بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nurjahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-18 11:11
رۇسىيە نېمىشقا يېڭى سېبىرىيەگە S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدۇ
سەن شەن
نۇرجاھان تەرجىمىسى
S-400 يىراق مۇساپىلىق ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە ئارمىيەسى پۈتۈن مەملىكەت ھەمدە چېگرا سىرتىدىكى مۇھىم رايونلاردا بۇ يېڭى تىپتىكى ھاۋا مۇداپىئە قورالىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، موسكۋا ئەتراپىغا S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، رۇسىيە ئارمىيەسى يېقىندا يەنە يېڭى بىر تۈركۈم ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يېڭى سېبىرىيەگە ئورۇنلاشتۇردى.
يېڭى سېبىرىيە 1893-يىلى قۇرۇلغان شەھەر. مەمۇرىي رايوندا يېڭى سېبىرىيە بولسا يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستىنىڭ مەركىزى، يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستى رۇسىيەنىڭ يېڭىدىن ئايرىلغان يەتتە يۇقىرى دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونىدا سېبىرىيە فېدېراتسىيە باشقۇرۇش رايونىنىڭ بىر قىسىمى ھەم پۈتكۈل سېبىرىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر. يېڭى سېبىرىيە رۇسىيەدە موسكۋا ۋە سانت پېتىربۇرگدىن قالسىلا، نوپۇسى ئۈچىنچى كۆپ شەھەر. مەزكۇر شەھەردە زاۋۇتلار ئىنتايىن كۆپ ھەمدە رۇسىيەدىكى ئەڭ ياخشى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېت، موزىي ۋە تىياتىرخانىلار بار.
يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستى 1937-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى قۇرۇلغان، 1943، 1944-يىلى كېمېپوۋو ئوبلاستى ۋە تومسىك ئوبلاستى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، كېمېپوۋو ئوبلاستى ۋە تومسىك ئوبلاستى بولۇپ قۇرۇلغان، ئالتاينىڭ بىر قىسىم زېمىنى يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستىغا قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى يېڭى سېبىرىيە ئوبلاستىنى شەكىللەندۈرگەن.
يېڭى سېبىرىيە سېبىرىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سانائەت، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن مەركىزى. بىرلا ۋاقىتتا، يېڭى سېبىرىيە رۇسىيە، ياۋروپا ۋە يىراق شەرق رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم مەركەز، رۇسىيە فېدېراتسىيە رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىككىنچى چوڭ ئۇنىۋېرسال مەركەز. شۇڭا، يېڭى سېبىرىيە رۇسىيە فېدېراتسىيە رايونىدىكى ئەڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى بار شەھەر دەپ قارىلىدۇ. ھازىر يېڭى سېبىرىيە مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى بولۇپ قالدى، ماشىنسازلىقى ياسىمىچىلىقى، دۆلەت مۇداپىئە، ئايروپىلان ياساش، مېتال تاۋلاش، ئېلېكتر قۇرۇلىشى، ئېلېكترون، خىمىيە، دورا ياساش سانائىتى، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ياساش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى جەھەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىك.
يېڭى سېبىرىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە كەسپى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، 60دىن ئارتۇق بانكا يەرلىكتە تارماق ئورگىنى ۋە ۋەكىل ئورگىنى تەسىس قىلغان، ئۇلارنىڭ يېرىمى رۇسىيە فېدېراتسىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ۋە كرېدىت شىركەتلىرى، رۇسىيە رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شىركەت ۋە خەلقئارا سودا شىركەتلىرى بىردەك يېڭى سېبىرىيەدە ئاكتىپ سودا مەبلەغ سېلىش ۋە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا، قۇرۇلۇش كەسپى ئۇلارنىڭ ئالدىن تاللىشى.
يېقىنقى يىللاردا، يېڭى سېبىرىيە جەلىپ قىلغان مەبلەغدە قۇرۇلۇش مەبلىغىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى رۇسىيەدە ئەڭ يۇقىرى رايونلارنىڭ بىرى ھەمدە مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى يەنە داۋاملىق ئاشماقتا.
2014-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو باش مىنىستىرى لى كېچىياڭ رۇسىيە باش مىنىستىرى مېدىۋىدېۋ بلەن بىرگە جۇڭگو-رۇسىيە باش مىنىستىرلىرى 19-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا رۇسىيە بىلەن جۇڭگو «موسكۋا-بېيجىڭ» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تەرەققىيات ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىنى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ تۈرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىيىتى بار، ئەڭ ئاخىرىدا «موسكۋا-يېڭى سېبىرىيە-قازاقىستان-شىنجاڭ-بېيجىڭ» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.
يېڭى سېبىرىيە رۇسىيەنىڭ مۇھىم ئىلىم-پەن مەركىزى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىپ، يېڭى سېبىرىيەدە ياۋروپادىن قىسىمەن كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن ئىشچى ۋە ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرغان، شەھەر قۇرۇلىشى قەدىمىنى تېزلەشتۈرگەن. مەزكۇر شەھەرنىڭ پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن مول: بۇ يەردە رۇسىيە ئاكادېمىيەسىنىڭ سېبىرىيە تارمىقى، رۇسىيە تېببىي ئاكادېمىيەسىنىڭ سېبىرىيە تارمىقى، رۇسىيە دېھقانچىلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ سېبىرىيە تارمىقى تەسىس قىلىنغان.
بۇنىڭدا، يېڭى سېبىرىيە ئىلىم-پەن شەھىرى دۇنيادىكى داڭلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكا رايونلىرىنىڭ بىرى، يېڭى سېبىرىيە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان، نۆۋەتتە تەبىئىي پەن، تېخنىكا پەنلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 ئۇنىۋېرسال پەن تەتقىقات ئەمەلىي گەۋدىسى بار، رۇسىيەنىڭ شەرقىي رايونىدىكى ئەڭ چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى.
يېڭى سېبىرىيە پەن-تېخنىكا رايونى بىردىنبىر رۇسىيە پرېزىدېنتى بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا رايونى. پەن-تېخنىكا رايونىنىڭ باش دېرىكتورلىقىنى دۇنيادىكى داڭلىق ئالىم، ئاكادىمىك ئۈستىگە ئالغان. پەن-تېخنىكا رايونى ئاساسلىقى يېڭى سېبىرىيە پەن-تېخنىكا شەھىرىنىڭ ئالىملىرىنىڭ كارخانا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا خەلقئارا ھەمكارلىق شېرىكى تېپىپ بېرىش، خەلقئارا ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كارخانىلارنىڭ خەلقئارا بازارغا مۇلازىمەت تەمىنلىشىگە يۈزلىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ جايغا رۇسىيەدىكى %50دىن كۆپ ئەمەلىي كۈچى بار ئالىم توپلاشقان، پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى رۇسىيە بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك يېڭى سېبىرىيە ئىقتىساد مۇنبىرى رۇسىيەنىڭ يېڭى سېبىرىيە كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغىلىق ئېچىلدى. يېڭى سېبىرىيە ئىقتىساد مۇنبىرى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرى، ئۆتكۈزگۈچى تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى چەتئەلدە تەرەققىي قىلدۇرۇش جەمئىيىتى جۇڭگو ۋەكىلى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى. مۇنبەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق پىلانىغا ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە كارخانىلىرى، سانائەت كارخانىلىرى، سودا شىركەتلىرى، سودا-سانائەت ھەمدە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ خەلقئارالاشقان ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمدە كۆپ تەرەپلىك قىممىتى بار سودا ھەمكقارلىقى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە نۆۋەتتە غەربنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇنداق مۇھىم شەھەرنى قوغداشنى كۈچەيتىشىنىڭ مەقسىتىنى ئويلاپلا بىلگىلى بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش رۇسىيە دائىرلىرىنىڭ يېڭى سېبىرىيەگە بولغان يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دېيىشىچە، S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سۈرئەت، دەلىللىكى قاتالىق جەھەتلەردە ئامېرىكىنىڭ «ۋەتەنپەرۋەر» PAC-3 يەردىن ھاۋاغا بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىدىن ئۈستۈن ئىكەن، بۈگۈنكى دۇنيادا ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى.
S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى تۇنجى قېتىم 3 خىل يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ماتورلۇق نىشان ئىزدەش سىستېمىسى قوللانغان، ھەرخىل ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، سىگنال ئايروپىلانلىرى، تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە باشقا توغرا يېتەكلىنىدىغان قوراللارغا تاقابىل تۇرالايدۇ، ھەم ئەنئەنىۋى ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ ھەم غەيرىي ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلالايدۇ.
S-400 سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى تۆۋەن بوشلۇق، ئوتتۇرا بوشلۇق، يۇقىرى بوشلۇق، يېقىن مۇساپە، ئوتتۇرا مۇساپە، يىراق مۇساپىدىكى ھەرخىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئاتالايدۇ. S-400 سىستېمىسى يېڭى تىپتىكى 40N6 يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەتكەندا، S-400 ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنىڭ ئېتىش ئېگىزلىكى 400 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيادا يەردىن ھاۋاغا بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش مۇساپىسى ئەڭ يۇقىرى.
شۇڭا، رۇسىيەنىڭ يېڭى سېبىرىيەدە ئىلغار S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇشى رۇسىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن «بىر يول بىر بەلباغ» ئىقتىساد تەرەققىياتىدا مەزكۇر رايوننىڭ مۇھىم ئورنىغا ئاساسەن چىقارغان قارار.
سەن شەننىڭ سۇمرۇغ بلوگىدىن نۇرجاھان تەرجىمە قىلدى. باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ
|