قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 455|ئىنكاس: 0

‌سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

778

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53008
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 238
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-21 14:53:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2016-يىللىق خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى: ‌سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى
تەرجىمىدە: ياسىنجان مەتروزى ئىلقۇت

ئانا تىل كۆپ خىل تىل لايىھەسىدىكى سۈپەتلىك مائارىپنىڭ ئاساسىي تەلىپى، ئۇ ئەسلىدىنلا ئامما ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ھوقۇقىنىڭ ئاساسىدۇر.

----ئىرىنا بوكوۋا: ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى

2016-يىللىق ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى: سۈپەتلىك مائارىپ، تىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمى

بۇ يىلقى خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنىڭ باش تېمىسى 2030 سىجىل تەرەققىيات كۈن تەرتىپىنىڭ 4-مۇددىئاسى بىلەن بىردەك بولۇپ، دەسلەپكى مائارىپتا مۇۋاپىق بولغان تىل ئوقۇتۇشىنى (بولۇپمۇ ئانا تىل) تەكىتلەشتە مۇھىملىققا ئىگە. بۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ۋە يەرلىك تىللار مائارىپ پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بولۇپمۇ قىز-ئاياللار ۋە بالىلار؛ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئ‍ىجاد قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوگما يادىلاش ئۇسۇلىنى تاشلاپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
motherlanguageday2016.jpg

1999-يىلى 11-ئايدا (30C/62) ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى ئادەتتىكى چوڭ يىغىنىدا خەلقئارالىق ئانا تىل كۈنىنى خاتىرىلەشنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ تۈپ مەقسىتى تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى، كۆپ خىل تىللىق بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، چوڭ يىغىنىنىڭ 61/266-قارارىدا 2008-يىلنى خەلقئارا تىل يىلى قىلىشنى ئېلان قىلىپ، كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىللاشقان مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلقئارانىڭ تونۇشى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈمىد قىلىندى.
2000-يىلى 2-ئايدىن بىرى، ھەر يىلى تىل ۋە مەدەنىيەت كۆپ خىللىقى شۇنىڭدەك كۆپ خىل تىل قوللىنىلىدىغان خەلقئارا كۈنى ئېلىپ بېرىلىدى. بۇ كۈن 1952-يىلىنىڭ مۇشۇ كۈنى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ بېنگال تىلىنى ئەينى ۋاقىتتىكى پاكىستاندىكى ئىككى مىللەت تىلىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ساقچى تەرىپىدىن بېنگالنىڭ پايتەختى داككادا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنىدۇر.
تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىلسىز، شەكىللىك مىراسلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال. ھەر خىل تىل تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى تىلنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە كۆپ خىل تىل مائارىپىغا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق چۈشىنىش، سىغىشىش ۋە دىئالوگلىشىش ئارقىلىق دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
-----------
ئەسلى مەنبە: http://www.un.org/zh/events/motherlanguageday/
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )