- تىزىملاتقان
- 2015-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1313
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
31.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا payqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 18:26
پايچېكى بازىرىدا ، تۇغما ئەقىللىق ۋە ئەقلى - قابىلىيىتى ئادەتتىكىچە كىشىلەر ئوخشاشلا بازارغا باغلىنىپ قېلىپ زىيان تارتىدۇ . ئەمىلىيەت ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، پايچېكى بازىرىدا پۇل تېپىش ، كىشىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنىڭ يۇقۇرى - تۈۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋاتسىز . كىشى قانچە ئەقىلىلق بولغانسىرى ئۈزىنىڭ قىلغان ئىشىنى ئەڭ ياخشى بىلىمەن دەپ قارايدۇ . ئۇلار پايچېكى بازىرىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن بىلىدىغان ، چۈشىنىدىغان كىشىنىڭ تۇلىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .
نۇرغۇن يىللاردىن بىرى ،پايچېكى بازىرىدا ئاز ساندىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كىچىك پىئىل كىشىلەردۇر . قىسقىسى ، پايچېكىگە مەبلەغ سالغۇچى ئوبيېكتىپچان ،بازارنىڭ يۈنىلىشىنى چۈشىنىدىغان بۇلىشى كىرەك .
مەنمەنلىك ، ۋەيران بۇلۇشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئامىلىدۇر . كەمتەرلىكنى يىتىلدۈرۈش ، ئاساسى بىلىملەرنى بىلىش بۇ بازاردا ئۇزۇن مەزگىل پۇت-تىرەپ تۇرۇشنىڭ ئەڭگۈشتەرىدۇر .
بەزىدە سىز مۇتەخەسسلەرنىڭ پىكىرىنى قۇبۇل قىلىسىز ھەمدە ئاسانلا مالامەتكە قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن . پايچېكى بازىرىدا ئەنئەنىۋي كۆز-قاراش ۋە پىكىرلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى توغرا بۇلىدۇ . مۇتەخەسسىلەرنىڭ كۆز- قاراشلىرى بەزىدە سىزنى گاڭگىرىتىپ قۇيۇدۇ ھەم نۇرغۇن پۇللىرىڭىزنى ئىسىراپ قىلىۋىتىدۇ .
ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ : بازار بىلەن قارىشىلاشماڭ ، ئۇ مەڭگۈ سىزدىن كۈچلۈك .
|
|