ئىنسانلاردا ئىنساپ قالمىدىمۇ
مەمەت ئىمىن
ھەممىمىزگە مەلۇم بولغۇنىدەك يىقىندا ئوتتۇرغا چىققان يالغان ۈاكسىنا مەسىلىسى جوڭگو ئىچى ۋە سىرتىدا قىززىڭ نوقتىغا ئايلاندى،ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ۋاكسىنا ئۇدۇرۇشقا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. ۋاكسىنا ئۇدۇرۇشنىڭ مەقسىتى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش. كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالىمەن دەپ ئۇدۇرغان ۋاكسىنا، كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ۋاكسىنا ئۇرغۇچىنى كىسەل كىلىپ قويسا، ھەتتا جىنىغا زامىن بولسا، بۇ ئىشنى قىلغانلارنى ئىنسان دىگىلى بولامدۇ؟
ئىسىمدە قىلىشىچە بىر ئككى يىل ئىلگىرى بىرسى ماڭا "بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ ۋاكسىنىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ۋاكسىنا ئۇرۇش بانىسى بىلەن بالىلىىغا ئوكۇل ئۇرۇپ كىسەل قىلىپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ سەۋەپتىن ۋاكسىنا ئۇرۇشنى رەت قىلىۋاتقانلىقنى" ئېيىتقان، ۋە مىنىڭ بۇ ئىشقا بولغان كۆز قاراشلىرىمنى سورىغان ئىدى. مەن بۇ توغۇرسىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتۇرغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ۋاكسىنىغا بولغان بۇ قاراشلرىرىنىڭ بىر ئاساسى يوقلىقىنى، ۋاكسىنا ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا بولۇپمۇ تەرەققى قىلغان دۆۋلەتلەردە قانچىلىك ئومۇملاشقانلىغىنى، ۋە ۋاكسىنىنڭ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ساغلام ياشىشىدا ۋە ھايات قىلىشىدا توھپىسىنىڭ زورلىقىنى سۆزلەپ ئوتكەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خەۋەرلەرنى كۆرۈپ دىگەنلىرىمدىن سەل خىجىل بولدۇم.
ھازىر ئىنسانلار شۇغۇللىنىۋاتقان ھەر خىل كەسسىپلەر ئىچىدە ئەڭ چوڭ راسچىللىق، ئەڭ چوڭ سەمىمىيەت، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغان كەسىپلەرنىڭ بىرى تىببى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتى بۇ كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. بۇ كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى خادىملار ئىنسانلار ئەڭ ئىشەنگەن، ۋە ئىشەنمەيمۇ ئامالى يوق بولغان كىشىلەر بولۇپ، بىز مەيلى كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ۋاكسىنا ئۇرغۇزايلى، مەيلى كىسەل داۋالاش ئۈچۈن دورا يەپ، ئوكۇل ئۇرغۇزايلى، ۋە ياكى ئوپىراتسىيە قىلدۇرايلى، بىز ئۆز ئختىيارىمىز بىلەن ھىچقانداق ئككىلەنمەي، ئۇلارنىڭ دىگىىنى بويىچە قىلىمىز. ئۇلارنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىش ئھتىمالى بولغان ھەرقانداق زىيان زەخمەتكە نىسبەتەن ئالاھىدە مۇداپىيە كۆرمەيمىز، چۈنكى بىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز. ئەگەر بۇ كەسسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار راسچىل بولمىسا، سەمىمى بولمىسا، مەسئۇلىيەت بولمىسا، قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچۇرمىسا، ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ بىزگە كەلتۇرەلەيدىغان بالايى ئاپىتى ناھايتى زور بولىدۇ. چۇنكى ئىنسان باشقا جەھەتتە ئالدانسا، زىيان تارتىدىغان ئەڭ چوڭ نەرسە ئىختىزاد، پۇل بولىدۇ، بىراق بۇ سالامەتلىك ۋە ھايات مامات مەسىلىسى بولغاچقا، ئالدانغاندىن كىيىن كەينەگە يىنىش يوق.
|