- تىزىملاتقان
- 2013-12-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11073
- نادىر
- 0
- يازما
- 910
ئۆسۈش
2.68%
|
ئابدۇۋەلى مۇختەر قەشقەرى
سۇڭجاڭنىڭ تەرجىمىھالى :
سۇڭجاڭ سۇڭ(宋)ئۇرۇقىدىن بولۇپ مىلادىيە 1070-يىللىرى ئەتراپىدا تۇغۇلغان لەقىمى شىپالىق يامغۇر كېيىنچە ئەزىمەتلەر ئۇنى ھۆرمەتلەش يۈزسىدىن شىپالىق يامغۇر سۇڭ دانىش دەپ ئاتىغان .سۇڭجاڭ <<سۇ بۇيىدا>> رومانىدىكى بىرىنچى ئاساسلىق پېرسوناژ بولۇپ لىياڭشەن كۆلىنىڭ ئاتامانى ۋە 108 ئەزىمەتنىڭ سەركىسى بولغان .36 ئەختەرلەر تىزىملىكىدە نامى بىرىنچى ئورۇندا كېلىدۇ .ئۇ ئەسلىدە شەندۇڭنىڭ يۈنچېڭ ناھىيەسىدە كاتىپ بولۇپ <<شىپالىق يامغۇر>> دېگەن لەقىمى بىلەن شەندۇڭدا نامى چىققان .كىيىن ئۇ يول توسار قاراقچى مەرد ئەزىمەت چاۋگەي بىلەن تونۇشۇپ قالغان ۋە چاۋگەي خانلىق مەۋلۇت سوۋغىسىنى ئىلىپ قاچقانلىقتىن تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرلۈپ ئورنى ئېنىقلىنىپ قالغاندا سۇڭ كاتىپ ئالدىن خەۋەر يەتكۈزگەن ،چاۋگەي قاتارلىق ئەزىمەتلەر بۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمەي قالغان دەل شۇ پەيتتە سۇڭجاڭ ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىلىپ قالغان .شۇڭا ئەزىمەتلەر ئۇنى قۇتقۇزۇپ لىياڭشەن كۆلىگە ئىلىپ چىققان .چاۋگەي ئۆلگەندىن كىيىن باھادىرلار سۇڭجاڭنىڭ شۇ ياخشىلىقىنى ئۇنتالماي مەردلىك يۈزسىدىن چاۋگەي ئاتاماننىڭ ۋەسىيىتىنى ئەمەل قىلماي سۇڭجاڭنى مەجبۇرىي ئاتامانلىققا تىكلىگەن ھەم شىپالىق يامغۇر سۇڭ دانىش دەپ ئاتىغان .سۇڭجاڭ ئەزەلدىن تەسلىم بولۇپ خانغا سادىق بولۇش تەشەببۇسىدىن قايتماي خانغا سادىقلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن خانغا قارشى باش كۆتۈرۈپ چىققان ۋاڭچىڭ ۋە فاڭلا قاتارلىقلارنى يوقۇتۇپ كۆپ قېتىم خىزمەت كۆرسەتكەن .لېكىن مىلادىيە 1124-يىلى مۇناپىق ۋەزىرلەر تەرىپىدىن زەھەر ئىچىشكە مەجبۇرلىنىپ قەتلى قىلىنغان .سۇڭجاڭ دېگەن بۇ شەخس تارىختىمۇ ئۆتكەن ئەمەلى شەخس ھېسابلىنىدۇ .
مۇلاھىزە ۋە مۇنازىرە
مەن تۆۋەندە بىر قانچە مۇلاھىزە سوئاللىرى تاشلايمەن ۋە شۇنىڭغا ئۆزۈم ئويلىغان بويىچە جاۋاب بېرىپ باقىمەن كۆپچىلىكنىڭ ئۆز پىكىرلىرىنى دەپ بېقىشىنى خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
1.سۇڭجاڭ نېمە ئۈچۈن <<شىپالىق يامغۇر>> دەپ نام چىقارغان ؟
سۇڭجاڭ مال-دۇنياغا بېرىلمەيدىغان كىشى بولغاچقا يوقسۇللارغا ۋە جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئايىماي پۇل خەجلىگەن ۋە ئادالەتنى قوغدىغانلىقى ئۈچۈن دوست-يارەنلىرى كۆپىيىپ ئەل ئىچىدە <<شىپالىق يامغۇر>> دەپ ئاتالغان .
2.سۇڭجاڭ بىلەن چاۋگەي قانداق قىلىپ تونۇشۇپ قالغان ؟
چاۋگەي سۇڭجاڭنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان .
3.سۇڭجاڭ بىلەن چاۋگەينىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىماسلىق نېمە ؟
ئەمەلىيەتتە سۇڭجاڭ بىلەن چاۋگەينىڭ تۇتقان يولى قەتئىي ئوخشىمايدۇ دېيىشكە تامامەن بولىدۇ .<<سۇ بويىدا>>رومانىدا سۇڭجاڭ بىلەن چاۋگەي شەندۇڭدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ھەم ئامما ئارىسىدا بەلگىلىك ئىناۋەتكە ئىگە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ .چاۋگەي دېھقان مىجەز ،ئوچۇق-يورۇق ،ئىرادىلىك ،قەتئىي مەردلىكنى ئەلا بىلىدىغان ،زېرەك ،كۆپىنچە تۆۋەن ئېقىمدىكى ئامما بىلەن دوستلىشىدۇ ،خۇش چاقچاق .سۇڭجاڭ ئىشنى تەرتىپ بويىچە قىلىدۇ ،ئىچ مەمۇر مىجەز ،ئىرادىلىك ،ئىچى كۈچلۈك ،ساداقەتمەنلىكنى بىرىنچى ئورۇندا قويغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە نام-ئاتاقنى جىنىدىن ئەزىز بىلىدۇ .خانغا ۋە پاكلىققا زىيادە ۋاپادار .كۆپىنچە ئەمەلدارلار ۋە داڭلىقلار بىلەن دوستلىشىدۇ .
سۇڭجاڭ بولسا كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادالەتنى ياقىلايدىغان كىشى بولۇپ ئۇ فېئودال بىيۇروكرات ئىچىدە چوڭ بولغان فېئودال بىيۇروكراتنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ،بۇ سۇڭجاڭنىڭ دۇنيا قارىشى شەكىللىنىشىگە غايەت زور تەسىر قىلغان .شۇڭا چاۋگەي بىلەن سۇڭجاڭنىڭ دۇنيا قارىشىدا ئەزەلدىن تارتىپ زىددىيەت بولغان .ئەمما سۇڭجاڭ چاۋگەينى قۇتقۇزغاچقا ئۇ سۇڭجاڭنى سەمىمىي دەپ بىلىپ ھەم ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن سۇڭجاڭنى لىياڭشەن كۆلىگە ئىلىپ چىققان .يەنە بىر تەرەپتىن شۇ دەۋردە ئەنئەنىۋى كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسى ،قەدىمىي تويىن دىنى ۋە بۇددا دىنى قوشۇلۇپ كەتكەن ئۈچ دىننىڭ بىرلىشىپ كېتىشى ھۆكۈمران سىنىپنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئاساسى ئىدىيەسى بولغان .<<بۇ دۇنيادا زۇلۇمغا چىدىسا ئۇ دۇنيادا راھەت كۆرۈش.>>تەك بۇ خىل ئىدىيە ئەنئەنىچى خەلقنىڭ جۈملىدىن سۇڭجاڭنىڭ ئىدىيەسىنى پۈتۈنلەي پالەچ قىلغان .سۇڭجاڭنىڭ ئاتىسى تىپىك ئەنئەنىچى ۋاپادارلىقنى قارىغۇلارچە قوغلىشىدىغان كىشى بولغاچقا بۇنداق ناچار ئىدىيەلەر سۇڭجاڭدا خەتەرلىك زور خاتا پىكىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچقان .شۇڭا سۇڭجاڭنىڭ ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئىسيان كۆتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس .
چاۋگەي بولسا كىچىكىدىن تۇرمۇش كۆرگەن ئەمەلىيەتچىل خەلقنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغىنىغا چىدىمايدىغان شەندۇڭدا باي چامباشچى ئاقىلانە تەپەككۇرغا باي دانا ساخاۋەتچى كەڭ قوللۇق كىشى بولۇپ ئۇ مەرد سېخىي كىشىلەر بىلەن دوستلىشىشقا ئامراق ،ھىيلە-نەيرەڭ ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئەڭ مۇھىمى ئۇ يىراقنى كۆرەر بولۇپ سىنىپى زۇلۇمغا قارشى مەيدانى ئېنىق .ئۇ كىيىن سۇڭجاڭنىڭ ئىدىيەسىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن بولۇپ قارا نىيىتىنى بىلىپ قالغان شۇڭا ئۆلەر ۋاقتىدا <<كىم شىگۇڭنى تۇتۇۋالالىسا شۇ باش ئاتامان بولسۇن !>> دەپ ۋەسىيەت قالدۇرغان .لېكىن سۇڭجاڭنىڭ <<شىپالىق يامغۇر>> دېگەن بۇ نامى ھەم يۈزى شۇ يەردىكى ساددا لى كۈي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى ئىگەللىۋالغاچقا ۋەسىيەتكە خىلاپ ھالدا زورمۇ-زور سۇڭجاڭنى ئاتامان قىلىپ تىكلەپ قويۇشقان .
4.چاۋگەي ئۆلگەندىن كىيىن ئەسلى كىم ئورنىغا چىقسا ئەڭ ياخشى بولاتتى ؟نېمە ئۈچۈن ھەممەيلەن (كۆپىنچەيلەن قايىل بولمىسىمۇ .)سۇڭجاڭنى ئاتامانلىققا كۆرسىتىدۇ ؟سۇڭجاڭ لىياڭشەندىن ھەيدىلىشى كىرەكمىتى يوق ؟
5.بىز بۇ تىراگېدىيەلىك ئەسەردىن ئۆزىمىزگە نېمىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ؟
...
|
|