قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5662|ئىنكاس: 26
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەليۈكسەل: يۈرەكنىڭ مۆجىزىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

29

تېما

0

دوست

2422

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59522
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 11:12:52 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يۈرەكنىڭ مۆجىزىلىرى

مەمەتجان ياسىن  (كانادا، تورونتو شەھىرى)
2016-يىلى فېۋرال
(قايتا تەھرىرلەنگەن نۇسخىسى)

    ئىلاۋە: مەزكۇر ماقالىنى بىئو-مېدىتسىيە سىستېمىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور مەمەتجان ياسىن مەخسۇس ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، مەن ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە بۇ ماقالىنى بىر قېتىم تەھرىرلىتىپ، مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. (ئەليۈكسەل)

   بەدىنىمىز بىر مۇرەككەپ سىستېما. بۇنىڭ بىر مىسالى شۇكى، ھەر ئادەم بەدەندىكى پۈتكۈل گېننىڭ (gene) ئۇزۇنلۇقىنى ئۇلاشتۇرساق، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يەر شارىدىن كۈنگە يېتىپ يەنە كۈندىن قايتىپ كەلگۈچىلىك ئۇزۇنلۇقتا. يۈرەك بەدىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئورگان. مەن  ECG(electrocardiogram) توغرىسىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن مەزگىللەردە، يۈرەكنىڭ سوقۇشى، سىگنال ھالىتى، ئۇنى كېسەللىك تۈرلىرىگە ئايرىش، ۋە قانداق قىلىپ ئۇزۇن مەزگىل كۆزىتىش ھەققىدە ئىزدەنگەن ئىدىم. بۇ جەرياندا ھەرخىل سوئاللار كاللامغا كەلدى. «يۈرەك نېمە ئۈچۈن سوقىدۇ؟ بەدەندىكى رولى نېمە؟ ھازىرقى زامان پەن تەتقىقاتى ۋە بۇرۇنقى قەدىمكى كۆز-قاراش ئارىسىدا باغلىنىش بارمۇ؟». گەرچە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار گېن جەھەتتە %99.99 ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەنىلا خاراكتېر ۋە نۇرغۇن جەھەتتە پەرقىمىز زور. بۇ پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان نېگىزلىك نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسا مېڭە ۋە قەلب! ھەتتا قەدىمكى مىسىردا يۈرەك «بىرىنچى مېڭە» دەپمۇ قارالغان، چۈنكى ئۇ بىر ئەخلاقىي ھېس-تۇيغۇ ئۆلچىمى ۋە ئەقىل ئىدراكلىقنىڭ نېگىزلىك نۇقتىسى بولغانلىقتىندۇر.
   ئۇنداقتا قەلب، يۇرەك، مىڭە ۋە روھ دىگەنلەرنىڭ قانداق باغلىنىشى بار؟ ئالدى بىلەن ئىزاھات بىرىپ ئوتسەم، بۇ ماقالىدا ماددى  جەھەتتىن توختالغاندا،  يۇرەك ۋە مىڭە دەپ ئاتىدىم. مەنىۋى نۇقتىنەزەردىن بولسا، قەلب ۋە روھ دەپ ئاتىدىم.  
   نۇرغۇن دوختۇرلار ۋە پەلسەپىچىلەر يۈرەك ۋە ئۇنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق تارىختا ۋە ھازىرقى پەن-تېخنىكا جەھەتتە ھەرخىل پىكىر ۋە مۇلاھىزىلەرنى بېرىپ كەلدى. ھازىرغىچە بۇ جەھەتتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارمۇ ئېلىپ بېرىلىپ دوختۇرخانىلاردا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە داۋالاش ئاساسى جەھەتتىن كۆزىتىش ئارقىلىق بولدى، مەسىلەن بىماردىن ئەھۋالىنى سوراش، تومۇر تۇتۇش، ياكى ECG نى قوللىنىش قاتارلىقلار. بۇ كۆزىتىشلەر شەكىل جەھەتتىن ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ماھىيىتى ئوخشاپ قالىدۇ. بىز بىلىمنى ھەر خىل شەكىلدە قوبۇل قىلالايمىز. بۇرۇنقى زاماندا ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدا كۆزىتىش ئارقىلىق ئىگىلىگەن تەجرىبە-ساۋاقلىرى توپلىنىپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن بىلىم بولۇپ شەكىللىنىدۇ.

r02_human_heart.jpg

1-رەسىم: ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنىڭ تۈزۈلىشى

   بۇ ئىككى خىل جەھەتتە (قەدىمكى ۋە ھازىرقى) يارىتىلغان بىلىم مەيلى تېخنىكىلىق جەھەتتە بولسۇن ياكى روھانىيلىق جەھەتتە بولسۇن بىر-بىرگە باغلىنىشچانلىقى كۆپ. نەچچە مىڭ يىللىق بۇ تارىخى بىلىملەر ھاياتىمىز ۋە تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈسكە ئىگە قىلىدۇ. ھازىرقى پەن-تېخنىكا ئاچالمىغان سىرلار تېخى كۆپ. ھازىرقى پەن-تېخنىكا «نېمە» ۋە «قانداق» دېگەندەك ماددىي جەھەتتىكى سوئاللارغىلا جاۋاب بەرسە، قەدىمكى بىلىملەر «نېمە ئۈچۈن» دېگەندەك مەنىۋى جەھەتتىن ئىزدىنىپ بۇ قەلبىمىزنى تەتقىق قىلىپ، ئۆز ھاياتىمىزغا ۋە تۇرمۇشىمىزغا بىر قىممەتلىك مەنە قوشىدۇ. ھازىر بۇ ئىككى بىلىم بىر-بىرىگە قارشى بولماستىن، ئەكسىچە تەدرىجىي بىرلىشىش نۇقتىسىغا قاراپ يۈزلىنىش بولۇۋاتىدۇ. مەن ئوقۇرمەنلەرگە مەنىلىك ئۇقۇشلۇق بولسا ھەم پايدىسى تەگسە دەپ ئويلاپ بۇ ئىككى جەھەتنى باغلاپ يېزىپ چىقتىم. ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن مۇھىم بولغان تېخنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنىلا يازدىم. بۇنىڭ بىزنىڭ ساغلام بەدەن ۋە ساغلام روھىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشىمىزگە پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
   مەن مېڭىگە قان چۈشۈشنى تەكشۈرۈش ۋە يۈرەك سىگنالى ئارقىلىق كېسەل بايقاش (brain stroke detection and ECG signal processing) قاتارلىق بىرقانچە تەتقىقاتلارنى برىتانىيە، گېرمانىيە ۋە كانادادا ئېلىپ بارغان ئىدىم. بۇ قىممەتلىك ۋە ئاجايىپ «خاسىيەتلىك» يۈرەكنىڭ مۇھىملىقى ماڭا بەك تەسىر قىلغاچقا بۇ توغرۇلۇق ئويلىغانلىرىمنى بىر نەچچە بۆلەككە بۆلۈپ يېزىپ چىقتىم. بۇ يازمىنىڭ بېشىدا يۈرەكنىڭ فۇنكسىيىسى، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇھىملىقىنى تىلغا ئالدىم. كېلەر قېتىملىق يازمىدا يۈرەك ساغلاملىقى، كېسەللىكلەر، داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا يېزىشنى ئويلاۋاتىمەن.

   1. يۈرەك بىر «پومپا» مۇ ؟
   يېقىنقى زامانغىچە يۈرەك بىر پومپا دەپلا قارالدى. بىزنىڭ يۈرىكىمىز نورمالدا ھەر سوققاندا 73 گرام ۋە مىنۇتىغا 5-6 كىلوگرام قاننى بەدەنگە سىقىپ چىقىرىدۇ (چوڭلارغا قارىتىلغان). بەدەندىكى قاننىڭ مىقدارىمۇ 5-6 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ بەدەننى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇنداقتا ھەر سائىتىگە 300-360 كىلوگرام قاننى سىقىپ چىقىرىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزدا نورمال يۈرەك 2-3 مىليارد قېتىم سوقىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك، بىز ئۆمرىمىزدە بىزنىڭ يۈرىكىمىز سىقىپ چىقارغان قان ئەينى زاماندا ئەڭ چوڭ ئاتالغان ھەم 46 مىڭ توننىلىق «تىتانىك» دېگەن يوغان كېمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن 3-4 ھەسسە يۇقىرى يۈكتىنمۇ ئېغىر دېگەن گەپ. سىز بۇ فىلىمنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانغا تولغاندا، سىز «تىتانىك» سىغىدىغان يۈكتىن 3-4 ھەسسە ئېغىرلىقتىكى قاننى سىقىپ چىقىرىۋاتقان يۈرەكنى بىلگىنىڭىزدە قانداق ھېس-تۇيغۇغا كەلدىڭىز؟ ئۇنداقتا يەر شارىدىكى 7 مىليارد ئىنسانلارنىڭ قوشۇلمىسىدىنچۇ؟

   2. يۈرەك ۋە مېڭە
   1990-يىلغىچە مېڭىلا يۈرەككە بىر يۆنىلىشلىك سىگنال ئەۋەتىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. ھازىر يۈرەك بىلەن مېڭە توختىماستىن ئىككى يۆنىلىشلىك ھالەتتە ئالاقە قىلىپ تۇرىدىغانلىقى (يۈرەكنىڭ مېڭىگە كۆپرەك سىگنال ئەۋەتىدىغانلىقى) بايقالدى. يۈرەك بەدىنىمىزدە قان سىقىپ چىقىرىشتىن بۆلەك نۇرغۇن بەكمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى بايقىلىۋاتىدۇ. يۈرەك سىقىپ چىقارغان قاننىڭ %70 مېڭە تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ. يۈرەكتە 40,000 نېۋرون (neuron) بار بولۇپ، بەزى يېقىنقى زامان ئالىملىرى ئۇنى «يۈرەك مېڭىسى» دەپمۇ قاراپ كېلىۋاتىدۇ. ھەتتا يۈرەكنى بەدەن سىرتىغا ئېلىۋەتكەندىمۇ مېڭىنىڭ بۇيرۇقىسىز يەنىلا سوقۇۋېرىدۇ (يۈرەك ئوپېراتسىيىسى ۋاقتىدا). بولۇپمۇ يۈرەكتە بىر كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى بار بولۇپ، 1 مېتىر ئارىلىقتا ئۇنى ئۆلچىگىلى، ھېس قىلغىلى بولىدۇ. يۈرەك ھاسىل قىلغان بۇ ماگنىت مەيدانى مېڭە ماگنىت مەيدانىدىن 5000 ھەسسە كۈچلۈك تۇرىدۇ.
   ئويلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم نۇقتا: تۆرەلمە ئانا قورسىقىدا يېڭى شەكىللەنگەندە، مېڭە ھاسىل بولۇشتىن بۇرۇن يۈرەك شەكىللىنىپ سوقۇشقا باشلايدۇ، كېيىن مېڭە شەكىللىنىدۇ، ھەم مېڭە يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى بىۋاسىتە كونترول قىلمايدۇ (يەنى سىز يۈرىكىم 50 نى ياكى 80 نى سوق دەپ بۇيرۇق بىلەن كونترول قىلالمايسىز)، ئەمما بىر-بىرىگە بىۋاسىتە تەسىر قىلىشىپ تۇرىدۇ.
   مېڭە ئەۋرىشىمچان بولۇپ پۈتكۈل ھاياتىمىزدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ مېڭە ئەۋرىشىمچانلىقى  (Neuroplasticity/brain plasticity) دېيىلىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش بولسا مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ تور ئالاقىسى / باغلىنىشى ,مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەتتا گېن ئىپادىلىنىشى (gene expression) جەھەتلەردىن بولىدۇ. بولۇپمۇ بالىلاردا بۇ خىل ئۆزگىرىش بەك تېز بولىدۇ. ھەتتا كۆڭۈلنى چېنىقتۇرۇش (training the mind) ئارقىلىق مېڭىنى بىئولوگىيىلىك جەھەتتىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ [7].

   3. يۈرەك بىلەن مېڭىنىڭ ئالاقىسى، ۋە بەدەن سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى
نۇرغۇن يىل تەتقىقات جەريانىدا يۈرەك ۋە مېڭە ئالاقىسى ۋە جىددىيلىك (stress)، ھېس-تۇيغۇ (emotions)، ئەقلى قابىلىيەت، ۋە خاراكتېرلەرنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىكلىكىنى ھېس قىلدىم، ھەم نۇرغۇن قەدىمكى كۆز قاراشلارنىڭ ھازىرقى ئىلىم-پەن ئىسپاتلىغان بىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىقى بار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھازىرقى ئىلىم پەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۈرەكتىكى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى مېڭە بىلەن ئالاقە قىلىپ، مېڭىنىڭ بىرلىك، ماسلىق (synchronise) ھالىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر قىلىدۇ. بۇ ماگنىت مەيدانى بىزنىڭ روھى-كەيپىياتىمىزغا ئاساسەن ئۆزگىرىدۇ.
   ئەسلىدە يۈرەك رىتىمى بولسا ئىككى خىل ئاپتوماتىك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىرلەشمىسى ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. بىر خىلى بولسا سىمپاتىك (symphathetic) نېرۋىلار بولۇپ يۈرەك رىتىمىنى تېزلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ (ماشىنىنىڭ گاز پېدالىغا ئوخشايدۇ). يەنە بىر خىلى بولسا پاراسىمپاتىك (parasympathetic) نېرۋىلار بولۇپ يۈرەك رىتىمىنى ئاستىلىتىش رولىنى ئوينايدۇ (ماشىنىنىڭ تورمۇزىغا ئوخشايدۇ). بۇ ئىككى خىل نېرۋىلار يۈرەك رىتىمىنى مەخسۇس بىر تېزلىكتە ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، ھەم مېڭە فۇنكسىيىسىنىڭ نورمال جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر قىلىدۇ. بىزنىڭ نەپەسلىنىش ھالىتىمىز ( breathing pattern)، ھەرىكەت ۋە ئويلىرىمىزمۇ بۇ ئىككى نېرۋىلارغا تەسىر قىلىدىغان ئامىللاردىن بولۇپ، روھىي-كەيپىيات (emotions) ۋە ھېس-تۇيغۇلىرىمىز (feelings) بولسا بۇنىڭغا تەسىر قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر.
   ئىجابىي ھېس-تۇيغۇ (positive emotion) ۋە سەۋر-تاقەتچان بولۇش بولسا يۈرەكنىڭ ئۇيغۇنلۇق (coherence) ھالىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، يۈرەك سوقۇشىنى رىتىملاشتۇرىدۇ (2-رەسىمدىكى، ئوتتۇرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى قىسمى)، يۈرەك-مېڭە ئالاقىسىنى كۈچەيتىدۇ، ھەم پۈتۈن بەدەن سىستېمىسىنىڭ سىستېمىلىق بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزنى كۈچەيتىدۇ. بۇ خىل ھالەت بىزنىڭ ياخشى ئويلىنىش، ئوچۇق پىكىر قىلىش، ھېس-تۇيغۇغا تەسىر قىلىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ. ئىجابىي ھېس-تۇيغۇ (positive emotion) يەنە بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشىمىزغىمۇ كۆپ ياردىمى بولىدۇ.
   جىددىيلىك (stress) ۋە ئەندىشە (anxiety) مېڭىنى تورمۇزلاپ ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. جىددىيلەشكەندە بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز ياكى ئىشلاردا جىق خاتا قىلىپ قويىمىز. نېمە ئۈچۈن جىددىيلىشىش بۇ خىل ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، ھەم ئالدى بىلەن يۈرەككە تەسىرى بولىدۇ، ھەم بەدەندىكى باشقا ھالەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟ سەۋەبى نېمە؟ جىددىيلىشىش بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى بىر نەچچە جىددىيلىشىش ھورمونىنىڭ (cortisol and adrenaline) جىق ئاجرىتىلىپ چىقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەم قان سىستېمىسى ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ، بەدىنىمىز خۇددى «جەڭ» ھالىتىگە ئۆتكەن بولىدۇ. بۇ نورمالدا مېڭە ۋە بەدىنىمىزگە ناھايتى زىيانلىق.
   جىددىيلىشىش ۋە پاسسىپ ھېس-تۇيغۇ: ئاچچىقلىنىش، تېرىكىش، ۋەسۋەسىلىك (negative emotions: anger, frustration, anxiety) بولسا يۈرەكنىڭ ئۇيغۇنلۇق (coherence) ھالىتىگە ئەكس تەسىر قىلىپ، يۈرەك ئۇيغۇنسىزلىق (coherence) (2-رەسىمدىكى، ئوتتۇرىدىن سول تەرەپتىكى قىسمى) ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ يۈرەك رىتىمىنى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بۇ يەنە يۈرەك-مېڭە ئالاقىسىنى چەكلەپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بىزنىڭ ئوچۇق پىكىر قىلىش، ئۆگىنىش، ئەستە تۇتۇش ۋە مەنتىقىگە ئۇيغۇن قارار چىقىرىش قابىلىيىتىمىزگە دەخلى قىلىدۇ. ئىككى خىل نېرۋىلاردىكى سىستېمىلىق ئالاقە بولمىغان بۇ خىل ھالەت بولغاندا خۇددى بىز ماشىنا ھەيدىگەندە توختىماستىن بىردە گاز پېدالىنى قاتتىق بېسىپ ھامانلا تورمۇز باسقاندەك ئەھۋال. بۇ خىل ئەھۋالدا ماشىنىنىڭ ئېنېرگىيىسى تېزلا خوراپ كېتىدۇ. قالايمىقان چېلىنغان مۇزىكىنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەيدۇ، سىزنىڭ بەدەن سىستېمىڭىزمۇ ھەم شۇنداق. بولۇپمۇ ئاچچىقلىنىشنىڭ تەسىرى ئەڭ يامان بولۇپ قىسقا ۋاقىتتىلا يۈرەك رىتىمى تېزلىشىدۇ ھەم قالايمىقانلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك ئۇيغۇنلۇق (coherence) بۇزۇلىدۇ. شۇڭا كونىلار ئېيتقان «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر» دېگەن ماقال-تەمسىلنىڭ ئىلمىي ئاساسى باردۇر.
   جىددىيلىشىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، 1-رەسىمدە ئوڭدا كۆرسىتىلگەندەك بىر خىل رىتىملىق نەپەسلىنىش بولسا يۈرەك سوقۇشنىڭ رىتىملىشىنى كەلتۈرۈپ ئۇيغۇنلىشىشنى (coherence) يۈكسەلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ تۇغۇت ئالدىدىكى تولغاق تۇتقان ئاياللار نەپەسلىنىش تېخنىكىسىنى (breathing technique) قوللىنىپ، نەپەسلىنىش ئۇيغۇنلۇقىنى (breathing coherence) ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىدىكى جىددىيلىكنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننى بوشاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تولغاق جەريانىدىكى ئاغرىقنى بەك ھېس قىلمايدۇ. بۇ ئانىنىڭ تەبىئىي شەكىلدە تۇغۇلۇشىغا زور پايدىلىق بولىدۇ. مەن بۇنى ئايالىمنىڭ 3 بالىمىزنى يەڭگىگەندە يېنىدا تۇرۇپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. 3 بالىمىزنىڭ ھەممىسىدە، ئايالىم پەقەت نەپەس ئېلىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپلا، ھېچ ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى قوللانماستىن ئۆزى يەڭگىدى. ھەممە تۇغۇتى خېلىلا ئوڭاي بولدى. تەپسىلاتىنى نەپەسلىنىش تېخنىكىسى (breathing coherence) دېگەن توردىكى تېمىلاردىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
   ئىنساننى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتا، بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئارقىلىق ئانىنىڭ مېڭە سىگنالى بىلەن ماسلىشىدۇ (synchronize). ئارام ئېلىپ راھەتلىنىپ (relaxation) ئولتۇرغاندا يۈرەك تۆۋەن ئېنېرگىيە ھالىتىگە (parasympathetic) كۆچىدۇ، ھەم جىسمانىي ۋە ئەقلى جەھەتتە تورمۇزلىنىش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ ۋاقىتتا يۈرەكنىڭ قان سىقىپ چىقىرىشى بىزنىڭ بىرەر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى كىتاب كۆرۈپ پىكىر قىلىپ ئولتۇرغان ھالىتىمىزدىن ئاز بولىدۇ. شۇڭا كىچىك بالىلارغا كۆپ كىنو-فىلىم قويۇپ بېرىش ياخشى ئەمەس. بالىلار بىرەر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسا، ھەم دەرسلەردە ئاكتىپ پىكىر قىلغاندا ئاندىن يۈرەك ئۇيغۇنلۇق ھالىتىگە كۆچكىلى بولىدۇ. چەتئەلدىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ كۆپىنچە مۇشۇ خىل شەكىلدە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.
r02a_human_heart.jpg

   2-رەسىم: بەدىنىمىز بولسا بىر تولۇق سىستېما بولۇپ، جىددىيلىشىش بولسا يۈرەك سوقۇش رىتىمى، نەپەسلىنىش ۋە قان بېسىمى قاتارلىق بەدىنىمىزنىڭ ھەممە قىسىملىرىغا تەسىر قىلىدۇ.
http://www.heartmath.com/science-behind-emwave
   يەنە بىر مۇھىم نۇقتا HRV - يۈرەك رىتىمى ئۆزگىرىشى (HRV-heart rate variability) نى سۆزلىمەي ئۆتۈپ كېتىمەن. قىزىققانلار تەپسىلاتىنى بۇ مەزمۇندىن كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى تېز ھەم HRV يۇقىرى بولىدۇ. چوڭلارنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاستىراق ھەم HRV تۆۋەن بولىدۇ، بۇ بىر تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما HRV بەك تۆۋەن بولۇشى (كېسەللىك ۋە قېرىلىق تۈپەيلى) ئۆلۈمنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنىڭ بىر ئالامىتى بولىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ خاراكتېر ۋە مىجەز جەھەتتە تۇراقسىزلىق ۋە ئۆزگىرىش تېز بولىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئامىللارنى كېيىنكى نۇقتىلاردا تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتىمەن.
   ئىجابىي ھېس-تۇيغۇ (positive emotion) يۈرەك ئۇيغۇنلۇقىنى (coherence) كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل. تۆۋەندە قانداق قىلىپ بۇ خىل ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.

