«ئۇيغۇر تىبابىتى»ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ھەققىدە باشقىچە پىكىر
ئىسكەندەر جېلىل
قومۇل تارانچى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدىن
ھەممىمىزگەمەلۇم، نۆۋەتتە «ئۇيغۇر تىبابىتى» ئىبارىسىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى 维吾尔医 دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. قارىماققا، بۇ سۆز شۇنداق توغرا ۋە ياخشى تەرجىمە قىلىنغاندەك كۆرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تارىخنى ئازراقلا چۇخچىلايدىغان بولساق، بۇ سۆزنىڭ خاتا تەرجىمە قىلىنىپ قېلىپلاشقانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى 维吾尔سۆزى 1934-يىلى دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلارغا خەنزۇچە نام قىلىپ قويۇلغان بولۇپ،ئۇنىڭدىن بۇرۇن خەنزۇچە يازمىلاردا، 缠头،缠回، 畏兀儿، 回鹘،回纥قاتارلىق ناملار بىلەن ئىپادىلىنىپ كەلگەن ئىدى. شۇنداق بولغاندا، 维吾尔医 دېگەن ئىبارە باشقىلارغا «ئۇيغۇر تىبابىتى» 1934-يىلىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەندەك، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تىبابىتى يوقتەك، تېخى يېقىندىلائۇ يەر- بۇ يەردىن بەزى يەرلىك داۋالاشلارنى جەملەپلا، يېڭىچە تىبابەتنى ھاسىلقىلۋالغاندەك تەسىر بېرىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تارىخىي ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى، مىزاجتەلىماتى، ئەزا تەلىماتى، قۇۋۋەت تەلىماتى، روھ تەلىماتى ۋە ئەفئال تەلىماتى قاتارلىق يەتتە چوڭ تەلىماتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزكۇر تىبابەت تەبئەتتىكى ئوت،ھاۋا، سۇ ۋە تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت تادۇنى ئاساس قىلىدۇ، ھەمدە شۇ تۆت تادۇئارقىلىق سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق)، قان (ھۆل ئىسسىق)، بەلغەم (ھۆل سوغۇق) ۋە سەۋدا(قۇرۇق سوغۇق)دىن ئىبارەت تۆت مىزاجنى شەرھىيلەيدۇ. بۇ نەزىرىيەلەر قەدىمكى زاماندا باشقا مىللەتلەرنىڭ مىللىي تېبابەتلىرىگىمۇ زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن ئىدى.
قەدىمكى زاماندا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ خىل تېببىي كۆز- قاراشلىرى دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىگە تارقالغان. قەدىمكى گرېك ئالىمى ھىپپۇكرات ياش ۋاقتىدا قىرىميېرىم ئارىلىدا ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەردىن بولغان سىكتاي (سىكف) لاردىن تۆت چوڭ ماددا نەزىرىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، كېيىن يۇنانغا قايتىپ، ئۆزىنىڭ «ھاۋا، سۇ،تۇپراق» دېگەن ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ، يۇنان تېبابىتىگە ئاساس تىكلىگەن. رىم ئىمپېرىيىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 27-يىلى قۇرۇلغان) دەۋرىدە، نۇرغۇن يۇنانلىق ئالىملار رىمغا كېلىپ، لاتىن تېبابىتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشقان. لاتىن تېبابىتى بولسا ھازىرقى غەرب تېبابىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ھازىرغىچە نۇرغۇن دورىلارنىڭ ئىسىملىرى لاتىن تىلى بىلەن يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
شۇنداق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن ئەللەرنىڭ تېبابىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن شانلىق بىرتېبابەتنى «1934-يىلدىن كېيىن پەيدا بولغان»دەك كۆرسىتىش ھەقىقەتەن ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. شۇڭا، «ئۇيغۇرتېبابىتى» ئاتالغۇسىنىڭ خەنزۇچىسىنى چوقۇم قەدىمكى نام بىلەن قوشۇپ ئاتاش كېرەك.
تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، قەدىمكى ئۇيغۇرلار خەنزۇچە 回纥 دەپ يېزىلاتتى، 788-يىلى ئۇيغۇر قاغانى تۇنباغا تاڭ سۇلالىسى خانى تاڭ دېزۇڭغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، 回纥نى «لاچىندە پەرۋاز قىلىدىغان» دېگەن مەنىدىكى 回鹘غا ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن «ئۇيغۇر» نامى 回鹘 دەپ يېزىلىدىغان بولدى.
دېمەك،«ئۇيغۇر» ئىپادە قىلىدىغان 回鹘نى ئۇيغۇرقاغانى ئۆزى تەلەپ قىلىپ قويدۇرغان خەنزۇچە ئىسىمدۇر، شۇڭا مۇشۇ ئۆزلۈكنى ۋەقەدىمىيلىكنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرۇپ، «ئۇيغۇر تېبابىتى» دېگەن ئاتالغۇنى خەنزۇچە 回鹘医 دەپ ئاتاش زۆرۈردۇر. شۇنداق بولغاندا، «يېقىندا پەيدا بولۇپ قالغان تېبابەت» دېگەندەك خاتا تەسىرنى تۈگىتىپلا قالماي، تېبابىتىمىزنىڭ قەدىمىيلىكىنى ۋە ئۆزلىكىنى نامايەت قىلغىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ 回鹘医 سۆزى 维吾尔医گە قارىغاندا بىر خەتقىسقا. لېكىن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا قەدىمكى تېبابەت يەنىلا قەدىمچە بولغىنى ئەۋزەل.
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
«ئۇيغۇرلاغا خەنزۇچە维吾尔 دىگەن ئۈچ خەتلىك نام بېرىش يىغىنى»، ئەبەيدۇللا ئىسلام، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى 2011-يىلى1-سان64-بەت
«ئۇيغۇر تېبابىتى ئاساسىي نەزىرىيەلىرى ئىلمى»،خالمۇرات غوپۇر، ئابدۇرېھم يۈسۈپلەر تۈزىگەن، شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى2011-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
«قەدىمكى ئۇيغۇرلار تارىخى»، ئاپتورى: لىن گەن،گاۋزىخۇ، تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت نۇردۇن، ئەزىز يۈسۈپ قاتارلىقلار، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
«قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا»، ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
|