قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 8911|ئىنكاس: 25
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەمەتنىڭ دوپپىسى ۋە مەمەتنىڭ بېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

112

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58610
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-13
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-13 12:46:06 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ئەمەتنىڭ دوپپىسى ۋەمەمەتنىڭ بېشى


مۇھەممەتئەلى توختى لاۋائى



  

    «بىز بىر ئەۋلاد كېشىلەرھامان ئۆكۈنىمىز، بۇ پەقەت ئەسكىلەرنىڭ سۆز – ھەركىتىدىن بولماي، بەلكى ياخشىلارنىڭ قورقۇنچلۇق ھالدا سۈكۈت قىلىشىدىن بولىدۇ.»【1】
                                                                             -مارتىن لوتىر كېن
     «بىلمەسلىكتىن ئەمەس، ساختا بىلەرمەنلەردىن ھەزەر قىلىڭ، دۇنيادىكى ھەممە كۈلپەتلەر شۇلاردىن كېلىدۇ.» 【2】
                                                                               -ل.تولىستوي
     
      يىقىندا مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، مەشھۇر موڭغۇل ئەدىپ بەي يەنسۇڭ ئەپەندىم بىر كىتاپ چىقارغان بولۇپ، «بەينىڭ ئىيتقانلىرى»(白说) تىمىسىدىكى بۇ كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىغا يېزىلغان « مەن مىكرو بىلوگ ئاچمىدىم، ئۈندىدارمۇ ئىشلەتمەيمەن، مەن پەقەت بۇ كىتاپتىكى بارلىق سۆزلەرنى ئۆزۈمنىڭ دېگەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن» دېگەن سۆز مېنىڭ ئالاھىدە دىقىتىمنى تارتتى. بەي يەنسۇڭ ئەپەندىم نىمىشقا بۇنداق دەيدۇ؟ مېنىڭچە بۇ ئۈندىدار، مىكىرو بىلوگ، مۇنبەر قاتارلىق يىڭى مىكىرو تارقىتىش ۋاستىللىرى كەڭ ئومۇملاشقان دەۋىردە، باشقىلارنىڭ ئۆز سۆزلىرى، ھەتتا ئەسەرلىرىنى «مەرتلىك بىلەن» بەي يەنسۇڭ ئەپەندىمگە ئوخشاش داڭلىق كېشىلەر نامىدا تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە شەخسىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تىخى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا مەشھۇر دېننى ئالىم مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم «ياخشىلار» سالۇنىدا «يېقىندىن بېرى ئۈندىدار تور دۇنياسىدا مېنىڭ نامىمدا تارقىلىپ يۈرگەن ‹ئوغۇزخان تۇغۇپ بەر ئانىجان›،  ‹گۆش يېسەڭ ئىتىڭغا ئاشمىدى سۆڭەك› قاتارلىق بىر قانچەشېئىرلار مېنىڭ ئىجادىيتىم ئەمەس، باشقىلار ئۆزى يازغان شېئىرلارنى ماڭا مەنسۇپ قىلىپ، مېنىڭ نامىمدا ئىلان قىلىپ يۈرۈپتۇ. بۇ شېئىرلارنى مەن يازغان ئەمەس، كېملەرنىڭ ئۆزى يازغان شېئىرلارنى مېنىڭ نامىمدا تارقاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن،بۇنداق ھۆرمەتسىزلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىككە مەن رازى ئەمەس...» 【3】 دەپ مەخسۇس باياناتنامە ئىلان قىلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگلىرىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن «مەشھۇر كېشىلەرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى» نى ئەقىل غەلۋىرىمىزدە تاسقايدىغان بولساق سوقىرات،  ئەپىلاتۇن،  مەھمۇت قەشقەرى، يۆسۈپ خاس ھاجىپ، فارابىي،  نەۋائىي، شىكىسبىر، كۇڭزى، ئىنىشتىيىن،  گىتلىر،  ئوۋباما،  بىلگەيتىس، مايۈنلەردىن تارتىپ مويەن، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،  ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، زۇردۇن سابىر،  ئابدقادىر جالالىدىن، ئەلى قۇربانلارغىچە نۇرغۇن مەشھۇرلىرىمىزنىڭ مەشھۇر بولالمىغانلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە «سوۋغاتلىقلىرى» دىن بەھرىمەن بولۇپ، ئۆزى ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ باقمىغان بالىغا دادا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايمىز. مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم باياناتنامە ئىلان قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل يامان غەرەزلىك سوۋغاتلىقلارنى ئوچۇق – ئاشكارە رەت قىلالىغىنى بىلەن، دۇنيادىن ۋاقىتسىز خوشلاشقان ئۇلۇغلىرىمىز، مەشھۇرلىرىمىز بۇنداق سوۋغاتلىقلارنى رەت قىلالمايدۇ.
     ھىلىمۇ ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان چاغلىرىمدا ئالىي مەكتەپ ئەدەبىيات ئىمتىھانىدا چقىدىغان مۇھاكىمە ماقالىسىنى ياخشى يېزىش ئۈچۈن بىزگە ھەر ھەپتىسى ئىككى پارچەماقالە يېزىش تاپشۇرقى بىرىلەتتى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزدىن ماقاللىرىمىزدە ماقالە تىمىسىغا ماس كەلگەن مەشھۇر كېشىلەرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن، مەنىسى چوڭقۇر كىچىك ھىكايە، روبائىيلاردىن، داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن نەقىل ئېلىشىنى تەلەپ قىلاتتى ھەمدە بۇنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئۇلۇغ قۇرۇق گەپلىىرىنى قىلغاندىن كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتى. ماقالىنىڭ تىمىسى ھەر خىل بولغاچقا بىزنىڭ مەشھۇر كېشىلەرنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىنى، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى، روبائىيلارنى كۆپلەپ توپلىشىمىزغا، كىتاپ ئوقۇشىمىزغا توغرا كېلەتتى. لىكىن ئىمتىھان ۋە تۈگىمەس ئويۇنلىرىمىز ۋەجىدىن كىتاپ ئوقۇيدىغانغا ۋاقىت چىقىرالمايتۇق. بولۇپمۇ ماقالىنى مەۋسۈملۈك ئىمتىھان، تەقلىدى ئىمتىھانلاردا نەقمەيداندا يىزىپ تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغاندا قانچە قىلساقمۇ ماقالە تىمىسىغا ماس كېلىدىغان خۇرۇچلارنى ئويلاپ تاپالمايتۇق. مېنىڭ ئەينى ۋاقىتلاردىكى قەلەم قۇۋىتىم ۋە ماقاللىرىمنىڭ سەۋىيسى تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا ياخشى ھىساپلىناتتى، ئاخىرى ئويلاپ يۈرۈپ زىخمۇ كۈيمەيدىغان، كاۋاپمۇ كۈيمەيدىغان ئامالدىن بىرنى تاپتىم، ماقالە تىمىسىغا ماس كېلىدىغان روبائىي، ئەقلىيە سۆز، مەشھۇرلار ھىمكەتلىرىنى  ئېسىمگە ئالالمىغان ۋاقتىمدا تىمىغا ماس كېلىدىغان ھىكمەتلىك سۆزلەرنى، روبائىيلارنى شىكىسبىر، ئىنىشتىيىن،  ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر.. . قاتارلىق مەشھۇر كېشىلەر نامىدا ئۆزۈملا توقۇپ يېزىپ، ماقالىنى تاماملايدىغان بولدۇم. كاللامدا ئۇ ئۇلۇغ كېشىلەرنىڭ يازمىللىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، بىرەر جۈملە سۆزنى شۇ كېشىنىڭ دېگەن دېمىگەنلىكى، بىرەر پارچە شىئىرنى شۇ كېشىنىڭ يازغان يازمىغىنىنى كىم بىلسۇن دەپ ئويلايتىم. دەسلەپتە بۇ ئۇسسۇلۇم ئالاھىدە ئۆنۈم بېرىپ، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ماختاش سۆزلىرىگەئېرىشتىم، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەۋەس ۋە ھەسەت ئارلاشقان قاراشلىرىدا ئەللەيلەندىم. لىكىن ياخشى كۈنلەر ئۆزۇنغا بارمىدى، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئالماشتى، يىڭىدىن ئالماشقان ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز كىتاپ – ماتىريالنى كۆپ كۆرگەن تەلەپچان ئۇستاز، ئىلغار پىكىرلىك زىيالى ئىدى. ئۇ يېزىشنى تاپشۇرغان بىر پارچە ماقالىگە كونا ئۇسسۇلۇم بويىچە ئۆزۈم توقىغان بىر كوپىلىت روبائىينى رۇزى سايىت ئاكىمىز نامىدا قىستۇرما قىلدىم. يەنەبىر ھەپتىلىك دەرىستە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ماقالە تاپشۇرقى توغرۇلۇق نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنى تىل قامچىسىدا قامچىلىدى، ئەڭ ئىغىر قامچىلانغان كېشى مەن ئىدىم. باھا بېرىش نۆۋىتى مېنىڭ ماقالەمگە كەلگەندە ئوقۇتقۇچىمىز مەندىن ھىلىقى روبائىينى رۇزى سايىتنىڭ قايسى كىتابىدىن ئالغانلىقىمنى سورىدى،  مەن «قايسى بىر ژۇرنالدىن كۆرگەن، لىكىن قايسى ژورنالدا كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە قالماپتۇ» دەپ تۇرىۋالدىم. ئوقۇتقۇچۇم رۇزى سايىت ئەپەندىنىڭ ئىلان قىلىنغانكى بارلىق شىئىر، روبائىيلىرىنى ئۆزىنىڭ توپلاپ ماڭغانلىقىنى،  مەن ماقالەمدە نەقىل ئالغان روبائىينىڭ رۇزى سايىت قەلىمىگە تەۋە ئىكەنلىكىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىيتتى ھەمدە مەندىن سەمىمىي بولۇشنى تەلەپ قىلدى. ئامالسىزلىقتىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇنىڭغا ئىيتتىم، شۇ بىر سائەتلىك دەرىسىنىڭ ئاخىرى مېنىڭ ئىغىر خاتالىقىمنى تەھلىك قىلىش بىلەن تامام بولدى. ئۇنىڭ نىمىلەرنى دېگەنلىكى ئېنىق ئىسىمدە يوق، لىكىن ئۇ ئىيتقان «سېلەر ھىچقايسىڭلارنىڭ ئەمەتنىڭ دوپپىسىنى مەمەتنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈپ قويۇش ھەققىڭلار يوق..» دېگەن سۆز قۇلاق تۈۋىمدە ھازىرغىچە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. شۇ قىتىمقى خىجىلچىلىق مېنى يىرىم ئۆلتۈردى دېسەم ئارتۇقچىلىق قىلماس، لىكىن ئاشۇ تەلەپچان ئۇستازىمىدىن مىننەتدار بولدىغان يېرىم تا ھازىرغىچە ئوخشاش خاتالىقنى ئىككىنچى سادىر قىلىپ باقمىدىم.
      مەنغۇ بىر قىتىملىق قاتتىق ئىزادىن كىيىن تەجىربە ساۋاقنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزۈمنىڭ دوپپىسىنى مەمەتلەرنىڭ بېشىغا كىيدۈرمەيدىغان، ئەمەتلەرنىڭ بېشىدىكى مېنىڭكىدىن چىرايلىق يىپەك دوپپىلىرىغا، ئالتۇن، كۈمۈش قاداتقان رەڭدار گۈللۈك دوپپلىرىغا، ھەتتاكى خان تاجلىرىغا ھەسەت ئارلاش قارىمايدىغان، ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كىيىۋالمايدىغان،  ئۇلارنىڭ بېشىدىن ئامال قىلىپ چۈشۈرۋىتىپ،  ئۆزۈم كىيەلمىسەممۇ دوپپىلارنى ئىگىسىز قويۇشقا ئۇرۇنمايدىغان بولدۇم، لىكىن مېنىڭ كۈزىتىشىمچە جەمئىيتىمىزدە بۇ خىل ناچار سۈپەتلىك ئۆسمە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار يىقىندىن بۇيان ئاۋۇپ قالدى. بۇ خىل باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمايدىغان، ھۆرمەت ساھىپلىرىنىڭ نام – شەرىپىنى ئۆز مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن خالىغانچە سۈيىئىستىمال قىلىدىغان قىلمىشلار ۋاقتىدا تۈزۈلىتىلمەيدىكەن، بۇ خىل ناچار ئىللەت ئومۇمىي ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ، مەدىنىيتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشىغا پەۋقۇلادە زور زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقارقىغا ئوخشاش ئەمەتنىڭ دوپپىسى بىلەن مەمەتنىڭ بېشى ئوتتۇرىسىدا خاتا، نامۇۋاپىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ قويدىغان ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئىككى تۈر توغرىسىدا نۇرغۇن مۇئەللىپلەر توختىلىپ ئۆتكەن بولغاچقا تەپسىلى توختىلىلمايدۇ، ئاساسلىقى ئۈچۈنچى تۈر تەھلىلقىلىنىدۇ.
      بىرىنچى، جەمئىيتىمىزدەدوپپىسى يوق بىر قىسىم مەمەتلەر ئەمەتلەرنىڭ چىرايلىق دوپپىسىنى بېشىغا كىيىپ، ئوغۇرلىغان دۇمباقنى نۇمۇس قىلماي جاراڭلىق چىلىپ يۈرمەكتە.  بۇ دېگىنىمىز بىرقىسىم ساختا شۆھرەت مەستانىللىرى باشقىلارنىڭ ئەجىرىدىن پۈتكەن ئىجادىيەتلەرنى ئۆزنامىدا تارقىتىپ،  يالغانچىلىق ئېلىپ كەلگەن ھۆرمەت تۇيغۇسىدىن مەست بولۇپ يۈرگەن ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىجادكارلارنى قىيناپ،  ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى بوغۇپ تۇرىۋاتقان ئاساسلىق چۈشەكتۇر. بۇنىڭدا ئىككى تۈرلۈك ئەھۋال بار؛ بىرى بىرقىسىم كېشىلەر باشقىلار ياراتقان،  كۆڭلىگە ئەرزىگەن ئىجادىيەتلەرنى كۆرگەندە ئۇنى ھىيىقماستىن ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدۇ، ھەتتا گىزىت ـ ژورنال، تور بەتلەر ۋە باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدە ئۆز نامىدا ئىلان قىلدۇرىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيتىمىزدە خىلىلا ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ خىل ئىللەتنىڭ مەدەنىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقى ناھايىتى زور بولىدۇ. يەنە  بىرى بىر قىسىم كېشىلەرئۆز كۆڭلىگە ئەرزىگەن ئىجادىيەتلەرگە ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆز خاھىشى بويىچەئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، باشقىلارنىڭ بالىسىنى ئوغۇرلاپ بىقىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىجادكارنىڭ ئىجادىيەت مىۋىسىنى ئوغۇرلاپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سىپىپلا قالماي، ئەسەرنىڭ بەدئىيلىك ۋە ئىددىيۋى مەزمۇنىنىڭ خالىغانچە ئاياغ –ئاستى قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا ئىجادكارغا ئېلىپ كەلگەن مەنىۋى ئازابى بىرىنچى تۈرلۈك ئوغۇرلۇقتىنمۇ ئىغىر بولىدۇ.
      ئۈندىدار، مىكرو بىلوگقا ئوخشاش يىڭى تىپتىكى تارقىتىش ۋاستىللىرى ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە ئاپتۇرلار، ئىجادكارلارنىڭ ئۆز ئىجادىغا ئىگە بولىشى تىخمۇ قىيىنقا توختىماقتا. بۇ خىل يىڭىتىپتىكى تارقىتىش ۋاستىللىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ئىجادىيەتلىرىنى گىزىت – ژورنالغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىللىرىدە ئىلان قىلدۇرۇشنى ۋاقىت ۋە زىھنى كۈچ ئىسىراپچىلىقى ھىساپلايدىغان ئاپتۇرلارنى ئۆز ئىجادىيەتلىرىنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تور جامائەتچىلىكى بىلەن ئۇچىراشتۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلدى. تور دۇنياسىداتارقالغان ئېسىل ئەسەرلەر تور ئوقۇرمەنلىرىنى ئېسىل ئەسەرلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتىنى بېيىتىشتا بەلگىلىك ئىجابى روللارنى ئوينىدى.  لىكىن بۇنىڭ سەلبى تەسىرى ئەسەر ئوغرىللىرىنىڭ ئەسەر ئوغۇرلىشى تىخىمۇ قولايلاشتى، ھەقىقى ئوغرىنى تىپىش، ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش تىخىمۇ قىيىنقا توختايدىغان بولدى.
      ئەدەبى ئىجادىيەت ئىنتايىن جاپالىق جەريان، ئۇيغۇر ئەدىپ، زىيالىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ سەۋەبتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىرىنى سېلىشتۇرساق كۆز ئالدىمىزدا تىراگىدىيەلىك مەنزىرە نامايەن بولىدۇ. ھەركۈنى ئېلىمنىڭ زاكىتىنى بىرىپ كېلىۋاتقان ھەقىقى زىيالى، پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ توغرىسىدا« زوردۇن سابىر 15يىل يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ، ‹ئانا يۇرت› نى يېزىپ چىقىپ، ھىچنىمىگە ئېرىشەلمەي ئۆلۈپ كەتتى. يازغۇچى بىلەن خوشى يوق خىنىملارمۇ كىتابخانىدا ئۇنىڭ كىتابىنى ساتىدۇ.ئەدىپلەر نەشىريات بوسۇغىسىدا دۈگدەرەپ يۈرگەن يىزىق مەدىكارلىرى، ئۇلار ئۆز ئەمگىكىنىڭ باھاسىنى يېزىق سودىگەرلىرىدىن ئەيمىنىپ سورىشىدۇ. يىزىقچىلىق بىر پىلسىرات كۆۋرۈكى، ئۇ قەيەرگە ئېلىپ بارىدۇ؟ يىقىلىپ چۈشسەڭ جەھەننەمگە، يىقىلمىساڭ قىيامەتكە ئېلىپ بارىدۇ » دېگەن. بىز ئەسلىدە ئۆز ئەمگىكىگە يارىشا ئىقتىساتى تەمىنات، ئىجتىمائىي مەرتىۋىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان، تۇرمۇشتىكى مۇھتاجلىق ۋە ھاياتتىكى بوران - چاپقۇنلاردا قىزغىنلىقىنى يوقاتماي بىزگە توغرا يولنى، ھەقىقەتنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئىجادكارلارنى تىخىمۇ ھۆرمەتلىسەك، ئۇلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى تىخىمۇ قەدىرلىسەك توغرا بولاتتى، لىكىن ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا.
      ئىككىنچى، دوپپىسى يوق بىرقىسىم مەمەتلەر ئەمەتلەرنىڭ بېشىدىكى دوپپىنى ئوغۇرلاپ، ئۆزى كىيەلمىسىمۇ دەرياغا تاشلىۋىتىش خاھىشىنى يۇقتۇرىۋالدى.  بۇ دېگىنىمىز بىر قىسىم كېشىلەر باشقىلارنىڭ نامىدىكى ئىجادىيەتلەرنى كۆرگەندىن كىيىن مىكىرو بىلوگ، ئۇندىدارلاردا ئىگىسىز تارقىتىپ يۈرگەن ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بىزدە سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى،  دەرەخ سايىسىدە ياتقاندا كۆچەت تىككۈچىنى ئۇنۇتما دەيدىغان گەپ بار، لىكىن بۇ گەپكە ئەمەل قىلىش ئادىتى تىخى تولۇق يىتىلگىنى يوق. ئىگىسىز ئىجادىيەتنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ، ئەمما ئىگىسىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئىجادىيەت سەمەرىللىرى بىزگە دائىم دىگۈدەك ئۇچىراپ تۇرماقتا. بۇنىڭ تىپىك مىسالى بىز تىكىستى خەلىقنىڭ، موزىكىسى خەلىقنىڭ نامىدىكى ناخشىلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇق، ئۆزىمىزنىڭ قەشقەر ، ئىلى ، تۇرپان ، كۇچا، خوتەن، قۇمۇل خەلق ناخشىللىرىمىزدىن پەخىرلىنىپ كەلدۇق، ئۇنداقتا خانلەيلۇن، مىراجىخان، ئاي خىنىم سۈزۈك چىراي،  لەيلىگۈل قاتارلىق ئاڭلاپ قانمايدىغان ناخشىللىرىمىزنىڭ تىكىستىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىرلىشىپ يازغانمۇ؟ بۇ ناخشىلارنىڭ ئېسىل ئاھاڭلىرىنى كەڭ خەلق ئاممىسى بىرلىشىپ ئىشلىگەنمۇ؟ بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاپ ئەلۋەتتە ئىنكار جاۋاپتۇر. بۇ تىكىستلەرنى، ئاھاڭلارنى چوقۇمكى مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە يەككە ئىجادىيەتچى يارىتىدۇ، بىزدىكى ئۇنتۇغاقلىق كېسىلى گۈزەل تىكىست، مۇڭلۇق ئاھاڭلارنى ئۇنتۇلدۇرمىغىنى بىلەن ئۇلارنى مىڭبىر جاپادا ئىجاد قىلغۇچىلارنى ئۇنتۇلدۇرغان خالاس.  بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ مەدەنىيلەشكەن دەۋرىمىزدە بۇ كېسىلىمىز شېپا تاپسا توغرا بولاتتى، لىكىن ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى بۇ كېسەل تىخىمۇ ئىغىرلاشماقتا. بەزى ئەخلاقسىز كىشىللىرىمىزنىڭ ئەسەر ئاپتۇرلىرىنى نادانلىق ئىسكەنجىسىدە قەتلى قىلىشى، مەسئۇلىيەتسىز،  ئىجتىمائىي بۇرۇچ تۇيغۇسى ئۆلگەن سالۇن، مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ خىل بىنۇرماللىقلارغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بۇ تىراگىدىيەنىڭ داۋالىشىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.
      ئۈچۈنچى، بۇ مىكىرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق يىڭى تارقىتىش ۋاستىللىرىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ئاۋۇپ قالغان ئەھۋال بولۇپ، بىر قىسىم مەمەتلەر ئۆزىنىڭ كۆرۈمىسىز، سۈپەتسىز دوپپلىرىنى ئەمەتلەرنىڭ ئالتۇن تاجلارغا لايىق ئەزىز باشلىرىغا زورلاپ كەيدۈرۈپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۈرلۈك شەخسىي غەرەزلىرىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.  بىرقىسىم كېشىلەرنىڭ ئۆزى توقۇغان توقۇلمىلارنى داڭلىق ئەدىپ،  تارىخى شەخىس، قەھرىمان ۋە باشقا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە مەشھۇرلار نامىدا تارقىتىشىنىڭ سەۋەبى، يامان تەسىرلىرى توغرىسىدا توختىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر مۇنبەر، سالۇنلىرىدا، ئۈندىدار، مىكرو بىلوگلىرىدا كەڭ تارقالغان ساختا مەشھۇر سۆز، داڭلىقلار نامىدا ئىلان قىلىنغان ساختا ئەسەرلەردىن بىر قانچىنى مىسالغا ئېلىپ، مېسال ئىلىنغان يازمىلارنىڭ نىمىشقا شۇ داڭلىق كېشىلەرگە تەۋە ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى.
      1. تىخى يىقىندا ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە، توپلاردا دۇنياۋىي شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى بولىمىش بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىدا بىر كوپىلىت شېئىر كەڭ تارقىلىپ يۈردى، بۇ شىئىرنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

« پۇلۇم  بار ئ‍اۋازىم يوغان چىقتى ،
پۇلۇم  يوق تۈز يولدىن داۋان چىقتى.
بەر !- دېسەم تۇتۇلدى ناتىقنىڭ تىلى ،
ئ‍ال ! -دېسەم ئ‍ۆلۈكتىن  زۇۋان چىقتى.»


      بۇ شېئىرنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىسى راستىنلا بوۋىمىز يۆسۈپ خاس ھاجىپمۇ؟ بۇ شېئىرنىڭ تىل ۋە سۆز ئىشلىتىش ئۇسلۇبى بوۋىمىزنىڭ ئۇسلۇبىغا ماس كىلەمدۇ؟ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم، بوۋىمىز ياشىغان دەۋىرلەردە تىل تەركىبىمىزدە پۇل سۆزى بارمىتى؟ بۇ شئېردىكى بەدئىي دېت ۋە مەنىۋى پەللىنى 1000 يىللىق شاھانە ئەسەر قۇتادغۇبىلىكنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ياراتقانلىقى ئەقلىمىزگە سېغامدۇ؟ مەن بۇ شېئىرنى كۆرگەندىن كىيىن يۇقارقى سۇئاللار مېنى قىينىدى، بىر قانچە شېئىريەت  توپلىرى ۋە ئۈندىدار دوستلار چەمبىركىمدە ئۆزۈمنىڭ يۇقارقى گۇمانىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، دوسستلارنىڭ بۇنىڭقا قايتۇرغان ئىنكاسى گۇمانىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ناھايىتى ئىنىقكى يۇقارقى شىئىرنىڭ ئاپتۇرى «قۇتادغۇبلىك» نىڭ مۇئەللىپى، دۇنياۋى ئالىم بوۋىمىز يۆسۈپ خاس ھاجىپ بولماستىن، زامانىزدىكى ساختا ئىلىمدارلاردىن بىرى ئىدى.
    2. دەۋرىمىزدە نام شەرىپى ئەڭ كۆپ ئوغۇرلانغان، نامى ھەممىدىن كۆپ سۈيىئىستىمال قىلىنغان كېشى ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستاز يازغۇچى، ئالىم ئابدۇرىھىم ئۆتكۈردۇر. مەن ماقالەمدە بۇ توغرىسىدا پەقەت بىر مېسال ئالىمەن ھەمدە ئۆزۈم مىسال ئالغان يازمىىنىڭ ئۇستازىمىز ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر قەلىمىگە تەۋە ئەمەسلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزەمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.


      بۇ بىر يىلدىن بۇيان كەڭ تارقالغان «ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ھەقلىق لىكسىيە سۆزلىگەنلەرگە ئىيتقانلىرى» تېمىسىدىكى بىر بۆلۈك يازما بولۇپ، ئۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
      «غەرىبتە نىمىشقا پۇلدار كاپتالىستلار، شەرىقتە نىمىشقا گادايلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم. كاپتالىستلار قان-تەر تۆكۈپ  ئىشلەپ، ھالاللاپ پۇل تېپىپ مال دۇنياغا تىقىلىپ،  ئەمىلى ئۆسكەچكە ئۇلارنىڭ ئىچىدە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ھارامخورلۇق بولمايدىكەن. شۇڭا شەرىقتە ‹ مانتاكۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشەر› دېگىنى ھەقىقەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتنىڭ زىيالىيلىرى تويۇنۇپ ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلۇپ، كۆزى تويمىغۇچە، مىللەتكە چىن يۈرىكىدىن كۆيۈنىشى ناتايىن. پۇللۇق لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۆز نەپىسىنىڭ قۇللىرى.  مىللەت مەنىۋىي كىرزىسقا پېتىپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈمىدىنى زىيالىيلارغاباغلاپ تۇرغان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردە، زىيالىيلارنىڭ بىلىۋالغان ئازغىنە نەرسىسىنىمۇ ئۆز خەلقىگە سېتىپ جان بېقىشى مىللەتنى تېخىمۇ چوڭ ئۈمىدسىزلىككەپاتۇرىدۇ.ئەتتىگەنلىك شېرىن ئۇيقۇنىڭ مېھرىدىن، كۈندۈزدىكى پايدا- تاپاۋەت، ھوزۇر-ھالاۋەتتىن كېچىپ،  جاپا-مۇشاقەتلىك تۇرمۇش ئىچىدىنمۇ ۋاقىت چىقىرىپ تەڭرىگە قۇلچىلىق قىلىش پەقەت نەپسىدىن كەچكەندىلا قىلغىلى بولىدىغان ئىشتۇر، قالغىنى رىياكارلىقتۇر. مۇمكىن بولسا، جىمىي خەلق بىرلىشىپ ئاتالمىش زىيالىيلارنى ماددىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرايلى، ئۇلار ئاندىن خەلقىنى مەنىۋىي مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن. لېكىن، مەنىۋىيتى تويۇنغان كىشىلەر  ماددىي جەھەتتىن ھەر قانچە گاداي بولسىمۇ، بۇنى ھېچكىمگە چاندۇرماي روھىيىتىنى پادىشاھتىنمۇ ئۈستۈن تۇتۇپ ياشىيالايدىكەن.
      مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم 1948-يىلى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىبلىقىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ تاكى 1978-يىلىغىچە 30يىل ئىشسىز قېلىپ، تۇرمۇشتا قاتتىق سورۇقچىلىق تارتقان. تاش چېقىش، ياغاچچىلىق قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن شوغۇللانغان. ھەتتا بەزىدە دادىسى ئوسمان ھاجىمدىن تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە نەرسە-كېرەكلەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەجبۇر بولغان. 1978-يىلى خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تۇرمۇشى نورمال كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن تارتىپ تاكى 1995-يىلى ۋاپات بولغۇچى بولغان 17 يىل ئىچىدە كېچە-كۈندۈز دېمەي مىللىتىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان. 1988-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسېتىدا ئۈچ ئاي ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىگەن.  چاغاتاي تىلى دەرسلىكىنى تۈزۈپ 6 ئايدەك دەرس بەرگەن. 10 توم ئەسەر يازغىدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك ۋاقتىنى جامائەتچىلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان. ۋاپات بولۇشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنقى تېلېۋىزىيە زىيارىتىدە ئۆتكۈر ئەپەندىم ئۆز كېسىلىنىڭ دەردى ھەققىدە ئەمەس، مىللەتنىڭ دەردى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىپ ‹ بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا › دېگەنىكەن.
      ئىشەنمىسىڭىز بېرىپ كۆرۈڭ، ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ قەدىناسى، قابىل ياردەمچىسى غەمگۇزارى، بۇ يىل 86 ياشقا كىرگەن خەلچىخان ئاپىمىز ‹ بۇغدا › يولىدىكى ئاشۇ قىش-ياز كۈن نۇرى چۈشمەيدىغان بىرىنچى قەۋەتتىكى زەي ئۆيدە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ چىرىقىنى يېقىپ كەلمەكتە. شۈكرى قانائەت بىلەن ياشىماقتا. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە شۈكرى قانائەت قىلىش، كىبىر-تەمەننادىن قەتئىي يىراق تۇرۇشتەك پەزىلەتنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۆتكۈر ئەپەندىم بۇ ئائىلىگە ئۆزگە ھېچقانداق بايلىق قالدۇرغىنى يوق. بىراق، ئۆتكۈر ئەپەندىم قالدۇرغان بايلىق نەشىرىياتتىكى نەچچە يۈز ئادەمنى باقماقتا. بۇ بايلىقتىن 10 مىليون خەلق بەھىر ئالماقتا...مىللەت تۆت كوچا دوقمۇشىدا قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ تۇرغان مۇشۇنداق چاغلاردا، ئۆتكۈر ئەپەندىمدەك ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ قەدىرى ئۆتۈلمەكتە. خەلقىدىن بىلىم ئۈچۈن ھەق تەلەپ قىلغان زىيالىي، دوقمۇشتا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر بەرلەردىن قىلچە پەرىقسىزدۇر


-ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر»
       ئۇنداقتا بۇ يازما راستىنلا ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرقەلىمىگە تەۋمىدۇ؟ ئازراق ماتىريال كۆرگەن، ئابدۇررىھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باققان ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بۇ يازمىنىڭ ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندى قەلىمىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى بايقىۋىلىشى قىيىنغا توختىمايدۇ. بۇنداق دېيىشىمدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ياشىغان دەۋىرلەردە پۇللۇق لىكىسىيە سۆزلەش ئەھۋاللىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك بولۇپ، بازار ئىگىلىكىنىڭ دېگەندەك تەرەققى قىلماسلىقى پۇللۇق لىكسىيەسۆزلەش ئىمكانىيتىنى بوغۇپ قويغان، پۇللۇق لىكسىيە سۆزلەش يىقىنقى بىر قانچە يىلدا پەيدا بولغان ئەھۋال بولۇپ، ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇيغۇر جەمئىيتىگە نىسبىتەن زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ بولغان بىر تۈرلۈك ئىلگىرلەشتۇر. شۇڭىلاشقا ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ پۇللۇق لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنى بۇنداق كەسكىن تەنقىد قىلىشى زۆرۈرىيەتسىز ئەمگەكتۇر. ئىككىنچىدىن، بۇ بىر بۆلۈك يازمىنىڭ بايان قىلىنىش ئۇسسۇلىنى كۈزەتسەك «ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ ھەقلىق لىكسىيە سۆزلىگەنلەرگە ئىيتقانلىرى» دېگەن چوڭ قالپاق ئاستىدىكى بايانلاردىن « بىزنىڭ غېمىمىز كەلگۈسى ئەۋلادلاردا » دېگەن بىر جۈملىدىن باشقا قىسىمىنىڭ ھەقلىق لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە لىققىدە قورساق كۆپىكى بار، ئۆز سۆزىگە ئىگە بولۇشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئەرۋاھقا تەۋە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.  ئۈچۈنچىدىن، ھەقلىق لىكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە قارايدىغان بولساق ئاز بىر قىسىم پۇل تېپىش كويىغا كىرىۋالغان، ساختا ئىلىمدارلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن رۇزى، زۇلپىقار بارات ئۆز باشقا ئوخشاش ئاقارتىش زىيالىلىرى بىزنىڭ زىيالىلار قوشۇنىدا ئىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان، ھەم ئۆز تەشەببۇسىغا ئەمەل قىلىپ كىلىۋاتقان زىيالىلاردۇر، ئۆز دەۋرىنىڭ سەركە زىيالىلىرىدىن ھىساپلىنىدىغان ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ يۇقارقىدەك ئىلغار پىكىرلىك زىيالىلارنى «ئۆز نەپسىنىڭ قۇللىرى»، « كوچىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان بەر - بەر» دېگەندەك زەھەرلىك ئىبارىلەر بىلەن ھاقارەت قىلىشى ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئىغىر بىسىق، ساختا ھاياجاننى رەت قىلغان خاراكتىرى، ئىلىمدارلار ئارىسىدىكى ئۆز - ئارا ھۆرمەتنى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئالىيجاناپ ئادىمىيلىكىگە ماس كەلمەيدۇ. بىر قىتىملىق لىكسىيەنىڭ قىممىتىنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز ئىكەنلىكىگە قاراپ ئۆلچەش، بىر ئىلغار پىكىرلىك زىيالىنىڭ ئوبىرازى ۋە كىشىلىكىگە ئۆزى پۈتۈنلەي ئېلىشقا تېگىشلىك، لىكسىيەگە قاتناشقۇچىلار ئۆزى خالاپ تاپشۇرغان ئازىغىنە ھەقنى رەت قىلغان ياكى رەت قىلمىغانلىقىغا ئاساسەن باھا بېرىش ساختا ھاياجان ۋە نادانلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
      3. ھازىر ئۈندىدار توپللىرى، دوستلار چەمبىركىدەقاملاشمىغان، پەلىپەتىش سۆزلەرنى جەمئىيتىمىزدە ئالقىشلىنىۋاتقان، پىسخولوگىيەقىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشى، پىسخولوگىيە ئىلىمىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئىجتىمائىيلىششىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەشھۇر پىسخولوگ ئەلى قۇربان نامىداتارقىتىش شۇ قەدر مودا بولدىكى، بىر يىلغا يىقىن ۋاقىتتىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇقمىغان كۈنۈم يوق دېيەرلىك. ئەلى قۇربان نامىدىكى بۇ سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەلى قۇرباننىڭ شەخسىيتىگە، ئىززەت – ئابىرۇيىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا مىسال ئالماسلىقنى لايىق تاپتىم. بۇنداق  پەلىپەتىش، قاملاشمىغان، لوگىكىچانلىقى يوق جۈملىلەرنى ئۇنىڭ نامىدا ئىلان قىلىۋىرىش ھەسەت ۋە ھۆرمەتسىزلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر.
      بىر قىسىم كېشىلەرنىڭ يالغان ئەقلىيە سۆز، مەشھۇرلار توغرىىسىدىكى ساختا ھىكمەتلەرنى، ئەسەرلەرنى كۆپلەپ تارقىتىپ، جەمئىيەتتىكى كېشىلەرنى ساز قىلىپ چېلىشتىكى مەقسىتى نىمە؟ مەشھۇرلار ئىجتىمائىيلاشقان شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ سۆز – ھەركەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور تەسىرچانلىقى ۋەچاقىرىق كۈچى بولىدۇ.  بىر قىسىم يامان غەرەزلىك مەدەنىيەت بۇزغۇنچىللىرى مەشھۇرلارنىڭ ئىددىيسى،  كۆز قاراشلىرى، ئەسەرلىرىنى يالغاندىن ياساپ، توردىكى مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ ئەۋزەللىكىدىن يامان نىيەتتە پايدىلىنىپ، كەڭ كۆلەمدە تارقىتىش ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى كېشىلەرنىڭ مەشھۇرلارغا بولغان ھۆرمەت، چوڭ كۆرۈرش، ئۇلۇغلاش ھىسىياتىدىن، مەشھۇرلارنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسىي غەرىزىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىشىشى سەۋەبىدىن توردا ئوقۇش ئەۋىج ئالغان دەۋىردە، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھەقىقى كىلاسسىل ئەسەرلەرنى، ھەقىقى ئېسىل كىتاپلارنى ئوقۇشقا، مەدەنىيەتنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان كېشىلەر مىكرو بىلوگ، ئۈندىدارلاردا تارقالغان مەشھۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھىكمەتلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق مەنىۋىيتىنى ئاز – تولا بولسىمۇ بىيىتىش، ئۆزىگە تەسەللى تېپىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ، مەشھۇرلارغا ئائىت بايانلارنىڭ راست – يالغىنىنى سۈرۈشتۈرۈمەي تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەدىنىيەتلىك، كىتاپ كۆرگەن، ئۇقۇمۇشلۇق قىلىپ پەردازلاشقا ئۇرۇنىدۇ، ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ قارا قورساقلىقىنى چاندۇرىدۇ. مەشھۇرلار نامىدا يازمىلارنى قۇراشتۇرۇپ چىققۇچىلارنىڭ مەقسىتى مەشھۇرلارنىڭ ئوبىرازىدىن پايدىلىنىپ ساختا ئەسىرىنىڭ تارقىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش بولىشىمۇ، مەشھۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش،  ئۇلارنىڭ ئوبىرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش بولىشىمۇ، ئۆز نامىدا يېزىشقا جۈرئەت قىلالمىغان مەزمۇنلارنى مەشھۇرلارغا دۆڭگەپ تارقىتىپ بىلىپ بولماس قارا نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولىشىمۇ مۈمكىن.
      ئاپتۇرنى ئەسەردىن، ئەسەرنى ئاپتۇردىن ئايرىۋىتىش، مەشھۇرلار نامىدا ساختا ئەسەرلەرنى تارقىتىش ئۇچىغا چىققان نۇمۇسسىزلىقتىن باشقانەرسە ئەمەس. ئەمەتنىڭ دوپپىسى بىلەن مەمەتنىڭ بېشى ئوتتۇرىسىدا ساختا مۇناسىۋەتلەرنى ئورنۇتۇپ قويۇش ۋە بۇ خىل رەزىلىككە سۈكۈت قىلىش قارىماققا كېچىك، ئەرزىمەس ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن،  ئەمما بۇ خىل ئەھۋال تىزگىنلەنمىسە ئۇنىڭ جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيىنى، مەدەنىيەتكە كەلتۈرىدىغان بۇزغۇنچىلىقى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. بۇ خىل ساختا، كۆپۈك مەدەنىيەت ھادىسىسىنىڭ ئەۋىج ئېلىشىدا ساددا، راست – يالغاننى پەرىق ئېتىش ئىقتىدارى تۆۋەن تورداشلارنىڭ تۆھپىسى بار بولۇپلاقالماستىن، جەمئىيەتتىكى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بۇ ھادىسىلەرنى كۆرسىمۇ سۈكۈت قىلىشنى تاللىغان زىيالىلارنىڭ رولى بار.  مەشھۇر سىياسىيون مارتىن لوتىر كېن بۇ خىل سۈكۈتتە تۇرغۇچىلارغا «بىزنىڭ ھەقىقەتنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ بىر ئىغىز گەپقىلمىغان ۋاقتىمىز، دەل ئۆلۈمگە يول ئالغان ۋاقتىمىزدۇر» 【4】دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.  غەربتە «ھەر بىر تامچە يامغۇر مەن كەلكۈن پەيدا قىلدىم دەپ ئويلىمايدۇ» دېگەن گەپ بار، بىز بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشەنسەك بىزدىكى يامانلىق، ناچار ئىللەتلەرگە بىپەرۋا قاراش، سۈكۈت قىلىشنىڭ ئىجادكارلارنىڭ ئەمگىكى ھۆرمەت قىلىنمايدىغان، مەشھۇرلىرىمىز، ھۆرمەت ساھىپلىرىمىزنىڭ نام – شەرىپى غەيرى نىيەتلەر ئۈچۈن سۈيىئىستىمال قىلىندىغان، ساختا مەدەنىيەت كۆزىمىزنى تورلاشتۇرغان پاسسىپ ئىجتىمائىي مۇھىتنى بەرپا قىلغانلىقىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقايمىز؛ ئۆپكىمىزنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئويلانغىنىمزدا ئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ئىللەتلەرنى توسۇش، چاكىنىلىقلارنى رەت قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بارلىقىنى ھىس قىلىمىز.
      ھاۋاي ئونۋىرىستىتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆز باش ئۆزىنىڭ بىر قىتىملىق لىكسىيسىدە دوستلار چەمبىركىگە كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىبىرەتلىك بايانلىرىنى، ئېسىل ئەسەرلەردىن ئالغان تەسىراتلىرىنى چىقارماي ئۆزىنىڭ يىگەن – ئىچكىنىنى، كىيگەن كىيىمىنى،  ئەرزىمەس ۋە مەنسىز يىغىلىشلىرىنى چىقىرىىش ئەۋىج ئالغان بىنۇرماللىقنى چاكىنىلىق سۈپىتىدە كەسكىن تەنقىد قىلغان. بۇ بىر قورقۇنچلۇق ئەمىلىيەتتۇر، ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگلىرىدا كىلاسسىكلىرىمىنىڭ ھىكمەتلىك بايانلىرى، مەشھۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى ھەمبەھىرلەيدىغانلار دېگەندەك كۆپ ئەمەس، تىخمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئاشۇ ئاز بولسىمۇ تور دۇنياسىدا تارقىلىپ يۈرىۋاتقان مەشھۇرلارنىڭ مەشھۇر سۆزلىرىنىڭ زور بىر قىسىمى ساختىدۇر. بۇ ساختا ئېلىمنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ خاتالىقى بولۇپلا قالماستىن، راست – يالغان، توغرا – خاتا،  ھەق –ناھەق مەسىلىسىدە تەپەككۇر قىلىشقا، ئانالىز قىلىشقا ئادەتلەنمىگەن ساختا ئېلىمنى تارقاتقۇچىلارنىڭ، بۇ خىل بىنۇرماللىققا بىپەرۋا مۇئامىلىدە بولۇپ، سۈكۈت قىلغۇچىلارنىڭ خاتالىقىدۇر.
      بىزدە ئۆزىگە مەستانە بولۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار شۇقەدەر ئاۋۇپ كەتتى. بىر كوپىلىت شېئىرىنى يۆسۈپ خاس ھاجىپ نامىدا تارقاتقۇچىنىڭ قىلمىشىدا ئۆزىنىڭ شۇ شېئىرىنى يۆسۈپ خاس ھاجىپ ئەسەرلىرى بىلەن تەڭ سەۋىيدىكى ئەسەر دەپ قارايدىغان ئۆزىگە مەستانە بولۇش ھىسىياتى يۆشۈرنۇپ ياتىدۇ، ئەرزىمەس مۇھاكىمللىرىگە ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تونىنى كەيدۈرگۈچىنىڭ ئەخلاقسىزلىقىدا قىلمىشكارنىڭ ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر ئەسەرلىرىگە بولغان مەنسىتمەسلىكى ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ.


       بۇ خىل ساختا ئىلىمدارلارنىڭ بايانلىرىنى دوستلار چەمبىركىدە، ئۈندىدار توپلىرىدا ھەتتا سالۇن، مۇنبەرلەردە تارقىتىش بىزگە ئادەتتىكى ئىشتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، بۇ خىل ساددا نادانلىقنىڭ ئىلىم ھاۋايىمىزغا كەلتۈرىدىغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. بەزىلەر مەشھۇرلارنىڭ نام - شەرىپىنى خالىغانچە سۈيىئىستىمال قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوبىرازىنى زەخمەتكە ئۇچىرتىدىغان، ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا چىقىلغان قىلمىشلارنى قانۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپ توسۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ھەقىقەتەنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ «ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى»، «ھوقۇققا چىقىلىش قانۇنى» ۋە باشقا قانۇن - نىزام، ئەدىلىيلىك ئىزاھاتلىرىدا بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقى ۋە مۇناسىپ قانۇنى ئاقىۋىتى ئىنىق بەلگىلەنگەن، لىكىن توردىكى بۇ خىل ھوقۇققا چىقىلىش دېلولىرىدا دەلىل - ئىسپات توپلاش، ھەقىقى ھوقۇققا چىقىلغۇچىنى بايقاشنىڭ قىيىنلىقى، دەۋاغا كېتىدىغان زىھنى كۈچ ۋە ۋاقىت ئىسىراپچىلىقى، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان مەرھۇملىرىمىزنىڭ بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشتىكى قولايسىزلىقى قاتارلىق ئامىللارنى، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ كېشىلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەپ، يامانلىقنى توسۇشتىكى ئەۋزەلىككىنى ئويلاشقىنىمزدا، بۇ خىل ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئەخلاققا مۇراجەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىمىز.        بۇ خىل ئېلىم ھاۋاسىنى بۇلغايدىغان ناچار ئىللەتلەرنى توسۇشتا ئەخلاقنىڭ رولىنىڭ غايەت زور بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلغان ۋىجدانلىق ئەدىپ، ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ خىل ساختا ئىلمنىڭ سەلبىي تەسىرىدىن بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ:« بىر قارىماققا ئەخلەت ئەرزىمەس بىر نەرسە. ئەمما، ئەخلەتمۇ ئەگەر توپلىنىپ كەتسە، نۇرمال مۇھىتنى بۇلغايدۇ. كومىدىيلىك ھادىسىلەر ئەۋجەرەپ كەتسە، پاجىئەلەر پەيدا قىلىدۇ. ئىلىم ۋە ھەقىقەت نامى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئەخمىقانە ئىددىيە، قاراش، ھۆكۈملەرنىڭ ئىلىم – پەن نامىنى، ئىلىم – پەن خادىملىرى ئوبىرازىنى بۇلغىشى، ياش ئەۋلادلارنى قايمۇقتۇرىشى تىخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ. بۇنداق بولمىغۇر ساختا ‹ئىلىم› ھادىسىسى، ئۆز تەبئىتى بىلەن يالغان نىقاب، تار مەزھەپ، يۇقىرى – تۆۋەننى ئالداش ۋاستىللىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. نەتىجىدە ‹ئىلىم›نامىدا ئىلىم دەپسەندە قىلىنىپ، مىللەتنىڭ ساغلام، بىر پۈتۈن ئىلىم – پەن تۈزۈلمىسى پارچىلىۋېتىلىپ،  ئۇنىڭ ئىچكى ئەخلاقى ئۇيۇشۇشچانلىقى بىلەن تاشقى ئىززەت– نۇمۇسى يەكسان بولۇشقا يۈزلىنىدۇ»【5】 دېگەن.
      مەھمۇت قەشقىرى، يۆسۈپ خاس ھاجىپ،فارابىي، ئەلشىر نەۋائىيلار بىزنىڭ مەنىۋىي تۈۋرىكلىرىمىز، ئەپىلاتۇن، ئارىستوتىل، سوقىرات،شىكىسبىر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى مەنىۋىيتىمىزنى بىيىتقۇچى شىپالىق بۇلاق،ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،  ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، زۇردۇن سابىرلار ئاقارتىش تارىخمىزدىكى ھۆرمەت ساھىپلىرىمىز. بىز ھىچقايسىمىزنىڭ ئەرزىمەس، چاكىنا يازمىللىرىنى، ساختا ھاياجان ئارلاشقان بايانلىرىمىزنى مەشھۇرلار نامىدا ئىلان قىلىش ھەققىمىز يوق، ئۇلار مىھنەتسىز كەلگەن بۇ سوۋغاتلىقلاردىن پۈتۈنلەي بىھاجەتتۇر. ئۇلارنىڭ نامىنى خالىغانچە سۈيئىستىمال قىلىش ئەخلاقسىزلىق، بىھۆرمەتلىكنىڭ جۈملىسى،  بۇ ئۇلارنىڭ نام – شۆھرىتى، يارقىن، بۈيۈك ئوبىرازىغا زەخمەت يەتكۈزىدۇ. ئىجتىمائىي جامائەت ئەخلاقىنى بۇزىدىغان بۇخىل قىلمىشلار ئۇلۇغلىرىمىزنى ھەقىقى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلۇغلايدىغان ۋىجدانلىق يۈرەكلەرنى ئازاپلايدۇ، ھۆرمەت ساھىپلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىمىزدىكى ئورنىنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشەنگۈچىلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزىدۇ.
      ئالدىراشلىققا كۆنگەن قەدەملىرىمىزنى توختىتىپ،  ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنايلى. ماددى بايلىقلارغا، تەن مەئىشەتلىرىگە ئالدانغان غىرىپ رۇھىمىزنى ئويغىتايلى، قاغجىرىغان قەلىب ئىتىزلىرىمىزنى ھەقىقى كىلاسسىك ئەسەر،  ئېسىل كىتاب،  ھەقىقى ئىلىم بىلەن سۇغۇرايلى. ئىجادكارلارنىڭ تەمەسىز ئەمگىكىگە، جاپالىق مىھنىتىگە ھۆرمەت قىلايلى، ئۇلارنى كۆز قارچۇقلىرىمىزنى ئاسىرىغاندەك ئاسىرايلى.  ئاخىرىدا مەن بۇ ماقالەمنى ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئىلىم ۋە ئىنسانىي قەلىبنىڭ، مەدەنىيەت قوشۇنى ۋە مەنىۋى مۇھىتنىڭ پاكلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە مۇھاپىزەت قىلايلى. مانابۇ مۇددىئا ۋە بۇرۇچىمىز!» 【6】 دېگەن خىتابى بىلەن ئاخرلاشتۇرىمەن.
                                                                   2016- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى


       ئىزاھات:
      【1】يۈگې ئىمزالىقىدىكى «ياخشىلار نىمەئۈچۈن سۈكۈت قىلىدۇ؟»تىملىق فىليەتۇننى شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمە قىلغان، «شىنجاڭمەدەنىيتى» ژورنىلى 2105-يىللىق 2- سان،50- بەت.         
     【2】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇزھىكمەت»،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001- يىلى، 304- بەت.
     【3】«ياخشىلار» سالۇنى، 2016- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى يوللانغان.
     【4】يۈگې ئىمزالىقىدىكى «ياخشىلار نىمە ئۈچۈن سۈكۈتقىلىدۇ؟»تىملىق فىليەتۇننى شۆھرەت مۇھەممىدى تەرجىمە قىلغان، «شىنجاڭ مەدەنىيتى»ژورنىلى 2105-يىللىق 2- سان،52- بەت.
     【5】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇزھىكمەت»،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001- يىلى، 302- بەت.
     【6】ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇزھىكمەت»،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2001- يىلى، 336- بەت.
bagdax

0

تېما

0

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33160
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 776
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-18
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 12:45:00 |ئايرىم كۆرۈش
isil tima

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:23:02 |ئايرىم كۆرۈش
« پۇلۇم  بار ئ‍اۋازىم يوغان چىقتى ،
پۇلۇم  يوق تۈز يولدىن داۋان چىقتى.
بەر !- دېسەم تۇتۇلدى ناتىقنىڭ تىلى ،
ئ‍ال ! -دېسەم ئ‍ۆلۈكتىن  زۇۋان چىقتى.»

0

تېما

6

دوست

1617

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54591
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-24
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 13:27:27 |ئايرىم كۆرۈش
راس جۇمۇ . داڭلىقلىرىمىز دىمىگەن ، خىيالىغا كەلگەن گەپتىن ئىككى كەلىمە يىزىپ  قوياپلا
ئابدۇقادىر جالالىدىن
ئەلى قۇۋان
ئابلەت ئىنتىل
دەپ چىقىرىۋالدىغانلار كۆپكەن ھازىر
bagdax

0

تېما

0

دوست

33

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43772
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 10
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-14
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 14:45:45 |ئايرىم كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ رۇبائىييسى  مانا ماۋۇ

ئۇرۇشتىن كىيىن بىر قەھرىمان چىقتى،
ئاۋازى ھەممىدىن بەك يوغان چىقتى.
لىكىن شىھىت قىنى كىرگەندە تىلغا،
ئۇنىڭ ئاغزىدىن نە زۇۋان چىقتى.

4

تېما

53

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1266
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 15:01:14 |ئايرىم كۆرۈش
نادىرلاشقاتەۋسىيە قىلىمەن .

74

تېما

37

دوست

9 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 10578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2618
تۆھپە : 25051
توردىكى ۋاقتى: 9472
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى تېما يوللاش چولپىنى ئىنكاس چولپىنى

7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 15:15:36 |ئايرىم كۆرۈش
جامائەتچىلىكنىڭ مەشھۇرلارغا زىيادە چوقۇنۇش پېسخىكىسىدىن پايدىلىنىپتۇ.

10

تېما

1

دوست

6888

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8179
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 798
تۆھپە : 1591
توردىكى ۋاقتى: 476
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-14 15:38:32 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل تىما بوپتۇ ، نادىرلاشنى تەلەپ قىلىمەن .           
كەمبىغەللىكنىڭ يەنە بىر ئۇچى ، ئورۇنسىز تېلېفۇن قىسىش !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )