بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھۇما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-22 23:02
سۆيۈملۈك قاتىل ھۇما . مىلادى 977-يىلى، كەچكۈزنىڭ مەلۇم كۈنى، سامانىيلار خانى ئەمىر نوھ شائىر دەقىقىينىڭ «خۇداينامە» داستانىنىڭ بىر قىسسىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئوردا باغچىسىدا كاتتا زىياپەت بىلەن مۇبارەكلەپ، ئۆزىنىڭ ئوردا ئەلەمدار –قەلەمدارلىرى بىلەن بۇ تارىخى قىسسىدىن دەرقەمتە ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن، كەيپىيات كۆتۈرۈلۈپ سورۇن ئەۋجىگە چىققاندا، شائىرنى ئۆزىنىڭ خۇش ئاۋازى بىلەن مەزكۇر قىسسىنى دېكلىماتسىيە قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. شائىر دەقىقىي قىسسىدە، ئىران قەھرىمانى گۇشتەسپنىڭ تۇران (تۈرك) پادىشاسىنىڭ ۋارىسى ئەرجاسىپنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى شۇنداق ئۈستىلىق بىلەن دېكلىماتسىيە قىلدىكى، چەكسىز ئىپتىخارغا چۈمگەن سورۇن ئەھلى خۇشاللىقىدا داستىخانغا ئىختىيارسىز ئالتۇن چاچقۇلار چېچىشتى. تۇيۇقسىز، زىياپەت قىيامەتكە ئايلىنىپ، تۇران (تۈرك) پۈشتىدىن بولغان بىر قۇل (چاكار) ئۆز خوجايىنى (شائىر دەقىقىي)نى پادىشاھ ئالىدىدىلا بوغۇزلىۋەتتى... ئۆز خوجايىنىنى ئۆلتۈرۈشتەك بۇ قەبىھ قىلمىشنى كۆرۈپ قاتتىق غەزەپكە كەلگەن ئەمىر نوھ، شەخسەن ئۆزى بۇ قاتىلنى نەق مەيدان ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئالدىدىلا سوراق قىلماقچى بولۇپ، ئۇنى بىر دەرەخكە باغلاپ: «سەن بىر دۆلەت گۆھىرىنى ئۆلتۈرۈشكە قانداق پېتىندىڭ!» دىدى. تاياق زەربىسىدىن قاتىلنىڭ ئاغزىدىن قان ئېقىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇ ئاجايىپ ئىپتىخارلىق ئىسيان كۈلكىسى بىلەن: «ئەرجاسپ مېنىڭ قەھرىمان پادىشاھىم ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ پۈشتى! ئەرجاسىپ بىز تۇران (تۈرك) قەۋمىنىڭ باتۇر ئوغلانى! مەيلى شاھ مەيلى شائىر بولسۇن، ئۇ مېنىڭ زاتىمنى ئەيىپلەشكە ھەددى ئەمەس!» دەپ خىتاپ قىلدى... «ئاچچىق ئەقىلنى كېسىدۇ» دېگەندەك، ئەمىر نوھ بۇ قاتىلنى ئۇقۇشماستىن بىر تۈپ چىنار دەرىخىگە باغلىغانلىقىنى ئوردا ئەمەلدارلىرىغا چاندۇرغىسى كەلمەي: «جاللات! بۇ رەزگى قۇلنىڭ كاللىسىنى ئال!» دەپ ھەيۋە قىلدى... بۇ چاكارنىڭ قىساس تېشى قاردەك دومۇلاپ، 22 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، قاراخانىيلارنىڭ ئالەمچە ھەيۋىتى بىلەن، مىلادى 999-يىلى، سامانىيلار خانلىقى خۇددى بۇخارانىڭ تىمسالىدەك ئەبەدىيلىك ئۇيقۇغا غەرق بولدى. . . دۇنيادا قايسى بىر ئوغلان ئۆز ئاتىسىغا كىرىچ تارتىپ، ئاتىنىڭ قاتىلى بولۇپ قالغۇسى بار!؟ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى، باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئۆز ئاتىسى تۇمەن تەڭرىقۇتقا قارىتىپ ئۈزگەن ئاۋازلىق ئوقى، بەجايىكى، ھاياتى كۈچكە ئېگە يېڭى دۆلەت قارىشىنىڭ كونا دۆلەت قارىشى ئۈستىدىن قىلغان ئەجەل ھۆكۈمى ئىدى. باتۇر تەڭرىقۇت جان تالىشىۋاتقان ئاتىسىنى قۇچاقلاپ، ئاتا- بالىلىق مېھرىگە چىدىماستىن خۇددى ياۋا قوتازدەك بۆقىرەپ نەرە تارتىپ ئاھ ئۇرغاندا، ئاتا كۆز يۇمۇش ئالدىدا، ئاخىرقى ماغدۇرىنى يىغىپ ئوغۇلنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ: «يىغلىما ئوغلۇم! ‹ئەرنىڭ غېمى ئەلدە›، شاھلىق سالايىتىگە ئېگە شاھزادە ھەرگىزمۇ شاھ ئائىلىسى ئۈچۈن ياش تۆكمەسلىكى كېرەك! بۇ ئوقنى ھەرگىز ماڭا ئاتمىدىڭ، بەلكى، ئوردىنىڭ كونا تۈزۈلمىسىگە ئاتتىڭ، ئاتا- بالىلىق ھۆرمىتىدە، ئاخىرقى مېھىرلىك قۇچاقلىشىڭغا رەھمەت» دىدى –دە، شاھلارغا خاس ئۈمىد كۈلكىسى بىلەن بېشى ئوغلىنىڭ سول بىلىكى ئۈستىگە قىيسىيىپ قالدى... . . ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاتىلى، قانداقتۇ، قۇت تېكىن ۋە زىرقاراقوۋ ئەمەس، ئاجۇس ۋە گۇلۈك باغامۇ ئەمەس، ھەتتا تەبىئىي ئاپەت ۋە سۇنئى ئاپەتلەرمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ قاتىل دەل ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىگىدىكى بارلىق تۈركىي قەۋملىرىنىڭ روھىيەت قۇرغاقچىلىقى ئىدى. ئۇلار كۆككە قاراپ مەغرىپ تامان ئىلگىرلىۋىدى، روھىيەت چاڭقىشى ئىككى نەرسىدىن؛ بىرى، ئىلاھى نۇردىن سۇ ئىچتى، يەنە بىرى، يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋانىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر -دېگەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىكتىن سۇ ئىچتى... . . «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆگدۈلمىش ئۆز ئاتىسى ئايتولدىغا ‹مەرسىيەنامە› يېزىۋاتاتتى: «ئاھ ئاتا! سەن گەرچە ئۆزۈڭنى ۋەزىرلەر قاتارىدا ساناپ، ‹ئايتولدى› ئىپتىخارىغا چۈمۈلسەڭمۇ، خەلق يەنىلا «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ، ئون بەشى يورۇق» دېگەن تەمسىلنى تەكرارلاپ، سېنىڭ بارلىق ئۆمرىڭنى پەقەت ۋە پەقەت 30 كۈنگىلا تۈگەللەيدۇ. مەيلى سەن قانداقلا قىلما، ئاينىڭ ئەشۇ قاراڭغۇ ئون بەشىنى ھەرگىزمۇ يورۇتالمايسەن. شۇڭا، بىز ۋەزىرلەر پۇشتى، ھەرئاينىڭ بېشىدا ‹ئاي تۇغدى› مۇقەددىمە شەكلىدە ئاپىرىدە بولۇپ، ‹ئاي تولدى› خاتىمە شەكلى بىلەن يىلدا ئون ئىككى قېتىم تۇغۇلۇپ، ئون ئىككى قېتىم ئۆلۈپ تۇرىمىز... ئاتا! مەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادىڭنىڭ ئەبەدىي مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاسماندىكى ئايغا ئوخشىتىلغان ‹ئاي تولدى› نامىڭنى ئۆزگەرتىپ، كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىدىكى مەڭگۈلۈك پاتماس ‹تۇلۇن ئاي›غا ئۆزگۈرۈپ، ‹ئۆگدۈلمىش› سەلتەنەت لەۋھەسىمنىڭ ھەقىقى مەنىسى بولغان ‹كىشىلەرنى ئەقىل جەھەتتە ئويغاتقۇچى ئاي›غا ئايلانماقچىمەن...».
|