قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6186|ئىنكاس: 77

ئۇيغۇر قىزلار قورقمامسىلەر؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

23

دوست

2374

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56444
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 87
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 67
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31

تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 06:21:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇيغۇر قىزلار قورقمامسىلەر؟»

[تۈركىيە تەسىراتلىرىم3]

بۇمەريەم



   ئاياللارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەشتىكى سەل چاغلىغۇسىز رولى ئىنكار قىلغۇسىز ھەقىقەت. مەن بۇرۇن تاتارلارنىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇقۇمۇشلۇق مىللەت ئىكەنلىكىنى، تاتارلاردا بولۇپمۇ ئاياللارنى ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىزدىمۇ شۇنداق بولسىچۇ، دەپ تاتارلارغا ھەۋەس قىلاتتىم. بىزنىڭ يېزا- شەھەرلەردىكى تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپلا ئەرگە ياكى بالا باغقۇچىلىققا بېرىۋېتىلگەن، ئارزۇسىغا قارشى ماددى ئىمكانلارنىڭ يار بەرمەسلىكىدىن ئوقۇيالمىغان قىزلارغا ھېسداشلىق قىلاتتىم.
   تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن،يېزىلاردا- بولۇپمۇ كورتلارنىڭ ئارىسىدا كىچىككىنە قىزلارنى ئەرگە بېرىشنى نورمال ئىش دەپ قاراپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇشنى كېرەكسىز كۆرىدىغان ئەرلەرنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ قارىشى بويىچە ئېيتقاندا، قىزلار مەكتەپتىمۇ ئوقۇماي، ئۆيدىنمۇ زۆرۈر ئىشى بولمىسا تالاغا چىقماي، ئېرىنىڭ ئېشىنى ئىتىپ، كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ، ئۆيىنى تازىلاپ، بالىسىنى بېقىپ، قېيىن ئانا- قېيىن ئاتىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەرئېلىشى، ئىرىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي ئۇلارغا بويۇن ئېگىپ قۇلدەك تۇرۇشى كېرەكمىش. ئوقۇغان قىزلار ھېچنەرسىگە يارىمايدىغان ئەخلاقسىزلار ۋە دۇنيانى بۇزىدىغان شەيتانلارمىش.
   بىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىردوستۇم يەڭگىيدىغان بولۇپ قېلىپ بىر دۆلەت دوختۇرخانىسىغا باردىم. دوستۇمنىڭ يولدېشى بەزى رەسمىيەت ئىشلىرىغا ماڭمىسا بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن تۇغۇت ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى كارىدوردا ئىچىدىن خەۋەر ساقلاپ تۇراتتىم.  ساقلاۋېرىپ ئىچى پۇشۇپ كەتتىمۇ تاڭ، ئولتۇرغانلار پاراڭغا چۈشتى. پاراڭنىڭ مەزمۇنى ئاياللارنىڭ بالا تۇغۇشى، ئوقۇشى... ھەققىدىكى گەپلەر ئىدى. تۇغۇتخانىدا ئون ئايال يەڭگىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى دوستۇم (ھېساپتا چەتئەللىك)، ئىككىسى تۈرك، قالغانلارنىڭ ھەممىسى كورت ئىكەن. بىر كورت ئادەم مۇشۇ نۇقتىنى تۇتۇۋېلىپ تۈرك ئاياللارنىڭ ئوقۇپ، ئىشلەپ يۈرۈپ بالا تۇغۇشقا ئۆزلىرىنىڭ خوتۇنلىرىدەك ماھىر ئەمەسلىكىنى، ھەر كۈنى تۇغۇلىدىغان بوۋاقلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئۆز مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ دىيارباقىر شىۋىسىدە سۆزلەپ ماختانغىلى باشلىدى. تۈرك ئادەم دەرھال بۇنىڭغا رەددىيە بەردى. «ئوقۇغاننىڭ، ئىشلىگەننىڭ نەرى يامان قېرىندىشىم؟ ھەممە ئادەمنىڭ ئوقۇش، ئىشلەش ئەركىنلىكى بار. بىز مەن ئەر كىشى دەپ بۇنىڭغا چات كېرەلمەيمىز.» كورت ئادەم بولسا ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولمىدى.
   « بىز دېگەن قىزلارنى مەكتەپكىمۇ بەرمەيمىز، مۇشۇنچىلىك بولۇپ 14 ياشنىڭ قارىسىنى كۆردىمۇ ئەرگىلا بېرىۋېتىمىز.» كورت ئادەم ھەدەپ مېنى كۆرسىتىپ سۆزلەيتتى. ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ يا يولدىشىم يا دوستۇمنىڭ يولدېشى نەق مەيداندا بولمىغاچقا گەپمۇ قىلماي باشقا تەرەپكە قاراپ تېلېفونغا قارىغان بولۇپ تۇردۇم.
   «14 ياشلىق قىزلارنى ئەرگە بېرىش قانۇنغا چۈشمەيدۇ» دېدى تۈرك ئادەم كېسىپلا. ھېلىقى كورت ئادەم بولسا تۈرك ئادەمنىڭ ھېچقانداق بىر پىكىرىگە قايىل بولماي، قولىدىكى تەسۋىسىنى توختىماي چۆرىگىنىچە يەنە مېنى قارىغۇلارچە مىسالغا ئېلىپ سۆزلىگىلى تۇردى. «مۇشۇ سىڭلىمىزمۇ بىر چىرايلىق پۈتۈنسۈرۈك كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈپتۇ مانا، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇدۇم دەپ ھەرۋاڭ سەرۋاڭ كىيىملەرنى كېيىپ، بەدىنىنى ئېچىپ، يۈز- كۆزىنى جىندەك بوياپ، چاچ- پاچلىرىنى ئۇچۇرتۇپ، ئەجداتلىرىمىز قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرسە بۇ بىز ئەرلەرگە نومۇس ئەمەسمۇ؟...»
    ئۆزۈمنى پەقەتلا باسالماي كەينىمگە ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا سۆزلىدىم. «بىرىنجىدىن، مەن سىزنىڭ سىڭلىڭىز ئەمەس، ئىككىنجىدىن مەن 14 ياشقا كىرمىدىم، ئېرىم بار. ئۈچىنجىدىن مەن سىز بايادىن بېرى تالىشىۋاتقاندەك مەكتەپ يۈزى كۆرۈپ باقمىغان قارا ساۋات ئەمەس، ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگېستىرلىقتا ئوقۇماقتىمەن.كەيگەن كىيىمىمگە قاراپ يېشىمنى، مەدەنىيەت سەۋىيەمنى باھالاپ، نېمە مېنى خەق بىلەن قىلىۋاتقان پارىڭىڭىزغا قىستۇرىۋالىسىز؟ بۇ دېگەن بىر ئەدەپسىزلىك. چۈنكى مېنىڭ سىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق. مەن دېگەن سىزگە نامەھرەم بىر ئايال. سىز بايا تېخى ماۋۇ ئاكىمىزغا قىزلارنى يات ئەرلەرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتمايمىز دەپ سۆزلەۋاتمامتىڭىز؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىزلىرىنى قوغداپ، خەقنىڭ قىزىغا كۆز سالىدىغان قانداق ئەر كىشى؟ مەنچە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ساۋاتسىزلىقىڭىز بىلەن بىلىمسىزلىكىڭىزنى يېپىش ئۈچۈن – خوتۇن- قىزلىرىم مەندىن بىلىملىك بولۇپ كەتسە ئۇلارغا چوڭ سۆزلىگۈدەك يۈزۈم قالمايدۇ دەپ شۇڭا ئۇلارنى ئوقۇتمايدىكەنسىز»
   گېپىمنى ئاڭلاپ ھەممىسى ھەيران قېلىپ قارىشىپ كەتتى. ئۇلار ئەسلى مېنىڭ گەپ قىلماي تۇرغىنىمغا قاراپ مېنى تۈركچىنىمۇ تۈزۈك بىلمەيدىغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىرەر يېرىدىن كېلىپ قالغان ئاققۇن چېغى دەپ قېلىشقانىكەن.«ئاپېرىن قېرىندېشىم» دېدى تۈرك ئادەم ماڭا قاراپ. ئاندىن كورت ئادەمگە قاراپ سۆزلىدى. « كۆردۈڭمۇ مانا، قىز بالاڭنى ئوقۇتساڭ مانا مۇشۇنداق خەققە بوزەك بولمايدۇ.»
   كارىدوردىكى ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى. كورت ئادەم بولسا ئاتقان پولىرىنىڭ ئاستىدا مىجىلىپ، تەسۋىسىنى ئايلاندۇرۇپ، قىزىرىپ- تاتىرىپ دۇدۇقلىغىنىچە ئولتۇرغان يېرىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
   ھېلىقى ئىككى تۈرك ئادەم بولسا كەينى- كەينىدىن ئوقۇش ئۈچۈن چەتئەلگە چىققانلىق روھىمنى ماختاپ، تۈركچىنى كورت ئادەمدىن ياخشراق سۆزلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىشىپ، قانداق قىلىپ ئۆگىنىۋالغانلىقىمنى سوراشتى.
«تۈركچىنى مانداق ئۆگەندىم دەيدىغان بىرەر پورمۇلارىم يوق. مەن بوۋاق چاغدا تىلىم چىققاندىلا <ئانا> نى ئانا، <بىر>نى بىر، <ئىكى> نى ئىككى دەپ ئۆگەنگەن. مېنىڭ تىلىم تۈرك تىلىنىڭ غوللۇق قولى» دېدىم كورت ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ.
نۇرغۇن تۈرك دوستلىرىم دائىم مېنىڭ ۋە ئۆزلىرى تونۇيدىغان باشقا ئۇيغۇر قىزلارنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىققىنىنى ماختىشىدۇ. چۈنكى چەتئەلگە چىقىش ئۇلار ئۈچۈن قورقىدىغان ئىش بولۇپ، تۈرك قىزلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئاساسەن دېگۈدەك بايلارنىڭ ياكى بولمىسا دەرىجىدىن تاشقىرى تەۋەككۈلچى قىزلارنىڭ ئىشى. ئۇلار مېنىڭ باي ئەمەسلىكىمنى بىلگەچكە مېنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەۋەككۈلچى چاغلىشىدۇ. مەن ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ قورقۇنچاق بولغاچقا تۈركىيەگە كەلگىنىمنى، ياۋروپادا، ئامېرىكىدا، ياپونىيە قاتارلىق ئاسيا ئەللىرىدە، جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە ئوقۇپ يۈكسىلىپ، مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە چىراغ بولۇش ئۈچۈن ئاتا- ئانىسىنىڭ قوينىدىن مىڭلىغان چاقىرىم ئۇزاقتا تۇرۇۋاتقان سان- ساناقسىز قىزلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قۇچقان زەپەرلىرىنى ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلغان ئاتا- ئانىلارغا بولغان ھەيرانلىقى بىر بالداق ئۆسۈپ « كۆپلەپ ئوقۇشقا چەتئەلگە چىقىدىكەنسىلەر، سىلەرئۇيغۇر قىزلار قورقمامسىلەر؟ئاتا- ئاناڭلار سىلەردىن ئەنسىرىمەمدۇ؟ » دەپ سورىشىدۇ. چۈنكى شىنجاڭنىڭ يېرىمىچىلىك كېلىدىغان تۈركىيەدە ئاتا- ئانىلار قىزلىرىنى بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە يالغۇز يولغا سېلىشتىنمۇ ئەنسىرەيدۇ. پۇلى بەك ئېشىپ تېشىپ كەتكەن باي بولمىسىلا بالىسىنى چەتئەلگىمۇ يولغا سالمايدۇ. ئوغۇللارنى بىكارلىق ئوقۇش بولسا ئويلىشىپ ئەۋەتىشى مۇمكىن ئەمما قىزلارنى ھەتتا بىكارلىق ئوقۇش بولسىمۇ، بەك تەۋەككۈلچى ئادەم بولمىسا يولغا سلىپ قويۇشى ناتايىن.
   مۇشۇلارنى ئويلىساملا باشتائېيتقاندەك، قىزلارنى ئوقۇتۇش مەسىلىسىدە باشقىلارغا ھەۋەس قىلىپ ئۆزىمىزگە ئېچىنىشىم سەل يەڭگىللەيدۇ. كەلگۈسىمىزگە بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئۆسىدۇ.  چۈنكى بىر نامرات ئۇيغۇر ئائىلىدە، بىر قىز ۋە بىرئوغۇل پەرزەنتنىڭ ئىچىدىن بىرنىلا ئوقۇتۇشقا ئىمكان بولۇپ، يەنە بىرىنى ئوقۇتۇشقا زادىلا مۇمكىن بولمىغان بىر ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مەن ئۇ دادىنىڭ «قىزىم خەقنىڭ قولىغا قاراپ خارلىقتا قالمىسۇن، ئوغلۇم قارا كۈچىگە تايانسىمۇ جېنىنى باقالايدۇ» دەپ قىزىنى ئوقۇتىدىغانلىقىنى، ئۇ ئوغۇلنىڭمۇ ھەم ئاچىسى ياكى سڭلىسى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي قۇربانلىق بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

uyghuray

1

تېما

2

دوست

2535

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35473
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 792
توردىكى ۋاقتى: 403
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 10:34:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىزىم خەقنىڭ قولىغا قاراپ خارلىقتا قالمىسۇن، ئوغلۇم قارا كۈچىگە تايانسىمۇ جېنىنى باقالايدۇ»

بۇ قۇرلار ماڭا بەكلا ياقتى..........

69

تېما

36

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23105
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 10:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىز تېتىملىق چىقىۋاتىدۇ.ھارمىغايسىز.تەشەككۆر!

0

تېما

3

دوست

5461

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35151
يازما سانى: 394
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1674
توردىكى ۋاقتى: 465
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 11:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ياخشى بىر ماقالە  .
uyghuray

0

تېما

7

دوست

2349

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  37487
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 372
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-29
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 11:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىزىم خەقنىڭ قولىغا قاراپ خارلىقتا قالمىسۇن، ئوغلۇم قارا كۈچىگە تايانسىمۇ جېنىنى باقالايدۇ»

بۇ قۇرلار ماڭا بەكلا ياقتى..........


مىنىڭمۇ كوزلىرىم لىغىرلاپ كەتتى

1

تېما

2

دوست

5079

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   1.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1564
توردىكى ۋاقتى: 344
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 12:22:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا بىلىمدىن ئۆزگە مەرتىۋە ۋە بايلىق يوق ،بىلىمسىزلىكتىن ئارتۇق بەخىتسىزلىك بولمىسا كېرەك.

0

تېما

10

دوست

587

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52205
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 12:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىىتتا ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققىنى قىممەت كۆرۈپ ئوقۇمايمەن دېگىنىمدە ئاتام ماڭىمۇ «قىزبالا دېگەن ئاجىز،جقراق ئوقۇساڭ نېنىڭ پۈتۇن بولسا ،بىركىمنىڭ قولىغا قاراپ قالمايدىغان ئادەم بولساڭ دەيمەن »دەپ زورلاپ ئوقۇتقانتى.

0

تېما

5

دوست

4729

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   90.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33156
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1468
توردىكى ۋاقتى: 296
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-21 13:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلارنى ئوقۇتقانلىق ، كەلگۈسى مىللەتنى ئوقۇتقانلىقتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )