- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16152
- نادىر
- 1
- يازما
- 1772
ئۆسۈش
15.38%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tengrikut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-26 05:53
قىرغىزستان ‹بېقىۋالغان› يۈسۈپ خاس ھاجىپ
ئاتىسى يوق يىتىم بالىنى بىقىۋىلىش ئەزەلدىنلا بولۇپ كىلىۋاتقان قائىدە.ئەگەر ئىگە چىقمىسا.
ئەلۋەتتە ئۇ بىر ئالىم بولۇپ قالسا ھەممە ئادەمنىڭ بىقىۋالغۇسى كىلىدۇ. ئەمما بىقىۋىلىش چەكتىن ئىشىپ كىتىپ بۇ پەقەتلا ماڭا مەنسۇپ، مىنىڭكى دەپ تۇرۋىلىشنىڭ كەينىدە قانداقتۇر يامان غەرەز يوشۇرۇنغان بولدۇ. سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ ئىتىپاقداش جۇمھۇرىيتى قىرغىزىستاننىڭ 20 يىلدىن بىرى تىلى چىقىپ قىلىپ تۇنجى جاكارلىغان مۇستەقىللىق داۋرىڭدىن كىيىنكى داۋراڭ بولسا ئۇيغۇر ئالىمى مۇتەپەككۇر سىياسىئون بۇيۇك دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپنى «بىقىۋىلىش» بولدى. مەن قىرغىزستاندىكى ۋاقتىمدا يىڭى بىسىلىپ چىققان 1000 سوملۇق پۇلنىڭ ئالدى يۈزىدە چارۋۇچى سۈپەت كىشىنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ تىگىگە يىزىلغان « جۈسۈپ بالاساغىن» دىگەن ئىسىمنى كۆرۈپ ھەيران قالغانتىم. كىينرەك يۈسۈپ بالاساغۇنغا ھەيكەل تۇرغۇزدىكەن دېگەن غۇلغۇلىمۇ بولدى.ئەلۋەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىنى قوشۇپ بالاساغۇنىي دەپمۇ ئاتىلاتتى. كىيىنرەك قىرغىزىستان مىللەتلەر ئۇنۋىرستىتى رېكتورنىڭ ھوزورىدا بۇ توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ قالدىم.
پۇتۇن بىر «دۆلەت» نىڭ ۋەكىللىك ئۇنۋىرستىتىنىڭ رېكتورى ھەقىقەتنى بىلسىمۇ يوشۇرغىسى كىلىپلا تۇراتتى. ھەتتا ئۆزىمۇ قاراخانلار خاندانلىقى توغرۇلۇق كۆپ نەرسە بىلمەيتى. مەن ئۇنىڭغا تومتاق قىلىپلا بىرنەچە سۇئال قويدۇم: قاراخان ھۆكۈمدارلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ دىيارىدىن باشلىنىپ ئۆزبىكىستاننىڭ سەمەرقەنتكىچە كىڭەيگەن.ئۇ چاغدا قىرغىزلار قەيەردە ئىدى؟ قىرغىزلاردا ساپلا قامچىبىك قوزىبىك دىگەن ئىسىملار بار نىمىشقا ھازىرغىچە يۈسۈپ دىگەن ئىسىم يوق؟ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىسمىمۇ جۈسۈپ ئەمەس يۈسۈپ تۇرسا،ياكى يۈسۈپ دەپ خاتا قويۇلۇپ قالغان ئىسىممۇ؟ يۈسۈپ بالاساغۇن قىرغىز ئۇرۇقىدىن بولۇپ ئۇيغۇر تىلنى ھەجەپمۇ پىششىق ئۇگۇنۇپتىكەن، (قۇتادغۇ بىلىك كونا ئۇيغۇر يىزىقىدا ، قاراخان ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان)نىمىشقا قىرغىز يىزىقىدا يازمىغان بولاتتى؟ قىرغىز جەميتىدىن ئالىم چىققان بولسا 10- ئەسىر بۇرۇن بىرلا ئالىم چىقىپ كىيىنكى دەۋىرلەردە نىمە ئۇچۇن ئالىم چىقىپ باقمىدى؟ مانا بۇ سۇئاللار رېكتور جاۋاپ بىرەلمىگەن سۇئالار ئىدى. مەن بىلەن بىللە كەلگەن مەيدانى يوق تۈرۈك ئوقۇتقۇچى رېكتورنىڭ بىر ئىستاكان قەھۋەسىگە سىتىلىپ ماڭىمۇ يان باسماي رېكتورغىمۇ يامان بولماسلىق ئۈچۈن« يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئالىم بولغاچقا ھەممە ئادەم بىزنىڭ دەپ تالىشىدۇ. ئىشقىلىپ كىمنىڭ بولسىمۇ ئۇ دىگەن تۈرۈكلەرگە مەنسۇپ.» دەپ ئۇمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئاخىردا مەن قىرغىز يازغۇچىسى چىگىگىز ئايتماتوۋ <قۇتادغۇ بىلىك>كە يازغان بىغىشلىمىسىدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنى ئىنىقلا قىلىپ ئۇيغۇر ئالىمى . ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ دىگەن، سىلەر نىمىشقا ھەقىقەتنى خەلقتىن يوشۇرىسلەر؟ دەپ سورىسام رېكتور ئوڭايسىزلىنىپ بىزگە يۇقۇردىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش بار دەپ سالدى.
ھە ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭ «يۇقۇرى» دىگىنى قىرغىزستان مائارىپ مىنىستىرلىكى، تىخىمۇ يۇقۇرسى قىرغىزستان پارلامىنتى يەنى ئۇيغۇرچە ئىيتقاندا «قىرغزستان يۇقۇرى كىڭىشى» ئىدى. مەرىپەتنى سىياسەت ئۇچۇن قوللىندىغان «يۇقۇرى كىڭەش» ئەزالىرى بىردەك ئويلۇنۇپ دۇنياۋى خاراكتىرلىق ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان «مەرىپەتتىن ھەقىقەتنى ئۆچۈرىۋىتىش» ئۇسۇلىنى ئەمدى ئۈگەنگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. يىڭى قۇرۇلغان بوۋاق قىرغىزستان جۇمھۇرىيتىنى سوۋىت سوتسىيالىستىك ھۆكۈمىتى 1923.يىلى قۇرۇپ« قىرغزستان» دەپ ئىسىم قويۇپ ئاغزىغا سوسكىنىمۇ سىلىپ بەرگەن. 1991-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندا جۇمھۇرىيەتچىلىك سىياسى ئىڭى تىخى ئەمدىلا يىتىلگەن ئەزەلدىنلا رەسمىي دۆلەت باشقۇرۇش ئەنئەنسىگە ئىگە بولمىغان بۇ پادىچى قىرىنداشلار تۇرۇپلا لاتاريەدىن چىققاندەكلا بىر «دۆلەت» كە ئىگە بولۇپ قالدى.ئارىدا خىلى بىر مالىمانچىلىقتىن كىيىن بىرئاز بىسىققان كۆرۈنگەن بۇ بوۋاق دۆلەت تىخىچە ئوتتۇرا ئەسىر ئۇرۇقبازلىق ئىڭىدە ياشاۋاتقان 5 مىليون خەلقىنى ئاقارتىش ئۇچۇن خىلى جاپا چەكتى. دۆلەتنىڭ يادروسى بولغان خەلقنىڭ پەخر تۇيغۇسى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك مىللەتچىلىك تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇش ئۇچۇن ئاللىقانداقتۇر قىرغىز ئىمپىريەسىدىكى باتۇر ھۆكۈمدار، ئۆلىما ئالىملارنى كولاپ چىقىپ كۆز ئالدىدا چوڭايتىپ داۋراڭ سىلىشى كىرەك ئىدى. ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ھازىرقى قىرغزستانغا تەۋە ئورۇندا تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۇچۇن بۇ داۋراڭنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. قۇربانىغا ئايلىنىپلا قالماي رەسمى «بىقىلىپ» كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالدى.
ئەزەلدىن كۆچمەن چارۋۇچىلىق جەمىيەتتىن ئالىم چىقىپ باققان ئەمەس. چۇنكى مال چارۋا ۋە سۇ قوغلۇشۇپ ياشايدىغان موھىت، ئالىم چىقىشىنى كىرەك قىلمايدۇ. يەنى ئالىمغا ئىھتىياجىمۇ بولمايدۇ.
ئالىم - شەھەرلەشكەن موھىتتا ئوغرى يالغان، جاھىل نادان، ھەق ناھەق، ئىنساپ دىيانەت زالىم زۇلمەت ،باي كەمبىغەل، يۇقۇرى تۆۋەن تەبىقە قاتلام ..ئۇقۇملىرى بار بولغان موھىتتا يىتىشىپ چىقىدۇ. مۇشۇنداق موھىت بىر ئالىمنى يىتىشتۇرۇپ چىقىپ ھەقىقەت ۋە بىلىمنى تارقىتىشىنى كىرەك قىلىدۇ.
قىرغىزىستان مائارىپىدا ئىجادىيەت ۋە ھەقىقەتچىلىك ئەندىزسى يوق، ئىسلاھات ، مائارىپ ئىنقىلابىمۇ يوق. بۇرۇنقى سوۋىت دەۋرىدىن قالغان كونا سېستىما بويۇنچە مىڭىۋاتىدۇ.
ھەقىقەتنى يوشۇردىغان ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ چىقىۋاتقان ،كۇننىڭ يىرىمىنى ھاراق ئىچىش ئويۇن تاماششا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن سوراپ باقتىم:
يۇسۇپ بالاساغۇن كىمۇ؟
ۋاي ئۇ دىگەن قىرغىز ئالىمى. ئۇنداق ئالىمدىن دۇنيادا يەنە بىرسى يوق. ئۇيغۇرلارغا دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن ..
يۈسۈپ بالاساغۇن قىرغىزلاردىن چىققان ئۇلۇغ ئالىم..
بىزنىڭ مائارىپ نازارىتىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نىمە ئۇچۇن بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟
نىمە ئۇچۇن تورداشلىرىمىز ئۆز ئالىمىغا ئىگە چىقمايدۇ؟
ئىلاۋە : ئۇشبۇ يازما قوشنا ئەل قىرغىزىستاننى يامانلاش، ياكى ئالىمىمىزنى <بىقىۋىلىشى>غا ھەسەت قىلىش خاراكتېرىدە يىزىلمىغان.بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيتى ۋە ھەقىقىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يىزىلغان.ۋە دىيارىمىزدىكى قېرىنداش قىرغىز خەلقى بىلەنمۇ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.بۇ پەقەت قىرغىزىستاندىكى ئاشقۇن مىللەتچى ۋە ۋوتكاپەرەس مائارىپچىلار بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك.چۇنكى ئۇلار يۈسۈپ خاس ھاجىپنى <قىرغىزىستانلىق ئالىم>دىيىشتىن ھالقىپ <قىرغىزنىڭ ئالىمى>دىيىش دەرجىسىگە بىرىپ يەتتى.بۇ ئەھۋال ئالىمنىڭ ئەسلىدىكى ئېتنىك كۆكى بولغان ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك. بىر تارىخى شەخس ئۈچۈن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ھىسياتىنى نەزەرگە ئالماسلىق چىرىك بىلىم سەۋىيەلىكتىن ئۆتە ئادەمىيسىزلىك.
خاس ھاجىپ تۈرۈكتىنمۇ ئەمەس ، قىرغىزدىنمۇ ئەمەس بىز ئۇيغۇرلاردىن چىققان ئالىم.بىزنىڭ پەخرىمىز. مىڭ يىلدىن بېرىقى ئۆچمىگەن ئىزىنىڭ ئىلھامىدا تالاي ئالىملار ئىز بىسىپ چىقمىغانمۇ؟
ھىلىھەم بۈيۈك پەخرىمىزنىڭ ئىلھامى يەنە تالاي ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىمەن.
مەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۇيغۇردىن چىققان ئالىم ئىكەنلىكىنى پەرەزگە ياكى ھىسياتقا تايىنىپ ھۆكۈم قىلمايمەن. ياكى باشقىلاردەك تارىخى رىۋايەت ئىزدەپ ئەپسانە توقۇمايمەن. بىر ئىغىز گەپ بىلەن ئىسپاتلاپ بىرەلەيمەن:
يۈسۈپ بوۋىمىز ئۆز ئەسىرىگە <قۇتادغۇ بىلىگ> دەپ ئىسىم قويغان. قۇتادغۇ بىلىگ ، قۇت بەرگۈچى بىلىم دىمەكتۇر.
ئۇيغۇر تىلى گراماتكىسىدا : ئىسىمنىڭ كەينىگە < غۇ > سۈپىتىنى قوشۇپ ،ئىسىم،سۆز، ئاتالغۇ ياسايدىغان ئادەت ھازىرمۇ بار. مەسىلەن: كىرالغۇ، قونالغۇ، ئۈنالغۇ، تاراتقۇ،باشقۇرغۇ، ئاتالغۇ،جانئالغۇ، سىنئالغۇ.. كەبى.
بۇنداق سۆز ياساش، باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەردە يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا تۈركىي تىللىرى < غۇ> قوشۇلغان ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدىكىدەك ئۇرغۇلۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.
تۈرۈك تىلىمۇ ، قىرغىز تىلىمۇ <قۇتادغۇ بىلىگ>نى ئەينەن تەلەپپۇز قىلالمايدۇ. قىرغىزچە «Кутадгу Билиг» ( كۇتادگۇ بىلىگ، ) تۈرۈكچىدە بولسا kutatku bilig (كۇتادكۇ بىلىگ، ) دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ. ئەسەرنى ئەينەن تەلەپپۇز قىلىش، ۋە كەينىگە < غۇ > <قۇ> <كۇ> قوشۇمچىلىرى بىلەن سۆز ياساش ئۇسلۇبى ئۇلارنىڭ تىل گىراماتكىلىردا يوق.
كىرالغۇ - كىر ئالغۇچى. قۇتادغۇ - قۇت بەرگۈچى. ئۇيغۇر تىلى مىڭ يىلدىن بېرى بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆز ياساش ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
ئۆز تىلىدىمۇ توغرا تەلەپپۇز قىلالمايدىغان ئەسەرنىڭ ئىگىسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن تالىشىپ ئۇيغۇرنىڭ ھىسياتى بىلەن ئوينىشىدىغان داۋراڭكەشلەرگە نەق بىرىلدىغان ئەجەللىك جاۋاپ دەل مۇشۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر.
تەڭرىقۇت.
|
|