« سىلەرئۇيغۇر تۇرساڭلار، نېمىگە ئەنسىرەيسىلەر؟»
[تۈركىيەخاتىرىلىرىم 1]
بۇمەريەم
مەندىمۇ بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئەپ تاپساملا تونۇلغان بىرەر تارىخىي شەخىسنى ياكى بىرەر قىممەتلىك كۈلتۈرنى « ئۇيغۇرلارنىڭ» دەۋېلىشقائىنتىلىدىغان بىر پىسخىكا بار ئىدى. نېمىشقىكىن تۈركىيەگە كېلىپ ئاستا- ئاستا بۇخىل ھەۋىسىم سۇسلاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرلىقىمدىن ئىپتىخارلىنىش بىلەن ئۇنى ئىپتىخارلاندۇرالمايۋاتقانلىقىمدىن تۇغۇلغان ئۇيىلىش بىرلىشىپ كەتكەن بىر ھېسسىيات ئىگەللىۋالدى.
تۈركىيەگە كېلىپ بىر يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىققا كىردىم.كەسىپ خاتا تاللىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيەگە كېلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئوقۇشۇمنى رەسمىي باشلىغان بولدۇم. بىر كۈنى توردا بىر ساۋاقدېشىمنىڭ «قارا- قاراقاغىلار» دېگەن ناخشىنى ئورتاقلىشىپ ئاستىغا «گۈزەل تۈركچەم» دەپ يېزىۋالغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا «گۈزەل تۈركچەم دەپ بۇ ناخشىنى چىقىرىپ، ئۆزەڭنىڭ تۈركچىسىنى ماختاپ بىزنىڭكىنى چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. بىزنىڭ تىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىمۇ نۇرغۇن سۇبېكتىپ سەۋەپلەر بار.....» دەپ بىر مۇنچە سۆزلەپ كېتىپتىمەن. تەلىيىمگە ئۇ ساۋاقدېشىم ئۇچۇرنى كېچىكىپ كۆرۈپتۇ.بىر كۈنى دەرستىن كېيىن نېمىشقا ئۇنداق دېگەنلىكىمنى ئاڭقىرالمىغىنىنى، بۇنداق بۆلگۈنچىلىك قىلىشىمنىڭ خاتالىقىنى، ئۇيغۇرچىنىڭمۇ تۈركچە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردەتۈركچىنى كەڭ مەنىدە قوللانغانلىقىنى، بۇ ناخشىنىڭ ھەم تېكىستىنىڭ ھەم سۆزىنىڭ گۈزەللىكىدىن مەست بولۇپ، تۈرك تىلىغا ( كەڭ مەنىدە) بولغان ئاشىنالىقىدىن بۇنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىنى ئېيتىۋېدى. ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم. «كەچۈر، بىزگە ھېچكىم ئۇيغۇرچىنى- تۈركچە دەپ ئۆگەتمىگەچكە مەن بىخۇتلىشىپ قاپتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنىڭ قانداق بۇزۇلۇشلارغا سۆرەپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى بىرماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم، بەلكى شۇنىڭ تەسىرىدىن چىقالماي تەبئىي ھالدا سېنىڭ گەپلىرىڭنى خاتا ئاڭقىرىۋالغان چېغىم با». ئۇ گەپلىرىمنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى. «ھېچقىسى يوق قېرىندېشىم، بۇنداق ئىشلارغا بىز كۆنۈك. مەن بۇنى چۈشەنمىسەم قانداقمۇسېنىڭ قېرىندېشىڭ بولاي. سىلەر بۇ جەھەتتە قازاقلاردىن ياخشى. بىز بىر كۈنى بىرقازاق قىزنى سەن تۈرك دەپ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىلىشىپ تالاشقىنىمىزنى بىلىمىز،ئەتىسىلا قازاقىستان ئەلچىخانىسىغا يىغلاپ بېرىپتۇ، تۈركلەر مېنى سەن قازاق ئەمەس دېدى، بۇلار مېنى تۈركلەشتۈرىۋېتىدىغان بولدى دەپ. شۇنىڭ بىلەن كونسۇل كۈلۈپ كېتىپ، ئۇنىڭغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. مەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردىن سەن تۈركمۇ دېسەم، ھەئە بىز دېگەن ئوغۇزنىڭ ئەۋلادى دەۋاتىدۇ. ...»
يەنە بىر قېتىمدا بىر نەچچە تۈرك دوستلىرىم بىلەن بىركەچلىك تاماقلىق مۇنازىرىگە داخىل بولۇپ قالدىم. گەپ ئارىلىقىدا نەۋايىنىڭ ئىسمى چىقىپ قالدى. ئارىمىزدىكى ئۆزبېك بىر تونۇشۇمنىڭ نەۋايىنى « ئۆزبېك شائىرى» دېيىشىدىن ئارامىم بۇزۇلۇپ ئولتۇرالمايلا قالدىم. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى ھامان سۆزنى مەن ئالدىم:
- نەۋايى ئۇيغۇر شائىرى. بۇ دېگەن ئىلمىي بىر قاراش ھەم تارىخىي پاكىتى بار بىر ئەمەلىيەت. شۇنداق تۇرۇپ كىم سۆزلىسە ئۇنى ئۆزبېك دەيدىكەن. – دېدىم كۆپچىلىككە تەكشى قاراپ.
- كىم شۇنداق دەيدۇ. ئۇنىڭ تىرىكىمۇ، ئۆلۈكىمۇئۆزبېكلەرنىڭ.- دېدى ئۆزبېك.
- سېنىڭ پىكىرىڭگە ھۆرمەت قىلىمەن. ئەمما بۇ يەردەدوستلىقىمىزنى بۇزىدىغان ئىشلارنىڭ بولمىغىنى ياخشى.- دېدى تۈركىيە تۈركى دوستۇم.
- سىلەر ھەممىڭلار كەلگۈسىدە ئاكادېمىك بولىمەن دەۋاتقان ئادەملەر تۇرۇپ بۇنداق دېسەڭلار قانداق بولىدۇ؟ ئىشەنمىسەڭلار ھازىرنىڭ ئۆزىدىلاتۈرك تىل قۇرۇمى نەشىر قىلغان نەۋايى ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ بېقىڭلار، قايسى كىرىش سۆزدە نەۋايىنى ئۇيغۇر دېمىگەن؟ ئەگەر ئۇنىڭغا قايىل بولمىساڭلار ھازىرلا ئىسلام ئانىسكلوپېدىيەسىنى ۋاراقلاڭلار. دادىسى نېمە بولسا نەۋايىمۇ شۇ. دادىسى ئۇيغۇر تۇرسا نەۋايى قانداقمۇئۆزبېك بولسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزبېك دەپ بىر مىللەتمۇ ھېچقانداق تارىخىي يازمىلاردا ئۇچرىمايدۇ. ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش. ئۆزبېك دېگەن ئىسىمنى بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇس ئالىملار ئۆزبېكىستان چېگرىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر قاندىن بولغان تۈرك قەۋمىگە قويۇپ بەرگەن....
- نەمە دەدىڭ؟ قايەردە ئۆزبېك يوغ ئىمەس؟........
ئۆزبېك تونۇشۇم ئۆزىنىڭ قانداق مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلىقىنى، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا قانداق ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى ئۆزبېكچە بىرمۇنچە جۈملە بىلەن چۈشەندۈردى. مەن تۈركچىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچەگەپلىشىپ كەتتىم. بىز ئوخشاش گەپنى قايتا- قايتا تەكرارلاپ نەۋايىنى تالىشىۋەردۇق.
بىزنىڭ يېنىمىزدا ئولتۇرغان ئازەرى، تۈركمەن، قىرىمتاتار، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن بولغانلار بولسا بىزگە قاراپ بىزنىڭ دەۋاتقان گەپلىرىمىزنىڭ ئىچىدىن ئۆزىنىڭ تىلىدا بار سۆزنى تېپىش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
تۈركىيە تۈركى دوستۇم سۆزىمىزنى كەستى:
- ھەي قېرىنداشلىرىم، ماڭا قاراڭلار. ئىككىڭلار ئۇ قەدەرئەزىز تۇپراقلاردىن ئۇ قەدەر ئەزىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھىدىنى ئېلىپ كەلدىڭلاركى، سىلەرنىڭ ۋەتىنىڭلار بىزنىڭ ئاتا يۇرتىمىز. بىز ئەنە شۇ تۇپراقلاردىن كۆچۈپ تا قارا دېڭىزقىرغاقلىرىغا كەلدۇق. سىلەرگە ھەر قارىغىنىمدا خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن تۇغقىنىمنى كۆرگەندەك بولىمەن. بايا ئىككىڭلار بىر تىلدا سۆزلەشتىڭلار. مانا داستىخاندائىككىڭلارنىڭ ئوخشاش تامىقىڭلار- پولۇ تۇرۇپتۇ. ئىككىڭلارمۇ چىرايىمۇپەرقلەنمىگۈدەك ئوخشاش. بۇنىڭ يەنە تالاشقۇدەك نېمىسى بار؟
مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دەررۇ جىمىدىم. ئەمما ئۆزبېك تونۇشۇم نەۋايىغا تېخىمۇ چىڭ ئېسىلىپ سۆزلىگىلى تۇردى. شۇنداق گەپ قىلىش ئۈچۈن ئېغىزىمنى ئېچىشقا تەمشەلگىنىمدە تۈرك دوستۇم كۈلۈمسىرىگىنىچە مېنى توستى ۋەسۆزلەشكە باشلىدى:
- قېرىندىشىم، سىلەر ئۇيغۇر تۈركلىرى دېگەن، بىزنىڭ تېخى ئەدەبىي يېزىق تىلىمىز يوق، كەپە- چېدىرلىرىمىز بىلەن ئويمۇ دۆڭ كۆچۈپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، كاۋكاز تۈركلىرى تېخى شەكىللەنمىگەندە- ئات ئۈستىدە نەيزە، قىلچ،ئوقيائوينىتىپ، قەغەز ئۈستىدە قەلەم يۈگۈرتۈپ ئاسيانىڭ مەركىزىگە ھاكىم بولۇپ،شەھەرلىشىپ، ئىلىم- ئېرپان يارىتىپ تۈرك تارىخىنىڭ ئەڭ شانلىق بەتلىرىنى يازغان، بىزبۇ يەرگە كۆچمەستە مەڭگۈ تاشلارنىڭ بەتلىرىدە «ئۇيغۇر» دەپ پۈتۈلۈپ، ئۆزيېزىقىڭلاردا تۈرلۈك ئىلىملەرنى خاتىرلىگەن، دۇنيادا ئۈچ قىتئەگە ھاكىم بولغان يېزىقى يوق موڭغۇل ئىرقىغا يېزىق ئىجاد قىلىپ بېرىپ، كۈچلۈك كۈلتۈرۈڭلار بىلەن ئۇلارنى ئىرىتىپ تۈركلەشتۈرىۋەتكەن بىر مىللەت.سىلەردىن قايسى يۇرتقا بارسا بىر ئالىم، قايسى يۇرتنى قازسا بىر ئاسارى ئەتىقەچىقىۋاتسا، ئۇيغارلىق- كۈلتۈرنىڭ ئۆزى سىلەر تۇرساڭلار، يەنە نېمىگەئەنسىرەيسىلەر؟ مىشەنىڭ ئۆزىدىلا نەۋايىنى ئۆزبېككە، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قىرغىزلارغا،مەھمۇت كاشغەرىنى قازاققا بېرىۋەتسەڭلارمۇ سىلەرگە يەنە بىر مۇنچە ئالىم ئېشىپ قالىدۇ.ئۆزىنىڭ بولمىغانلار ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى تالىشىپ باقىدۇ. تالاشماي باشقا ئامال يوق. سىلەردە تالاشمىساڭلارمۇ ئالىم دېسەم ئالىم، كۈلتۈر دېسە كۈلتۈر توننىسى بىلەن ئېشىپ تېشىپ تۇرسا. ئۇيغارلىق دېگەن ئۇيغۇرلىقتىن كېلىدۇ. ئۇيغۇرلۇق-مەرتلىك. بىز ئانادولۇ ئىنسانلىرى بىلىدىغان ئۇيغۇرلار مانا بۇ.
- مېنىڭ مەقسىتىم ھەرگىزمۇ تالىشىش ئەمەس، خاتا چۈشىنىپ قالدىڭ. مەن پەقەت ئىلمىي بولۇشنىلا تەشەببۇس قىلماقچى ئىدىم. – دېدىم.
- جېنىم دوستۇم، ئويلاپ باق. تۈركىيەدە «ئەسكى تۈركلەر»(قەدىمقى تۈركلەر) دېگەن ھامان تۇنجى بولۇپ ئەقىلگە كېلىدىغىنى، ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغىنى كىملەر؟ بۇنى سەن مەندىنمۇ ياخشى بىلىسەن. ئەسكى تۈرك تارىخى دەيمىز، يازىدىغىنىمىز سىلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تارىخى ، ئەسكى تۈرك تىلى دەيمىز سىلەرئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدۇ، ئەسكى تۈرك كۈلتۈرى دەيمىز، يەنەسىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈرىگە پۇتلىشىدۇ. بىز مۇشۇ يەردە ئولتۇرغانلار سىلەرنىڭ پۇشتۇڭلار، ھەقىقىي تۈركلەر دەل سىلەر. قېنى مىشەدە ئولتۇرغاندىن بىرسى ئورنىدىنتۇرۇپ مۇشۇ دېگەنلىرىمنى ئىنكار قىلىپ باقسۇنچۇ.
ئۇ سۆزلىگەنچە مەن جىمىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە دوستۇمنىڭ بۇ گەپلەرنى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ياساش ياكى بولمىسا خۇشامەتچىلىك قىلىش ۋە ياكى تالىشىشنى بېسىقتۇرۇش مەقسىتىدە دېمەيۋاتقانلىقى ماڭا ئايان ئىدى. بۇ دوستۇمنىڭ ماڭا خۇشامەتچىلىك قىلىشى كېرەك بولغان ھېچقانداق بىر ئىش يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگەئۇنىڭ خاراكتېرىدە تونۇشۇپ بىر يىلدىن ئاشقان شۇ كۈنگىچە خۇشامەتچىلىكنى، تەنەسۆزلەشنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ھەم بىز ئۆزبېك تونۇشۇم بىلەن توۋلىشىپ كەتكەنمۇئىش يوق ئىدى. بىز پەقەت نورمال ئاھاڭدا پىكىر بايان قىلغان ئىدۇق خالاس. ئۇ پەقەت شۇ يەردە ئولتۇرىۋاتقان ھەممىمىز بىلىدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەۋاتقان ئىدى.
مەن كىتاپلارنى ئوقۇش ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرلىرىگە قۇلاق بېرىشنى ئاشۇرغانسېرى بىزنىڭ تارىختا كۈلتۈرگە، ئالىملارغا تويونغانلىقىمىزنى، ئەمما ئۇ ئالىملارنىڭ تارىختىكى بىزنىڭ ئىكەنلىكىنى تونۇشقاباشلىدىم. ھەتتا ئۆتمۈشىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كۈچەيگەنسېرى كۆڭلۈم تېخى يېرىم بولىدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى، بىر مىللەت كۈچىنى قانچە يوقاتقانسېرى، ئۆزىنىڭ تارىختىكى شانلىق ئىزلىرىدىن شۇنچە پەخىرلىنىدىغان بولۇپ كېتەرمىش. مەنچە بۇ خۇددى بىر ئادەم قانچە چۈشكۈنلىشىپ، كەلگۈسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنسېرى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىدىن شۇنچە ماختانغاندەك بىر ئىش.
ئەلۋەتتە، مەشھۇر تارىخىي ئالىملارنىڭ ۋە پارلاق كۈلتۈرنىڭ بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ مەنىۋىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئىنكار قىلمايمەن، ئەمما ئەگەر ئۇ ئالىملارنىڭ روھى ھازىرقى بىزنىڭ شانلىنىشىمىزغا، گۈللىنىشىمىزگە. تىرىشىشىمىزغا، دۇنيانىڭ تىزگىنىنى قولىمىزغائېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىزغا شاھىت بولالمىسا، بىزگە كېرەك بولغىنى «بىزدىن ئۇچىققان، بىزدىن بۇ چىققان »دەيدىغان قۇرۇق تالىشىش ۋە شوئار ئەمەس، بەلكى «بىزدىن ئۇ چىقىشى كېرەك، بىزدىن بۇ چىقىشى كېرەك» دېگەن ئەمەلىي نىيەتنىڭ چىققىنى ئەۋزەلدەك قىلىدۇ.
|