   4. قەلب ۋە يۈرەك
   «قەلب» دېگەن سۆز ئەرەبچە بولۇپ، ئۇنىڭ يۈرەك ۋە مەركەز دېگەندەك بىرقانچە مەنىسى بار. نۇرغۇن مىللەتلەردە ۋە بىزنىڭ تىلىمىزدا يۈرەك ۋە قەلبىمىز (كۆڭۈل دېگەن مەنىسىدە) بولسا بىر تۇتاش بولۇپ، پۈتۈن ھەرىكەتلىرىمىزنى كونترول قىلىدۇ، ھەم مەركەزلىك رول ئوينايدۇ. گەرچە ئەمەلىي ئىش قىلىدىغىنى بىزنىڭ باشقا ئەزالىرىمىز بولسىمۇ، مەسىلەن قول تۇتىدۇ، پۇت ماڭىدۇ، كۆز كۆرىدۇ، ئېغىز سۆزلەيدۇ ۋە قۇلاق ئاڭلايدۇ، ئەمما قەلبىمىز بولسا بىر قوماندان (controller) بولۇپ پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلىدۇ ۋە بۇيرۇق بېرىدۇ. يۈرەك تىترىسە پۈتۈن بەدىنىمىز تىترەيدۇ. يۈرەك خۇشاللىققا چۆمسە، يۈزىمىزگە كۈلكە يۈگۈرىدۇ؛ يۈرەك ئازابقا تولغاندا، كۆزلىرىمىزگە ياشلار توشىدۇ. بىز قورققان چېغىمىزدا يۈرىكىمىز تېز سوقىدۇ، ۋە پۈتۈن بەدىنىمىزمۇ تەڭلا تىترەپ كېتىدۇ. يۈرىكىمىز توق بولسا ھەرقانداق خەتەرلىك ئەھۋال ئانچە تەسىر قىلمايدۇ.
   يۈرەكتىن مېڭىگە ئەۋەتىلگەن روھىي-كەيپىيات (emotional signal) سىگنالى مېڭىنىڭ قانداق خىمىيىلىك ھورمونلارنى ئاجرىتىپ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئاندىن مېڭە پۈتۈن بەدەن سىستېمىسىغا مېڭە-نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق تەسىر قىلىپ، بىزنىڭ سەزگۈ دەرىجىمىزنى بەلگىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈرەكتىكى كەيپىيات مېڭە ئارقىلىق پۈتۈن بەدەنگە (سەزگۈ ئەزالارغا) ماسلىق (harmonize) ھالەتتە تارقىلىدۇ. بۇنىڭدىن يۈرەكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلەلەيمىز.
   خۇددى بەدەن ۋە روھ بىرلەشكەندە بىر ھەقىقىي جانلىق شەكىللەنگەندەك، ئەقىدە ۋە ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يىغىندىسىدىن بىر خاراكتېر شەكىللىنىدۇ. روھى ھالەت  (mentality/ attitude) بىر ئىچكى ئامىل بولسا، ھەرىكىتىمىز بىر ئۇنىڭ سىرتقا ئىپادىلىنىپ چىقىشى (reality) بولىدۇ (mentality creates reality).
   قەلبىمىز ۋە خاراكتېرىمىز (ماھىيىتىمىز) بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەتنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن، ھەرخىل سۆزلەر قوللىنىپ كېلىندى: توخۇ يۈرەك، يولۋاس يۈرەك، قاپ يۈرەك (قاپلان يۈرەك)، تاش يۈرەك، مۇز يۈرەك، ئوت يۈرەك، يۈرىكى يېرىم بولۇش، يۈرىكى شادلىققا تولۇش، يۈرىكىدىن كۆيۈش دېگەندەك. ئىنگلىزچىدا بۇنىڭدىن كۆپ ئىبارىلەر بار. بىز ئۇيغۇرلار سالام بەرگەندە، ئوڭ قولىمىزنى سول كۆكرىكىمىزگە (يۈرەك ئۈستىگە) قويۇپ تۇرۇپ ھۆرمەت بىلەن سالام بېرىمىز.

   5. يۈرەك سوقۇشى ۋە سىگنال
   دوختۇرلار يۈرەكنىڭ سىگنالى ئارقىلىق (ECG) بىزنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكىمىزنى تەكشۈرىدۇ، ياكى بۇنى قول تومۇرلىرىنى تەكشۈرۈپمۇ بىلگىلى بولىدۇ. نورمالدا بارماق ئىزىدىن كىشىلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ (person identification). شۇنىڭدەك، ھەر بىر ئادەمنىڭ ECG پەرقلىق بولىدۇ، ھەم ECG دىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ (person-identification). ھازىر سىمسىز يىراقتىن  (Ultra-wideband) UWBرادار سىستېمىسى ئارقىلىقمۇ يۈرەكنىڭ سوقۇشىنى ۋە نەپەسلىنىشنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ [1] .
   مېڭە سىگنالى (EEG) ئارقىلىق يالغان سۆزلىگەنلەرنى (Lie detection) ياكى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى تېپىش مۇمكىن بولدى. ئويلاش ئارقىلىق كومپيۇتېرغا خەت كىرگۈزۈش توغرىسىدا بىر تەتقىقات پروجېكتىنى ئىشلىگەن ئىدۇق [2] .
   ھەتتا تەتقىقاتچىلار مايمۇننى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق مېڭىگە سىگنالىنى ياخشىلاپ (بېشىغا تاقالغان سىگنالنى كۈچلەندۈرىدىغان EEG ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق) روبوت (ماشىنا ئادەم) نى قانداق قىلىپ سىمسىز كونترول قىلىش توغرىسىدا بىر خەۋەر بەردى. مايمۇننى 3 يىل چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، مايمۇن 4 خىل كوماندىنى ئويلاپ قولىنى ئالدىغا-ئارقىغا قىلغاندا روبوتمۇ ئوخشاشلا ھەرىكەتلەنگەن. «چېنىقتۇرۇش» ئارقىلىق ھەتتا مايمۇنمۇ ياخشى ئويلىيالايدىغان بولغان. بىلىم نۇر دېگەن گەپ ھەقىقەت ئىكەن. چۈنكى ھەممە سىگنال مېڭىڭىزدە بىر دولقۇن شەكىلدە تارقىلىدۇ. نۇرنىڭ ئۆزى بىر دولقۇن ئەمەسمۇ. چېنىقتۇرۇش ئارقىلىقلا ئەستە تۇتۇش، ۋە ئويلاش قابىلىيىتىمىزنى يۈكسەلدۈرگىلى بولىدۇ. ھەرقانداق ئىنسان روبوتنى تېخىمۇ ياخشىراق كونترول قىلالايدۇ دېگەن گەپ، كۆزىڭىزنى يۇمۇپ خىيالى روبوتنى ھەرىكەتكە سېلىپ بېقىڭ.
   ھازىر ECG دىن پايدىلىنىپ روھىي ھالىتىنى بايقاش (Emotion Detection) بىر يېڭى تەتقىقات تۈرى بولۇپ قالدى. ئەمما، ECG ياكى EEG ئارقىلىق بىزنىڭ خاراكتېرىمىزنى بىلگىلى بولمايدۇ، بۇنىسى تېخى نامەلۇم. بەلكىم بۇمۇ بىر كۈنى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالار ...

   6. يۈرەك كېسىلى ۋە ساغلاملىق
   مەن كارلېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا مېڭىگە قان چۈشۈشنى بايقاش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرۇلۇق بىر دەرس بەرگەن ئىدىم.
http://www.embs.ieeeottawa.ca/posters/maimaitijiang100929.pdf
   ئەمەلىي سانلىق مەلۇمات كىشىنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى يۈرەك كېسىلى كانادادا كېسەل بولۇپ ئۆلگەن ئىنسانلارنىڭ %30 نى ئىگىلەيدىكەن. ئەمەلىيەتتە، ساغلام يېيىش ۋە ھەر كۈنى ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق %85 كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئىنگلىزچە مۇنداق بىر سۆز بار - سېنىڭ بەدىنىڭ، سېنىڭ نېمە يېگىنىڭ (You are what you eat).
   ئىجابىي ھېس-تۇيغۇمىز (positive emotion) بىلەن يۈرەكنىڭ ئۇيغۇنلۇق (coherence) ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەندە بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغىلى (يۈكسەلدۈرگىلى) بولىدۇ، ھەم مېڭىنىڭ مۇرەككەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ھەتتا يۈرەكتىكى نېرۋا سىستېمىلىرىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بولىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ قايغۇ-ھەسرەت، ۋە خۇشال-خۇراملىق ھېسسىياتىمىز ئۇزۇنغىچە داۋام ئېتىدۇ. ئەمما سەلبىي ھېس-تۇيغۇمىز (negative emotion) بولسا يۈرەكنىڭ ئۇيغۇنلۇق (coherence) ھالىتىنى ۋە پۈتۈن بەدەن نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
   ئالىملار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، قورساقنىڭ يوغىنىشى بىلەن مېڭىنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ئاياللارغۇ 9 ئاي بالا كۆتۈرۈش جەريانىدا قورسىقى يوغىناپ كېتىدۇ، ھەم بۇ كۆپىنچە ئەھۋال. بۇنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ھەرىكەت كېتىدۇ، ئەمما ئانىلار ئۆز پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇيدۇ. ئەمما ئەرلەردىچۇ؟ قارنى يوغان بولسا، ئۆز ئىگىسىگە بويسۇنماي قانائەت ھېس قىلمايدىغان گەپ، ھەم ئۆز رەببىگە ئىگىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ. بۇ ئاخىردا يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمىنى يوشۇرۇن ئۆلۈم (silent death) دەپمۇ ئاتايدۇ. بۇ يەنە يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ ئامىللىرىدۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا قالغانلار ئويغىنىشى كېرەك، ھەم ئەسلىگە قايتىش كېرەك، چۈنكى بۇ بىر كېسەللىك. ئارتۇق يېيىش خۇددى كونىلارنىڭ «ئۆزچىشى بىلەن ئۆزئۆلۈم ئورىكىنى قازغانغا ئوخشاش». شۇڭا ھەرىكەت بىلەن بەرىكەت ئېلىپ بۇ خىل ھالەتنى ئەسلىگە قايتۇرۇشىمىز كېرەك.
   يۈرەك سوقۇشتىن توختىغان چاغدا، ئۇ كىشى بۇ دۇنيادىكى بارلىق يىغقانلىرىنى تاشلاپ، ئېسىل نازۇنېمەتلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلغان قامەتلىك بەدەننى باكتېرىيىلەرگە يەم قىلىدىغان گەپ.
   يۈرەك سوقۇشتىن توختىسا، ئۇ كىشى ئۆلدى دېگەن گەپ. بۇ دۇنيادىكى بارلىق تاپقىنىنى تاشلاپ، قانداق كەلسە شۇ پېتى كېتىدۇ. يېقىندىلا تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ باي، ھەم كۆچ شىركىتىنىڭ باشلىقى مۇستاپا كۆچ ئەپەندىم يۈرەك كېسىلى بىلەن ياش تۇرۇپلا تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. مىلياردلاپ تاپقان پۇلى، ھەم ئون-مىڭلىغان قول ئاستىدىكى كىشىلىرىمۇ ھېچ بىر ئەس قاتمىدى.  يەنە بىر تۈرۈك شائىرى "يېشىم 36 گە كىردى، ئۆمرىمنىڭ يېرىمى تۇگدى" دەپ شېئېر يېزىپتىكەن، لىكىن 37 گە كىرىپلا ئوخشاش ئۈلۈپ قالدى.

   7. قەلبنى تەربىيىلەپ كۆندۈرۈش (سېنىڭ قەلبىڭ، سېنىڭ نېمىگە كۆندۈرگىنىڭ)
   مەن ئالدىنقى بۆلەكلەردە يۈرەك ئۇيغۇنلۇقى (coherence) يۈرەك-مېڭە ئالاقىسى توغرۇلۇق سۆزلەپ، يۈرەك ماگنىت مەيدانىنىڭ بىزنىڭ روھىي-كەيپىياتىمىزغا ئاساسەن ئۆزگىرىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ يۈرەك ماگنىت مەيدانىنىڭ بىۋاسىتە مېڭىنىڭ ماس/بىرلىك (synchonise) بولۇشىغا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. يۈرەك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستە تۇتۇشى بار بولۇپ، بۇ يۈرەكتىن مېڭىگە بارغان سىگناللار بىزنىڭ كەيپىياتىمىزغا تەسىر قىلىدۇ. تەربىيە (training) ۋە ئۆگىنىش مېڭىنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، يەنى يىغىپ ئېيتقاندا مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ تور ئالاقىسى / باغلىنىشى، مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەتتا گېن (gene expression) ئىپادىلىشىگىمۇ تەسىر قىلىپ زۇر ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ مېڭە ئەۋرىشىمچانلىقى (brain plasticity) دەپ ئاتىلىدۇ (مېڭە توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى كېيىنكى ماقالىلەردە مەخسۇس سۆزلەپ ئۆتىمەن). ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ قەلبنى تەربىيىلەش/كۆندۈرۈش ئارقىلىق روھىي-كەيپىياتىمىزنى تەڭشەش توغرۇلۇق مەزمۇنلارنى تارىخى نۇقتىسىدىن سۆزلەپ ئۆتىمەن.
قەلبنى تەربىيىلەپ كۆندۈرۈش جەھەتتىكى نۇقتىلارنى جېمىس كلاۋېلل (James Clavell) نىڭ «شوگۇن» دېگەن رومانىدىن ئېلىنغان پارچىسىدىن باشلايمەن: «بالام، داۋاملىق ئېسىڭدە بولسۇن: قالايمىقان (ئەسكى) خىياللارنى سۈرۈش بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش. ئەگەر كۆڭۈلنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسەڭ، سېنى تېخىمۇ بەختسىزلىككە باشلاپ چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ. ئەمما، گۈزەل پىكىر-خىياللارنى قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كېرەك، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈم - تەربىيە (training) كېرەك بولىدىغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇڭا كۆڭلۈڭنى (قەلب زېھنىڭنى) تەربىيىلەپ كۆندۈر (training). ئاندىن كېيىن سەن ئۇنچىۋالا جىق بەدەل تۆلىمىسەڭمۇ بولۇۋېرىدۇ، ھەم سەن ئۆز ھاياتىڭنى قىممەتكە ئىگە قىلسەن، كەسپىڭدىمۇ قىممەت يارىتىسەن، ھەم بۇ دۇنيايىمىز ئۈچۈن بىر شان-شۆھرەت ئېلىپ كېلەلەيسەن.»
Always remember, child,” that to think bad thoughts is really the easiest thing in the world. If you leave your mind to itself it will spiral you down into ever-increasing un-happiness. To think good thoughts, however, requires effort. This is one of the things that discipline - training - is about. So train your mind…... Then, at length, you won’t have to make such a great effort and you will be of value to yourself, a value to our profession - and bring honor to our world…”  James Clavell extract from Shogun.
   ھەممە ئىنسانلار تۇغۇلغاندا ئوخشاش «ئاق قەغەز» كەبى پاك تۇغۇلىدۇ. ھەر بىر يۈرەك ئەڭ دەسلەپكى سوقۇشنى باشلىغاندا بىر پاك ئىنسان ھالەتتە بولىدۇ. ياشاش جەريانىدا ھەر ئىنسان بۇ قەلبنى ھەر شەكىلدە تەربىيىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ئۆتۈپ زور پەرق شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن ئالايلۇق ياخشى چېنىقتۇرۇلغان ھايۋانلار سېركچىلىك قىلىپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ؛ يەنە مەسىلەن، ئەما كىشىلەرگە يول باشلاپ بېرىشكە كۆندۈرۈلگەن ئىتلارمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەربىيىلەپ كۆندۈرۈش (training) ئارقىلىقلا بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلى چېنىقىش ئارقىلىقلا بوكس شاھى بولغان ئىدى، ھەم ھەر دائىم «قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق» دەپ ئۆزىگە ئىشىنەتتى. بۇ گەپتىن ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ دېگەن مەنە چىقىدۇ. ئەلۋەتتە ھېچكىممۇ ئۆگەنمەي تۇرۇپ مۇزىكا چالالمايدۇ، ئۇسسۇل ئوينىيالمايدۇ، ھەم يېڭى بىر خىل چەتئەل تىلدا سۆزلىشەلمەيدۇ. شۇنداقلا ئەگەر بىز قەلبىمىزنى تەربىيىلەپ كۆندۈرمىسەك، ھەم ئۆزىمىزگە ئادەت شەكىللەندۈرمىسەك بىز قەلبنى قىممەتكە ئىگە قىلىپ كۈتكىنىمىزدەك بولالمايمىز. شۇڭا سېنىڭ قەلبىنىڭ، سېنىڭ نېمىگە كۆندۈرگىنىڭ بولۇپ ھەر خىل يۈرەك شەكىللىنىدۇ: توخۇ يۈرەك، يولۋاس يۈرەك، قاپ يۈرەك (قاپلان يۈرەك)، تاش يۈرەك، مۇز يۈرەك، ئۇت يۈرەك، ئويغانغان يۈرەك ۋە ئۇيقۇچان يۈرەك. 2-رەسىمدىكى سولدا ئۇچار ئادەمنىڭ فىلىمدىكى ھالىتى، ئوڭدا چېنىقتۇرۇشتىن بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتى، ئوخشاش بىر ئادەم بولسىمۇ چېنىقتۇرۇشنىڭ پەرقى بولامدىكەن؟

r02b_human_heart.jpg

   3-رەسىم: سولدا ئۇچار ئادەمنىڭ (superman) فىلىمدىكى ھالىتى، ئوڭدا چېنىقتۇرۇشتىن (training) بۇرۇنقى ئەسلى ھالىتى. (كىنو چولپانلىرىنىڭ ھەممىسى چېنىقتۇرۇلغان ئاددىي ئىنسانلار)
خۇددى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېيتقاندەك :
«ئەجەب بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
ھەر تەندە ئۇ ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.
ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابى ،
ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.»
بۇ قەلبنى بىر قىممەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تۈزۈم ۋە تەربىيە كېرەك. خۇددى لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئېيتقاندەك «ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا يۈگەن سېلىش» كېرەك:
«ياشلىق، چاقماقسەن، چېقىپ ئۇچىسەن،
ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ ئۈگەنگىن، ئۈگەن!
قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆكىسەن،
ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ  يۈگەن.»
   خىياللارنى بىر رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش (mentality to reality) ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىزدە شۇ خىل روھ، يەنى نىيەت (intention) بولۇشى كېرەك. بۇنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئادەت قىلىپ داۋاملاشتۇرساق خۇددى روھ بىلەن بەدەن بىر ھاياتلىقنى شەكىللەندۈرگەندەك ھەقىقىي بىر كۈچلۈك خاراكتېر شەكىللىنىدۇ.
   مەن بۇدا بەدەن بىلەن كۆڭۈلنى بىر «ئوقيا» غا سىمۋوللاشتۇرۇپ يېزىلغان قەدىمكى شېئىر كۆرگەن ئىدىم (ئەمما ئۇنىڭ مەنبەسىنى ۋە ئېنىق تېكىستىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرىلاپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
«بەدەن بولغاچ ئوق، كۆڭلۈم بولدى يا،
كۆڭلۈم بولغاچ ئوق، بەدەن بولدى يا.»
   ھەقىقەتەن بۇ قەدىمكى شېئىردىن بەدەن بىلەن كۆڭۈل بىردەك بولۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەم بىرەرى كەم بولسا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بۇرۇنقى كۆز قاراشلاردا خاراكتېرنى كىشىلىك ياخشى-يامان تەقدىردىمۇ باغلاپ قويىدۇ.
بەلكىم بۇ خىل نۇقتىلارنى تۆۋەندىكى ئاددىي باغلىنىشلىققا ئومۇملاشتۇرۇپ قويدۇم.
r02c_human_heart.jpg

   ئىمام بۇخارى ھەدىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھەرىكەت نىيەت بىلەن بولىدۇ، ھەم ھەر بىر ئادەم نىيەت قىلغىنىغىلا ئېرىشەلەيدۇ». يەنى بىر ھەدىستە «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشى بولسا، داۋاملاشقان ۋە دائىم قىلىنغان ياخشى ئەمەلدۇر.»
بىر خىل ئىدىيە بىلەن داۋاملىق ھەرىكىتىمىزدىن قەلبىمىزنى كۆندۈرسەك، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندە كىشىلىك ئادەت شەكىللىنىدۇ، ھەم تەبىئىي ھالدا شۇ خىل ئادەتنى ياقتۇرۇپ قالىمىز. ھەرگىزمۇ بىرەر ئىنسان تۇغۇلۇشىدىنلا تاماكىغا خۇمار بولۇپ تۇغۇلغان ئەمەس، داۋاملاشقان ھەرىكەتتىن ئادەت شەكىللەنگەن ئىش. بىزدە توغرا نىيەتنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، بەلكىم ئاخىرىدا بىزنىڭ تەقدىرىمىزگىمۇ چېتىشلىق بولۇپ قالىدۇ. نىيەت ۋە تەقدىر توغرۇلۇق كۆز-قاراش نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. ئەڭ مۇكەممەل ۋە توغرا باغلىنىش پەقەت ئىسلام دىنىدىلا مەۋجۇت. ئەل-غەززالىنىڭ يېزىپ قالدۇرغان ماتېرىياللىرى بۇنىڭ ئىپادىسى ۋە ئىسپاتىدۇر. ئۆز زامانىدا بۇ جەھەتتە كامالەتكە يېتىپ 400 دىن ئارتۇق كىتابلارنى يازغان. ھەقىقەتەن بۇ جەھەتتە بىزدە توغرا كۆز-قاراش ۋە ئىسلامىي بىلىم بەكمۇ كەمچىل.
   بىلىم ۋە ھەقىقەتلا بىزنىڭ قەلبىمىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ، ھەمدە ئۆزىمىزنى تولۇق كونترول قىلالىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ بەدەن ۋە روھىمىزنىڭ كاپىتانلىق ۋە شاھلىق رولىنى تولۇق ئىجرا قىلدۇرغاندا بىز ئۆز خاراكتېرىمىزنىڭ ھەم ھايات قىسمىتىمىزنىڭ ئىگىسى بولالايمىز. ئۆز-ئۆزىمىزگە ئىگە بولالايمىز دېگەن گەپ. قەلب خالىمىسا ھەرگىزمۇ بىرى بىزنى يامان ئىش ۋە يامان يولغا باشلىيالمايدۇ. ئەمما باھانە ئۆز-ئۆزىنى ئالداش بولۇپ، ئۆزىگە ۋە ياكى ئۆزگىگە پايدا بەرمەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەڭ چوڭ زىيان تارتقان پەقەت ئۆزىلا بولۇپ قالىدۇ. پەقەت بىلىم ۋە ھەقىقەت بىلەنلا قەلبىمىزنى توغرا يولغا باشلىغاندا، ئۆلمەس ئەبەدىي يولنى تۇتقان بولىدۇ.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يۈرەك توغرۇلۇق بىر گۈزەل شېئىرى بار:
«ھەر تۆمۈر كىشەننىڭ سۈرى بەك يامان،
لېكىن ئۇ قورقىدۇ بازغاندىن ھامان.
ئەگەر روھتا بولسا قۇللۇق كىشەنى،
بازغانمۇ كار قىلماس ئاڭا ھېچقاچان.»
   قورساققا قالايمىقان نەرسىلەرنى يەۋەرسەك، ئۇ بىر «ئەخلەت ساندۇقى» غا ئوخشاپ قالغاندەك (سېنىڭ بەدىنىڭ سېنىڭ نېمە يېگىنىڭ)، ياخشى-يامان نەرسىلەرنى (توردىن، ئۈندىدارلاردىن) كۆرۈۋېرىپ قەلبىمىزمۇ بىر «ئەخلەت ساندۇقى» غا ئوخشاش كېرەكسىز بولىدۇ (سېنىڭ قەلبىڭ سېنىڭ نېمە ئۆگەنگىنىڭ). چۈنكى قەلبىمىز ياخشى-يامان نەرسىلەرنىڭ يىغىلىشىدىن يامان تەسىرگە ئۇچراپ، توختىماي كىرلەر توپلىنىپ تۇرىدۇ. ھازىرقى ھەرخىل پروگراممىلار (تېلېۋىزور، ئېلانلار) بىزنى «سېنىڭ قەلبىڭ، سېنىڭ نېمىگە كۆندۈرگىنىڭ» دېگەندەك يولغىلا باشلايدۇ! كونىلار كۆڭۈلنى بىر ئەينەككە ئوخشىتىدۇ. ئەگەر ئۇ كىر بولسا، كۆڭۈل ئەينىكىدىن ئۆز ئەكسىنى كۆرمەك تەس بولىدۇ، ھەتتا پاكلىنىپ تۇرمىغان ئەينەكتە كىر توپلىنىپ ھېچنېمىنى كۆرمەس قىلىپ قويىدۇ. ئەھمىيىتى يوق نۇرغۇن قالايمىقان ئۇچۇرلار بىزنى مۇھىم، مەركىزىي ھايات نۇقتىسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ ھەم قەلبىمىزنى تەربىيىلەپ چېنىقتۇرغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىسقا ھاياتنى نىشانسىز بوران ۋە تۇراقسىز بۇلۇتتەك ئىختىيارسىز، مەنىسىز، قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ھاياتنىڭ تەمىنى ھېچ بىر ھېس قىلماستىن ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان گەپ (تەرتىپسىز تۇرمۇش - تەرتىپسىز ھايات). شۇڭا بۇ خىل نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتىش ۋە كۆڭۈلنى قوغداش كېرەك. ئويلايلى، ئەگەر بىز ناچار تاماق يەپ قالغان بولساق، بۇ تاماق پۈتۈن بەدىنىمىزنى زەھەرلەيدۇ. كۆڭۈل قەلبىمىزمۇ ئوزۇقلۇققا موھتاج. ئەگەر ناچار ئىدىيە، گەپ-سۆز، رەسىم ۋە فىلىملاردىن قەلبىمىزنى ئوزۇقلاندۇرساق، قەلبىمىزنى زەھەرلەيمىز دېگەن گەپ. بۇ قەلب چەكسىز قىممەتكە ئىگە بولۇپ، توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن تەربىيىگە ۋە روھىي ئوزۇققا موھتاج. قەلىبنى داۋالايدىغانغا ھىچ بىر دارا يوق. مەن بۇ توغرۇلۇق مۇنداق بىر شېئىر يازدىم:
تۇرمۇش مەنزىلى ئوخشار شامالغا،
ئۆزگىرەر دائىم بېقىپ خىيالغا.
ھايات يولى ئوخشار ئېقىنغا،
ئاقار بويلاپ باسقان ئىزىڭغا.
تارىختا بىرقانچە بىر تەرەپلىمىلىك كۆز قاراش بولۇپ كەلدى: بەزىلەر «بۆرە بالىسى بۆرە بولغۇسى، كىشىلەر بېقىپ ئۆستۈرسىمۇ ھەم» دېسە، يەنە بەزىلەر « ئوگەنگەن خۇي ئۆلگىچە كەتمەس ». ئەمما بىلىم ۋە ھەق، ھەر قانداق ناچار كىشىلەرنىمۇ ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلارنى قەيەردىن باشلاش كېرەك، بۇنى كېيىنكى نۇقتىدا سۆزلەپ ئۆتىمەن.

   8. قەلب ۋە خاراكتېرنى پاكلاش (Purify the Heart and Character!)
   مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن پەقەتلا ئېسىل خاراكتېرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىم». (I was only sent to perfect noble character). بۇنىڭدىن ئېسىل خاراكتېرنىڭ بىز ئۈچۈن ھاياتىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. مىراج كېچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈرىكىنى پەرىشتە جىبىرىئىل تەرىپىدىن پاكلىنىپ، جەننەتنىڭ 7-دەرىجىسىگە چىقىرىش ئۈچۈن يۈرىكىنى بىلىم ۋە ئېتىقاد بىلەن تولدۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن 5 ۋاخ ناماز چۈشۈرۈلىدۇ. مانا بۇ «بىلىم ۋە ئېتىقاد (ئىشىنىش)» بىزگە ياخشى خاراكتېر شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم بولۇشقا تېگىشلىك. بۇ توغرىسىدا ئەرەبلەردە مۇنداق بىر ماقال-تەمسىلمۇ بار: «بىلىم ۋە ئىمان (تەقۋا) -- كۈچ». ھەم مەكتەپلەردە «بىلىم -- كۈچ» دەپ كۆپ ئوقۇغان ئىدۇق.

   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئادەم كۆكرىكىدە بىر پارچە گۆش بار، ئەگەر ئۇ تۈزەلسە، تەننىڭ ھەممە يىرى تۈزۈلدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بۇ سېنىڭ قەلبىڭ ئەمەسمۇ؟» يۇرەكنىڭ ئادەمنىڭ پىزولوگىيەلىك قۇرۇلما ۋە نورمال ساغلاملىقىغا بولغان تەسىرىدىن قارىساقمۇ بۇ ھەدىسنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىگى كورۇنۇپ تۇرۇپتۇ. مەنىۋە جەھەتكا ئەھمىيىتىنى بولسا مەۋلان ئەپەندى ناھايتى ياخشى چۇشەندۇرۇپتۇ."مەنىۋى قەلبنىڭ بىر پارچە ئەت (گۆش) دەپ ناملانغان ئىنسان تېنىدىكى ئاشۇ ماددى قەلب ئېچىدە بولىدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە، ئىنسان تېنىدىكى جىمى ئەزالارنىڭ مۇتلەق رەئىسىنىڭ، قۇماندانىنىڭ ئاشۇ ماددى قەلبتە مەركەزلەنگەن مەنىۋىي قەلب ئىكەنلىكى، ئۇ بىر پۈتۈن ئىسلاھ قىلىنغاندا، ئەزالارنى ئىسلاھ قىلىش ئىشقا ئاشىدىغانلىقى، يەنى ئىنساننىڭ سائادىتى بولىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھالاكىتىدە جىمى تەننىڭ ھالاكىتى يەنى ئىنساننىڭ بىر پۈتۈن ھالاكىتى بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ."
   نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتنىڭ ياشاش مەقسىتى بولسا بەخت دەپلا چۈشىنىدۇ. ھەم ئۆزى قىزىققان نەرسىلەرنى ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ مۇھىم دەپ ئويلايدۇ. ناخشىچىلارغا ۋە ھەرخىل ئويۇنلارغا مەستانە بولۇپ قالىدۇ. كەلگۈسىنى ۋە ھەقىقەتنى كۆرۈپ يېتەلمەيدۇ. بۇ توغرىسىدا سۇلايمان پەيغەمبەردىن قالغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز بار: «ئاشىقلىق بىلەن ئەقىل بىر-بىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ». بىر نەرسىگە ئاشىق بولغانلارنىڭ ئەقلى توسۇلىدۇ. بۇ خىل ئاشىقلىق كېسىلىنى داۋالاشنىڭ دورىسى قەلبتە-يۈرەكتە، بىر ئەقىل-ئىدراك كۆزى بىلەن قاراش كېرەك (cognitive reason). قۇرئاندىمۇ ھەقىقىي بەختنىڭ بىلىم ۋە پاكلىقتىن كېلىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ. يەنە بەخت ۋە بەختسىزلىك ھەققىدە «كىم روھىنى پاك قىلسا بەختلىك، چىرىكلەندۈرسە بەختسىز» بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىنىدۇ.
"He who has purifies his soul is happy and he who has corrupted his souls is miserable. Quran"
   يۈرەكنى پاكلاش ھەققىدە ئەڭ مۇكەممەل ۋە ياخشى يېزىلغان ئەسەر مەنچە يۈسۈف ھامزانىڭ تۆۋەندىكى ئەسىرى - 105 ۋاراق (ئاتا-ئانىسى كالىفورنىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورلىرى.). ئوقۇرمەنلەر بۇنى كۆرۈپ پايدىلانسا بولىدۇ.
http://data.nur.nu/Kutub/English ... on-of-the-Heart.pdf
   دۇنيا نەپىسىنى بۇرۇنقىلار «شەيتان» غا ئوخشىتىدۇ، ھەم ئۇنى قاندۇرۇشنىڭ چېكى يوق. بۇ نەپىسى توغرۇلۇق نۇرغۇن ماتېرىياللار يېزىلدى. شۇڭا مەن بۇ نۇقتىنى سۆزلىمەستىن ئۆزۈم يازغان بىر شېئىر ئارقىلىقلا تۈگىتىمەن:

كېچىكمەس ھەر ئىش قىلىمەن دېسە،
يېتەلمەس لېكىن غەپلەتتە يۈرسە،
ئالسا بىلىم كېلەر كۈتكەن كۈن،
يۈتەر تويماس نەپسىنى كۈتسە،

   9. يۈرەك ئۇيغۇنلۇقى (heart coherence) - ئائىلە ۋە جەمئىيەتتىكى مۇھىملىقى
   يېڭىدىن بىر كىشىلىك ئۇيغۇنلۇق (personal coherence) دېگەن بىر تەتقىقات ئىلمى شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە بىزنىڭ بارلىق ئالاقە ۋە نۇرغۇن ئىشلاردا بىرلىك ھەم ماسلىشىشچانلىق بار. بىرلىكتە ئىش قىلغان گۇرۇپپا مەيلى پۇتبولدا بولسۇن ياكى خىزمەتتە بولسۇن، ئادەمنىڭ ئەقلى سىغمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ئۆزدىكى يۈرەك ئۇيغۇنلۇقى (heart coherence) بولسا كىشىلىك ئۇيغۇنلۇقدا (personal coherence) بىر باغلانما رولىنى ئوينايدۇ، ھەم ئائىلە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ھەتتا جەمئىيەتكىمۇ ياخشى تەسىرى بولىدۇ دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئەگەر ھەر بىر ئادەمنىڭ يۈرىكى ئۇيغۇنلۇق ھالەتتە ئوخشاش سوقسا بىر كۈچلۈك رېزونانس (resonance) ھالىتىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەگەر ماس كەلمىگەن ھالەتتە سوققاندا، ئاجىز بولۇپ رېزونانس (resonance) شەكىللەنمەيدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدىكى دەرسلىكتە بىر تۈركۈم گېرمان ئەسكەرلىرىنىڭ، ئوخشاش بىر قەدەمدە مېڭىپ بىر كۆرۈكنى سۇندۇرۇۋەتكەنلىكى سۆزلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ ھەممە مۇسۇلمانلارنى بىر «ئۈممەت» دەپ ئېيتقان ئىدى. بۇنىڭدىكى باغلانما سۆز بولسا ئەرەبچە «ئۇممى» - ئانا دېگەن گەپ. بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلاردا بىر باغلىنىش بولسا، بىر ئۇممەدىمۇ بىر باغ بار دېگەن گەپ. بىز بىر قەلب بار بولغان بولسا، قەلبكە تۇتاش بولغان ئەرەبچە سۆز قەبىلە. يەنى ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر قەبىلە ھالەتتە شەكىللەندۈردى. بىر قەبىلىدە ئورتاق باغلانما بىر خەلق بار.

   بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلاردا قانداشلىق مۇناسىۋەت بىر باغلىنىش بولسا، بىر ئۇممەتتىمۇ ئورتاق بىر ئىتىقاتتىن ئىبارەت بىر باغ بار دېگەن گەپ. ئەرەبچىدە قەلبكە تۇتاش بولغان سۆز قەبىلە. بىر قەبىلە بولسا ئورتاق باغلانمىسى بولغان خەلقتىن ئىبارەت.يەنى ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر قەبىلە ھالەتتە شەكىللەندۈردى. بەلكىم بۇنىڭ بىر ھىكمىتىمۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان باغلىنىشىنى كۇچەيتىش ئۇچۇندۇر.
   ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان بولۇشى ھەتتا پۈتۈن جەمئىيەتكىمۇ دولقۇنسىمان تەسىر -- رېزونانس (resonance) پەيدا قىلالايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم پارىخور بولسا نۇرغۇن ئادەمنى خاتا يولغا باشلايدۇ، جەمئىيەتتە شۇ كىشىنىڭ ئەتراپىدا بارچە چىرىكلىك ئەۋج ئېلىشقا باشلايدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ بىۋاسىتە نامراتلىق بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى، چىرىك بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ باياشات ئىكەنلىكىنى تۈرلۈك دۆلەتلەرنىڭ دەرىجىسىدىنلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەقىقەتەن مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. ھەتتا ھازىرقى زاماندىكى كىچىك بالىلارمۇ ئۇنى ئاڭلىسا خىيالى چۈشتەك، ئۇنى خاتا دەپ ئىشەنمەيلا قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ زامانلاردا شۇ ئىشلارنى قىلغانلارنىڭ يۈرىكى شۇ ئىشلارغا تەربىيىلىنىپ/كۆندۈرۈلۈپ (Training)، شۇ ئىشلارنى توغرا دەپ قوبۇل قىلغان. ھەتتا پۈتكۈل زېھنىنى، ۋاقتىنى ۋە يۈرەك قەلبىنى شۇ پۇچەك ئىشلارغا سەرپ قىلغان. چۈنكى ئۇ زامانلاردا بىلىمسىزلىك كۆپ بولۇپ، ھەقىقەتچىلەر ناھەقچىلىككە ئۇچرىدى. مېنىڭ بەيدۇللاخۇن چوڭ دادام يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندا، كورلا ناھىيىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيىنى باياشات قىلىۋېتىپتىكەندۇق. قىلغان تۆھپىسى ئۈچۈن ھەتتا بېيجىڭدىن تەكلىپ قىلىنىپ، ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپتىكەن، ھەم تەقدىرلىنىپتىكەندۇق. ئانامغا چوڭ دادام چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئەكېلىپ «سېنى شۇ يەردە ئوقۇتىمەن» دەپ تىنماي سۆزلەيدىكەندۇق. مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلىنىپ «كاپىتالىزم يولىغا ماڭدى» دەپ، ھەر كۈنى جازاغا تارتىلىپ، بۇ ئېغىر جازالاردىن ھەم تۆھمەتلەردىن قاماقتا ئۆلۈپ كەتتى. چوڭ دادام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن، مەن ئانامنىڭ ئۈمىدى بولۇپ تۇغۇلدۇم. ئانام ماڭا ھەر دائىملا  «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ گېپىنى قىلىدىغان بولغاچقا، مەندە چوقۇملا «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى» غا بېرىپ ئوقۇش ئىرادىسى شەكىللەنگەن ئىدى. گەرچە مەن «چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى» غا بارالمىساممۇ، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالىدىم، دەپ ئويلايمەن.

   يەنە بىر ياخشى مىسال: جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئىقتىسادى 60-70 يىل ئىلگىرى ئافغانىستان ئىقتىسادىغا تەڭ كېلەتتى. ھەتتا ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىن ھەرخىل تېخنىكا كىرگۈزۈشكە ئىقتىسادى ئاجىز بولغاچقا، پاكىستاننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش (ئەنگلىيەدىن قالغان) تۈزۈمىنى ئۆگەنگەن ۋە ھەم ئۇلارنى تەكلىپ بىلەن ئىشلەتكەن. ھازىر مەن سۆزلىمىسەممۇ ھەممە ئادەم ئۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ياخشى بىلىدۇ. ھەقىقەتەن بىرنەچچە شىركەتلەر ۋە شۇ شىركەتنى قۇرغان كىشىلەرلا پۈتۈن دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا يول ئاچتى، ھەم دۆلىتىگە شان-شۆھرەت ئېلىپ كەلدى (2006-يىلى خەلقئارالىق بىيومېدىكال يىغىنغا برىتانىيەدىن جەنۇبىي كورېيەگە بارغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق، بىر-بىرىگە بولغان ھۆرمەت، بىلىمگە بولغان ئىشتىياق ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى. ھەتتا ھاياجان ئىچىدە 2-3 كۈن ئۇخلىيالماي قالغان ئىدىم. ئەنگلىيەدىن مەن بىلەن بىللە بارغان ئۆزىنى ئەڭ چوڭ تۇتىدىغان ئىنگلىز پروفېسسور مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەگەر بۇ كورېيەلىكلەر بىزنىڭ بۇ شەھەردىكى قالايمىقانچىلىقنى كۆرسە بىزنى ‹مەدەنىيەتسىز› دەپ قالغۇدەك»). مانا 70 يىل ئىلگىرىدىكى مەدەنىيەتسىز ھالەتتە قالغان يوقسۇل بىر دۆلەت، باشقۇرۇش ئىلمىنى ئۆگەنگەن پاكىستاندىن ھازىر ئاسمان-زېمىن پەرق شەكىللەندۈرۈپ، قەدىمكى مەدەنىيەتلىك دەپ ئاتالغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنى كۆپ جەھەتتە ئارقىدا قالدۇردى.

   10. ئوچۇق كۆڭۈل بولۇش (Open mind)
   بىز ئۆز قەلبىمىزگە ئىگە بولالمىغاندا ۋە ئەقلىمىز يەتمىگەندە، بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە قورقۇنچ پەيدا بولىدۇ. «مېنى بىلمەس دەپ ئويلاپ قالارمۇ، مېنى كونترول قىلىۋالارمۇ؟» دەپ، مىڭ خىيالغا چۆكىمىز، ياكى ئۆزىمىز بىلگىنىمىزنى كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى ئاتىمىز. ناماز ئوقۇغاندا قولنى قانداق تۇتۇش توغرۇلۇق شۇنچە كۆپ مۇنازىرە بولدىكى، يۈرەك (نىيەت) توغرۇلۇق ۋە ياراتقۇچىمىز توغرۇلۇق مۇكەممەل چۈشەنچە يوق. ئەمەلىيەتتە تارىختا نۇرغۇنلىغان مەشھۇر كىشىلەر، مەسىلەن ئىسلام ئالىمى مەۋلانە رۇمى ئوچۇق كۆڭۈل. مەۋلانە رۇمىنىڭ «كەل» (Come) دېگەن شېئىرى مىسال بولالايدۇ. يەنە يېقىنقى زاماندىكىلەردىن ئېيتساق، ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى توماس جېففېرسون، لىنكولىن، ئوباما قاتارلىقلار باشقا دىندىكىلەر بىلەن ھۆرمەت بىلەن پىكىرلەشكەن، ھەم باشقىلارنى «سەن خاتا، مەنلا توغرا» دەپ رەت قىلىۋەتمىگەن، ھەم مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋەتمىگەن.
جاھىلىيەت دەۋرنىڭ ئاساسلىق خاراكتېرىمۇ جاھىللىق ۋە ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ئىدى. چۈنكى ئوچۇق كۆڭۈل كىشىلەرلا توغرا-خاتا مەسىلىدە، ھەقنى كۆرەلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. بۇ توغرىسىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرىمۇ مىسال بولالايدۇ:

«كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ،
جاھان تۇرماق ھەتتا ئاسمان سىغىدۇ.
مۇبادا رەشىك، ھەسەت قاپلىسا ئۇنى،
تېرىقنىڭ قاسرىغىمۇ ئاران سىغىدۇ.»

   11. بالىلار (يۈرەك ئۇيغۇنلۇقىدىن - ئائىلە ئۇيغۇنلۇقى)
   مەن ئالدىنقى نۇقتىلاردا سۆزلەپ ئۆتكەندەك، HRV - يۈرەك رىتىمىنىڭ ئۆزگىرىشى (HRV-Heart Rate Variability) چوڭلارغا قارىغاندا بالىلاردا يۇقىرى بولىدۇ ھەم يۈرەك رىتىمىمۇ تېز بولىدۇ، ھەرىكىتىمۇ جىق بولىدۇ. نورمالدا كىچىك بالىلاردا ئۆزگىرىشمۇ تېز بولىدۇ، ھەم تېز ئۆگىنىپ تېز ئۇنتۇيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ خاراكتېرى يېتىلىۋاتقان مەزگىلى. بۇ جەرياندا بالىلارنى تەربىيىلەش ۋە ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش بەك مۇھىم. بۇرۇنقىلارمۇ كىچىك بالىلارنى خۇددى بىر ياش دەرەخكە ئوخشايدۇ دەپ سىمۋول قىلىدۇ. چوڭلارغا بىر نەرسە ئۆگەنمەك قىيىن كېلىدۇ (HRV قېرىغانسېرى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ). بۇ بىر تەبىئىي ئەھۋال. مېنىڭ بۇ يەردە دېگىنىم HRV ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ قىسقا-ئۇزۇنلۇقى بەلگىلەيدۇ دېگىنىم ئەمەس، پەقەتلا بىر مۇناسىۋىتى بار دېمەكچى. ئەسلىدە ھەر بىر ھۈجەيرىلەردە (Molecular) ئۆزگىرىش بولىدۇ، يەنى گېندىكى تېلېمور (Telomere) قىسقىراپ ماڭىدۇ، بۇ بىر ئۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئامىل. ئەمما كىمنىڭ قاچان ۋە قانداق ئۆلۈشىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.

   بىز بالىمىزنىڭ ئىسمىنى تاللاش، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن ۋە ئۆيلىرىنى بېزەش ئۈچۈنلا شۇنچە كۆپ ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىمىز، ئەمما ئۇلارنىڭ ياخشى خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە بىر جەھەتتىن قىزىقتۇرۇپ كەلگۈسى ئۈچۈن يېتەكلەشكە ئەسلا ۋاقىت سەرپ قىلمايمىز. بالىلارنى چوڭ قىلىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس، ئەسلى بالىلارنىڭ ياخشى خاراكتېرىنى ۋە كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم ئىشتۇر. بىز بالىلارنى قاتتىق باشقۇردۇم دەيمىز، ئەمما تەربىيىلەپ توغرا يولغا يېتەكلەش (guide) ۋە ھەر ئىشلاردا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئويلاپ قويمايمىز. پۈتۈن دۇنيادا بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش «ئاق قەغەز» دەك پاك تۇغۇلىدۇ. ئەمما ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئاستىدا بالىلار ئوخشاش بولمىغان دىن، تىل ۋە ئۆرپ-ئادەت قېلىپى ئىچىدە چوڭ بولىدۇ، ھەم شۇ خىل دىن، تىل ۋە ئادەت شەكىللەندۈرىدۇ.

   ئەگەر ئۆزىمىز بۇ بالىلارنى ساختا ئىدىيىلەر بىلەن تەربىيىلىسەك (training)، خاراكتېرمۇ شۇ خىل بولۇپ قالىدۇ. بالىلىرىمىزغا قىلغان ھەر بىر گەپ، قىلغان ھەر بىر سوۋغا، ياكى ئۆزىمىزدىكى ھەر بىر ئىش-ھەرىكەت بىزنىڭ ئۇلارنى قانداق تەربىيىلەۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ. كىچىك بالىلارنى دۆت دېسەك، ئالدى بىلەن دۆت دەپ تىل چىقىدۇ. بالىلارنى ئالدىساق ئۇلارمۇ ئالداشنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ. ھەتتا ئويۇن (game) ۋە كارتون فىلىملارنىڭمۇ بالىلارغا ناچار تەسىرى باشقا نورمال فىلىملاردەكلا يۇقىرى بولىدىكەن. بىرقانچە مىڭ پارچە (~8000) ئارتۇق ناچار كارتون كۆرۈنۈشىنى ياكى رەسىملەرنى كۆرگەندە، بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە بىر خىل ناچار ئىللەت (violent) شەكىللىنىدىكەن. كىچىك ۋاقتىدا بىز ئۇلارنىڭ خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن بولساق، چوڭ بولۇپ ئۇلار جەمئىيەتتىن ۋە ياكى تېلېۋىزورلاردىن ھەرخىل خاراكتېر شەكىللەندۈرۈۋالىدۇ. بالىلارنى تەييارغا ئۆگىتىشمۇ ياخشى ئەمەس، ھەم ئۇلارنىڭ نېمە كۆرۈۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. كىچىك ۋاقتىدا «بالىلارنىڭ قەلبى ئۇلارنىڭ نېمە كۆرگىنى» بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بالىلارنى ھەرخىل ئويۇنلارغا ئاپىرىپ، ناچار ئىشلارغا كۆنۈپ قېلىپ، ئەمدى چوڭ بولغاندا «ئۇنداق قىلما، ئىچمە، چەكمە!» دېسەك ئەسقاتمايدۇ. «ئاتا-ئانىدىكى ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەت بالىغا قالىدىغان مىراس». شۇڭا ھەممە ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۈلگە بولۇش كېرەك. مەن سۆزلەپ ئۆتكەندەك يۈرەك ئۇيغۇنلۇقىدىن (coherence) ، ئائىلە ئۇيغۇنلۇقى شەكىللىنىدۇ.

   مەن يۈرەك ئۇيغۇنلۇقىنى سۆزلىگەندە، كىنو كۆرۈپ ياكى راھەتلىنىپ تۇرغاندا بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىڭ سىقىپ چىقارغان قان مىقدارى ئاز بولىدۇ، دەپ ئېيتقان ئىدىم. شۇڭا چەتئەلدە بالىلار ئۈچۈن ھەر بىر سائەتتە بىر پروگرامما ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپىنچە قولى بىلەن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلغۇزىدۇ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمەلىيەت (experience) ۋە روھىي ھالەت ئارقىلىقلا مېڭىنى ئۆتكۈرلەشتۈرگىلى (brain plasticity) بولىدۇ. يەنى مېڭىنىڭ قۇرۇلمىسى، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ تور-ئالاقىسى، ۋە گېن ئىپادىلىنىشىدىمۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

   12. خۇلاسە: يۈرەكنى ئىشەنچ بىلەن تولدۇرۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈش
   يۈرەك مېڭە شەكىللىنىشتىن بۇرۇن شەكىللىنىپ سوقۇشقا باشلىغان بولسا سوقۇشتىن توختىغاندا ھايات سەپىرىمىزمۇ ئاياغلىشىدۇ. ئەگەر بىز قەلب تارازىسى بىلەن، بۇ ھاياتتىن قانچە بالدۇر يەكۈن چىقارغان بولساق، بىز مەنىلىك ھاياتنى شۇنچە بالدۇر باشلىغان بولىمىز. ئۆلۈم ئالدىدىكى يەكۈن كىمگە ئەسقاتىدۇ؟ ئازابنى ۋە قايغۇ-ھەسرەتنى كىم يېنىكلىتىدۇ؟ ئەپسۇس يەرشارى ھامىنى ئۆز ئوقىدا ئايلىنىۋېرىدۇ، خۇددى بىز بۇ دۇنياغا تۆرەلمىگەندەكلا كېتىپ قالىمىز. ھەر سائىتىگە 300 كىلوگرام قان سىقىپ چىقارغان يۈرەكنى بىر ئىلمىي ئوزۇق بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرۇش كېرەك، بولمىسا قاغجىراپ قۇرۇقدىلىنىپ بوش بولۇپ قالىدۇ. ناچار يېمەكتە بەدەن زەھەرلەنسە، بارلىق ناچار ئىش-ھەرىكەت، خىياللاردىنمۇ قەلب زەھەرلىنىدۇ.

   پۇل-مال ئۈچۈنلا بولغان جەمئىيەتتە، ھەر سائىتىگە 300 كىلوگرام يۈك كۆتۈرۈش ئۈچۈن تۆلىنىدىغان پۇل بىلەن، يۈرەكنىڭ ھەر سائىتىگە 300 كىلوگرام قان سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن پۇل تۆلەشكە تېگىشلىك مىقدارى قانچىلىك بولار (24 سائەت X 365 كۈن X 68 يىلX =  پۇل) ۋە ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ ئەمەلىيەتتە ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان كىشىلەر بىرنەچچە كۈن ۋە ھەپتە ئۇزۇنراق ياشىۋېلىشى ئۈچۈن دوختۇرخانىلاردا ھېسابسىز پۇل خەجلەيدۇ، ھەم خىمىيىلىك (chemotherapy) دورىلارنى ئويلانماستىنلا قوللىنىپ پۈتۈن بەدىنىنىڭ زەھەرلىنىپ كېتىشىدىنمۇ يانمايدۇ. شۇڭا سىز يۈرەكنىڭ بۇ خىل مۇھىملىقىنى ئاز پۇل بىلەن ھېسابلىماڭ.
   ئىلىم-پەندىكى يېڭىلىقلار ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئەمما ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى بۇلارنىڭ ئەسلىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكى. يۈرەك ۋە گېنلارنىڭ مۇرەككەپ فۇنكسىيىسىنى زامانىۋى ئەسۋابلار بىلەن ئەمدىلىكتە بايقاۋاتىمىز. ئەمما بۇ يەردىكى ئويلىنىشقا تېگىشلىك بولغىنى، يۈرەك ۋە گېنلارنىڭ مۇكەممەل فۇنكىسسىيەسىنىڭ ئەسلىدىنلا بار بولىشىمۇ ۋە ياكى بۇ بار بولغان فۇنكسىيىسىنى بايقاشمۇ؟ ھازىرقى بايقالغان ئىلىم-پەننىڭمۇ چېكى بار. مەسلەن: بىز ھازىر پۈتكۈل گېننىڭ -21 پىرسەنتنىلا  (exon) تەتقىق قىلۋاتىمىز. بۇنىڭدىنمۇ تېخى بايقىغىنىمىز چەكلىك. بەزى پەن بىلىملىرى (مەسىلەن، راك كېسىلىنى داۋالايدىغان بەزى دورىلار باشقا بىر راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان)، يامان پەن بىلىملىرى (زامانىۋى قوراللار، ئاتوم بومبا) ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. مەيلى كونا ياكى يىڭى بولسۇن، ھەقىقىي پايدىلىق بىلىم ۋە ھەقىقەتلا ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەقىقەتەن پەننىي ئىسپاتلارنىڭ كەملىكى بىزنىڭ يېڭىلا تايانغان بۇ قابىلىيىتىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ. بىز بەزى نەرسىلەرنى پەقەت يېقىنقى زامانغىچە تولۇق بىلەلمىدۇق. مەسىلەن: تاكى يېقىنقى زامانغا قەدەر مېڭە يۈرەككە بىر يۆنىلىشلىك ھالدا سىگنال ئەۋەتىپ، يۈرەكنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ قارالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە مېڭە بىلەن يۈرەك ئارىسىدىكى سىگنال (ئۇچۇر) نىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئىكەنلىكى، ھەتتا يۈرەك مېڭىگە كۆپرەك ئۇچۇر ئەۋەتىپ تۇرىدىغانلىقى يېقىندا ئىسپاتلاندى. تەسەۋۋۇرىمىزنىڭ چېكى يوق! بىز ئۆز تەسەۋۋۇرىمىزنى پەننىي ئىسپات بىلەنلا قەپەسكە سولانغاندەك سولاپ قويساق بولمايدۇ. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي بىلىملەر بىز ئۈچۈن قىممەتلىك مىراس ۋە تۈگىمەس-پۈتمەس بۇلاق. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياراتقان بۇ تارىخىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى «خۇراپىيلىق» دېيىشكە بولمايدۇ، بىز ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولغاندىكىن بۇ بىلىمنى ئۆگىنىش ۋە ئىجابىي شەكىلدە ۋارىسى بولۇشىمىز كېرەك.

   يۈرىكىمىز بىر ھايات سائىتى، تىكىلداپ ساناپ تۇرىدۇ، ھەم بىر كۈنى ساناشتىن توختايدۇ. ئەمما ھېچكىم بۇ سائەتنىڭ قاچان توختىشىنى بىلمەيدۇ. بەلكىم بىز قېرىغاندا، ياكى ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا، ۋە ياكى ياش ھەم ساغلام تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىمىز. يۈرەكنىڭ ھەر بىر سوقۇشى پەقەت ۋە پەقەتلا بىرلا قېتىم بولىدۇ.
   ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ. بۇ بىر ھەقىقەت. ئۆز روھىمىز ئۇ سەپەرگە يول ئېلىشتىن بۇرۇن -- «مىراج» نى تەقلىدى شەكىلدە ئويلاڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز يۈرىكىمىزنى پاكلاپ، دۇنيادىكى بۇلغىنىشتىن ساقلاپ، قەلبىمىزنى «بىلىم ۋە ئېتىقاد (ئىشەنچ)» بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. بۇ ھايات سەپىرىدە بىلىم ۋە ئېتىقاد (ئىشەنچ) بىز ئۈچۈن خۇددى  بىر كومپاستەك توغرا يولنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بىز ئۆزىمىزنى تولۇق كونترول قىلالىغاندا ۋە ئۇ بەدەن ۋە روھىمىزنىڭ كاپىتانلىق ۋە شاھلىق رولىنى تولۇق ئىجرا قىلدۇرغاندا، ئۆز ھېسسىياتىمىز، پىكىر-خىيالىمىز، ئويلىرىمىز، قابىلىيىتىمىز ۋە بەخت ھېس-تۇيغۇمىزنىڭ ئىگىسى بولالايمىز، ھەم ھەقىقىي ئارزۇيىمىزدەك بىر مودېل (قېلىپ) شەكىللەندۈرەلەيمىز. ئاخىرىدا بىز ئۆز خاراكتېرىمىزنىڭ ھەم ھايات قىسمىتىمىزنىڭمۇ ئىگىسى بولالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۈزۈم-تەربىيە ۋە ھەرىكەت كېرەك، بىلىم ۋە ھەقىقەتنى بىلمەك كېرەك. شۇ ئارقىلىقلا يۈرەك ئۇيغۇنلۇقى يارىتالايمىز، ۋە ئاخىرقى نىشانى بولغان بىر گۈزەل خاراكتېرنى شەكىللەندۈرەلەيمىز. بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسى ۋە جەمئىيەت ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. بىز قانچە پاك بولغاندا، كۆڭۈل ئەينىكىمىزمۇ شۇنچە روشەن بولىدۇ، ھەقىقەت نۇرى بىلەن يۈرۈپ نۇر چاچىدۇ، ھەم ھەقىقىي بەختنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئوڭ قولۇمنى سول كۆكرىكىمگە (يۈرەك ئۈستىگە) قويغان ھالدا ئۇيغۇرلىرىمىزغا سالام!!!

Referans:

1.        Yasin Mamatjan, Bart³omiej Grychtol and Andy Adler “Effective electrode positions and stimulation patterns for head EIT,” 15th International Conference on Biomedical Applications of Electrical Impedance Tomography, 2014, Canada.
2.        M.A. Roula, J. Kulon and Y. Mamatjan, "Brain-Computer Interface speller using hybrid P300 and motor imagery signals," IEEE BioRob, DOI: 10.1109/BioRob.2012.6290944, 2012.
3.        Yasin Yazýcý, Y. Mamatjan, “A Novel Approach for Efficient and Accurate Detection of Myocardial Infarction”, International Conference on Advanced Technology & Sciences (ICAT'14), 2014, Turkey.
4.        Y. Yazýcý, Y. Mamatjan, "A Robust and Realistic Framework for Clinical Classification of Myocardial Infarction,” IUPESM 2015 World Congress on Medical Physics & Biomedical Engineering, 2015.
5.        M.A. Roula, J. Kulon and Y. Maimaitijiang, "Fast Brain-Computer Interface Speller Using Motor Evoked Potentials and Wavelet Features," 3rd International Conference on Machine Learning and Computing (ICMLC 2011), Singapore, 2011.
6.        Chan ADC, Hamdy MM, Badre A, Badee V, "Wavelet distance measure for person identification using electrocardiograms",IEEE Transactions on Instrumentation and Measurement, vol. 57, no. 2, pp. 248-253, 2008
7.        The Heart-Brain Connection: The Neuroscience of Social, Emotional, and Academic Learning    https://www.youtube.com/watch?v=o9fVvsR-CqM
8.        https://www.heartmath.org/progra ... -theoretical-basis/
9.        http://www.heartmath.com/wp-cont ... /coherent_heart.pdf
10.        http://www.coherenceinhealth.nl/ ... _Rollin_McCraty.pdf
11.        http://www.heartmath.com/wp-cont ... /coherent_heart.pdf
12.        http://data.nur.nu/Kutub/English ... on-of-the-Heart.pdf
13.        <https://en.wikiquote.org/wiki/James_Clavell>
14.  <http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=57155>

دوكتور مەمەتجان ياسىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
http://bbs.izdinix.com/thread-66472-1-1.html
./thread-44181-1-1.html
bagdax

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59378
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-14
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 12:51:37 |ئايرىم كۆرۈش
ھازىرقى بايقالغان ئىلىم-پەننىڭمۇ چېكى بار. بەزى پەن بىلىملىرى (مەسىلەن، راك كېسىلىنى داۋالايدىغان بەزى دورىلار باشقا بىر راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان)، يامان پەن بىلىملىرى (زامانىۋى قوراللار، ئاتوم بومبا) ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى. ھەقىقىي پايدىلىق بىلىم ۋە ھەقىقەتلا ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە بەخت ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ھەقىقەتەن پەننىي ئىسپاتلارنىڭ كەملىكى بىزنىڭ يېڭىلا تايانغان بۇ قابىلىيىتىمىزنى چەكلەپ قويىدۇ. بىز بەزى نەرسىلەرنى پەقەت يېقىنقى زامانغىچە تولۇق بىلەلمىدۇق.

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59378
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 12:58:31 |ئايرىم كۆرۈش
اللاھ  ىلمىڭىزنى  زىيادە  قىلسۇن  

0

تېما

5

دوست

800

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22110
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-25
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 21:53:17 |ئايرىم كۆرۈش
مىڭە قان تومۇر قېتىش،توسۇلۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك دورىسى قايسىدۇ
bagdax

0

تېما

0

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-13
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-1 23:55:23 |ئايرىم كۆرۈش
   سىلەردەك ئىلىم ئەھىللىرىلا چاڭقاق روھى ئاشقازانلىرىمىزنى قاندۇرۇپ،قەلىپ پاكلىقىمىزنى قوغداپ،ھەق يولدا مىڭىشىمىزنى مۇستەككەملىيەلەيمىز.         ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئائىلەڭلارنىڭ خاتىرجەم  ئىلىرىڭلارنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

0

تېما

6

دوست

2476

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43647
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 744
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-17
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-2 09:51:59 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ ماقالىنى تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەرگە يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە كۆپ تەشەككۈر .

0

تېما

0

دوست

846

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   69.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33598
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-21
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-2 12:10:05 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بۇ تېما ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بوپتۇ. رەھمەت

0

تېما

0

دوست

465

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56538
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 150
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-19
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-2 17:52:03 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurxat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-2 18:48  

ھەقىقەتەن ئېسىل بىر ماقالە ئىكەن، ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، ماقالىغا نىسبەتەن ئۆزۈم ھېس قىلغان بەزى نۇقتىلارنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى ئويلىدىم.
مېنىڭچە يۈرەك ۋە قەلىبتىن ئىبارەت ئىككى ئۇقۇم ئايرىم سۆزلەنگەن بىلەن، كۆپ يەرلەردە ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن، ئوقۇرمەنلەرگە خۇددى ئىككىسى ئەسلى بىر نەرسىدەك تەسىر بېرىلگەن، ئاتېزىملىق تەربىيىسى بېرىلگەن جەمىيەتكە نىسبەتەن ئۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئايرىم ئايرىم چۈشەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور دەپ ئويلايمەن.
ئىنسان ئەمەلىيەتتە ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن، بىرى ماددىي قىسمى، يەنى بەدىنى، ئىككىنچىسى روھ، بۇ ھەقتە ياراتقۇچىمىز قۇرئاندا ئۆزىنىڭ ئىنساننى لايدىن ياسىغانلىقىنى ئارقىدىن ئۇنىڭغا روھنى پۈۋلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھازىرقى زامان مېدىتسىناسى ئاساسلىقى ماددىي قىسمىنى تەتقىق قىلىدۇ، گەرچە روھى كېسەللىكلەر ئىلمى دەپ بىر شاخچىسى بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىىڭ ئاساسىنىمۇ ماددا دەپ تۇرۇپ تەتقىق قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ تەتقىقات قىلىۋاتقان نەرسىسىنىڭ ئەسلىدە ئۆز بەدىنىگە ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن پۈۋلەنگەن، ئەسلى ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى پەقەت ياراتقۇچىسىلا بىلىدىغان بىر سىرلىق «ئورگان »ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلمەيدۇ، ئەمما ئىنكار قىلغان بىلەن ھامىنى ئۆزىنىڭ بىر «ئورگىنى»بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكار قىلىنغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەھمىيەت بېرىلمىگەن، شۇ سەۋەپتىن كۆپ «كېسەل »بولىدىغان «ئورگان»ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلمەيدۇ. بەدەننىڭ ئۆزىگە خاس رولى بولغانغا ئوخشاش، روھنىڭمۇ بار، بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئەزالىرى بولغانغا ئوخشاش روھنىڭمۇ ئەزالىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە روھنىڭ ماھىيىتىنى پەقەت ئاللاھ بىلگەچكە، ئۇنىڭ مانچە ئەزاسى بار، ئۇلار شۇلاردىن ئىبارەتتۇر دېيەلمەيمىز.
ئەمما ئېنىق بولغان تەرەپ بولسا ئىستىمالىمىزدىكى قەلىب بولسا ئەسلىدە روھقا تەۋە قىسم، يۈرەك بولسا بەدىنىمىزگە تەۋە قىسمى.
مەسىلەن يۈرەك ساق بولغان ئادەمنىڭ قەلبى گۇناھلاردىن قارايغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى كېسەللەنگەن بولۇشى مۇمكىن، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا قەلىپ پاتولوگىيەسىنى ‍[كېسەللىكىنى ] ئۇ ئادەمنىڭ نېمە قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز، قەلبى تەقۋادارلىق بىلەن تولغان ئادەمنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇشى مۇمكىن، بۇنى يەنى يۈرەك پاتولوگىيەسىنى دەرسلىك كىتاپلاردىكى پاتولوگىيە رەسىملىرىدىن ياخشى چۈشىنەلەيمىز.مەسىلەن تاجىسىمان ئارتېرىيە كېسىلى، رېتىمسىزلىق؛ قەلىپ پاتولوگىيەلىرى بولسا، ئىچى تارلىق، ھەسەت، مۇناپىقلىق، چېقىمخورلۇق؛ ئەلۋەتتە روھ بەدەنگە يەرلەشكەن بولغاچقا ئۇلار بىر بىرلىرىگە تەسىر قىلىشىدۇ، ۋە بۇ تەسىرلەرنى ماددىي ھالدا خاتىرىلىگىلىمۇ بولىدۇ،
ئەلۋەتتە ئىستىمالىمىزدا ئىككى ئۇقۇم ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ، ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىدىمۇ ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )