بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-1 14:14
ياخشى ئىشكەنغۇ، چەتكە چىقىپ تەرەققى قىلمايمۇ بولمايدۇ مۇشۇ كۈنلەردە بازاردا سودا بولمىغاندىكىن. بىر يېرى مۇشۇنداق بولسا ھۈنەر-كەسىپ ئۈگىنىدىغانلار كۈپىيىدۇ...
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 1-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:
2-ئايدا، جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپى سېتىۋېلىش دېرىكتورلىرى كۆرسەتكۈچى (PMI) مۆلچەردىكىگە يەتمىگەن بولۇپ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۇدا 7 ئاي كاسات ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
2-ئايدىكى ئورگان ياسىمىچىلىق كەسپى PMI كۆرسەتكۈچى 49 بولۇپ، ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ مۆلچەرىدىكى 49.4دىن تۆۋەن بولدى. 1-ئايدىكى ياسىمىچىلىق كەسپى PMI كۆرسەتكۈچى 49.4 بولدى.
بۇ سان جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئۆتكەن 7-ئايدا ئىزچىل تارىيىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ سان 2011-يىلى 11-ئايدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ئەينى چاغدىمۇ كۆرسەتكۈچ 49 ئىدى.
بۇلتۇر جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %6.9 بولۇپ، 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە بولدى.
2-ئاينىڭ 29-كۈنى، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىشنى قارار قىلىپ، سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ ئاسان ھالدا ئەرزان كرېدىتقا ئېرىشىشىگە قولايلىق ياراتتى. باشقا خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ھۆكۈمەت سىياسەت چىقىرىپ ئىشلەپچىقىرىش ئېشىنچىلىقىنى يوقاتماقچى بولغاچقا، 2 مىليونغا يېقىن كۆمۈر ۋە پولات-تۆمۈر ئىشچىسى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىكەن، بۇنىڭدا كۆپ قىسىم ئادەم دۆلەت كارخانىسىدىكى ئىشچىلار بولۇشى مۇمكىن.
2-ئايدا، سەيشىن جۇڭگو ياسىمىچىلىق PMI كۆرسەتكۈچى 48 بولۇپ، مۆلچەردىكى 48.4 دىن تۆۋەن بولغان، 1-ئايدىكى كۆرسەتكۈچ قىممىتى 48.4 بولغان. |