بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jimsary تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 13:39
«قۇرۇمقاش شەھىرى » دىگەن سۆزگە بىر ئىزاھات بېرىلىشى زۆرۆر
جىمسارى
مەقسەدكە كەلسەك، بۇ يېڭى شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە نامى، «قۇرۇمقاش شەھىرى» دەپ ئاتىلىپتۇ، بۇ ئىسىم، كۆڭلۈمنى تولىمۇ غەش قىلدى. بۇنىڭدىن، ھازىرقى ئۇيغۇردىكى تىلشۇناسلىقنىڭ ئەپتى-بەشىرەسى يەنە بىر قېتىم ئاشكارە بولۇپتۇ دەپ ئويلۇدۇم. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم، بۇنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: يېڭى قۇرۇلغان شەھەرنىڭ خەنزۇچە نامى، «昆玉市» دەپ ئاتالغان. بۇ ئىسىمنىڭ مەناسى، مىنىڭچە، «قۇرۇمتاغدىن چىقىدىغان قۇرۇمدەك شەھەر، ياكى قۇرۇمتاغ ئىتىگىدىكى شەھەر» دىگەندەك ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى «قۇرۇمتاغ» دىگەن سۆز، «قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن سۆزنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. «قۇرۇمتاغ ياكى قاراقۇرۇمتاغ» دىگەن سۆزنىڭ كۆرسەتكەن ئۇيغۇرچە مەناسى، «ھەيۋەتلىك، كۆپ، كاتتا «قۇرۇمتاش»لىق تاغ ياكى ھەيۋەتلىك، كۆپ، كاتتا «قۇرۇم» چىقىدىغان تاغ دىگەننى بىلدۈرىدۇ. «قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم» دىگەن سۆزلەرگە، مۇشۇ «باغداش»تا ئېنىق تەبىر بېرىلگەن ئىدى. دىمەك، بۇ ئۇيغۇرچە مەنالارنى ئىخچاملىساق، شەھەرنىڭ ئۇيغۇرچە نامى، «قاراقۇرۇم شەھىرى » دەپ ئاتالسا، توغرا بولغان بولاتتى. بۇ سۆزنىڭ مەناسى، ھەيۋەتلىك، كاتتا قۇرۇم شەھىرى دىگەننىمۇ، ياكى بولمىسا، قۇرۇمتاغ ئېتىگىدىكى قۇرۇمدەك شەھەر دىگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەپسۇس، بۇشەھەرنىڭ نامى «قۇرۇمقاش» قويۇلۇپتۇ. بۇ ھەقتە، «باغداش»نىڭ ھەم ئۇنىڭدا نەشىر قىلىنغان «قۇرۇمتاش ۋە قۇرۇم»ناملىق ئەسەرنىڭ ھېچقانداق رولى بولماپتۇ. ۋېبتور «باغداش» دىگەن نىمىتتى، سىنىڭ دىگىنىڭ نۆلگە ھېساپ دىيىلگەندەك بولۇپتۇ. ئەمدى مەن، ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ تىل يېزىق كومىتىتىدىن، تىلشۇناسلىرىمىزدىن، «قۇرۇمقاش» دىگەن سۆزنى ئىجات قىلغان كىشىلىرىمىزدىن، گىئوفىزىكاشۇناسلىرىمىزدىن، باغداش ئەزالىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سوراپ باققىم كەلدى: «قۇرۇمقاش» دىگەن سۆزنىڭ مەناسى نىمە بولۇدۇ؟ «باغداش»تەك ۋېبتورنى نىمىگە قۇردۇق؟ ئۇنىڭ نىمەگە پايدىسى بار؟ بىز نىمەنى يازىمىز؟ نىمە ئۈچۈن يازىمىز؟ پۇل تېپىش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى ئۆزىمىزنى كۆرسەتىش ئۈچۈنمۇ؟ كۆز ئالدىمىزدىكى نەق ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، نىمەنى تەتقىق قىلىمىز؟ نىمەنى توغرىلايمىز؟ نىمەنى تالىشىمىز؟ نىمە ئۈچۈن، تىلىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتىكى خاتاسىغا يول قويۇمىز؟ بىز تىلىمىزنى مۇشۇنداق تەتقىق قىلىمىزمۇ؟ مۇشۇنداق ئۇسولدا رىۋاجلاندۇرىمىزمۇ؟ رايونىمىزدىكى بارلىق ئورگانلاردا، تىلشۇناس ۋە تەرجىمانلار ئىشخانىلىرىدا، ۋېبتور ئۇلاقلىققۇ، ئۇلار، ئۇيغۇرتىلىمىزدىكى «باغداش» تەك ئۆنىۋىرسال چوڭ ۋېبتورنى پەقەتلا كۆرمەمدۇ؟ بىز ھازىرقى شارائىتتىمۇ، بەزى پىكىرلىرىمىزنى يەنىلا ئىدارە ياكى ئىشخانا ئاراسىدا سوكۇلداپ يۈرۈپ يەتكۈزىمىزمۇ؟
دىمەك، بۇ ئىشلارغا ئىچىم پۇشتى، ئۇيغۇر جەمىيەتىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن بۇرادەرلەرنىڭ بىر قىسىم ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلىرىنىڭ بىرئەخلەتكە ئايلانغانلىقىغا ھەتتا ئۇلارغا بىرمۇنچە گۇنالارنىڭ ئارتىلغانلىقىغا، كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىقىغا ئىچىنىمەن. رىياللىق رەھىمسىز كېلىدۇ. ئەمما، توغرا-خاتاغا ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەك. باغداشتا ئەسەر يېزىۋاتقان كۆپۈنچىمىز، چوقۇم مىنىڭ دىگىنمدەك بولسۇن دىمەيمىز. توغرىسى بولسۇن دەيمەن. شۇڭا، مۇشۇ «قۇرۇمقاش شەھىرى» دىگەن سۆزنى ئىجات قىلغان ھەم تەستىقلىغان ئورۇن ۋە شەخسىلەرنىڭ «قۇرۇمقاش شەھىرى» دىگەن سۆزىگە بىر ئىزاھات بېرىشىى تولىمۇ زۆرۆر بولۇپ قالدى.
|