قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1001|ئىنكاس: 9

نېرىنكىر نورۇز بەزمىسدە جۇلالانغان ئەنئەنە(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

322

تېما

39

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3344
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14571
تۆھپە : 13430
توردىكى ۋاقتى: 4813
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 00:03:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2016- يىلى 3-ئاينىڭ 20 كۇنى مەن زاكىر ئاكامنىڭ تەكلىپى بىلەن قومۇل دەۋىر رېستۇرانىدا ئۆتكۇزۇلگەن نېرىنكىر نورۇز بەزمىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشتىم .  ئىسمگە نېرىنكىرلىكلەر ئۆتكۇزگەن ئالدىنقى 2015-يىللىق داغدۇغۇلۇق نورۇزلۇق يايلاق پائاليەتلىرى ۋە نورۇز بەزمە كىچىلىكى  كەلدى . ئالدىنقى يىللىق نورۇز پائاليىتى دىيارىمىزدىكى ئەللامە ئالىم يۇرت چوڭلىرىدىن ئازات سۇلتان ئەپەندىم ، ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندىم قاتارلىق كاتتا زىيالىلار قاتناشقان بولۇپ كەمىنە توخوتۇرمۇ بۇ قەدەر كاتتا يۇرت چوڭلىرى بىلەن بىللە نورۇز ئۆتكۇزگەنلىكىمدىن ئۇزۇنغىچە شەرەپ ھىس قىلغان ئىدىم ، شۇنداق يۇرت چوڭلىرىدىكى ئاكتىپ ئىنىرگىيەنى ھىس قىلىش تەس ئەمەس ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر سۆزى ، ھەر بىر باھاسى يۇرەك تارىمىزنى چىكىپ بىزنى ئۇزۇنغىچە بىر خىل ھاياجان ئىلكىدە ئويلاندۇرغان ئىدى . شۇندان 2015-يىللىق نېرىنكىر  نورۇز مەشرىپى مەشرىپى ئەللامە يۇرت چوڭى ئازات سۇلتان ئەپەندىمنىڭ ئوننەچچە مىنۇت داۋاملاشقان ئۇدۇل يۇرەككە بارغان تەسىرلىك ۋەزىنلىك نۇتۇقى بىلەن
.پۇتكۇل نېرىنكىر نورۇز بەزمىسىنىڭ قىممىتىنى يەنە بىر نەچچە پەللە يوقۇرى كۆتۇرگەن ئىدى ... جۇملىدىن مەن توخوتۇر ئازات مۇئەللىمنىڭ شۇ قېتىمقى نۇتۇقىدىن قاتتىق ئىلھاملىنىپ ئۇندىدارىمغا دىيارىمىزنىڭ ئەللامىسى ئازات سۇلتان داپ داراڭلىغان ئىشەك ھاڭغىرغان جايلارغا بېرىشتىن بەكرەك ، نۇتۇق سۆزلەش ، ئىلمى ئاقارتىش سورۇنلىرى خەلقىمىزگە مائارىپ تەربىيسىى ، تەرەققىيات تەربىيسىى بىرىشنى ئىستەيدىغان سورۇنلارغا تېخىمۇ بەكرەك مەيلى بارلىقىنى  ۋە خۇشتار ئىكەنلىكىنى چىقىرىپ قويغان ئىدىم .
.ئازات سۇلتان مۇئەللىم  2015-يىلى نېرىنكىر ياشلىرى تەشكىللىگەن نورۇزلۇق ئات چاپتۇرۇش ، ئوغلاق تارتىشىش ۋە نورۇز بەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار پائاليەتلەرگە يوقۇرى باھا بىرىپ پارتىيە ۋە ھۆكۆمەت رازى بولغان ،  كەڭ خەلىق خوشاللىق بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ، مەزمونى ساغلام بولغان پائاليەتلەرنى ئېلىپ بېرىپسىلەر دەپ مۇئەييەنلەشتۇرگەن ئىدى .
.
.ئۇنداقتا 2016-يىللىق نورۇز قانداق بولار؟  مەن دەۋىر رېستۇرانىغا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ  بۇقېتىملىق نورۇز بەزمىسىگە ئالدىراشلىقتىن ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقىنى ئەمما ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ نېرىنكىر نورۇز بەزمىسىنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ۋەزىنلىك چىقىشغا مەدەت بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم .
.شۇنداق قىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20 -كۇنى  ئۆرۇمچى ۋاقىت  ئەتتىگەن سائەت توققۇزلار بىلەن نېرىنكىر نورۇز بەزمىسى رەسمى باشلاندى .
.باشلىنىش بىلەن تەڭ نېرىنكىرنىڭ تارىخى توغۇرسىدا قىسقىچە مەلۇمات بىرىلدى . بۇ ماڭا تولىمۇ ياقتى ، توغرا بىزنىڭ سورۇنلىرىمىز ئۆزىمىز ياشاۋاتقان يۇرتنىڭ تارىخىنى سۆزلەش ۋە پەخىرلىنىش بىلەن باشلانسۇن . تارىخ سۆزلەش ئەلۋەتتە شۇ سورۇندىكىلەرگە بىر ئىپتىخار شۇنداقلا بىر مۇئەييەنلەشتۇرۇش ئەڭ مۇھىمى ئاڭلىغان قەلىپلەرگە بىر ۋەزىن ئېغىرلىق پەيدا قىلىدۇ ، ئاتالىق بىلگىنلىىرمىز تارىخ سۆزلەشنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئەمەسمدىى ؟ مەدداھ ۋائىزلىرىمىز تەڭرى تېغىنىڭ جەنوبى ۋە شىمالىدا سەيياھلىق قىلىپ يۇرۇپ تارىخ سۆزلىگەن ئەمەسمدىى . تارىخ بىزنىڭ تىنغان قىسمىمىز ، تارىخ بىزنىڭ قاتلىمىمىز ، تارىخ بىزنىڭ ئەنئەنىمىز ۋە يوسۇنلىرىمىزنىڭ كىلىش مەنبەسى .
. ئۇنداقتا بىز نېرىنكىر توغۇرسىدا يېزىلغان قىسقىچە  تارىخى مەلۇماتقا قاراپ باقايلى :

                                                                             نېرىنكىر توغۇرسىدا
.ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۇرتداشلار نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !ئەزىز تىنىڭلار سالامەت بولسۇن !خىزمىتىڭلار ئۇتۇقلۇق بولسۇن .
.قومۇلدا بەش شەھەر ، 12 تاغ بار بولۇپ ، بەش شەھەر يەنى سۇمقاغا ، ئاستانە ، توغىچى ، لاپچۇق ، قارتۆۋە ، 12 تاغ تاراتى ،قوراي ، باغداش ، تال تېغى (شوپۇل)،تۆمۇرتى ، خوتۇنتام ، تاشار ، نوم ، ئارتۈرۈك ، باي ، تۈركۆل ، نېرىنكىر دىن ئىبارەت . نېرىنكىر خەلقىنىڭ ئىناق ئىتپاقلىقى ، مېھمان دوسلىقى ، بىپايان كەتكەن گۈزەل يايلاقلىرى ھەم ئىگىز تاغلار قورشاپ تۇرغان بىر قۇتلۇق ماكان . بۇ قۇتلۇق ماكاندا خالى جەمەت ، موللا جەمەت ، قىردىكىلەر ، يەكتا جەمەت ، كۆك جەمەت ، شىردان جەمەت ،چىلتەن جەمەت ، بەگ جەمەت ، قارا بىلەك جەمەت قاتارلىق توققۇز جەمەت ئىناق ئىتپاق ياشاپ كەلگەن بولۇپ ، ھاشىم دورغا ، قاسىم دورغا ، خۇدايار دورغا ، سۇۋىر دورغا ، مەتاشىم دورغا ، سۇلايمان دورغىدىن ئىبارەت ئالتە دورغا ، بىر قورمال يەنى مەشھور قومۇل دىقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى سادىق قورمال ، بىر چۇجاڭ ، بىر تۆەنجاڭ يەنە نۇرغۇنلىغان مەنسەپدارلار بايلار ئۆتكەن ئىكەن ، ئەينى يىللىرى يۇرتىمىزنىڭ ھازىرقى تاملىق ھېيىتكار مەسچىتىمىزنى ھاشىم دورغا دىگەن كىشى سالدۇرغان ئىكەن .
.يۇرتىمىزنىڭ مەمورچىلىقى ، ۋە پارتىيە ۋە ھۆكۆمەتنىڭ ياخشى  دىنى سىياسەتلىرىنىڭ تۇرتكىسىدە بۇگۇنگە قەدەر 40 نەپەر ئەر ،ۋ ە 16 نەپەر ئايال ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ ھاجى بولۇپ كەلدى .
.يۇرتىمىزدا ئۈچ كارىز ئالتە تىگىرمەن (تۇگمەن دىگەن سۆزنىڭ نېرىنكىر ئاھاڭ ئۆزگۇرىشى )، بىر يۇفاڭ (خاراز)،بىر موفاڭ (دان يېرىش ئورنى سالغان ئىكەن ، بىز ئەجداتلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ ، ئىناق جەميەت بەرپا قىلىپ دىننى بۆلگۇنچىلىككە  ، ۋە دىننى ئەسەبى كۇچلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇپ ئىناق ئىتپاق بولغان گۈزەل يۇرت ماكان قۇرۇپ چىقايلى كۆپچىلىككە رەھمەت .
.

.نېرىنكىر توغۇرسىدىكى بۇ قىسقىچە تارىخى بايانلاردىن بىز ئۆز يۇرتىدىن ، ئۆز تارىخىدىن ئۆز يۇرتىدا يىتىشىپ چىققان يۇرت كاتتىلىرىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر گۇزەل پاكىز روھى ھالەتنى كۆرۋالالايمىز . مانا بۇ كەلگۇسى بۇغۇنلىرىمىز ئۆگۇنىشكە ئىز بېسىشقا تىگىشلىك بولغان بىر ئەنئەنىلىرىمىز .
.مەن ئولتۇرغان ئۇستەلدىكى نېرىنكىرلىك قېرىنداشلار ماڭا يەنە نېرىنكىردە تۆت نەپەر ئاسپىرانىتنىڭ بارلىققا كەلگەنلكىنى دەپ بەردى ، مېنىڭچە بۇمۇ نېرىنكىر يېزىسىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مائارىپ جەھەتتە قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىنىڭ بىرقىسمى ، بۇ تۆت نەپەر ئاسپىرانىتمۇ ئەلۋەتتە ئەلۋەتتە نورۇز بەزمسىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۇشى ۋە گۇلدەستىلەر قوبۇل قىلشىقا تامامەن ھەقلىق دەپ ئويلۇدۇم . بۇ تۆت نەپەر ئاسپىرانىت بىر تاغلىق يېزا ئۇچۇن يول ئاچقانلار ھىساپلىنىدۇ ،  بۇ خىل ئوتتەك قىزغىن مائارىپ روھىدىن ئالدىغا قاراپ ماڭسا دوكتۇر كەينىدىكىلەر يىتىشىپ چىقسا يەنە نۇرغۇن ئاسپىرانىتنىڭ بارلىققا كىلىشىدىن بىشارەت بىرىلگەندەك تۇيغۇدا  بولۇپ قالدىم .

.نورۇزنامە ئوقۇلدى . شائىرلىرىم ياشاپ كەتسۇن تۇمەنمىڭ ،

.ئاتىلىق جىسمدىكى كۈچ -قۇۋۋەت ، ئەقىل پاراسەتى بىلەن 95باھار 95 قىشنى بىر كۇندەك ئۆتكۇزۇپ ئۆزىنىڭ سەمىمى ، ئاق كۆڭۇل ، كەڭ قۇرساق كەمتەر بولۇشىدەك ئىسل ئەخلاق پەزىلىتى بىلەن ھەممە ئادەمگە بىر خىل مۇئامىلىدە بولۇپ ساغلام ، تىمەن ياشاپ كىلۋاتقان يۇرت ئاقساقىلى ئىسمايىل بۇۋىمىزنى سەھنىگە تەكلىپ قىلىپ يۇرتنىڭ كۆڭلىمىزنى تۇتۇش ئارقىلىق بۇ مويسىپىت بۇۋىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۇر ، سالامەتلىك تىلەيمىز . گۈلدەستە كۆڭۈل ئىزھار قىلىندى ، تون يېپىلدى .

.ئۇزۇن ئۆمۇر كۆرۇش ،ئاراڭلاردا ياخشى ئىشلارنى قىلغان ، ئۆمرى ئۇزۇن بولغان كىشى ئەڭ ياخشى كىشىدۇر دىگەن مەزموندىكى ھەدىس خىيالىمدىن كەچتى ، نېرىنكىردە ئون بەش يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان دادام باش بارمىقىنى چىقىرىپ بۇ مويسىپىت 95 ياشلىق ئىسمائىل ئاتا نېرىنكىردا  ياخشى ئىمان ئىتقاتلىق ئادەم دەپ ماڭا ماختاپ بەردى . بۇ خىزىر  سۇپەت ئاتىمىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىم ، قومۇل ئازسانلىق مىللەتلەر تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۇزۇلگەن يىلى ئات بەيگىسى قىلغاندا كۆرگەن ئىدىم ، ئىككىنچى قېتىم ساۋاقدىشىم قېيىم كېرەم (سادىق قورمال ) بىلەن بىللە بۇ ئاتىمىزنى يوقلاپ بېرىپ زىيارەتتە بولغان ئىدىم ، ئۇندىدارلاردا ئاكتىپ ئىنىرگىيە دىگەن گەپ مودا بولدى ، مېنىڭچە ئاكتىپ ئىنىرگىيەنى موشۇنداق ئۆمرى ياخشىلىق ئۇستىدە ئۆتكەن ئەسىر ھالقىغان ئاتىلىرىمىزدىن ئالساق تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلۋالالايمىز دەپ ئويلايمەن ئۆزەمچە . بۇ ئاقساقالنىڭ شۇ چاغدا دىگەن نېرىنكىرلىك پۇرچاق پەلىزى خەقكەن ، بىر بىرسىنىڭ سودىسىنى بۇزمايدىكەن ، ئىناق ئىتپاق ئۆتىدىكەن .ھازىرقى ياشلارمۇ شۇنداق ئىناق ئىتپاق ئۆتسە ئوبدان بولىدۇ دىگەن ئارزۇسىنىڭ مانا بىر ئىككى يىل ئۆتمەيلا نېرىنكىر ياشلىرىنىڭ ئىتپاقلىشىپ كۇچ چىقىرشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا شاھىت بولۇپ تۇرۇپتىمىز .


.ئەل سۆيگەن پىشقەدەم رەھبىرى كادىر ، دىننى زاتلاردىن ھاجى ئىمام بۇۋا ، كېرەم ئىمام ھاجى سىدىق قارى يەھيا قارىلار سەھىنگە تەكلىپ قىلىنىپ ئۇلارغا گۇلدەستە ۋە كۆڭۇل سۇنۇلدى .

.ئەل يۇرتنىڭ گۇلدەستىسىگە قىلغان ئىشىڭنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە نائىل بولۇشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ ، مېنىڭ ئالامەت مەسلىكىم كەلدى ، ئاللاھ بىزنى بۇ ياخشى بەندىلەر قاتارىدىن قىلسۇن ئامىن !

.يەنە بىر يارقىن نۇقتا :

. يۇرتىمىز نېرىنكىردا ھاياتىنى سەمىمى ساداقەت ، مېھىرى -ۋاپالىق سۇيى بىلەن سۇغۇرۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق -چۇچۇك تەملىرىنى بىللە تېىتىپ 50-60 يىل بىللە ياشاۋاتقان ياشلارغا ئائىلە نىكاھنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلدۇرۇپ قول تۇتۇشۇپ ئالتۇن تويلارغا ئالماس تويلارغا يول ئالغان جۇپ -جۇپ قەدىردانلىرىمىز ھايات سىناقلىرىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى . ئۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن 1954 -يىللاردا توي قىلغان ئابدۇل ئىمىياز بوۋىمىز بىلەن زورىخان مومىمىز .1958-يىللاردا توي قىلغان ھاشىم ھاجى بوۋىمىز بىلەن مايسىخان ھاجى مومىمىز يۇرت كۆڭلىنى قوبۇل قىلشقا تەكلىپ قىلىمىز .

.ئائىلە مەيلى قايسى مىللەت قايسى دىندا بولسۇن مۇقەددەس ئۇقۇملارنىڭ بىرى ، شەھەر تۇرمىشىمىزدىكى ئائىلە يوسۇن قائىدىلىمىزنىڭ قەدەممۇ قەدەم يىمىرلىپ كىتىۋاتقان ، ئوڭ سولىمىزنى تاپالمايۋاتقان ، ھازىرقى شەھەرلىشىش ۋە تەرەققيات بىلەن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئائىلە ئۇدۇملىرىمىزنى بىرلەشتۇرەلمەي تەمتىرەپ تىنەپ ئېزىپ تېىزىپ يۇرۋاتقان موشۇنداق بىر تارىخى شارائىتتا يوقۇرقى ئىككى جۇپ بەختىيار لارنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت بىر بىرسىنى بوغۇپ قويماي ، ئاجىرشىپ كەتمەي ،قولىنى قولغا تۇتۇشۇپ ، ھەر بىركۇنىنى شۇكرى بىلەن بەخىت بىلەن مەنە بىلەن ئۆتكۇزۇپ بۇگۇنگە بەختىيار كىرىپ كەلگەنلىكى قايىللىقىمىزنى قوزغۇماي قالمايدۇ ، ئىنشائاللا ئاللاھ خالسىا كىيىن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئائىلە نىكاھ قارىشى پەرزەنىت تەربىيسى  ئۇرۇق تۇققاندارچىلىق ۋە يەنە باشقا تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ھەقىدە ئايرىم سۆھبەتلەردە بولغايمىز . ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۆمرۇڭلەرنى ئۇزۇن قىلسۇن ، سىلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىڭلاردىن ئەلۋەتتە خېمىر تۇرۇش ئالايلى ، سىلەرنىڭ بەخىتلىك ياشاش مەخپىيەتلىكىڭلارنى ھامان بىر كۇنى قېزىپ چىقىمىز ، مېنىڭچە سىلەر بىزگە كورىيەنىڭ چولپانلىرىدىن بەكرەك سۆيۇملۇك ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئاشۇ تاغ سۇيىدەك پاكىز ، كىنو چولپانلىرى ئەمەس بەلكى سىلەر بىز ياشلارنىڭ ئۇلگىمىز ،
.2016-يىللىق نېرىنكىر نورۇز بەزمسىىنىڭ پىلانلىنىشى ياخشى كىتىپ بارىدۇ ھە .

.نورۇز بەزمىسىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا :
.تەغدىرنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىپ ،جىسمىدىكى قۇۋۋەتنى ، مېھىرى -مۇھاببەتنى جۇملىدىن ياشلىق باھارىنى باللىرى ئۇچۇن ، ئۆمۇرلۇك ھەمرايى ئۇچۇن ئاتىۋەتكەن ، بىزگە ھەم كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىزغا سۆزلەپ بولغۇسىز داستانلارنى قالدۇرغان ، دەستە دەستە ھەشقاللا گۇللىرىمىز بىلەن توشقىزۋەتسەكمۇ ئازلىق قىلىدىغان قەيسەر ئانىلىرىمىزمۇ قەدەم تەشرىپ قىلدى . ئۇلار سىمىخان ھاجى ، نورخان ھاجخ ، زەينەپ ئانىمىز .
.سمېىخان ھاجى ئانىمىز 1966-توي قىلىپ ئائىلە قۇرغان ، رەھىمسىز ئەجەل ئۆمۇرلۇك ھەمرىيىنى ئالتە بالسىى بىلەن تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۇكىنى ئارىتپ قويۇپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ ، قىيىنچىلىققا تىز پۇكمەي باللىرىنى سارغايتماي ئېغىر مۇھتاجلىقلارنى يېڭىپ ، باللىرىنى يىمەي يىگۇزۇپ ، كەيمەي كەيگۇزۇپ ئوقۇتۇپ ھەر ساھەدە دۆلەت ھەم يۇرتىمىزغا ياراملىق بىر ئەۋلاتلارنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقان .

.مەنورخان ھاجى ئانىمىز 1958-يىلى توي قىلىپ باشقىلارغا ئوخشاشلا بىر ئىللىق ئائىلە قۇرغان بولۇپ ، ئۇزاق ئۆتمەيلا تەغدىر قسىمەت بىلەن يولدىشى مىڭە يىگىلەش يەنە تۇتقاقلىق كسىلىگە دۇچار بولىدۇ ، بۇ ئۇلۇغ ئانا كىسەلمەن يولدىشىنىڭ ئۆز ھاجتىدىن چىقالماس بولغان ئاخىرىقى ئون نەچچە يىللىق ئۆمرىنى ۋايسىماي قاقشىماي بىركۇندەك ئۆتكۇزگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتۇش ئىشىدا ئەزەلدىن ۋازكەچمەي ئاخىرغىچە ئوقۇتقان ،

. زەينەپ ئانىمىز بولسا ئۆز ئائىلسىدىكى توت جاننىڭ بىراقلا ئۇستىخان چىرىش كىسىلىگە گىرىپتار بولۇشتەك مۇدھىش كىسەل ئالدىدا تەغدىرنىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا باش ئەگمەي تۇرمۇشنىڭ ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۆز ئۇستىگە ئالغان ،
.بۇ قەيسەر ئانىلرىمىزغا نېرىنكىر خەلقى راسلىغان يۇرت كۆڭلىنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز .

. شۇنداق كۆز ياشلىرىنى توختىتالمايۋاتقان بۇ گۇزەل ئانىلارغا قارىغىنىمدا مېنىڭمۇ كۆزلىرىم پىلدىرلاپ كەتتى .ئاياللارنىڭ قەيسەرلىكى بەزىدە ئەرلەرنىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ . مېنڭچە گۇزەللىك چىن نۇرىدىن ئەمەس مانا موشۇنداق گۇزەل ئانىلىرىمىزنىڭ قەلىپ قاتلىرىدىن سىرىغىپ چىقىدۇ ، ئائىلە ئۇچۇن ، ھالال جۇپىتى ئۇچۇن ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بىز ھازىر كۇندىزى چىراق يېقىپ ئىزدەشكىمۇ رازى بولدىىغان گۇزەل پەزىلەت ئەمەسمۇ ؟ ئۆتەلەمسەن مەن بىلەن دىگەن ناخشىنى تەغدىم قىلغۇم بار ئەي گۇزەل ئانىلار ، سىلەر نېرىنكىر دىلا ئەمەس قومۇل شەھرىمىزدىمۇ نۇر چېچىشىڭلار كېرەك ، گۇزەللىك ئىزدىگەنلەر سىلەرگە باقسۇن .

.نېرىنكىر نورۇز بەزمىسىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا :
.يۇرتتىكى مىيىپ كىسەلچان ، ئاجىزلارنى نىڭ ھالىدىن ئوننەچچە يىللاپ خەۋەر ئالغان ،قىلچە مىننەت تاماسى بولمىغان ئىسىل پەزىلەتلىك كىشلىرىمىزدىن ئاياز بوۋا توختاش موما ئائىلسى ، كېرەم بۇۋا ،مەريەمخان موما ئائىلسىى ، مەرچۇم ئەۋەيدۇل ھاشىم ، راۋىيخان نىياز ئائىلىسى ، بۇ ئائىللەرنى يۇرت راسلىغان مېھرىبانلىق سەھىنىسىگە تەكلىپ قىلىپ ،يۇرت كۆڭلىنى قوبۇل قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز .

.باشقىلارنىڭ بالسىنى بېقىش يەنە كىلىپ ئاجىز مىيىپ كىسەلچان باللارنى بېقىش ئۇچۇرغانلا ئادەمنىڭ قولدىن كىلۋىرىدىغان ئىش ئەمەس ، بۇ ئەڭ يۇكسەك دەرىجىدىكى پەزىلەت مۇقاملىرىمىزنىڭ بىرسى ، پۇتۇن دۇنيا قايىل بولىدۇ ،پۇتۇن دۇنيا ئىتراپ قىلىدۇ ، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن ۋە سىلەرنى رازى قىلسۇن . ئامىن !

.نېرىنكىر بەزمىسىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا :
.ئەل نەغمىچى مۇقام ۋارىسلىرى ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ جانلىق مۇزىيىنى ساقلاپ تۇرغۇچى ھاپىز مۇقامچىلاردىن مەرھۇم ئەۋەيدۇل ھاىشىم ، قادىر تالىپ ھاجى ،كېرەم سادىق ھاجى ، مەرھۇم خەلچەم باسىت ، مەرھۇم خەلىچىخان باسىت .مەرھۇم تاجخىخان شاكىر ، سۇمخان ئابدۇللا ، خەلىچەم ھاجى  قاتارلىق ئەل نەغمىچى مۇقام ۋارىسلىرغا يۇرت كۆڭلىنى تەغدىم ئىتىمىز .


.مۇقام بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدىكى بىر يوشۇرۇن غەزىنە ، مۇقام بىزنى ئۇچمىڭ يىللىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھىس تۇيغۇلىرى بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان كۆرۇك ، مۇقام بىزنىڭ بايلىقىمىز ، بىر ئۆمۇر مۇقام ئۇچۇن كۆيگەن سۆيگەن كۇچ چىقارغانلارغا ھۆرمەت بىلدۇرىمەن .

.ئەل سۆيگەن پىشقەدەم رەھبەر جىلىل سوپىغا يۇرت كۆڭلىنى تەغدىم ئەتتى ، ۋە قومۇل شەھرىنىڭ غوللۇق كەسىپلەردە  رەھبەر ۋە ئاۋانگارت بولۇپ ئىشلەۋاتقان نېرىنكىر ياشلىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتۇلدى، ئەلۋەتتە ئۇلار كىيىنكى بىر ئەۋلات ياشلارنىڭ نىشانى ۋە ئۈلگۇسى .

.نېرىنكىر نورۇز بەزمسىى باشلانمىسدا نېرىنكىر تارىخى زىكرى قىلىنىپ ئاخىرى نېرىنكىر تارىخىدىن مۇكاپاتلىق سۇئال جاۋاپلار بىلەن ئاخىرلاشتى . شۇنداق نېرىنكىر تارىخىغا نېرىنكىرلىكلەرنىڭ غۇرۇرى ، خوشاللىقى ، كۆز يېىشى ۋە يەنە شۇنىڭدەك كەلگۇسىگە ،مائارىپقا تەرەققىياتقا  تېنىچ گۇزەل يۇرت ماكان قۇرۇشقا بولغان چوڭقۇر ئىشەنچى سىڭىپ كەتكەن ئىدى . ئۆي ئۆيلەردىكى جەمەت جەمەتلەردىكى باللىرىنى ئوقۇتۇش قىزغىنلىقىدىن مەن  نېرىنكىرلىكلەرنىڭ يېققىن كەلگۇسىدىكى تىز سۇرئەتتىكى بىر گۇللىنىشنىڭ توغرىسى بىر زامانىۋى مەدىنيەت خىېمىر تۇرۇچىنىڭ بارلىقىنى كۆرۋالالىدىم ،
ئالدىنقى يىللىق نورۇزدىكى يارقىن نۇقتا ھۆرمەتلىك ئۇستازىمىز يۇرت چوڭى ئەللامە ئالىم ئازات سۇلتان ئەپەندىمنىڭ نۇتىقى بولغان بولسا بۇ يىللىق نورۇزدىكى يارقىن نۇقتا ئۇيغۇرلار ئەسلەيدىغان ئەمما ئۇنتىۋاتقان ،ئۇيغۇرلار سۆزلەيدىغان ئەمما ئەمەلىيى تۇرمىشىمىزدا كام ئۇچرايدىغان مىللى ئەنئەنىلىرىمىز بولۇپ قالدى .




676111647125198213.jpg
233139017934890803.jpg
uyghuray

322

تېما

39

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3344
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14571
تۆھپە : 13430
توردىكى ۋاقتى: 4813
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 11:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىم
12088878938659961.jpg

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3768
توردىكى ۋاقتى: 412
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 14:04:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پالىيەت بولۇپتۇ .

0

تېما

3

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  49958
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 229
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 14:45:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوينا ئۇيغۇر ئوينا
رىشاتكىسى يوق دەريا بويىدا شوخ - شوخ ئوينا
uyghuray

0

تېما

8

دوست

4388

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   79.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 145
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 1383
توردىكى ۋاقتى: 563
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 15:43:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەپەرقۇل بوۋاي رەۋىخان موماي ۋە ئامانقۇللارمۇ نېرىنكىردىن ئىدىغۇ دەيمەن!

322

تېما

39

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3344
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14571
تۆھپە : 13430
توردىكى ۋاقتى: 4813
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2016-3-22 21:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-22 21:42  

نېرىنكىر نورۇزبەزمسىىدىكى بىر قسىىم رەسم سۇرەتلەر

سىدىق قارى يۇرت تەزكىرسى ئوقۇماقتا

سىدىق قارى يۇرت تەزكىرسى ئوقۇماقتا

ئالتۇن توي ئالماس توي بىر جۇپلەر

ئالتۇن توي ئالماس توي بىر جۇپلەر

ئىبراھىم گاڭ داستان ئورۇنلىماقتا

ئىبراھىم گاڭ داستان ئورۇنلىماقتا

يۇرت ئاتىسى 96 ياشلىق ئىسمائىل ئاتا غا ئېھتىرام بىلدرۇل ...

يۇرت ئاتىسى 96 ياشلىق ئىسمائىل ئاتا غا ئېھتىرام بىلدرۇل ...

قەيسەر ئانىلار

قەيسەر ئانىلار

پىشقەدەم ئۇستازلار غا ئېھتىرام بىلدۇرلدى

پىشقەدەم ئۇستازلار غا ئېھتىرام بىلدۇرلدى

ئىقتىدارلىق يازغۇچى كېرەم ئىساق نورۇزنامە ئوقۇماقتا

ئىقتىدارلىق يازغۇچى كېرەم ئىساق نورۇزنامە ئوقۇماقتا

ئەل سۆيگەن رەھبەر جىلىل سوپىغا ئېھتىرام بىلدۇرلمەكتە

ئەل سۆيگەن رەھبەر جىلىل سوپىغا ئېھتىرام بىلدۇرلمەكتە

22

تېما

3

دوست

3363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4595
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 721
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-27 22:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام توخوتۇر  ،  يۇرتىمىزدا  مانا مۇشۇنداق ئېسىل پەزىلەتلىك  ئادەملەرنىڭ چىقىشى ، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ  بىزگە قالدۇرغان ئىزىنى يوقۇتۇپ قويماستىن ئىز باسار بولغانلىقىمىزدىندۇر ,باشقا يۇرتلۇقلار  نېرىنكېلىقلارنى ‹‹ پۇرچاق پەلىزى ›› دەپ ئاتىغان ئىكەن (  پۇرچاق ئۆسۈپ چىققاندا غولى بىر- بىرىدىن ئايرىغىلى بولايدىغان دەرىجىدە گىرەلىشىپ  بىرلىشىپ كېتىدىگەن  )  بۇ خىل روھنى بىزگە دەل ئەجداتلىرىمىز قالدۇرغان ئېسىل تەۋەرۈك .
مېھرى -  مۇھاببەت ، ۋاپادارلىق ، مىنەتدارلىق سۇسلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى جەمىيەتتە ‹‹ پۇرچاق پەلىزى ›› روھنى  ، ئەۋلاتلىرىمىزغا تېخىمۇ بېيىتىپ قالدۇرىشىمىز ھەم بۇ روھنى نېرىنكىرلىقلارنىڭ ئىتتىپاقلىق شوئارىغا ئايلاندۇرىشىمىز كىرەك.  
ئو ئىككى تاققا نامى تارالغان ،
ئىناقلىقنىڭ ئۇلى سېلىنغان .
تىيانشاننىڭ قارغايلىرىدەك ،
ئوغلانلىرىنىڭ نامى ئاتالغان  .

ھۆرمەت تاپقاچ يۇرت چوڭلىرى ،
بەركەتلىرى بوپتۇ بۇ يۇرتقا ،
ساداقەت ۋە مېھرى ۋاپادا ،
ئۈلگە بوپتۇ شەرمى- ھاياغا .
     

نېرىنكىر

22

تېما

3

دوست

3363

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4595
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 721
تۆھپە : 542
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-27 22:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون ئىككى تاققا نامى تارالغان ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )