قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 822|ئىنكاس: 9

ئەلكۈن: “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

22

دوست

6428

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 17
مۇنبەر پۇلى: 172
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 19:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-20 19:06  

“دۇنيا ئانا تىل كۈنى” بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن!


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


“ئەگەر سىز بىر ئادەمگە چۈشىنىدىغان تىلدا سۆزلىسىڭىز، قىلغان گېپىڭىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بارىدۇ. ئەگەر سىز بىر ئادەمگە ئۇنىڭ ئانا تىلدا سۆزلىسىڭىز، سىزنىڭ گېپىڭىز ئۇنىڭ يۈرىكىگە بارىدۇ.”

-  نېلسىن ماندىلا

“بىز چەتئەلگە بارغاندا ئاندىن ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.”

- جېئورج بېنارد شوۋ


بۈگۈن قۇتلۇق 21 - فېۋرال “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” دۇر!

بۈگۈن پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئانا تىلىنىڭ دەردىنى تارتقان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى سۆيۈش كۈنىدۇر!  

بۈگۈن مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئانام ماڭا ئۆگەتكەن ئانام تىلنىڭ قۇتلۇق بايرام كۈنىدۇر!

بۈگۈن 10 ئەسىر ئىلگىرى ئۇلۇغ بوۋام مەھمۇد قەشقەرى“دىۋانى لۇغەتتىن تۈرك” قامۇسىنى پۈتكەن ئانا تىلىمنىڭ بايرام كۈنىدۇر!

بۈگۈن يەنى 21- فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر پەن مەدەنىيەت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئانا تىل ۋە يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ تۇپ مىزانى قىلغان بايرام بىر كۈنىدۇر!

بۈگۈن دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرنىڭ ئانا تىلى كۈنى بايرىمىدۇر!

ئانا تىلىم - ئانامنىڭ سۈتى بىلەن كىرگەن جېنىمنىڭ تىلى، بۇ قۇتلۇق بايرىمىڭنى چىل دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!


بۇ كۈن 1952- يىلى پاكىستاننىڭ باشقۇرۇشىدىكى شەرقىي پاكىستان يەنى ھازىرقى بېنگال جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى داككا شەھىرىدىكى داككا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بېنگال (Bengali) تىلىنى رەسمىي تىل سۈپىتىدە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ بىر قانچە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندۇر!

بۇ كۈن 3- دۇنيا ئەللىرىگە تەۋە بولغان ئاسىيادىكى بىر نامرات مۇسۇلمان دۆلىتىدە ھەققانىيەت ئىستىبدات ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بىر كۈندۇر!

بۇگۈنكى كۈن - 21 - فېۋرال بېنگال تىلىنى ئانا تىل سۈپىتىدە قوللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئۆز ئانا تىلى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان بېنگال ياشلىرىنى خاتىرىلەيدىغان كۈندۇر!

بۈگۈن 21- فېۋرال 2000- يىلىدىن باشلاپ تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقان 15- قېتىملىق  “دۇنيا ئانا تىل كۈنى” بايرىمىدۇر! جۈملىدىن ئۇيغۇر تىللىق 20 مىليوندىن ئارتۇق خەلقىنىڭ ئانىسى ئۆگەتكەن تىلىنى قەدىرلەش بايرىمىدۇر!

بۇ ئالاھىدە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرنى تەبرىكلەيمەن! ئانا تىلى بايرىمىمىز كۈنى قۇتلۇق بولسۇن!

بۈگۈنكى مىسلىسىز زىددىيەت ۋە كرىزىسلار ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنسان دۇنياسىنىڭ بىر بۇرجىكىدىن ئۇيغۇر قىسمەتلىرىگە نەزەر سالساق شۇ نۇقتا بىزنى تەخىرسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىز ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇكى ئۇيغۇرنىڭ ياراتقان بارلىق مەدەنىيەت، پەن، تارىخىي مىراسلىرى، بۇگۈنكى ھاياتى ۋە كېلەچەك مەۋجۇتلۇقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ كەلگۈسىدە جانلىق بىر تىل ۋە يېزىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ۋە تۇرالماسلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.

تارىخ بىزگە ھەم شۇنداق دەرس بەردىكى دۇنيادا ھىچ بىر ئىمپېرىيە ئۆزىنى مەڭگۈلۈك ساقلاپ قىلالىغان ئەمەس ئەمما كۈچلۈك بىر مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىغا ۋە ئۆز تىل - يېزىقىغا ئىگە بولغان مىللەت ئۆزلىرىنى ئىمپېرىيىلەرنىڭ گۇمرانلىغىدىن نەچچە ھەسسە ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالىغان.  

دېمەك تارىخىي يەكۇنلەر بويىچە بىز شۇنداق ئېيتالايمىزكى بۇگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشتۇر!  بۈگۈنكى كۈندە بىر مىللەتنىڭ ئۈز تىلى ۋە يېزىقىنى قوللىنىشى دۇنيادا ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ ئاددىي بىر ئۇقۇمغا ئايلاندى. تىل ھوقۇقى ئىنساننىڭ ئەزەلدىن بار بولغان مۇدەخىلسىز ھوقۇقلىرىدىن بىرىدۇر خۇددى بىر بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئانىسىدىن قانداق گەپ قىلىشنى ئۆگەنگىنىگە ئوخشاش ئادەم بالىسىنىڭ تەبىئي ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققىدۇر.

دۇنيا ئانا تىلى بايرىمىنى قۇرۇق سۆز بىلەن تەبرىكلەشلەر كۇپايە قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچۈن سۈز بىلەن ھەركەت بىرگە بولىشى كېرەك. ئۇيغۇر خەلقى دۇنيا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ۋە بىردەك قوغدىلىۋاتقان ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ سانىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ئۆز ئاۋازىنى ئاكتىپ قوشۇشى كېرەك. ئۇنداقتا ئاۋازنى قانداق قوشۇش كېرەك ؟ بۇنىڭ يوللىرى ئاددىي - بۇنى سىز ئاۋال ئۆزىڭىزنىڭ كۈندىلىك ھايات سەپرىڭىزدىكى ھەر - بىر ئاددىي قەدەملىرىڭىز بىلەن ئىپادە قىلسىڭىزمۇ مۇئەييەن كۆزلىگەن نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز. سىز ھەر قېتىم باشقا بىر تىلدا سۆزلەشكە ياكى يېزىشقا مەجبۇر بولغىنىڭىزدا ئاۋال شۇ گەپنىڭ ياكى خەتنىڭ ئۆز ئانا تىلىڭىزدا قانداق سۆزلىنىدىغانلىغىنى، قانداق يېزىلىدىغانلىغىنى ئۇنتۇماي ئېسىڭىزگە ئېلىپ تۇرسىڭىز يېتەرلىك، بۇ سىزنىڭ ئۆز ئانا تىلىڭىزنى قەدىرلەش ئۈچۈن تاشلىغان بىر ئىجابىي قەدىمىڭىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىز خۇددى “بىر” دىن باشلىماي تۇرۇپ “يۇز” نى سانىيالمايدىغىنىڭىزغا ئوخشاش دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر چوڭ نەتىجە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئاددىي بىر ئىشلارنى باشلاشتىن، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق، سەبىر، غەيرەت ۋە ئىرادە بەدىلىگە كېلىدىغانلىقىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.

ئىنسانلارنىڭ تىلى بىر ئىجتىمائىي ھادىسىگە تەۋە بولغىنى ئۈچۈن بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلى شۇ تىلنى قوللانغۇچى بارلىق خەلقلەر توپىنىڭ ھايات تومۇرى، بايلىقى ۋە بارلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تىل مەسىلىسى ھەرقانداق بىر مىللەت ئۈچۈن سۇلھىسىز ھالدا بارلىق ئىجتىمائىي، سۇنئىي قۇرۇلمىلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ تىل ئۆزىنىڭ كەلگۈسى مىللەت ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قالالمايدۇ. بۇ خىلدىكى سۇنئىي تىل جانلىق ئىستېمالدىن يىمىرىلىشكە، باشقا بىر تىلغا ئاسېمىلاتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنىڭ ساقلاپ قېلىشىنىڭ بىردىن بىر چارىسى بولسا بىرىنچى قەدەمنى ئائىلىسىدىن، ئاندىن ئۆزىدىن باشلىشى، پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىدىن مۇكەممەل ۋە تولۇق بولغان سىستېمىلىق باشلانغۇچ ۋە ئاساسىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. شۇنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە تۇتۇشىمىز  كېرەككى ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىل تەربىيىسىگە سېلىنغان مەبلەغ بىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك پايدا ئېلىپ كېلىدىغان مەبلەغدۇر.  

ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە زامانغا لايىق تەرەققىي قىلدۇرۇش بۇ تىلنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ بىلىدىغان پۈتۈن خەلقىنىڭ جۈملىدىن زامانىمىز زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ دەۋرلەر ئالدىدا باشتارتىپ بولمايدىغان بىر مەسئىۇلىيىتىدۇر.   

مەن بۇ قۇتلۇق كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى دەپ بىلگەن بارلىق مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئىلىمپەرۋەر مىللەت ئەزالىرىغا شۇنى سەمىمىيەت بىلەن تەۋسىيە قىلىمەنكى، بىزنىڭ مۇندىن كېيىنكى زېھنىمىز، ئىقتىدارىمىز قانداق قىلغاندا ياش ئەۋلادلارغا ئۆز ئانا تىلىمىزدا تولۇق مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىشتۇر. تىل ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ، ئەگەر سىز بىر تىلنى ئارتۇق بىلسىڭىز ئۆزىڭىزدىن باشقا يەنە بىر ئارتۇق ئادەم بولالايسىز. بىز ئۆز ئانا تىلىمىزنى مۇكەممەل بىلىش شەرتى ئاساسىدا باشقا بىر ياكى ئىككى دۇنيا تىلىنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى پەن - تېخنىكا ئىلمىي مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن قولاي ئۈچۈر ئالاقە ۋاستىلىرى بىزگە شۇنداق ئىمكانىيەتلەرنى بېرىدىكى مۇمكىن بولغان شارائىتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ  ئەقلىي ھاياتىي كۈچىنى قىزىپ چىقىش ئارقىلىق ئىلمىي بولغان تەدبىر ۋە چارىلەرنى تېپىپ چىقىش، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر ئانا تىلىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنى زامانغا ماس قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىلىمىزنى رەقەم دەۋرىگە قانداق ئېلىپ كىرىش، ياش ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىلى تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق نېگىزلىك مەسىلىلەر ھەققىدە بىزنى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىشكە ۋە ھەركەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ تەبىئىيكى بۈگۈنكى زاماننىڭ، بىر پۈتۈنلۈككە يۈزلىنىۋاتقان دۇنيانىڭ ۋە ئىلىم دۇنياسىنىڭ بىزدىن كۈتىدىغان ئېھتىياجدۇر.

بارلىق قېرىنداشلارنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى بايرىمى بىلەن تەبرىكلەيمەن!

ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە ساغلاملىق، خىزمەت ۋە ئوقۇشىڭلارغا ئۇتۇقلار يار بولسۇن!

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن.

2016 - يىلى 20 - فېۋرال.







uyghuray

0

تېما

0

دوست

361

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   30.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48932
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 22:23:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tinichliq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-20 22:25  

ئ‍انا تىل بىلگەن كىشنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر،
ئ‍انا تىلنى ئ‍اغزىدىن ئ‍التۇن بىرىپ ئ‍الغۇم كىلۇر .
بۇ ئ‍انا تىل بولسا گەر ئامرىكا يۇ ئ‍افرىقىدا ،
سەرىپ ئىتىپ مىڭلارچە تىللا ئ‍اندا مەن بارغۇم كىلۇر .

—قۇتلۇق شەۋقى




بىز ئ‍ۇيغۇر تىلنى قەدىرلىسەك ، ئ‍ۇيغۇر تىلى بىزنى قەدىرلەيدۇ

بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ ئ‍انا تىل بايرىمىنى  تەبرىكلەيمەن !

0

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56086
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 22:35:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما موشوموناسىوه تته ئاناتىلىمىزنى قوغدايدىغان ئه مه لى ئىشلارنى قىلساق. مه سله ن باشقا تىللاردا ئاتىلىواتقان ئاتالغولارنى تىلىمىزدىكى نامى بله ن ئه ف نوسقىسى ته ييارلاف تارقىتىش

1

تېما

0

دوست

3220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13257
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 985
توردىكى ۋاقتى: 365
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 23:05:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىسىل تېما، بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئ‍انا تىل بايرىمىنى  تەبرىكلەيمەن!
uyghuray

0

تېما

1

دوست

869

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54442
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 106
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-20 23:23:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Tinichliq يوللىغان ۋاقتى  2016-2-20 22:23
ئ‍انا تىل بىلگەن كىشنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر،
ئ‍انا ...

بۇ شېئىرنىڭ ئاپتۇرى يوغرۇلۇق يازغۇچىلار تورىدا دەلىل پاكىتلار بىلەن ئېنىقلىما بېرىلىپتۇ . قۇتلۇق شەۋقى ئەمەس ،بەلكى ئابدۇللا نەئىمى ئىكەن.

0

تېما

4

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47286
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 826
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 00:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداشتا ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم  ئىكەنلىكىنى بارغانسىرى ھىس قىلۋاتىمەن.

2

تېما

0

دوست

3856

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   61.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18448
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1205
توردىكى ۋاقتى: 158
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 08:36:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما،
بىنگال ياشلىرىغا ھۆرمەت.

6

تېما

1

دوست

3962

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   65.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 193
تۆھپە : 1105
توردىكى ۋاقتى: 264
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 12:55:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق مەن ئۇقۇيدىغان چاغلاردا بۇ غەملەردىن خالىي ئۇقۇغان....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )