- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16180
- نادىر
- 1
- يازما
- 1776
ئۆسۈش
15.45%
|
ياشاش ۋە ئىشىنىشتىن ئىبارەت ھاياتلىقنىڭ غول ئىككى تۈۋرىكى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە ئۇشبۇ يازمىنى ھۆرمەتلىك سورداشلارنىڭ دىقىتىگە سۇندۇم.
يازما تېمىسىنىڭ چوڭ كەتكەنلىكى ، چوڭ بىر مەزمۇن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.بىراق مەن چېچىلاڭغۇ كۆز قاراشلار بىلەن مەزمۇننى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ مۇجمەل خاتىمەن بىلەن ئاياقلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن. ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈمىدىدە مەن. ياشاش ۋە ئىشىنىش قارىماققا بىز داۋاملىق ئاڭلاپلا كېلىۋاتقان ھەتتا ئاڭلاۋىرىپ زىرىكىپ كەتكەن ئىككى ئىغىز گەپتىنلا ئىبارەت.بىراق كۆپۈنچە ئادەملەرنىڭ ئەڭ ئەجەللىك نوقتىدا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغان تەرپى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ بولسىمۇ ياشاۋاتقان بىراق ياشاشقا يۆلنىش بەرمىگەن، ئىشىنىۋاتقان بىراق گۇمان قىلىۋاتقانلىقىدۇر. بۇ سەۋەپلىك ئادەمزات تۇرمۇشىدا ھەرخىل تەبىقە ، قاتلامغا ئايرىلىپ دەرجىلەرگە بۆلىنىش پەيدا بولۇدۇ. تولۇق ئىشىنىش ھاسىل قىلالمىغاندا ۋەياكى ياشاشنىڭ يۆلنىشىنى تاپالمىغاندا كۆمۈلۈپ قالغان<تەغدىر>نى كولاپ چىقىپ شۇنىڭغا دۆڭگەپلا قۇتۇلىدۇ. جەننەت تاماسىدا يۈرگەن ساختىپەز دىندارلار تەغدىر ئۇقۇمىنى ئىنتايىن مۇجمەللەشتۈرۋەتكەن. مىنىڭ تەغدىر چۈشەنچەم سەل باشقىچىرەك.تەغدىر يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە بار. ئىنسان قىلىشنى قارار قىلغان ئىشلىرى بىلەن تەغدىرى ئاشكارلىنىپ ماڭىدۇ.يەنى يىپىق ھالەتتىكى<تەغدىر>بولۇنغان ھادىسە، قىلغان ئىشى بىلەن ئاشكارە بولۇدۇ. تەغدىرگە ھىچنەرسىنى ئارتالمايسىز، تەغدىر سىزگە ئارتىپ قويۇدۇ.
ھاياتىڭىزغا يۆلنىش بىرەلمىسىڭىز ، يەر شارىدىكى ئۆز دەرجىڭىزنى بەرپا قىلالمىسىڭىز ئاخىردا سىزنى ھالاك قىلىدىغىنى يەنە شۇ بىچارە تەغدىر.
ئادەملەر ماددىي دۇنياغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئارقىلىق دەرجىلەرگە بۆلىنىپ ياشايدۇ،
ھەركىم ئۆز دەرجىسىنى ئۆزى بەرپا قىلىدۇ. (خاتىرەم)
ياشاش ناھايىتى قىممەتلىك. تۇغۇلغان ۋاقىتتىن ئىتىبارەن تەتۈر ساناق باشلانغان.سىترېلكىنىڭ قايسى نۇمۇردا توختايدىغانلىقى نامەلۇم بولغانلىقى ئۈچۈن قىممەتلىك.
ئۆز دەۋىردىكى ھەرقايسى پەيلاسۇپ،پەلسەپەشۇناسلار ياشاش قانۇنىيتى توغرۇلۇق مۇئەييەن چۈشەنچىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يەرشارىنىڭ ھەر تەرپىدىكى ئادەملەر توپى ياشاش قانۇنىيتىدىن ئۆزىگە كىرەكلىك يۆلنىش ھاسىل قىلىپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي،ئىلمىي،دەرجىسىنى بەرپا قىلغان. دىڭىز ئەتراپىدا ياشايدىغانلار دىڭىزچىلىق،بىلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىندۇ،كۆپۈنچە ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكى سۇ مەھسۇلاتلىرى.ئۇلار مۇنبەت تۇپراقتا ياشاۋاتقان ئىنسانلاردەك ھەرخىل مىۋە چىۋە كۆكتات، يايلاق جانلىقلىرنىڭ گۆشلىرى قاتارلىقلارغا بولغان ئىنتىلىشى،ئۇلارنىڭ كۆرەشچانلىقىنى تىخىمۇ كۆتۈرۈپ ئېرشىش يۆلنىشىنى ئىجات قىلغان. سانائەتلىشىش بىلەن،توپلاشقان ھالدا كۆچۈش بىلەن ياكى ئىمپىريالستىك زورلۇق يۆلنىشى بىلەن ئۆز ماكانىدا مۇنبەت تۇپراق بەرپا قىلغان.ياكى مۇنبەت تۇپراققا ئىرىشكەن.چۆل خەلقلىرىنىڭ ئېرشىش يۆلنىشىمۇ شۇ دىڭىز خەلقلىرى بىلەن ئوخشاش مەنتىقىدە.
ئېرشىش : دەرىجە بەرپا قىلىش دىمەكتۇر.
بىز دىڭىز ئەتراپىدىمۇ ئەمەس، چۆل خەلقىمۇ ئەمەس، نەق مۇنبەت تۇپراقتىكى تاغ خەلقى. مۇنبەت تۇپراقتىن كەلگەن توقچىلىق، ھورۇنلۇققا قاراپ مېڭىش يۆلنىشىنى بەرپا قىلغان. ھەتتا ئاچالىق ۋە نامراتلىقتا قالغان دەۋىرلەردىمۇ مۇنبەت تۇپراق ئۈستىدىكى توقلۇق ئاتمۇسفېراسىنىڭ بەرگەن خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ياشاش يۆلنىشىنى ئۆزگەرتىشكە توسقۇنلۇق قىلغان. بىز ئىشىنىش بار بولغان خەلق. ياراتقۇچىنىڭ بۇيرىغان سۆزلىرگە ھە دەپ قويۇپ ئاتا بوۋسىدىن قالغان مەنتىقىلىق ھىكمەتلەرگە بەكرەك ئىشىندىغان تەرسا خەلق.
بۇنداق ياشاش تەرزى،ئەنئەنىۋىي خاسلىقنى ساقلاپ قالالىدى.بۇگۈنكى مودېرن يەرشارىلاشقان جەمىيەتتە ئەنئەنىۋىي خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش ناھايىتى قىيىن بولغان بىر ئىش بولغان بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن يەرشارىلاشقان تەرەققىياتتا بر نەچچە قەدەم كەينىدە قالغان دەرىجە ئاتا قىلدى.
ئەنئەنىۋىي خاسلىق ئەمدى يوقالمايدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى دۇنياۋىي ئۆزگىرىشلەر شامىلىدا سۈپۈرلۈپ كەتمىگەن ئەنئەنە ئەمدى يوقالمايدۇ. ئارىستوتىل ، <شەيئىلەر تەرەققىي قىلىپ ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىققانداق،كەينىگە قاراپ چىكىنىشكە باشلايد>دىگەندەك، بۇگۇنكى يەرشارى ئاھالىسى ئۆزنىڭ قەدىمقى ئەنئەنلىرنى سىغىنىشقا باشلاۋاتقان دەۋىردە بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىر ھالتدىكى ئەنئەنىمىز ھەرگىز يوقالمايدۇ.ھۆكۈمەت قوغدايدۇ، خەلق تۇتۇپ تۇرىدۇ.بۇنىڭدىن ئەنسىرەش بىھاجەت.
ياشاشيۆلنىشىنى ئۆزگەتىش، ۋە شۇنىڭغا مەھكەم ئىشىنىش، بىزنى ئەنئەنە بىلەن بىللە مودېرىن تەرەققىياتقا ئىلىپ كىردىغانلىقغا ئىشىنىمەن. ئۇيغۇرلار تەرەققىياتى يىلدىن يىلغا ئىلگىرلەپ مىڭىۋاتىدۇ. سۈرئەت تىزلىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرجىدە تىز. بۇنداق تىزلىك پەقەت پەيغەمبەرمىز زامانىدىلا بولۇپ باققان.كومپيۇتېر ياكى ئۈندىدار سالونلىرى بولسۇن ھەر كۈنلىكى قىلغان مەشغۇلاتىمىز بىلەن شەخسىي سىتاتىسكامغا ئاساسلانغاندا ھەر يېرىم سائەتتە بىر يېڭى مەزمۇن بىلەن تونۇشۇپ بىر يېڭى بىلىم ئۈگىنىپ مىڭىۋاتىدۇ. تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ، بىراق ئاساسىي ئۇۋلىدا يۆلنىش ئۆزگەرتىش ۋە چىڭ ئىشىنىش بولمىغان تەرەققىيات پۈچەك بولۇپ قالىدۇ.مەدىنىيەت رىقابىتى،بىلىم رىقابىتى ۋە كۈچلۈك ئىقتىسادىي رىقابەت ئۆز ئارا كىسىشىۋاتقان جەمىيەتتە ، مودېرن تەرەققىيات كونا ئەنئەنىنى يوقىتىۋىتىدۇ دىگەن بىھۇدە ئەنسىرەش پەيدا قىلغان ۋەھىمە، كىشىلەرنىڭ كونا ئەنئەنىگە تىخىمۇ چىڭ يىپىشىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىۋاتىدۇ. نەتىجىدە مودېرن تەرەققىياتقا بولغان ئىشىنىش سۇسلىشىۋاتىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا مودېرن تەرەققىيات كىشىلەرنى ئىشەندۈرەلمەۋاتىدۇ. ئەمىليەتتە ئۇيغۇرلار يەرشارىلاشقان دەرجىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەندىمۇ يەنە شۇ مۇسۇلمان بولىۋىردۇ،يەنە شۇ ئۇيغۇر بولىۋىردۇ.
يۆلنشنىڭ مىخاينىزىمى:
ياشاش يۆلنىشىڭىزنىڭ مىخاينىزىمى ناھايىتى ئاسان. بىر يولدا كىتىۋىتىپ بىر نەرسە تاپالمىسىڭىز، بىر نەرسە تاپقىچە باشقا يوللاردا مىڭىپ كۆرۈڭ.
تېرشىش دىسەم تومتاق بولۇپ قالىدۇ.تېرشىش دىگەن بىز كۈندە ئاڭلاپ قۇلقىمىز يېغىر بولۇپ كەتكەن گەپ. تېرشىش تېرشىش دەيدىكەن قانداق تېرشىدۇ؟دەپ تېڭىرقاپ قالىدۇ ئىنسان. چۈمۈلىمۇ ھەركۈنى ئەتتىگەندىنكەچكىچە تېرشىپ ئېرشىدىغىنى بىر تال يەم. ئەگەر چۈمۈلىدەكلا تېرىشسىڭىز ئېرشىدىغىنىڭىز تايىنلىق. مەن سىزگە تېرشىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى دەپ بىرەي: تېرشىش، ۋاز كەچمەسلىك دىمەكتۇر. نىمىش قىلۋاتقان بولسىڭىز ، سىز ياقتۇرغان ئىشنى قىلغۇچەئىزدەڭ، كىيىن قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەڭ. تېرشىشنىڭ ماھىيتى مانا شۇ.
خىياللىرىڭىزغا سەل قارىماڭ، بىركۇنى كىلىپ خىياللىرىڭىز رېئالىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغۋار خىياللىرى بار ئىكەنلىكىگە قاراپ بىلگىلى بولۇدۇ. (جېمىس ئاللېن) خىياللىرىڭىزغا يىتىش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاستە ھەرقانداق يولنى سىناپ بىقىشتىن چىكىنمەڭ. ئۆزنىڭ خىيالىغىمۇ جۈرئەتلىك مۇئامىلە قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتى چىكىنىش بىلەن ئۆتىدۇ(خاتىرەمدىن).سىز چوقۇم خالىسىڭىزلا بىر يولىنى تاپالايسىز. ئارزۇ نىشانى ئۈچۈن دادىللىق بىلەن يول ئىزدىمەيدىغان ئادەم،ئارزۇ نىشانى ئۈچۈن يول ئىزدەيدىغان ئادەمنىڭ قارىغا ئىلىش ئوبىكتىغا ئايلىنىپ قالىدۇ(خاتىرەمدىن).ياشاش يۆلنىشڭىزنى ئۆزگەرتىڭ، بىر نەرسىگە ئېرىشىڭ.
ئىشىنىشنىڭ مىخاينىزىمى:
بىزدە ئۇنتۇلۇشقا قاراپ ماڭغان بىر سۆز بار ئىدى: ئىشىنىش.
كۆپۈنچە ئەرەپچە ئىتقاد دىگەن سۆزنى ئىشلىتىمىز. ئاساسلىق دىنىي ئىتقادنى كۆرسىتىدۇ. بىراق مەن دەۋاتقان ئىدقات، يەنى ئىشىنىش دىنىي ئىتقادنى كۆرسەتمەيدۇ.
ئادەملەردە ئىشىنىش ئاجىزلاپ كەتكەچكە، <ئىشىنىش>دگەن سۆزمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسا كىرەك. ئادەملەر توپى ،ھەممە نەرسىگە بولغان ئىشەنچى يوقىلىشقا باشلىغاندا ،ئەنئەنىۋىي ئىتقادىغا ئىشەنچ باغلاشقا باشلايدۇ. <ئىشەنچ>دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا<ئىدقاد>دىگەن سۆزنىڭ ئوموملىشىشىمۇ مۇشۇنىڭدىن بولسا كىرەك.
ھەممە ئادەم بىر نەرسىگە ئىشىنىپ ياشايدۇ. ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان كىشى ئاپتوبۇسنىڭ كىلدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.قويۇلۇپ كەتكەن ئادەم قويۇلۇشتىن بۇرۇن قويمىچىغا ئىشىنىدۇ.مۇھەببەتچىلەر ئايرىلىپ كىتىشتىن بۇرۇن بىر بىرگە ئىشىنىدۇ.ياغاچچى ئۆز مۆلچەرىدىكى كارۋاتنى ياساپ چىقىشىغا ئىشىنىدۇ. ماشىنا ھەيدەۋاتقان كىشى ئازراق خاتالىق ئۆتكەزسىلا قاتناش ھادىسسى بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.ئىشەنچ بولمىغان يەردە دوسلۇق بولمايدۇ.جەمىيەتنى ئىشەنچ تۇتۇپ تۇردۇ.ئادەملەر توپى چىڭ ئىشەنچ بىلەن مەنپەئەتلەر تەقسىماتىدا رىقابەتلىشىدۇ.ئىشەنچ تۈگىگەندە گۆرنىڭ ئىچىگە كىرىپ بولغان بولۇدۇ.
ئىشىنىش: بىر نەرسىنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلىش دىمەكتۇر. بارچە ئادەمزات توپى ئىككى تۈرلۈك ئىشىنىدىغان تۈرگە ئايرىلىدۇ:
1.ئىشىنىپ ياشايدىغانلار
2.ياشىغانسىرى ئىشىنىدىغانلار.
ئىشىنىپ ياشايدىغان تۈردىكىلەر باشقۇردىغان تۈردىكى ئادەملەر. مەشھۇر كىشىلەر مۇشۇنداق ئادەملەردىن چىقىدۇ.
ياشىغانسىرى ئىشىنىدىغان ئادەملەر باشقۇرۇلدىغان تۈردىكى ئادەملەر.ۋە مۇۋاپقىيەت قازىنالمايدىغان، داۋاملىق مەغلۇپ بولدىغان، زارلىنىپ تولا قاقشايدىغان،ھىچقاچان ئۆز دەرجىسىنى بەرپا قىلالمايدىغان، دەرجىگە مۇھتاج بولدىغان تۈردىكى ئادەملەر.
<تۇرمۇشتا داۋاملىق تەجىربە ساۋاق ئىلىپ، ھەر ئىشتىن بىر يىڭى ئىشنى چۈشىنىپ تۇرسىڭىز بىر ئۆمۈر خاتالاشقان بولۇسىز.خاتالاشقىنىڭىزنى كېچىككەندە ھىس قىلىسىز.>(ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى كىتابىدىن)
ئۆزىڭىزگە دىياگنوز قويۇپ بىقىڭ:
ئۆز ئىشەنگەن يۆلنىشىڭىز بويۇنچە ياشايدىغان كىشىمۇسىز؟ ياكى ياشىغانسىرى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ، باشقىلارغا قاراپ ئۈلگە ئىلىپ، ئىشىنىپ ئىشەنمەي گۇمانسىراپ،تېڭىرقاپ ئىككىلنىپ ، تولا ئۆزگىرىپ تۇردىغان كىشىمۇ سىز؟ مىنىڭ بۇ يازمام ئىككىنجى تۈردىكىلەر ئۈچۈن ئەمەس.ئىككىنجى تۈردىكى كىشىلەر يەرشارىغا ئېغىر يۈك. ئىنېرگىيە خورىتىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.
ئىشىنىش كىرەك، ئىشەنگەن بويۇنچە ياشاش كىرەك. ئۆزگەرمەسلىك ، ۋاز كەچمەسلىك كىرەك.
ئۆز ياشاش يولىغان يۆلنىش بىرەلمەيدىغان كىشدە چىڭ ئىشىنىشمۇ بولمايدۇ، ھىرىسنى قامدايدىغان ئېرشىشمۇ بولمايدۇ،خىرىسقا دۇچ كەلگەندە مەغلۇپ بولۇدۇ،
ئۆز دەرجىسىنى بەرپا قىلالمايدىغان كىشى، كۈچ بىلەن ئايلىنىۋاتقان يەرشارىدا كۈچسىز ھالەتتە قالىدۇ.
تەڭرىقۇت
ئۇشبۇ يازمىنى ئۆز ئەينى بۇزۇلمىغان ھالەتتە مەنبەنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە كۆچۈرۈپ باشقا توربەت سالونلارغا چىقىرىشقا بولۇدۇ.
|
|