قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1450|ئىنكاس: 8

سىستېما يېڭىلىغاندا كونا سىستېمىنى يۇيۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-29 21:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى يېڭىلاپ بولۇپ بۇرۇنقى سىستېمىنى يۇيۇۋېتىشكە توغرا كەلگەندە بىلمەيدىغان تورداشلارغا پايدىسى تېگىپ قالار دەپ بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. بىلگەننى يوللاڭ، بىلمەيدىغانلار بىلىۋالسۇن (ئىنتىل سەيناسىنىڭ شوئارى) دەپتىكەن، بىلىدىغانلار كەم قالغان جايلىرى ياكى باشقا ئۇسۇللار بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.
ئادەتتە كومپيۇتېرىمىزنىڭ سىستېمىسىنى (بۇ تېمىدا windows سىستېمىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) يۇقىرىلاتقاندا (windows xp, windows 7, windows8, windows10 قاتارلىقلارنى تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا) بەزىلىرىمىز سىستېما قاچىلانغان دىسكىنى تولۇق فورماتلاپ قاچىلايمىز، يەنە بەزىلىرىمىز تورغا ئۇلانغان ھالەتتە بىۋاسىتە يېڭىلايمىز ياكى قاچىلىغاندا باشقىچە ئۆزگەرتمەي قاچىلاۋېرىمىز. مۇشۇنداق ۋاقىتتا سىستېما قاچىلىنىشتىن ئىلگىرى سىز بۇرۇن ئىشلەتكەن سىستېمىنى قاچىلانغان دىسكىغا بىر قىسقۇچقا ئاپتوماتىك زاپاسلاپ قويىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. يېڭى سىستېمىنى قاچىلاپ بولۇپ قارىسىڭىز سىز بۇرۇنقى سىستېمىڭىز قاچىلانغان دىسكىدا windows. old دەپ بىر قىسقۇچنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇ دەل سىز سىستېمىڭىزنى يېڭىلاشتىن ئىلگىرى ئىشلەتكەن سىستېمىڭىزنىڭ زاپاس نۇسخىسى شۇ. (ئىشلەتكىنىڭىز ghost سىستېما، يېڭىلىغىنىڭىزمۇ ghost سىستېما بولسا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ).

سىزنىڭ بۇرۇنقى سىستېمىڭىزغا ھاجىتىڭىز چۈشمىسە يۇيۇۋەتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا قۇرۇق سىغىم ئىگىلەپ تۇرىدۇ شۇ. windows.old دېگەن بۇ قىسقۇچنى تېپىپ بەزىدە ئادەتتە بىز ھۆججەت يۇيۇۋەتكەندەك Shift + delete كۇنۇپكىسى بىلەنلا يۇيۇۋەتكىلى بولىدۇ. تۆۋەن نەشرىدىن يۇقىرى نەشرىگە يېڭىلىغاندا windows.old دېگەن قىسقۇچنى كۆپىنچە ئەھۋالدا مۇشۇنداق يۇيۇۋەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن windows10 بۇرۇنقى نەشرىدىن يېڭى نەشرىگە يېڭىلىغاندا بۇنداق يۇيالمايدىكەنسىز. مەن مۇشۇنداق ئادەتتىكى ئىككى كۇنۇپكىدا يۇيۇۋەتكىلى بولمايدىغان windows.old دېگەن قىسقۇچنى يۇيۇۋېتىشنى سۆزلىمەكچى.
ئاۋۋال سىستېما قاچىلانغان دىسكىنىڭ ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز (كۆپىنچىڭلار c دىسكىغا قاچىلايسىلەرغۇ)، چىققان تىزىملىكتىن ئەڭ ئاستىدىكى خاسلىقلار(属性) نى چېكىمىز.

ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن دىسكا تازىلاش (磁盘清理) نى باسىمىز.

بىردەم تەكشۈرگەندىن كېيىن بىر كۆزنەك چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن سىستېما ھۆججەتلىرىنى تازىلاش (清理系统文件) نى باسىمىز.

بۇنىڭغا ئالدىنقى تەكشۈرۈشتىن سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

ئاندىن يەنە بىر كۆزنەك چىقىدۇ. بۇ يەردە كۆرۈنگىنى ئادەتتە سىستېمىنىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى ۋە ساقلانمىلىرى قاتارلىقلار. بۇ يەردىن بۇرۇنقى windows قاچىلانمىسى (以前的Windows安装) نى تاللاپ، جەزملەشتۈرسەك بولىدۇ.

بىزدىن راستلا مەڭگۈلۈك ئۆچۈرەمسىز دەپ سورايدۇ، ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (删除文件) نى باسساق بولىدۇ.

ئاندىن يەنە بىر بۇ ھۆججەتنى يۇيۇۋەتسىڭىز بۇرۇنقى سىستېمىغا قايتالمايسىز، جەزملەشتۈرەمسىز دەپ ئەسكەرتىش كۆزنىكى چىقىدۇ. بۇ يەردىن جەزملەشتۈرۈۋەتسەك بۇرۇنقى سىستېما ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن مەشغۇلات تامام.
ئەسكەرتىش: تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ مەشغۇلات قىلىڭ. چالا ئوقۇپلا ياكى ئوقۇمايلا مەشغۇلات قىلىپ يولۇققان مەسىلىگە مەزكۇر تور بەت ۋە مەن ئىگە ئەمەس.
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.


uyghuray

21

تېما

44

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   26.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 2007
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 6186
توردىكى ۋاقتى: 2535
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 14:16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى تىما بۇپتۇ، مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرسا بارا-بارا كومپىوتىر سەۋىيمىزمۇ ئىشىپ قالىدۇ...

0

تېما

0

دوست

1964

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20840
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 18:04:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئۇلۇشكىنى كومپىيوتىرىمغا سىستىما  قاچىلاپ  بوپ قارىسام 25 جىلىق س پەن توشۇپ كىتىپتۇ  ئالدىنقى  سىزتىمىنى قانداق يۇيۇشنى بىلەلمەي  ئاخىرى  سىستىمىنى باشقا قاچىلىغانتىم.
ھەقىقەتەن پايدىلىق تىما بوپتۇ رەھمەت سىزگە.
يەنە بىر  ئىش  مىنىڭ كومپىيوتۇرۇمنىڭ  تورى بەك تولا  ئۇزۇلىپ كىتىدىغان   بوپقالدى بۇ كومپىيوتۇرنىڭ  ئىشىمۇ ياكى  جۇڭدەننىڭ ئىشىمۇ؟

12

تېما

2

دوست

5287

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1622
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 18:09:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى تىما بوپتۇ  مۇشۇنداق قولىنىشچانلىقى بار تىمىنى يولىغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت . يەنە تەخنىكىڭىز بولسا چىقىراسىز.
سىزدىن سورايدىغىنىم ھازىر چىقىۋاتقان بىرقىسىم يۇمشاق دىتاللارنىڭ 30كۈن ئىشلىتىش مۇددىتى باركەن،مەسىلەن:CoreVideoStudioX8دىگەندەك، مۇددەت توشقاندىن كىيىن ئىشلىگىلى ئۇنمايدىكەن ، بۇنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان كونا مەشخۇلات سىستىمىنى C دىسكىدىن تولۇق ئۈچۈرۈپ يانا شۇ سىستىمنىى قاچىلاپ ئاندىن ئاشۇ يۇمشاق دىتالنى قايتا قاچىلىغىلى سالىدىكەن ، بۇ بەك ئاۋارچىلىق ئىش. بىرسى ئۇنداق قىلمايلا  سىستىما سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا خاتىرلەنگەن 30كۈن ئىشلىتىش مۇدىتىنى ئۈچۈرۋىتىپلا ھىلىقى يۇمشاق دىتالىنى قايتا قاچىلاپ ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ دىدى ، ئۇنداقتا سىز بۇ ئۇسۇلنى بىلەمسىز؟ بىلسىڭىز يوللاپ قويسىڭىز ھەممەيلەن پايدىلانساق.
uyghuray

0

تېما

2

دوست

2992

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35399
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 906
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 19:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىستىمىنى كۆتۈرگەندە ئاكتىپلاشنى كۆزدە تۇتۇپ كونا سىستىمىنىڭ تۆپىگىلا دەسسەتكەنتىم، cدىسكىنىڭ سىغىمى كىچىك كىلىپ قىلىپ ئامال قىلالماي بەيدۇدىن سۇرۇشتۇرۇپ كونا سىستىمىنى سىز كۆرسەتكەن ئۇسۇلدا يۇيىۋەتكەن، بۇ تىمىنى يوللاپ ياخشى قىپسىز ، بىلمىگەنلەرگە ياخشى بىر دەرىس

10

تېما

1

دوست

1707

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   70.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11334
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-1 22:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرنى سىتۋىلىپ قاچلاتقان ئەپسۇس مىنىڭ قاتتىق دىسكام بۇزۇلدى مەن يېڭدىن قاتتىق دىسكا سېتۋالدىم مەندە 25 خانلىق مەخپى نۇمۇر بار مەن قاچلاشنى بۇلمەيمەن. ھەقلىق قاچلاپ بىردىغانلارنى ئىزدەيمەن  مەن قەشقەردىن   چ چ 1302789998

15

تېما

10

دوست

4984

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   99.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27113
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 1112
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 00:31:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Weliyop يوللىغان ۋاقتى  2016-3-1 18:09
بۇ بىر ياخشى تىما بوپتۇ  مۇشۇنداق قولىنىشچانلىقى بار ت ...

بۇ دېتالنى ئاكتىپلاش قۇراللىرى خېلى كەڭرىغۇ جۇڭگوچىلىقتا

12

تېما

2

دوست

5287

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 1622
توردىكى ۋاقتى: 352
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-2 13:24:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
MSM يوللىغان ۋاقتى  2016-3-2 00:31
بۇ دېتالنى ئاكتىپلاش قۇراللىرى خېلى كەڭرىغۇ جۇڭگوچىل ...

رەخمەت سىزگە ، بۇدىتالنى ئاكىتىپلاش قۇرالىدىن بىرەنى دەپ بىرىشكە يارىدىمىڭىزنى ئايىمىغان بولسىڭىز؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )