى قايتا جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە يىل باج ئالماسلىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشقا جايدىن ئادەم يۆتكەپ كېلىپ ئادەم كۈچىنى ئاشۇرۇپ، دەريا ۋادىسىدا تېرىلغۇ يەر بەرپا قىلىپ يۇرتنى ئاۋاتلاشتۇرغانىدى. مەسىلەن: «سۇلتان سەئىدخان ئىلگىرى ئۇرۇش يىللىرىدا ۋەيران بولغان شەھەر ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنى ئىككىنچى قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇ دەرياسى بىلەن يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىغا ئاھالە كۆچۈرۈش ئىشىغا ئەھمىيەت بەردى، خوتەندىن بىر قىسىم ئاھالىنى يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى مۇنبەت دېھقانچىلىق رايونلىرىغا كۆچۈردى.» ( «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى قىسقىچە تارىخى» 212-بەت). بۇ ئەھۋال قوشراپ يېزىسىنىڭ، شۇنداقلا يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئادەم كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە ئالاھىدە رول ئوينىدى. بۇنداق شارائىت ۋە تارىخىي مۇھىتنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى ئورۇن، ئىككى ئېقىن، ئىككى رايوندىكى كىشىلەرنىڭ قوشۇلۇشى،بىرلىككە كېلىشى ئەمەلىي جەھەتتىكى بىر قوشۇلۇش ھېسابلىنىدۇ. قوشراپ يېزىسىنىڭ بۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئاجرالماس قوشۇلۇشى بۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىت،ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، تارىخىي بىرلىشىشلەرنىڭ ئورتاق مۇجەسسەملىنىشى، باغلىنىشى ئاساسىدا قوشراپ يېزا نامىنىڭ «قوشۇلاپ» (قوشۇلۇپ) بولۇشىغا ئاساس سالغان. بۇ نامكېيىنچە جانلىق تىلدا «قوشراپ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.  بۇ نام ئۆز ئىسمى-جىسمىغا لايىق بېرىلگەن نامبولۇپ، قانداقتۇر كىشىلەر ئارىسىدا ئېيتىلىپ كەلگەن «قوش ئەرەب» سۆزىدىن كەلگەن دېگەن قاراشتىن يىراق تۇرىدۇ. بۇ سۆزلەر ئەسلا چىقىشالمايدۇ.
uyghuray

يازمىساممۇ بولا؟

0

تېما

0

دوست

725

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45150
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:01:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ErkeOghul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 13:02  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلتۇغ ئەپەندىم ، ياخشىمۇ سىز؟

تىما ئاخرىدا زىت گەپتىن بىرنى قىپسىز.
يەنى :

قوشراپ يېزىسىنىڭ بۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئاجرالماس قوشۇلۇشى بۇلارنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىت،ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى، تارىخىي بىرلىشىشلەرنىڭ ئورتاق مۇجەسسەملىنىشى، باغلىنىشى ئاساسىدا قوشراپ يېزا نامىنىڭ «قوشۇلاپ» (قوشۇلۇپ) بولۇشىغا ئاساس سالغان. بۇ نامكېيىنچە جانلىق تىلدا «قوشراپ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.  بۇ نام ئۆز ئىسمى-جىسمىغا لايىق بېرىلگەن نامبولۇپ، قانداقتۇر كىشىلەر ئارىسىدا ئېيتىلىپ كەلگەن «قوش ئەرەب» سۆزىدىن كەلگەن دېگەن قاراشتىن يىراق تۇرىدۇ. بۇ سۆزلەر ئەسلا چىقىشالمايدۇ.


قوش  ئەرەب دىگەن سۆزنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ئىنكار  قىلىدىغان  يەكۈن، دەلىللەردىن بىرە پارچە كەلتۈرمەي تۇرۇپلا، ئەسالا چىقىشالمايدۇ دەۋەتسىڭىز تازا بىر تەرەپلىمىلىك بوپ قالامدۇ قانداق؟
ئاۋۋال قوش ئەرەب دىگەن نامنى ئىنكار قىلىدىغان بىر بايان تىپىڭ .
ناۋادا قوش ئەرەب دىگەن نام  سەئىدخان  نوپۇش كۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئاتالغان نامى بولۇپ قالسىچۇ؟
ئەجىبا  يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قىسقىچە تارىخى ناملىق كىتابتا   جايلارنىڭ ناملىرى تىلغا ئىلىنماپتىكەنمۇ ؟
سەئىدخاننىڭ  ئاقسۇ تەرەپكە ئاھالە كۆچۈرگەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، بىراق زەرەپشان ۋادىسىغا ئاھالە كۆچۈرگەنلىكىنى  تازا چۈشەنمىدىم.
قوش ئەرەب دىگەن نامنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئۇنداقتا بىر دەلىل كىرەك.

تىما نىڭ  نامىلا قوشراپ   نامىنىڭ كىلىپ چىقىشى توغۇرسىدا ئىزدىنىش ، شۇنىڭ ئۈچۈن  بۇ تىخى ئىزدىنىش ھالىتىدىكى تىما دەپ قاراپ، ئارتۇق سۇئال قويمايمەن.
ئەمما  ئاخرقى جۈملىنى چۈشندۈرسڭىز -قانداق ؟

15

تېما

0

دوست

2455

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 106
تۆھپە : 702
توردىكى ۋاقتى: 133
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:06:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت تۇرسۇن مەجىددىن ئاكىغا سالام ! سىزگە ئوخشاش خىزمەتتە ئارامىغا چىققان بولسىڭىزمۇ  دىيارىمىزدىكى يەر ناملىرى ھەققىدىكى مۇشۇنداق ئېسىل ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن سۈيۈندۈم . سىزگە ئوخشاش ئەمەلىي ، بىرىنچى قول ماتېرىيالىرى مول بولغان ئوستاز ئاكىلىرىمىزنىڭ سىزدىن ئۆرنەك ئېلىشىنى، ياخشى ئوچۇر-ماتېرىياللار بىلەن ئۇچراشتۇرۇشىنى  ئۈمىد قىلىمەن.  

1

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 2980
توردىكى ۋاقتى: 1416
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:09:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 13:18  

قوشراپ نامىنىڭ قانداقتۇر قوش ئەرەب دېگەندىن ئۆزگەرگەن دىيىش ھەقىقەتەن ئەقىلدىن يىراق بىر قاراش. شۇنداقلا بىر ئەپسانە ئەمما  مەن ل تاۋۇشىنىڭ ر تاۋۇشىغا ئۆزگۈرۈش ھادىسىسىنى چۈشىنەلمىدىم. بۇنىڭغا ئائىت ئىنىق پاكىت ۋە مىسال كەلتۈرۈلگەن بولسا ماقالە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇپ كېتەتتىكەن. يەنە بىرى قوشراپ يېزىسىغا خوشنا بولغان ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ كوسراپ دېگەن يېزىسىنىڭ نامى بولغان كوسراپ سۆزى بىلەن قوشراپ سۆزىنى   سېلىشتۇرۇپ  مۇھاكىمە ئېلىپ بىرىلسا  دېگەن قاراشتىمەن.
uyghuray

0

تېما

10

دوست

2621

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  40556
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 814
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUYUK1989 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-13 05:02  

,,,,,,,,,,,

يازمىساممۇ بولا؟

0

تېما

0

دوست

725

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45150
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 13:42:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
elkelem يوللىغان ۋاقتى  2016-2-16 13:09
قوشراپ نامىنىڭ قانداقتۇر قوش ئەرەب دېگەندىن ئۆزگەرگەن ...

مەن بۇ قاراشنى قوللايمەن.
قوشراپ  بىلەن كوسراپ دىگەن چىگىرداش يىزىلار ، يەنە كىلىپ كوسراپ بىلەن قوشراپ ئىنتايىن يىقىن ئاڭلىنىدۇ ئىيتىلىشتىمۇ.  شۇ سەۋەبتىن ئەتراپتىكى يىزىلارنىڭ ناملىرىنىمۇ ئويلىغان ئاساستا   ئىزدەنگەندە ئاندىن ھەقىقىي قايىل قىلارلىق بىر ماتىريال مەيدانغا كىلەتتى . بىراق قولىدا ماتىريال بارلار ئىزدەنگەندە نوقۇل قوشئەرەب دىگەن نامنىلا ئاغدۇرۇشقا كۈچىگەندەكلا بولۇپ قاپتۇ ، ئىزدىنىشلىرىدىن . ئۇنداق بولغانىكەن قوبۇل قىلماق تەسكە چۈشىدۇ .
ھەم يەنە بۇ تىمىلارغا قارىساق قوشراپ دىگەن نام بىلەن قوش ئەرەب دىگەن نام ئەسلى بىر ئۇقۇممۇ دىگەننى ئىنكار قىلىشقا مەركەزلىشىپ قالغاندەك ئويلىدۇم. ناۋادا كاچۇڭ يىزىسىنىڭ چامسال، چىمدۇ كەنىتلىرى  ، ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ كوسراپ ، قاغىلىق ناھىيسىنىڭ چىپان يىزىلىرىنىڭ  ناملىرىنىڭ كىلىپ چىقىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىزدەنگەندە ، ئاندىن قوشراپ دىگەن نامنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بىلگىلى بولاتتى .  بۇ تىمىلاردا بولسا ئۇنداق بولماستىن ، قوشراپلىقلارنى   دۇنيادىن بىخەۋەر ، بىلىمسىز ، قالاق ، قاشاق، جاھىلىيەت دەۋرىدە قالغان دەپ كەمسىتكەندەكلا بىئارام قىلىكەن.
ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دىسە ، ئەمىسە مازار نى يىقىن كەلتۈرمەي تۇرۇپ تەھلىل يۈزگۈزۈپ باقسۇن.
قوشراپتا مازاردىن ئۇ ئىككىسىلا ئەمەس، بىرقانچە مازار بار . قوش ئەرەب دىگەن سۆزنى  مازارلار بىلەن باغلىماقچى بولسا ، ئۇنداقتا باشقا مازارلارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كىرەكتى .

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   40.31%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1996
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6401
توردىكى ۋاقتى: 1677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 20:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا ياخشى يازما ئىكەن. دىيارىمىز يەر جاي ناملىرى تەتقىقاتىدا باش قاتۇرغان، ئىزدەنگەنلەرگە  بارلىق كىشىلەرگە چىن دىلىمدىن سالام يوللايمەن .

1

تېما

1

دوست

664

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55310
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 200
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-16 21:20:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چۇشەندۇرۇش بوپتۇ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )