قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1783|ئىنكاس: 12

دوستلار چەمبىرىكىدە مەزمۇن يوللىغاندا دىققەت قىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

293

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56785
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 12:44:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارچەمبىرىكىدە مەزمۇن يوللىغاندا دىققەت قىلىڭ
1. ئەتتىگەندىلا چەمبىرەككە ئېلان يوللاشتىن ساقلىنىڭ. ئادەتتەكىشىلەر ئەتتىگەندە قوپۇپ ناشتىلىققا سىزنىڭ ئېلانىڭىزنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.ئەتتىگەندىلا ئېلان يوللاپ دەپ كەيپىياتى قىرىق گەز ئۇچۇپ كېتىشى  مۇمكىن. شۇڭا ئەتتىگەندە كىشىگە زوقبېغىشلايدىغان، تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان مەزمۇنلارنى يوللىغان ياخشى.
2. مەھسۇلات ئېلانىنى ئارقا ئارقىدىن يوللاشتىن ساقلىنىڭ. بۇنداق ئېلانلار كىشىنى ناھايىتى ئاسان بېزار قىلىدۇ. ئۆزۈممۇ بۇنداق يوللىغانلارنى كۆرسەم، ئادەتتە چەمبىرىكىنى كۆرەلمەس قىلىپ قويىمەن. باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىپ قويۇشى ئېھتىمالغا بەك يېقىن.
3. باشقىلارنىڭ ئېلانىنى كۆچۈرۈپ چاپلاپ قېلىشمۇ ياخشى ئەمەس. سودىدا ساختىلىق قىلسا سودىنىڭ بەركىتى بولمايدۇ. ھەمدە بۇنداق قىلمىش باشقىلار تەرىپىدىن ئاسانلا سېزىلىپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىدىن چۈشۈپ قالىسىز-دە، ئۇلار سىزدىن ھەرگىز مەھسۇلات سېتىۋالمايدۇ .ئۈندىدار سودىسىدا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش بەك مۇھىم. ئۈندىدارسودىسىدا مۇھاپپەقىيەت قازىناي دېسڭىز، ئەجىر قىلىپ قويۇڭ. كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويۇشتەك ناھايىتى ئاسان يولنى تاللىماي، بەلكى ئەجىر قىلىپ  ئۆزىڭىز يېزىڭ. ئۆزىڭىز ئەجىر قىلمىغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئەجىر قىلىپ كۆرۈشى ناتايىن.  كۆچۈرۈش توغرا كەلسىمۇ ئۆزىڭىز بىر-بىرلەپ يېزىڭ. باشتا قىينالغاندەك قىلىسىز، ئاستا-ئاستا سىزمۇ كىشىلەرنى جەلپ قىلالايدىغان مەزمۇنلار يازالايسىز.
4.  يۈرەك سوراش خارەكتىرلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشماڭ. بولۇپمۇ ئۈندىداردا سودا قىلىۋاتقانلاربۇنداق پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرغىنى تۈزۈك. بۇنداق پائالىيەتلەر ھازىر بەك ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، كۆپىنچە كىشىلەر بېزار بولۇپ كەتتى. سىز ئۈندىدارىڭىزىكىلەرگەمەھسۇلاتىڭىزغا جەلپ قىلىپ مال ساتىسىز، ئەگەر بۇنداق پائالىيەتلەرگە كۆپ قاتناشسىڭىز، ئۇلارنى جەلپ قىلىشنىڭ ئورنىغا يىراقلاشتۇرۇپ قويىسىز، مال سېتىۋالغۇسى بولسىمۇ ئالماي قالىدۇ.
5. كىشىنى بېزار قىلىدىغان نەرسىلەرنى يوللاشتىن ساقلىنىش.بۇنداق بولغاندا ئاسانلا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىمىز، سودىغىمىزغىمۇئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ.


ئۈندىدار سودىسىدىكى تۆت ئەندىزە
ئۈندىدار سودىسى قىلىشتاپەقەت مال سېتىشنىلا ئويلىۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۈندىدار تاۋباۋ، جىڭدۇڭلارغائوخشاش نوقۇل ھالدا مال ساتىدىغانلا ئۇرۇن ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىجتىمائى ئالاقەقورالى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈندىدار سودىسىدا ئىجتىمائى ئالاقىنى ئاساس قىلغان ھالدا مالسېتىپ چىقىرىشنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
ئۈندىدار سودىسىقىلىشىتىن بۇرۇن ئاۋۋال كىشىلىك ماركا تىكلەش كېرەك. ئاندىن ئاندىن ساغلام بولغانسېتىش تەپەككۇرى ئەندىزىسى ئارقىلىق ياخشى بولغان سېتىش ئۈنۈمىنى ياراتقىلىبولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق سېتىش تەپەككۇرى ئەندىزىسى ساغلام ھېساپلىنىدۇ؟
1.     دوسلار ئەندىزىسى
ئادەتتە بىر ئادەمنىڭئۈندىدارىدا بىر نەچچە يۈز ئادەم بولىدۇ. بۇ ئادەملەر ئاساسەن دوست-بۇرادەرلىرى،ساۋاقداشلىرى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇڭا بۇلار بىزنىڭئالتۇن خېرىدارلىرىمىز ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بىز مەھسۇلات تونۇشتۇرغاندا ھەممىدىنئاۋۋال ئۇلارغا تەۋسىيە قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇلار بىزنى تونۇيدۇ، چۈشىندۇ.شۇڭا بىزگە ئىشىنىدۇ، سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزغا ئېھتىياجى بولسىلا ئىككىلەنمەيسېتىۋالىدۇ.
2.     ۋاكالەتچىلەر ئەندىزىسى
«ۋاكالەتچىلەر  ئەندىزىسى» ئەنئەنىۋى سودىدىكى ۋاكالەتچى قوبۇلقىلىشقا ئوخشايدۇ. يەنى مەھسۇلاتىمىزغا سېتىشىپ بېرىدىغانلارنى قوبۇل قىلىشتىنئىبارەت. مەھسۇلاتىمىزنى سېتىپ چىقارغان خېرىدارلار پايدىسىنى كۆرسە، تەبىئى ھالداباشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشقا باشلايدۇ. باشقىلارمۇ بۇ مەھسۇلاتنى ئالماقچى بولسا،ئۇلار بىزدىن مالنى توپ ئېلىپ سېتىشقا كىرىشىپ كېتىدۇ. ھەر بىر ۋاكالەتچى بىردۇكانغا ئوخشايدۇ، سىزنىڭ قانچە كۆپ دۇكىنىڭىز بولسا شۇنچە كۆپ پايدىغائېرىشەلەيسىز.
3.     ماركا ئەندىسزىسى
ئۈندىدار سودىسىقىلىۋاتقانلاردا چوقۇم مۇنداق ئوي بولۇشى كېرەك: ئاكتىپلىق بىلەن قوشقانئادەملەرگە قارىغاندا، باشقىلار تەرىپىدىن قوشقان ئادەملەرنىڭ سۈپىتى يۇقىرىبولىدۇ. ھەتتا ئاكتىپلىق بىلەن قوشقان 100 ئادەمدىن، باشقىلار تەرىپىدىن قوشۇلغانبىر ئادەمنىڭ سۈپىتى يۇقىرى بولىدۇ.  مۇنەۋۋەربولغان ئۈندىدار سودىگەرلىرىنىڭ يېنىدا مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپ بولىدۇ، گەرچە بىزسېتىۋاتقان مەھسۇلات باشقىلارنىڭكىدىن قىممەت بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بىزنىڭكىنىئالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان سىزنىڭ كىشىلىك ماركىڭىزغا جەلپ بولۇپ بولغان. ئۇلارسىزدىن ئالسا خاتىرجەم بولىدۇ.
4.     ھەمبەھىرلەش ئەندىزىسى
ھەمبەھىرلەش ئەندىسىزىسى بولسا ئەڭ تېز سۈرئەتتەخېرىدارلارنىڭ قەلبىدىكى چولپانغا
ئايلىنالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدۇر. مەسىلەن مېنىڭئايالىم ئۈندىدار سودىسىدا نەچچە ئون مىڭ كىرىم يارىتىدۇ. ئاندىن مەن ئۇنىڭئۈندىدار سودىسىنى قىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرىنى ھەمبەھىرلەش توغرىسىدا تەكلىپبەردىم. ئاندىن ئۇ دېگىنىم بويىچە ھەمبەھىرلىدى. نەچچە كۈننىڭ ئىچىدە نەچچە يۈزئادەم ئۇنى قوشتى، ئىچىدە يەنە كۆپلىگەن خېرىدارلار ۋە ۋاكالەتچىلەر چىقتى.
  ھەمبەھىرلەش بولسائەڭ ياخشى سېتىش ئۇسۇلى، ھەر قېتىم ھەمبەھىرلەپ بولغاندىن كېيىن تۈركۈملەپخېرىدارلارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
  ئەگەر ئۈندىدارسودىسى توغرۇلۇق مەن بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئۈندىدارىمنى قوشىۋىلىڭ:kuran6666

uyghuray

2

تېما

23

دوست

6367

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   27.34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46508
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1981
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 17:37:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بۇپتۇ ! بىراق مىنىڭ كۆز قارىشىم بىلەن قارمۇ قارشى كۆردۇم ! تىجارەتتە بەزىدە تەۋەككۇلچىلىكمۇ ئەز قاتىدىغان كوزۇر جۇمۇ !

0

تېما

0

دوست

213

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56786
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 21:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىدارىمدا ، دوستۇم بولسىڭىز يۈرەك يىغشىمغا ياردەم قىلىڭ ، ئىكىس ئىكىس قۇرۇلغانلىقىنىڭ مانچە يىللىقىنى تەبرىكلەپ مانچە قېتىم تارقاتسىڭىز ئاسماندىن دوللار ياغىدۇ ، ئۇسسىغاندا سۇ ئىچسىڭىز ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ ....دېگەندەك مەزمۇنلار بىلەن كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ . ئۈندىدارىمدىكى 100 نەچچە ئادەمنىڭ 50-60 ى  مال ساتقۇچى بولىۋاپتۇ . دەسلەپ قوشقاندا ئۇنداق ئەمەستى، ئىلگىرلەش زور . دوستلار چەمبىرىكىم ، ئۈندىدارىم كۈندە يېڭى ماللار بىلەن توشىدۇ ، مال تاللاشتىن قېينالمايمەن.

19

تېما

30

دوست

1620

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54857
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 498
توردىكى ۋاقتى: 47
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-27 21:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياىشى تېما بوپتۇ،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن
uyghuray

ۋەھىمىلىك ئەسەرلەرRST205سالونى

0

تېما

4

دوست

3355

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13169
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 257
تۆھپە : 879
توردىكى ۋاقتى: 406
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 01:11:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ھازىر ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە ھەر خىل ماللارنى تونۇشتۇرۇپ چىقىرىپ قويغان ئ‍ېلانلار كۆپىيىپ قالدى. باشقا تورداشلارنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىنىڭ ئ‍ىچىدە قانداقكىن بىلمىدىم.

4

تېما

0

دوست

293

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56785
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 18:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nurhayat1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 17:37
ياخشى تىما بۇپتۇ ! بىراق مىنىڭ كۆز قارىشىم بىلەن قارمۇ  ...

ئەلۋەتتە سودىدا تەۋەككۈلچىلىك بەك مۇھىم

4

تېما

0

دوست

293

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56785
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 18:38:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ishak-yakup يوللىغان ۋاقتى  2016-2-27 21:25
ناھايىتى ياىشى تېما بوپتۇ،يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمى ...

ئەمدى باشلىدىم. داۋاملىق  يېزىشقا تىرىشىمەن

0

تېما

0

دوست

97

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  42610
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-28 18:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇشۇ ئۈندىدار سودىسى ئەۋىج ئېلىپ كەتتى، بۇمۇ سودا قىلىش ۋە جان بېقىشنىڭ بىر يولى بولۇپ قالدى، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سودا قىلدىم دەپ چىقارغان نەرسىللىرىگە قاراپ ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپلا كىتىۋاتىدۇ. ئىشتان پايپاقتىن تارتىپ ھەممىنى چىقىرىپ كىشىنى بىزار قىلغۇچە مۇۋاپىق مىقداردا چىقارسىلا بولاتتى،.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )