قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 806|ئىنكاس: 1

قىزىلئايدىكى ئاقتاش ئورۇندۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

23

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-18 21:50:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىلئايدىكى ئاقتاش ئورۇندۇق



بۇمەريەم



(2016- يىلى 13مارت ئەنقەرە قىزىلئاي مەيدانىدىكى پارتىلاشتاشېھىت بولغان بارلىق ئىنسانلارغا بېغىشلاندى)


مەن قىزىلئايدىكى يول- يول كۈلرەڭ دېغى بارئاق رەڭلىك تاش ئورۇندۇقلاردىن بىرى. قىزىلئايغا كېلىپ باققانلىكى كىشىلەر مېنى بىلىدۇ. مېنىڭ ئورنۇم ئەنقەرەنىڭ مەركىزىدىكى ئەڭ ئاۋات يەردە بولغاچقا مەندەئولتۇرىدىغانلار بەك كۆپ. ئەتتىگەندە بىر ئولتۇرسا نۆۋەتلىشىپ كەچكىچە مېنى بوش قويمايدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئۆزىچە پاكىزلىقى تۇتۇپ يۈزۈمنى سۈرتۈپ كېتىدۇ، خۇددى سىرتقى يۈزۈمگەتامامەن سىڭىپ كەتكەن ئۇسرۇق پۇرىقى قەغەز بىلەن سۈرتۈپ قويغانغا چىقىدىغاندەك.بەزىدە  مېنى يۇيۇنىۋالسۇن دەپ يامغۇرياغىدۇ. شۇنداق راھەتلىنىپ قالىمەن. ئىنسانلارنىڭ بىر ياخشى يېرى بار. بەدىنىمقۇرۇپ بولغىچە ماڭا يېقىنلاشماي تۇرىدۇ. بەزىلىرى تېخى مېنى سۈرتۈپ قويۇپ، سۈرتۈپقويغاننىڭ ھەققىگە بىردەم ئولتۇرىۋېلىپ ئاندىن ماڭا بىر قاراپ قويۇپ، كاسىسىنىسىيلىغىنىچە كېتىپ قالىدۇ.


ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى بىر قىز يېنىمغا كەلدى.ئۇيان قارىدى، بۇيان قارىدى. ئاندىن، بىر تېلىفونىغا بىر سائىتىگە قارىۋېتىپ ئۈستۈمدە يىنىككىنە ئولتۇرۇپ، " ئۇف!" دەپ بىرنى تىندى. ئۇنىڭ تىنىقلىرى ئۇ قەدەر ئېغىر ئىدىكى، يەنە ئىككى- ئۈچ يىل بېسىلىپ ئولتۇرۇلساممۇ بەلكى مۈكچىيىش دەرىجەم بۇ تىنىقنىڭ ئاستىدىكى مۈكچىيىش دەرىجەمچىلىك بولماس. ئۇ تۇيۇقسىز ئىچ-ئىچىدىن ئۇ قەدەر ساپ بىر تۇيغۇغا چۆمدىكى، ئىزىلىپ خۇددى ئورۇندۇق ئەمەس چېغىمداياشىغان بۇردۇرنىڭ تاغ قاپتاللىرىغا قايتىپ، شۇ يەردە باشقا تاشلار بىلەن بىللە چاراسلاپ كېتىدىغاندەك بىر ھېسسىياتقا كېلىپ قالدىم. تەر تۆشۈكچىلىرىم بولغان بولسابەدىنىمدىن غۇرۇلداپ تەر قۇيۇلۇپ كەتكەنمۇ بولاتتى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن خۇددى تەبئىي،رەڭلىك تاشلار تارقاتقان، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ئېقىم تارايتتى.تۇيۇقسىز تېنىمنىڭ تېخىمۇ شۇرۇلداپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەتتا بۇشۇرۇلداۋاتقان نەرسىنىڭ قىزنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان قان ئىكەنلىكىنىمۇئويلىدىم. ئۇ باشقا ھەرقانداق بىر ئىنسان ئاڭلىيالمىغۇدەك دەرىجىدىكى تۆۋەن بىرئاۋاز بىلەن خۇداغا ئىلتىجا قىلىشقا باشلىدى. لەۋلىرىمۇ لوپا ئەينەك تۇتۇپ قاراپباقمىسا بىلگىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە يىنىك لىپىرلايتتى.


« ئى ئالەملەرنىڭ پادىشاھى، ئى گۈزەل دوستۇم، ئى ماڭا نەپەس ئاتا قىلغۇچى پادىشاھىم، ئى مەدەتكارىم، ئى سىر ساقلىغۇچۇم،ئى ماڭا قۇچاق ئاچقۇچى، مەن سېنىڭ دۇنيادىكى بارلىق گۈزەللىكلەرنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن، سەنمۇ مېنىڭ سەندىن باشقا ھېچبىر ھەقىقىي سىردىشىم، ھالىمنى ھەقىقىي بىلگۈچىنىڭ يوقلىقىنى بىلىسەن. ئى ئەڭ گۈزەل ناملار بىلەن ئاتاپمۇگۈزەللىكىنى تۈگەتكىلى بولمايدىغان باشپاناھىم، شۇئان مېنىڭ قانداق بىر روھىي تۇيغۇدا ئىكەنلىكىمنى سەندىن باشقا بىلگۈچى يوقتۇر. ئۇنى قۇتقۇزىۋال، بىز پەقەت ساڭىلا ئىشەندۇق. بىزنى بۇ قىيىنچىلىقلاردىن سەن قۇتقۇزىۋال، قولىمىزنى سەن تارتىۋال. ئىنساننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسىمۇ ئاغرىقى ئۈچۈن ساۋاپ يېزىلاتتىغۇ،ئازاپلار يۈرىكىمنى قىلىچ بىلەن كېسېلگەندەك پارچە- پارچە قىلىۋەتتى. سەن ئەلۋەتتەبۇنى تۇيىسەن، كۆرىسەن، بىلىسەن. مېنى ئازاپتىن پەقەت سەنلا خالاس قىلالايسەن...»


ئۇنىڭ ئىلتىجالىرى داۋاملاشقانسېرى مەنمۇئۆزۈمنىڭ تامامەن يوقىلىشقا يول ئېلىۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ۋۇجۇدۇم پەقەتلابەرداشلىق بېرەلمىدى. ھۈجەيرىلىرىم شالاڭشىغىلىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز كۈچلۈك بىرئېقىندا بوغۇلغاندەك نەپەس ئالالماي قالدىم. تولىمۇ تەستە بۇ ئېقىننىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ ۋۇجۇدۇمنىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىدە ئازغىنە قالغان ئېنىرگىيەلەرنى بىر يەرگە يىغىپ قەددىمنى رۇسلاپ، ئېقىننى ھېس قىلىشقا باشلىدىم.ئۇ قىزنىڭ تۈپتۈز ۋە تېز ھەرىكەت بىلەن ئېقىپ چۈشۈپ بوينىدىكى تەر تۆشۈكچىلىرىدەھاسىل بولغان نەملىك بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقان يېشى ئىدى. مەن خۇدۇمنى يوقاتتىم.ئۇنىڭ مەندىن ئۇزاقلىشىشىنى ئۆتۈندۈم. ئەمما ئاۋازىم چىقمايتتى.


خۇدانىڭ ماڭا رەھمى كەلدى. قىزنىڭ كۈچلۈك بىر ئاۋازدا سايرىغان تېلېفونى ئۇنىڭ روھىدىكى مېنىڭ خۇدۇمنى يوقىتىشىمغا سەۋەپ بولۇۋاتقان بارلىق ھېس- تۇيغۇلىرىنى تولىمۇ قىسقا بىر ۋاقىت يوق قىلدى. ئۇتېلېفونىنى قۇلىقىغا تۇتقىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. مەن خۇددى قۇلاقتىن يېڭى ئېلىۋېتىلگەن موس موس قۇلاق ئەتكۈچتەك ئاستا- ئاستا ئۆزۈمگە قايتىپ كەلدىم. ئەمما ئېقىپ چىقالماي قالغان ياشلىرىمدا بوغۇلۇش خەتىرى مەۋجۇت ئىدى. تېلېفوندا قارشى تەرەپنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىساممۇ قىزنىڭ « شۈكۈر» دېگەن سۆزى بىرياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئىدى.


دەل ئۇنى كېتىدۇ دەپ تۇرغان پەيتىمدە ئۇماڭا لوككىدە ئۆزىنى تاشلىدى. ئۇ ئۇچۇۋاتاتتى، ئەمما مەن بولسام ئاستا- ئاستاباشتىكى بويىچە كىچىكلەپ، تۈگىگىلىۋاتاتتىم. ئەمما ئۆزۈمنىڭ قانداق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىم بىلەن كارىم بولماي، قىزنىڭ روھىدىكى بۇ ئېنىرگىيەلەرنىڭ مەنبەسىگە مەستانە بولۇش بىلەن ئىدىم. بولدى، مەن نېمە بولسام بولاي، بۇ قىزپەيدەك لەيلەپ ئۇچقىنىچە بارغانلىكى يېرىگە روھىدىكى بارلىق ھۇزۇر ئېقىملىرىنى چېچىۋېتىپ كەلسۇن، دېگۈم بار ئىدى، ئەمما بۇلارنى تېخى تولۇقى بىلەن خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ بولالماي تۇرۇپلا جان تالىشىش گىردابىغا يەتتىم.


« ئى پادىشاھىم، ئى گۈزەللىك مەنبەسى،ئاچامغا مېنىڭ ۋۇجۇدۇم ئارقىلىق ھاياتلىق ئاتا قىلغانلىقىڭغا چەكسىز ۋە چەكسىزشۈكۈر. ئەگەر مېنىڭ يىلىكىم ئۇنىڭغا ماس كەلمىگەن بولسا، ئاچاممۇ ئاپام،داداملارنىڭ يېنىغا- سېنىڭ يېنىڭغا كېتىپ قالغان بولسا، مەن ھەقىقەتەن بۇ دۇنياداشېخىدىن ئۈزىۋېتىلگەن كىچىككىنە بىر گۈلگە ئوخشاش ئاستا- ئاستا سولۇپ كېتەتتىم.  ماڭا دۇنيالىقتا سەندىن باشقا يەنە بىر ھەمراھ بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن چەكسىز شۈكۈر.» دېدى ئۇ يىغلىغىنىچە.


ئۇنىڭ يېشىداتامامەن غەرق بولغۇلىۋاتاتتىم،تۇيۇقسىز يېقىنلا بىر نۇقتىدىن ئۈستىمىزگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەن غايەت زور ماگمىدىن تارقالغان چوغدەك بىر ماددىنىڭ تېزلىكتە پارچىلىنىشىدىن چىققان ئۇۋاقلار ۋە تەركىبىنى بىلگىلى بولمايدىغان كۈچلۈك گازلار قىزنى نەپەسلىرىنى ئۈزۈپ قويدى. تېلېفونى ئاللىقاچان كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتكەنىدى. مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىردىنلا قاپقارا بىر تۈسكە كىرىپ قالدى. قىزنىڭ بېشى مېنىڭ يۆلەنچۈكۈمدە يانتو ھالەتتە تۇراتتى. مەن قانچە سىلكىنگەن بولساممۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق سادا كەلمەيتتى. بىرەر كېلومېتىر دائىرە ئىچىدىكى ھەممىلا كىشى قىقاس-چۇقانلىق ئىچىدە جېنىنى قۇتقۇزۇش كويىدا تەرەپ- تەرەپكە قېچىشاتتى. ئەللىك مېتىرچە  نېرىدا يىل بويى بىخەتەرلىكنى ساقلاش مەقسىتىدە تىزىلىپ تۇرىدىغان ساقچىلارمۇقىزنىڭ ئەتراپىدا پوكۇلداپ يىقىلىۋاتقان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشىنى توختىتالمىدى.قىزنىڭ كۆزى يۇمۇلماي ئوچۇق ھالەتتە تۇرۇپ قالغان بولۇپ يۈزى باشتا مەن كۆرگەندىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايتتى. يۈزىلا ئەمەس پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن قان تەپچىرەپ سىرتقا چىقىدىغان يولنى تاپقان ھامان ئېتىلىپ چىقاتتى. ئاياللارنىڭ چىرقىرىشى،بالىلارنىڭ يىغىسى، ئەرلەرنىڭ «بۇ تەرەپتىن قېچىڭلار» دېيىشىپ ۋارقىراشلىرى ھېكايىلەردىكى قىيامەتنى ئەسلىتەتتى. سەل نېرىدىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئاپتوبۇسنىڭ ئىچىدىن ئوقتەك تېزلىكتە چۈشۈپ قېچىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدىكى كىملەرنىڭ قولىدا ئون مېتىر نېرىدىكى سودا سارايدىن تېخى يېڭى سېتىۋالغان نەرسىلەرقاچىلانغان خالتا، كىملەرنىڭ دۈمبىسىدە ئىچىگە نېمە قاچىلانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان سومكا،  كىملەرنىڭ قۇچىقىدا يىغلاۋاتقانكىچىك بالا بار ئىدى. ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى خۇددى ھازىرلا يەنە بىر نۆۋەت پارتىلاش بولىدىغاندەك تېزلىكتە بۇ يەردىن قېچىپ كېتىش ئىدى. پۈتكۈل شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كوچىسى بىردىنلا ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ناتسېسلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان كوچىلاردەك تەڭداشسىز تىمتاسلىققا چۆمدى.  نەچچە ئون سېكۇنتنىڭ ئىچىدىلا قىزىلئاي مەيدانىدا پارتىلاش زەربىسىدىن يەرگە پوكۇلداپ چۈشۈپ، بەدىنىدىكى تىتىلىپ كەتكەن يارىسىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىڭراپ ياتقان يارىدارلار بىلەن قىمىر قىلماي ياتقان شېھىتلەردىن باشقا ھېچقانداق ئىنسان قالمىدى.   


مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئاستا- ئاستا ئۆلۈۋاتقانلىقىغاشاھىت بولدۇم.


(2016- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى باشقا بىرھېكايەمدىن ئۆزگەرتىپ يېزىلدى)

uyghuray

9

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   15.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 4797
توردىكى ۋاقتى: 1012
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-20 05:43:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنقەرەدىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىشنى كورد ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ مىڭىسى چىرىپ كەتكەن ئەزاسى سادىر قىلغانلىقى ئىنىقلىنىپتۇ.

ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تۈزۈمدە دىمگۇراتىيەنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان، كىشلىك ھوقوق تولۇقى بىلەن تەرەققىي قىلۋاتقان،بارچە مىللەتنى بارچە ھوقوقىدىن تەڭ بەھرىمان قىلىۋاتقان تۈركىيەدەك دۆلەتتىن يەنە نارازى بولۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرغا سۈيقەست قىلىشتىن،ئەمدى ئاددىي پۇقراغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن كورد ئۆكتىچىلىرىنىڭ، تۇزكور،تىگى پەس ناھايىتى ناچار خەلق ئىكەنلىكى ئىنىق بولدىغۇ.

كەينىدىن يەل بىرۋاتقان چىدىماس پۇتىن، مۇشۇنداق رەزىل سۈيقەستلىرى بىلەن روسيە تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى ئايىغى چىقماس ھاڭغا ئىتىرىۋاتىدۇ.
دەرۋەقە،  ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋاقتى توشۇپ قالدى، ھوقوقنىڭ بارىدا روسيەنى پاتقاققا پاتۇرۇپ،ئاندىن كۈچلۈك بىر دۈشمەننىڭ قولغا تۇتۇپ بېرىش كىرەك دە !
پۇتىنچە تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلاتى ئەنقەرەدە كۆرۈلدى. ئىتقادسىز چىرىك مىڭىنىڭ ئىگىسى قۇربانلىق قوي بولدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )