- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10695
- نادىر
- 0
- يازما
- 1003
ئۆسۈش
1.74%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا obzorqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-4 02:12
oylan2315 يوللىغان ۋاقتى 2016-3-3 13:59
سىزمۇ ۋاھابى ...ساھابى.دەپ ئادەمنى مەزھەپكە ئايرىماي س ...
286 - قەۋەتىكى ئىنكاسىڭىزدىن سىزنى راستىنلا ۋاھھابىكەن دەەپ قالغانىدىم . لېكىن بۇ سەمىمى ئىنكاسىڭىزدىن ، سىزنى ھەق يولىدا ئىزدەنگۈچى ئىكەن دەپ قارىدىم . شۇڭا يازمىڭىزغا ئاددى بولسىمۇ جاۋاب بېرىپ ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم .
سىز ئالدى بىلەن اللەنىڭ ھەتتاكى كۆڭۈلدە ئويلىغاننىمۇ بىلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىيمان ئېيتىسىز . دۇئانىڭ ئىجابەت بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىسىز . اللەنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ سوراق قىلىدىغانلىقىغا ، گۆر ئازابىغا ، مەشھەرگاھ كۈنى ھېساب ئالىدىغانلىقىغا ، گۇناھلارنى خالىسا مەغپىرەت قىلىپ ،خالىسا جازالاپ ، جەننەت ياكى دوزاققا بۇيرىدىغانلىقىغا ئىمان ئېيتىسىز - شۇنداققۇ ؟ ئۇداقتا ئاۋۇ ئىنكاسىڭىزدا ، ئېيتقان ئىمانىڭىزنى ئىنكار قىلىپسىزغۇ ؟ مەسىلەن ، ئۇ ئىنكاسىڭىزدا :
1. نەزىر قىلىپ ئۆلۈك ھەم تىرىكلەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرىتىنى تىلەش يوق ئىش - دەپسىز .
2 . قەبرىستانلىقتا ئۈلۈكنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئۈلۈككە نىمە پايدىسى؟ - دەپسىز ( يەنى ھېچقانداق پايدىسى يوق - دەپسىز ) .
3 . قىلغان گۇناھلىرىنى ئازلىتالامدۇ ؟ گۇناھكار بولسا قەبىرە ئازابىدىن خالاس قىلالامدۇ؟ دەپسىز ( يەنى گۇناھلارنى ئازلىتالمايدۇ ، قەبىرە ئازابىدىن خالاس قىلالمايدۇ - دەپسىز ).
4 . [مېيىتنى كۆمگەندە موللام قىسقىغىنە ئايەت ئوقۇپ، ئاللاھدىن بۇ كىشىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيدۇ ۋە دۇئا قىلىدۇ. ئەمما بۇ ھەرگىز قۇرئان ئوقۇغانلىق ئەمەس] - دەپسىز ( يەنى قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ - دەپسىز ) .
5 . ئىنسان ئاخىرەتكە پەقەت دۇنيالىقتا قىلغان ياخشى يامان ئەمەللىرنىلا بىللە ئەكىتەلەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئۈلۈكنىڭ ھەققىدە قىلغان مىليون سەدىقە ئېھسانلىرى ئۇ كىشىگە قىلچە مەنپەئەت قىلمايدۇ. ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە ھىچكىمنىڭ ھىچكىمگە زەرىچىلىك پايدىسى تەگمەيدۇ - دەپسىز . ...
6 . سىز قۇرئاننى ئاللاھنىڭ سۆزى ھەر قاندا يەردە تامام قىلسا ساۋاب دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز. ساۋاب تاپاي دىسىڭىز ئۆزىڭىز تامام قىلىڭ. چوڭ ساۋاب دىگەن شۇ. بولمىسا ئۇنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنى با .- دەپ ، قۇرئان كەرىمنى كوللىكتىپ ئوقۇپ تامام قىلىشنى ، قەبرىگەاھلىقتا ئوقۇشنى ئىنكار قىلىپسىز .
دېمەك يوقۇرقى سۆزلىرىڭىزدە اللە تائالانى كۆرمەيدۇ ، ئاڭلىمايدۇ ، بىلمەيدۇ ، تىرىكلەرنىڭ تىلىكىنى ئۆلۈكلەرگە يەتكۈزەلمەيدۇ ، دەپ ئىنكار قىلىپسىز . بۇنداق ئىيمانسىز سۆزلەرنىڭ توغرا دەپ قوبۇل قىلىنىشىغا ، مۇناپىق مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋاھھاب ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ : « دىندا ئەسلى يوق بولۇپ ، كېيىن پەيدا بولغان ئىلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت ... » - دېگەن ھەدىسىنى « پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەر قىلمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەت » - دەپ ئۆزگەرتىپ ، پىتنە تېرىغانلىقى سەۋەب بولغان . دېمەك ۋاھھابىلار ھەدىسنى تۇتماي ، بەلكى مۇناپىق مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇۋاھھابنىڭ بۇرمىلانغان پەتۋالىرىنى تۇتىدۇ . شۇڭا ئۇلار مەۋلۇد ئوقۇسا ، قۇرئان كەرىمنى كوللىكتىپ ئوقۇسا ... قاتارلىقلارنى قىلسا دوزاققا كىرىدۇ . چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەم ساھابىلەر قىلمىغان بىدئەت - دەيدۇ . ۋاھھابىلارنىڭ : « مەۋلۇد ئوقۇسا ، قۇرئان كەرىمنى كوللىكتىپ ئوقۇسا دوزاققا كىرىدۇ » - دېگەن مۇشۇ تەلىملىرىنى قوبۇل كۆرگەن كىشىلەردە ئىمان نېمە قىلسۇن ؟ شۇڭا قايسى بىر ئۆلىما : « بىلىپ تۇرۇپ ۋاھھابىغا قول بەرگەن كىشىنىڭ ، قىيامەتتە ئىككى قولى قارا بولۇپ قوپىدۇ » - دېگەنىكەن .
ئەگەر كاللىڭىزلاردىن ئۆتمىسە ئىلمى تۈزىتىش بەرگەيسىزلەر . اللەقا ئامانەت . |
|