مۇناجات
ئايا رەببىم گۇناھىمنى مەغفىرەت ئەيلە،
كۆزۈمنى كور، قۇلىقىمنى ئاڭلىماس ئەيلە.
تىلىمنى سۆزلىمەس ،پۇتلۇرۇم باسماس،
ھەم قولۇمنى گۇناھلاردىن يىراق ئەيلە.
نۇرۇڭنى بەر ،قەلبىمنى ئاچ ھىدايەت بىلەن،
گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ھىچ قارىماس ئەيلە.
جانىمنى ئال، تۆۋبەمنى قىلغىن قۇبۇل،
گەر خالىساڭ يەر- تۇپراق زىمىن ئەيلە.
يوللىرىمغا مەشئەل بەرگىن ھىدايەت نۇرلىرىدىن،
ئىككى دۇنيا ئەھلى بەخىت رىزۋان ئەيلە.
سەجدىدە تۇرسۇن پىشانە يۈزۈممۇ يەرنى سۆيۈپ،
ئىگىلمەككە بىر ساڭا ،كۈچ-قۇۋەت مادار ئەيلە.
دىلىمغا بەر ھەم ئىلاھى ھىكىمەت لەردىن،
قىيام ۋە رۇكۇلاردا يۈرەككە مۇھاببەت ئەيلە.
مۆجىزەڭ ھەر قەدەمدە سان ساناقسىزدۇر،
ئۇنى بىلىپ چۈشەنمەككە پاك قەلىپ ،زىھىن ئەيلە.
ئىلاھا تەقدىرىڭ ھەممە ،مەن بەندە ئاجىز قۇلۇڭ،
سەبىر ۋە چىدام دائىم غەيرەت ۋە شىجائەت ئەيلە.
دۇنيادىن كىتەيكى سەجدەم بىلەن ئاخىر،
يا رەببىم چىن ئىمان ،چىن ئىخلاس مۇھاببەت ئەيلە.
خۇدايا ئىچ - تېىشىمنى دائىما پەرىقسىز قىلغىن!
قۇبۇل قىلىپ ئىبادەتنى ،ئاتاقىلىپ سائادەتنى،
يا رەھمان ،يا رەھىم پېقىرنى سادىق موئمىنىڭ ئەيلە.
2015.3.14
كۆل ئوغلى
ئازاپلار دەستىدىن ئۆلمىش دىلىم پىغاندا ھەسرەتتە،
كى يېرىلسا پىشانەم ،بىغەملىكتە غەپلەتتە.
ناشۈكۈر بۇلۇپ يۈرۈپ، گۇناھقا پېتىپ يۈرۈپ ،
تۆۋبىگە خېيالىم يوق ،بۇلۇپ ئەسرار ئاپەتكە .
پوشايمان ساتارغا قالدىم ،ئۇسارغا تاغار سوراپ،
كاسات بازارىكەن بۇنىڭ، مىزان ئىزدەيمۇ ئۆلچەشكە.
دىدى شۇندا ئىگەم رەھمان ،ئۈمۈدسىز بولما رەھمەتتىن،
ئىتەت ئەيلىگىن بەندە كىچە كۈندۈز ئىبادەتتە.
تۆۋبە قىل !ئىخلاسىڭ بىلەن كى قۇتۇلغايسەن قىيامەتتە.
ئۈمۈد سىزلىك ،ئىشى شەيتاندۇر يېقىن كەلمە قاساۋەتكە ،
دۇئا قىل ئايانما ھەرگىز ،رەببىڭ دائىم ئىجابەتتە.
2015.2.22
كۆل ئوغلى
بىر مۇكەممەل داستان
سۆيۈشتىن تاپساڭ ھۇزۇر ھالاۋەت،
سۆيۈلۈش ھەم بۇلۇر كارامەت.
مىھىر بەرگىن ، مىھىر دىگەنگە،
دىلىڭدا شۇندا پارلار مۇھاببەت.
رەب ئىنئامى مۇھاببەت دىگەن.
پىترىتىڭدىن بار كى بۇ ھولقان،
مەخلۇقاتقا سۆيگۈڭ يوق تۇرۇپ،
ئىشقى خۇدا دىگىنىڭ يالغان.
مۇھابەت ئۇ مەڭگۈلۈك ئۇقۇم.
پارلار ئۇندا تەۋھىد ۋە كالام،
ئىشىق سىناقتۇركى ھەي ئىنسان،
ھالقىما چىگرادىن بولۇرسەن تامام.
باق رەب ھىكمىتى ئاجايىپتۇر كى،
قىلۇر نە خالسا ھەر چە ....
ھىكىمەت ئىزدە ھەريانغا باق،
پۈتۈن بولماس بىر بىرىسىز ھىچ نەرسە.
كامالەت ئالىمى ، كارامەت ئالىمى،
يانتاقتا گۈل ، ھەرىدە ھەسەل.
ياراتقان رەبى مۇھابەت جاھانىغا،
قىلىپ شۇنداق كى مۇپەسسەل.
سۆيگۈ ئىزدەيسەن مۇھاببەت دەيسەن،
راھمان ھىكمىتىگە نە بىر باقمايسەن.
ئەقىلىڭگە كەلمەس بىپايان زىمىن،
كۆكتە ئاي - يۇلتۇز تۈۋرىكسىز ئاسمان.
قۇياش نۇرىدىن ئالىسەن ھۇزۇر ،
دېڭىزلار كۆپكۆك چايكىلار ھەريان.
كۆچۈپ يۈرگەن تورنىلار قايان،
سالقىن شامالدىن ھۇزۇر ئالار جان.
باھارلار كەلسە ئىسسىپ يەر جاھان،
زىمىستان قىشتا ئالىدۇ ئارام .
ھەسەن ھۈسەننىڭ يەتتە خىل رەڭگى،
گۈزەلىكىنىڭ سۇدىكى ئەكسى.
نۇر بىلەن ھەممە قىلىدۇ جەۋلان.
دۇنيا نىمە؟! ئۇنىڭ ئالدىدا،
قەلبىڭنى ھەم يۇرىتار ئىمان.
ھەر پەسىلدە ھەر ھىكىمەت،
سۆزلەر بىلگەنگە راببانى داستان.
چىچىلار باھاردا دانە دانە دان،
كۈزدە مىڭ مىڭلاپ يىغىدۇ دىھقان.
تۇغۇلۇش بۇرۇن گۆش ئىدى ئىنسان،
بىر تامچە سۇ ، ئاندىن ئۇيۇل قان.
كون! دىدى رەببى كىردى ئاڭا جان.
ئەمما ئويلىماس ئەقىلسىز ئىنسان،
جىمجىت كىتىمىز يىغلاپ تۇغۇلغان.
بىر سۆز بىلەن بولىمىز ۋەيران،
چەكسىز ئالدىدا چەكلىكمىز ھامان.
بىلمەستىن كىتىمىز خۇددى بەخرامان،
بارار جايىمز بۇلۇرمۇ زىندان؟،
ياكى جەننەتتە بۇلۇپ خىزمەتتە،
قايانغا باقساق سەپ سەپ ھۆر ـ غىلمان.
خىياللار گۈزەل ئارزۇلار بۈيۈك،
قۇرۇق قول قالۇر ھەرچاغ ھەر ۋاقىت،
راھمان قىلمىسا قەلبىڭگە ئلھام.
ئەي پېقىر بەندە سەجدىگە يىقىل!
پۈتمەيدۇ يەنە ھەرمىڭ خىل يازساڭ ،
ئىنسان ئۇ باشقا ........
مۇككەممەل داستان .
گۇناھلار سەۋەپ بولمىغىن ۋەيران.
2015.2.27
كۆل ئوغلى
يۈرمەن جۇلدۇر كىپەن ،ھالىم خاراپ.
يوللىرىم ئەگرى تۇقاي ،بولماس قاراپ.
يوللىرىم ئىنىق ئەمەس،نىشان بىردۇر جىقمۇ ئەمەس.
مەن ئۆتەرمەن خىيال ئىچرە ،يۈرەك قاناپ.
كەتتى نى نى كارىۋانلار ھەريان تاراپ،
ئۆتەر كۈنلەر ،ئۆتەر ئايلار بارماق ساناپ.
مىھىرسىزلىك ئەجەپ ئۆتتى ئاجىز تەنگە،
مۇز يۈرەككە مەن يۈرەرمەن ئاتەش سوراپ.
ئۆتەر ياندىن كارۋان، كارۋان بۇلۇپ دوسلار،
ھىچ مەيلى يوق كىلەرلەرگە كۆڭۈل سوراپ.
مەنزىل بىردۇر ،ئەمما يوللار نا ئىنىق،
ھەممە سۆزلەر ئۆز يۇلىنى شوخ شوخ سايراپ.
بىرى دەيدۇ؛مىنىڭ توغرا يۇلۇم تۈپتۈز.
بىرى ئېيتۇر؛ماڭما ئۇندا باردۇر ئاپەت تۇرار پايلاپ.
كەل بۇيەرگە! گۈزەل مەنزىل زەپ يېقىندا،
ئىزىپ كەتسەڭ ھالىڭغا ۋاي بۇلۇسەن خاراپ.
تىڭرقاشتا تۇرۇپ قالدىم ھەيرانلىقتا ياقا چىشلەپ،
قايغا باراي بىلەلمەيمەن ،يوقتۇر جاۋاپ.
ھىچ بىلىنمەس ياخشى-يامان تۈپتۈز- ئويمان،
سۆزلەر گۈزەل ،ھەممە شۇنچە ئالي جاناپ.
پەرىق ئەتمەك ئەجەپ تەسكەن يارۇ ياغنى،
بىر رەببىمگە دۇئا قىلدىم ،يۇم يۇم يىغلاپ.
دىدىم نەپسىمگە شۇنداق ؛سەبىر قىل چىدا!
كىتەر بۇكۈن ،پارلار قۇياش بۇلۇتلار تاراپ.
كۈنلەر كىلەر بىركۈنلەردە، قالماس ئىختىلاپ،
بىز يۈرگەيمىز خۇشالىقتا كۈلۈپ يايراپ .
دۇئا قىل !ئۆزۈڭ بىرلە ئۈممەت تامام،
سۈرت يېشىڭنى! قىل زىكرىڭىنى !تۇرما قاراپ.
قالدى قۇرئان ،قالدى سۈننەت ،قالدى ئۈممەت،
چىڭ ئېسىلساڭ قۇچاق ئاچار ساڭا قاراپ.
ھەققەت ئىگلۇر ،سۇنماس ئەزەلدىن،
ھەقىقەت تۇرسا بىركۈن، زۇلمەت كىتەر تاراپ.
2015.2.15
كۆل ئوغلى
ئاھلار چىكەرمەن
غەملەر دەسمايەمدۇر مىنىڭ.
كۆزۈم كۈلسە يۈرەك كۈلمەس ،
غەم ۋە ھەسرەت مىسلى كۈلبەمدۇر مىنىڭ.
دۇنيا شاتلىقتىن مەسىت بولسا ،
دىلىم قانغا پاتقاندۇر مىنىڭ .
ئىشىق دەردىدە سەرسانە بولدۇم ،
ھەق يۇلىدا جىسمىم ۋەيرانىدۇر مىنىڭ .
پەرۋانە كەبى ئۇرارمەن ئوتقا ئۆزەمنى،
بۇ دۇنيا مەن ئۈچۈن ئۆلگەندۇر بۈگۈن .
2015.3.22
كۆل ئوغلى
بىلەن
چايقالغاندا دېڭىزلاردا ھەسرەت بىلەن .
ئۈمۈد شامىنى ياندۇرغاندا غەملەربىلەن.
كىتەرلەر بۇ كۆڭۈل ئەگىشىپ ھەريان،
ئەرزىم ئېيتىپ بارخانلارغا پەندىيات بىلەن.
پاراخۇتنىڭ گۈدۈكلىرى سىقسا يۈرەكنى ،
ھىم !چايكىلار ئاۋازلىرى پەريات بىلەن.
چىقسا قۇياش گۈلدەك كۈلۈپ مىھىر بىرىپ،
سالام يوللاي غېرىبلارغا قەلبىم بىلەن.
مەن بىر ئاشق ،مىسلى دىۋانە مەس -ئەلەس،
ئوتقا تاشلا بۇ جىسممىنى كىپەن بىلەن.
سەرسانلىقىم خارلىقىمغا دەلىل ئەمەس ،
جاۋابىم بار سۆيمەكلىككە روھىم بىلەن.
بۇ يۈرەك ھەم سۇقار ھەق دەپ دائىما،
لازىم ئەمەس ھىچبىر نەرسە ئۇ يوق بىلەن.
يا ھەسرىتا بۇ قانداق بەندە ئۆزى!!
دىمە دوستۇم ياشاپ قالاي جەندەم بىلەن .
2015،7،5
كۆل ئوغلى
نامازدا
ئەگىدىم بېشىمنى،
قويدۇم قۇلۇمنى كۆكسۈمگە .
تىرەيدۇ تەن گۇناھ دەستىدىن ،
يورغىلار تىلىم رەببىم زىكرىدە .
ئىگىلدى بەل قىلماققا تەزىم ،
باشىم ھەم ئىگىپ ئۆزىنى،
كۆزلىرىم بىرلە تىكىلگەن پەسكە،
قوللۇق قىلىپ تورغان شەكلىدە .
باشىم كۆتۈرۈپ ھەمدىلەر بىلەن،
تىزلاندىم بىرلە تەگبىرىدە.
قويدۇم يۈزۈمنى يېقىپ سەجدىگە .
تىلىم يۆلدۇر دىلىم شام كەبى،
ئىيتقان تەسبھ دۇئالىرىدە .
سەجدە قىلىپ كۆڭۈل پارە- پار،
قوللۇق ئەيلەپ يىگانە راھمانغا.
ياشلار بىرلە ئاھلار زارۇ -زار،
رەبىم رەھمىتى بولمىغاچ مۇھال.
ناماز رەھمىتى رەبنىڭ ،
تەسكىن تاپقاي ھەر كۆڭۈل ئۇندا،
ھەم كىتەر قايغۇ ۋە خىيال .
2015.4.26 قاھىرە
كۆل ئوغلى
غەزەل
چۆل - باياۋان سەيرى ئەتتىم ،يۈرەكتىكى غەمنى بېسىپ.
ھەسرەتلەردىن گۈللەر تەردىم ،غەم -قايغۇدىن باغلار ئىتىپ.
دىل ئاھلىرى ياشلار يۈتتى، شەربەت تۇتۇپ بىراۋلارغا،
كۈلۈپ يۈردۈم ئىچ ئىچىمدىن يۈرسەممۇ ھەم ئوتتەك يېنىپ.
تۈن كىچىدە يۇلتۇزسىزلا چىقتىم يولغا ۋىسال ئىزلەپ،
ھەر نۇر كۆرسەم ئاتتىم ئۆزۈم، ئاھۇ -پەريات غەليان ئىتىپ.
داۋانىدا يوللىرىمنىڭ تالدى پۇتلار ،قوللار زىدە،
كەۋسەرسۇندۇم ،كەلسە «يارىم »ئاتماق ئۈچۈن تاشلار تىرىپ.
مۇھابەتكە تەشنا تۇرۇپ مىھىر بەردىم چايانلارغا ،
ئەمما كۈلدى مەسخىرۋازلار سۆزگە سېلىپ قۇشاق قېتىپ.
يوللىرىمدا مەردانىمەن ۋىسال ئۈچۈن پەرۋانىمەن .
بۇ سۆيگۈمدە يانسام مەيلى دىل باغرىمنى پارە ئىتىپ.
قاھىرە 2015.9.27
كۆل ئوغلى
|