قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 4571|ئىنكاس: 19
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

مىللىي مەنسۇپىيىتى ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئالمىشىپ قالغان ئەسەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

235

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   78.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62626
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 78
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-12
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-11 22:45:33 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ئۇيغۇر ئادەبىياتى تارىخىدا مىللىي مەنسۇپىيىتى ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئالمىشىپ قالغان ئەسەرلەر

ئىمىر غىياس

   بىر قارىماققا ئەخلەت ئەرزىمەس بىرنەرسە. ئەمما، ئەخلەتمۇ  ئەگەرتوپلىنىپ كەتسە، نورمال مۇھىتنى بۇلغايدۇ. كومېدىيەلىك ھادىسىلەر ئەۋجەرەپ كەتسە، پاجىئەلەر پەيدا قىلىدۇ. ئىلىم ۋە ھەقىقەت نامى بىلەن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئەخمىقانە ئىدىيە، قاراش، ھۆكۈملەرنىڭ ئىلىم- پەن نامىنى، ئىلىم- پەن خادىملىرى ئوبرازىنىبۇلغىشى، ياش ئەۋلادلارنى قايمۇقتۇرۇشى تېخىمۇ خەتەرلىك بولىدۇ.
   ئىلىم ۋە ئىنسانىي قەلبنىڭ، مەدەنىيەت قوشۇنى ۋەمەنىۋى مۇھىتنىڭ پاكلىقىنى ھەممىمىز بىرلىكتە مۇھاپىزەت قىلايلى.            
   ـــ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

   ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى مىسلى بىرقامۇس، ئۇ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى ۋە زىننىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىيارىخىنى نۇرانە يورۇتۇپ بېرىدىغان جاھاننامە ئەينىكى. ئۇنىڭدا ئۇنىڭ مىللىيتەركىبى ۋە مەنسۇپىيىتىنى ئېنىق ئايرىپ، جىلۋە قىلىپ، نۇرلاندۇرۇپ تۇرىدىغانناھايىتى قىممەتلىك خاس ئىسىملار (مەسىلەن، كىشى ئىسىملىرى، مىللەت، يەر ۋە ئەسەرناملىرى) بار. بۇ خاس ئىسىملار كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز سۆزلۈكلىرى ۋە سۆزتۈركۈملىرىنىڭ تۆرەم ۋە شاھەنشاھ ئەزاسى بولۇپ، ئۇنى ئەستايىدىل مۇتالىئە قىلىش،تەھسىل قىلىش ۋە توغرا ئىملا بىلەن يېزىش يازغۇچىلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋەمۇھەررىرلىرىمىزنىڭ شەرەپلىك مەجبۇرىيىتى. بىز ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭتەبەسسۇم جىلۋە قىلىپ تۇرىدىغان «چىرايى»غا زەن سېلىپ قارىساق، ئۇنىڭ ئويچان«قوشۇمىسى»نىڭ ھامان تۈرۈك تۇرغانلىقىنى بايقايمىز. ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ساپ ۋە ھەقىقىيكىملىك تەركىبىگە ناشايان تەركىبلەر سۈنئىي رەۋىشتە قوشۇپ قويۇلسا، ئۇنىڭ«قوشۇمىسى» تۈرۈلۈپ قالىدۇ- دە. مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىغا تولىمۇقىزىقىدىغان ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن، ئۇنى ۋاراقلاش ۋە مۇتالىئە قىلىش جەريانىدائېنىقلىۋەتمىسە بولمايدىغان بەزىبىر مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدىم.

   ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتنەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىكىنامايەندىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 200 دىن، ئەسەرلەرنىڭ سانى بولسا نەچچە يۈز پارچىدىنئاشىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تىلىۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى)دا يېزىلغان بولسا، پەقەت ئازبىر قىسمىلا ئەسلىي ئەرەبىي ۋە فارسىي تىللاردا يېزىلىپ، ئاندىن قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان؛ پەقەت يەنە بىر نەچچەپارچىلىرىلا ئەسلىي تابغاچ تىلى (قەدىمكى خەنزۇ تىلى)دا يېزىلىپ، ئاندىن قەدىمكىئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك مىللىيتەركىبى ۋە مەنسۇپىيىتى  روشەنبولسىمۇ، ئەمما يەنە پەقەت بىر نەچچە پارچىسىلا «ئۇيغۇر كالاسسىك ئەدەبىياتىتارىخى»غا خاتا كىرگۈزۈپ قويۇلغان؛ يەنە بىر نەچچە پارچىسىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىئالماشتۇرۇپ قويۇلغان. بۇ قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇركىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا پاسسىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. شۇسەۋەبتىن بەزىلەر ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ تارىخىي چىنلىقىغاسوئال قويۇشماقتا. گەرچە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»كىتابلىرىغا خاتا كىرىپ قالغانلىقى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ، ئۇلارنىئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ ئارخىپىدىن چىقىرىۋېتىش تەكلىپى ژۇرناللاردا ئېلانقىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ژۇرنالنىڭ تارقىلىش دائىرىسى نىسبەتەن تار بولغانلىقتىن،بۇنداق تەكلىپنىڭ رولى بولمايۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ، گېزىتتىن ئىبارەت بۇ «ھەميان»ئاخبارات ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىغا سوئالبەلگىسى قويۇپ تۇرغان بۇ ئەسەرلەرنىڭ مىللىي مەنسۇپىيىتى ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش تەكلىپىنى ئۈزلۈكسىز بېرىش، ئاپتورلۇق ھوقۇقى ئالمىشىپ قالغانلىرىنى بولسا ئەسلىي ئاپتورغا «قايتۇرۇپ»، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىتارىخىغا بىھۇدە قويۇلۇپ قالغان سوئال بەلگىسىنىڭ ئورنىغا چېكىت بەلگىسىنىدەسسىتىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ چىنلىقى ۋەئىلمىيلىكىنى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭئىلمىي مەسئۇلىيىتى دەپ قارايمەن. مەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىكى خاسئىسىملار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن ئۇيغۇر كىلاسسىكئەدەبىياتى تارىخىغا خاتا كىرگۈزۈپ قويۇلغان ئەسەرلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىمنىئوتتۇرىغا قويۇپ باقماقچىمەن.  

   1. «ئۆكدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى». بۇ ئەسەر ھەققىدە خوتەن مائارىپئىنستىتۇتىنىڭ ئىجتىھاتچان تەتقىقاتچىسى ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ2012- يىللىق 4- سانىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى تەتقىقاتىدىكى بەزىيەڭگىلتەكلىكلەر» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ بىزگە تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ: ئاتالمىش «قەدىمكى ئۇيغۇريېزىقىدىكى تارىخىي قىسسە» دېيىلگەن بۇ ئەسەر ئەسلىي فىرانسىيەلىك يەھۇدىي يازغۇچىلېئون كاھۇن (1841 ـــ 1900) تەرىپىدىن 1876- يىلى فىرانسۇز تىلىدا يېزىلغان «كۆكبايراق» ناملىق روماننىڭ «جانىبەگ» دېگەن بىرىنچى بابىنىڭ يېرىمىدىن ئىبارەت. لېئون كاھۇننىڭ كۈچلۈك سىياسىي غەرىزى ۋە شېئىرىي ئىلھامى سىڭدۈرۈلگەن، ئەدەبىيتوقۇلما ئاساس قىلىنغان «كۆك بايراق» رومانى كېيىن تۈركىيەلىك تەتقىقاتچى نەجىپئاسىمغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ روماننىڭ بىرىنچى بابىنىڭ باشقىسمىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭغا «ئۆكدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ باشىغاكېلىپ ئۆتكەنلەر» دەپ ماۋزۇ قويۇپ رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە چىقىدىغان «شۇرا»ژۇرنىلىنىڭ 1908- يىللىق 22- سانىدا ئېلان قىلدۇرغان، 1912- يىلى ئىستانبۇلدا بۇروماننىڭ پۈتۈن قىسمىنى «گۆك سانجاق» دېگەن نامدا ئېلان قىلغان. لېكىن بۇتەرجىمىدە مىللىي ھېسسىياتنى قوزغىتىدىغان سۆزلەر كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن، يەنى بۇتەرجىمىنىڭ جۈملىلىرى ئەسلىي روماندىن بەكلا يىراقلاپ كېتىلگەنلىكتىن، غالىپبەختىيار بۇ روماننى قايتا تەرجىمە قىلىپ 1913- يىلى ئۆتۈكەن نەشرىياتىدا نەشرقىلدۇرغان. بۇ تەرجىمە 1970- ۋە 2004- يىلى قايتا نەشر قىلىنغان ھەمدە تۈركچىگەتەرجىمە قىلغۇچى بىلەن قايتا نەشر قىلغۇچىلار يازغۇچىنىڭ تۇرانچىلىق تەرغىباتىنىڭسىياسىي مۇددىئاسىنى كۈچلۈك پاش قىلغان ۋە ئەيىبلىگەن، زامانىمىزدىكى چەكتىنئاشقان مىللەتچىلىك بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ زىيىنىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇ رومانئاۋۋال زا. سېۋاڭ (扎•策旺، بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىي تىلدا قانداق تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنىموڭغۇل خىزمەتدىشىمدىن سوراپمۇ ئېنىقلىيالمىدىم. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ زاڭزۇچە ئىسىمبولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن. شۇنىڭغا خەنزۇچە تىرانسكرىپسىيەسى بويىچە ئالدىم) دېگەنكىشى تەرىپىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1981- يىلى «كۆك تۇغ» («كۆك بايراق»دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ) دېگەن نامدا ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرقىلىنغان، ئاندىن موڭغۇلچە تەرجىمىسىگە ئاساسەن جۇ رۇڭئا (朱荣阿) تەرىپىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمەقىلىنىپ 1984- يىل 10- ئايدا «كۆك تۇغ» (青旗) دېگەن نام بىلەن ئىچكى موڭغۇل خەلقنەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئۇچۇرلارغائاساسلانغاندا، بۇ رومان مانا شۇ خەنزۇچە نەشرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپنەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ. دېمەك، «ئۆگدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭبېشىدىن كەچۈرگەنلىرى» ئەسلىي فىرانسۇز تىلىدىكى «كۆك بايراق»نىڭ تۈركچە تەرجىمەنۇسخىسىدىكى «گۆك سانجاق»نىڭ «شۇرا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىرىنچى بابىدىنئىبارەت. بۇ ئەسەر «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 1983- يىللىق1- سانىدا «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تارىخىي قىسسە ‹ئۆكدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ  بېشىدىنكەچۈرگەنلىرى› ۋە فىرانسۇز تىلىدىكى رومان ‹كۆك موڭغۇلدا كۆك بايراق›» ناملىقماقالىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىغا دائىركىتابلارغا ئارقا- ئارقىدىن كىرگۈزۈلدى، ھەتتا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن2006- يىلى نەشر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»نىڭ 2- قىسمىدائالاھىدە تونۇشتۇرۇلدى. ئۆمەرجان نۇرى ئەپەندى يۇقىرىقى ماقالىسىدە يەنە«ئۆكدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى»نىڭ مىللىي مەنسۇپىيىتى، ئۇيغۇرئەدەبىياتىغا كىرىپ قېلىش جەريانى، ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىن چىقىرىۋېتىشزۆرۈرلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي شەرھلىدى. ئۇ ھەتتا «كۆكبايراق»نىڭ ئاپتورىنىڭ سىياسىي غەرىزى بىلەن روماننىڭ ئازدۇرۇشچانلىقىدىنكىتابخانلارنى خەۋەردار قىلىش بىلەن بىللە «ئۆگدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ بېشىدىنكەچۈرگەنلىرى»نىڭ مەزمۇنىدىكى كۈچلۈك خاھىشچانلىقتىن ھۇشيار بولۇشنىڭ، ئىلمىيتەتقىقاتتا ئالدىراڭغۇلۇقتىن ساقلىنىش ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشتىن ھەزەرئەيلەشنىڭ لازىملىقىنىمۇ تەكىتلىدى. ئەپسۇسكى، ئەھۋال شۇنداق ئېنىق تۇرسىمۇ«ئۆكدۈلمىش ئوغلى جانىبېكنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى» 2014- يىل 3- ئايدا نەشرقىلىنغان ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقىغا دائىر مەلۇم بىر كىتابغا يەنە كىرگۈزۈلدى.بۇنىڭدىن بۇ ئەسەرنىڭ مىللىي مەنسۇپىيىتىدىن تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ تېخىچە خەۋەر تاپمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا، بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋەمۇھەررىرلىرىمىز بۇ «ئەسەر»نى مۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا كىرگۈزۈپ قويماسلىقى كېرەك.

   2. «ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە». بۇ ئەسلىي رۇسىيەنىڭ ئورېنبۇرگ شەھىرىدەچىقىدىغان «ۋاقىت» گېزىتى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئايدا ئىككى سان نەشر قىلىنىدىغان«شۇرا» ژۇرنىلىنىڭ 1916- يىللىق 18-، 19-، 20-، 21-، 22- 23-، 24- ۋە 1917- يىللىق3-، 5-، 10-، 18- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان شىنجاڭ تارىخىغا دائىر ئادەتتىكى مەشىقئەسىرى بولۇپ، ئەسلىي ئاپتورى رۇسىيەلىك تاتار ساياھەتچى نوشىرۋان يائۇشېف ئىدى.لېكىن بۇ ئەسەر 1993- يىلى «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىنىڭ شۇ يىللىق 1- سانىدا شاھمەھمۇد جوراس (17- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرى ياركەند ـــ يەكەندە تۇغۇلۇپ 1700-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئالەمدىن ئۆتكەن داڭلىق تارىخچى)نىڭ نامىدامۇھەررىر ئىلاۋىسى بىلەن  ئېلانقىلىندى. ۋاھالەنكى «شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىدا بۇ ئەسەرنىڭ پەقەت «شۇرا»نىڭ19-، 20-، 21-، 22- سانلىرىدىكى نۇسخىسىلا ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەقىقىيئاپتورىنىڭ كىملىكى ۋە مەنسۇپىيىتى ئايدىڭلاشماي قالغانىدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئەسەر«شىنجاڭ تەزكىرىسى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە شاھ مەھمۇد جوراسنىڭنامىدا تونۇشتۇرۇلدى ۋە شاھ مەھمۇد جوراس «ئالتەشەھەر»، «ئالتەشەھەر خانلىرى»دېگەن ئاتالغۇنى كۆپلەپ ئىشلەتكەن؛ «ئالتەشەھەر تارىخى»، «ئالتەشەھەر خانلىرىنىڭتارىخى»، «ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە» دېگەن نام ئاستىدا ئەسەر يازغان دېگەنقاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى ھەمدە شاھ مەھمۇد جوراس شۇ نامدا بىر قانچە پارچە ئەسەريازغاندەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالدى. 2013- يىلى 8- ئايدا بۇ ئەسەرنىڭ تولۇقتېكىستى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئالتەشەھەر مەكتۇپلىرى»ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىكى گۇمانلىقنۇقتىلارمۇ تولۇق ئايدىڭلاشتى ھەمدە «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىيژۇرنىلى»نىڭ 2014- يىللىق 1- سانىدا «‹ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە›نى شاھمەھمۇد جوراس يازغانمۇ؟» ۋە «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ2015- يىللىق 3- سانىدا «‹ئالتەشەھەر› سۆزى ھەققىدە ـــ‹ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە›نىڭ ھەقىقىي ئاپتورى كىم؟» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە مەنسۇپىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇش بىلەن بىللە بۇ ئەسەر ئاپتورىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ھېسسىياتقا بېرىلىش خاھىشى،ئەسەرنىڭ مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر يەر ناملىرىتەتقىقاتىغا كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرى پاكىتلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئەمما بۇئەسەر مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2014- يىل 1- ئايدا نەشر قىلىنغان «‹شىنجاڭتەزكىرىچىلىكى› ژۇرنىلىدىن تاللانغان ماقالىلەر ـــ  تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا» ناملىق كىتابقا يەنە شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ نامىداكىرگۈزۈلدى. بۇنىڭدىن بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىي ئاپتورىنىڭ شاھ مەھمۇد جوراسنىڭئەمەسلىكىنى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى تېخى بىلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىئېنىق بىلىش كېرەككى، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ «ئالتەشەھەر» سۆزىنى ئىشلىتىپ ئەسەريېزىشى مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى بۇ سۆز ئەسلىي 1860- يىللىرى پەيدا بولغان. دېمەك، شاھمەھمۇد جوراس «ئالتە شەھەر تارىخى»، «ئالتەشەھەر خانلىرى»، «ئالتەشەھەر خانلىرىنىڭتارىخى»، «ئالتە شەھەر تارىخىدىن بىر پارچە» دېگەن نام ئاستىدا ئەسەر يازغان دېگەنقاراشنىڭ قىلچىمۇ تارىخ ئاساسى يوق. مۇنداق قاراش كىشىلەردە  يەنە شاھمەھمۇد جوراس بىر تېمىدا گويا تۆت پارچە ئەسەر يازغاندەك چۈشەنچىنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىغا دائىر ئەسەرلەردەشاھ مەھمۇد جوراس «ئۈچ پارچە ئەسەر يازغان» دېگەن قاراش قوبۇل قىلىنماقتا.ئەمەلىيەتتە شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ئەسىرى «سەئىدىيەخاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار» بىلەن « «تارىخىي رەشىدى ـــ زەيلى»(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش،نەشر قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان، ئىچكى قىسىمدا تارقىتىلىدىغان«قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ناملىق قەرەلسىز ژۇرنالنىڭ 1986- يىللىق 1- سانىدائېلان قىلىنغان) دىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ ئىككى پارچە ئەسىرى ئۇنىڭقەلىمىدە بىر خىل، بۇنىڭ قەلىمىدە بىر خىل ئاتىلىپ يۈرۈپ، ئاخىرى بۇ ئىككى پارچەئەسەر بىر قانچە پارچە ئەسەرگە ئايلىنىپ قالغان، نەتىجىدە بۇ ئەھۋال شاھ مەھمۇدجوراسنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئەسەرلىرىنىڭ سانى، نامى، تىل تۈرى ۋەيېزىلغان ۋاقتى ئەڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بىردىنىبر شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويغان.مەسىلەن، شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ بىر پارچە ئەسىرى «تەۋارىخ»، «تارىخى رەشىدى زەيلى»(تارىخى رەشىدىنىڭ داۋامى) ياكى «يىلنامە»، «تارىخىي شاھ مەھمۇد جوراس» ياكى«تارىخىي شاھ»، «ئالتەشەھەر خانلىرىنىڭ تارىخى»، «ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە»قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ ناملارنىڭ لېكسىكىلىق مەنىلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، تەبىر ھەر خىل؛ بۇلاردىن قايسىسىنىڭ قاچان، قانداق، نېمىلەريېزىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، تەبىر ۋە ئۇقۇم  ئىلىشىپكەتكەن، ھەتتا «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»نىڭ ئاپتورلۇقتەۋەلىكىدىمۇ گۇمانلىق نۇقتىلار مەۋجۇت (بۇ ھەقتە «‹ئۈچ پارچە ئەسەر› ۋە يەتتە خىلقاراش» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»،2015- يىل 3- سان). تەتقىقاتچىلار بۇ نۇقتىغا دىققەت نەزەرىنى ئاغدۇرمايۋاتىدۇ،سوئاللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ بىزنى جاۋاب ئىزدەشكە قىستاۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە «ئالتە شەھەر تارىخىدىن بىر پارچە»نىڭ ئاپتورلۇق مەنسۇپىيىتىنڭ شاھ مەھمۇد جوراسنىڭنامىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇلۇشى ئۇنىڭغا تولىمۇ ئوڭايسىز سوئاللارنى قويۇۋاتىدۇ.شۇنىڭغا «ئالتەشەھەر تارىخىدىن بىر پارچە»نى شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ئەسىرى دېگەنقاراشنى ئەمدى توختىتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەردە ئۇيغۇر تارىخىغا پايدىسىزئىلمىي يېتەرسىزلىكلەرمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنى شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ نامىدا ئوقۇش،چۈشىنىش ۋە پايدىلىنىش بەزىبىر تارىخىي ئۇقۇشماسلىقنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا بۇئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىي ئاپتورىغا قايتۇرۇش كېرەك. شۇنداققىلغاندىلا بۇ ئەسەردىكى شىنجاڭ ۋە  ئۇيغۇرتارىخىغا دائىر بولمىغۇر قاراشلار توغرا مۇتالىئە قىلىشقا ئېرىشىدۇ.

   3. «جاھاننامە» ئاياز ئىسىملىك ئۇيغۇر ئەدىب تەرىپىدىن نەزمىي (مەسنەۋى) شەكىلدە يېزىلغان، رېئالىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىبىرلەشتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ياركەند (يەكەن) خانلىقىئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى ئەدەبىي، پەلسەپەۋى، تارىخىي داستان. بۇ داستان تۇنجى قېتىم توختى ئابىخان بىلەن ئابلىمىت ھاجى ئەپەندىلەرنىڭنەشرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 1983- يىللىق ئومۇمىي 9- سانىدائايازبىك قۇشچىنىڭ ئاپتورلۇقىدا ئېلان قىلىنغان؛ ئىككىنچى قېتىم ئابدۇشۈكۈر تۇردىئەپەندىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى، مىرسۇلتان ئوسمانوۋ ئەپەندىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن 1985- يىلى 6- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىتەرىپىدىن ئاياز شىكەستەنىڭ ئاپتورلۇقىدا نەشر قىلىنغان (بۇ «جاھاننامە»نىڭ ئەڭتوغرا، ئەڭ ئىشەنچلىك نۇسخىسىدۇر. شۇڭا «جاھاننامە»دىن پايدىلانغاندا مۇشۇ نۇسخىنىئاساس قىلىش كېرەك)؛ ئۈچىنچى قېتىم ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن ئەپەندىنىڭپىلانلىشى، ئەمەت دەرۋىش ئەپەندىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى، نۇرئالىيە ئابدۇكېرىمخانىمنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن 2011- يىلى 3- ئايدا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى ۋە شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىننەشرىياتى تەرىپىدىن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ئاپتورلۇقىدا نەسرىيلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى نەشر قىلىندى ھەمدە ئۇنىڭ تىتول بېتىگە رەڭلىك قىلىپ:«سىزگە تەقدىم ئېتىلگەن بۇ كىتاب يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەنمىرزا ھەيدەر كۆرەگانى (1500 ـــ 1551)نىڭ مۇھىم ئەسىرى ‹جاھاننامە›نىڭ ھازىرقىزامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسرىيلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى بولۇپ، سىزنىڭ كىلاسسىك ئەدىبلەرئاۋازىنى بۈگۈنكىلەر تىلىدىن ئاڭلىشىڭىزدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇسى» دېگەن جۈملەئالاھىدە بېرىلدى، كىتابنىڭ تېشىغا بولسا «ئاپتورى: مىرزا مۇھەممەد ھەيدەركۆرەگانى» دېگەن خەت چوڭايتىپ يېزىلدى. بۇنىڭدىن بۇ داستاننىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭمىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگانغا مەنسۇپلۇقى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەنلىكىنىبىلگىلى بولىدۇ. دېمەك، «جاھاننامە»نىڭ ئۈچ خىل نۇسخسىنىڭ ئۈچ خىل ئىسىم بىلەنئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بولۇپمۇ ئۈچىنچى خىل نۇسخىسىنىڭ مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگانىنىڭ ئاپتورلۇقىدائېلان قىلىنىشى بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھۇقۇقىنىڭ تامامەن ئالمىشىپ كەتكەنلىكىدىندېرەك بەردى، نۆۋەتتە «جاھاننامە»نىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدىكى تەتقىقات مىرزامۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان نامىدا ئېلىپ بېرىلىشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا بۇئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاپتورىنىڭكىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە تۈگۈنلەرنى يېشىش بەكمۇ زۆرۈر بولۇپ قالدى. مەن«جاھاننامە»نىڭ يۇقىرىقى ئۈچ خىل نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاپتورىنىڭئىسمى ۋە كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقتىم ھەمدە بۇلتۇر «نەزمىي ‹جاھاننامە›دىن نەسرىي‹جاھاننامە›گىچە» ناملىق ماقالەمنى يېزىپ، ئۇنى يەنە بىر ژۇرنالغا سۇندۇم.

   ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىش كېرەككى، «جاھاننامە»نىڭ توختى ئابىخانبىلەن ئابلىمىت ھاجى ئەپەندىلەر نەشرگە تەييارلىغان «بۇلاق»تىكى تۇنجى نۇسخىسىدائاپتورنىڭ ئىسمى «ئايازبىك قۇشچى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «جاھاننامە»دىن باشقا يەنە «مەھمۇدنامە»ناملىق داستانى، ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانلىق سەلتەنەتىگە چىققانلىقىغا بېغىشلىغانمۇبارەكنامىسى ۋە خەلققە ھېيتلىق توي قىلىپ بەرگەنلىكىگە بېغىشلىغان قەسىدىسىقاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ كۆچۈرۈلمە ھالەتتە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىيېزىلغان. لېكىن، «جاھاننامە»دە «ئايازبىك قۇشچى» دېگەن ئىسىم ئۇچرىمايدۇ. توختىئابىخان بىلەن ئابلىمىت ھاجى ئەپەندىلەر داستاننىڭ ئەسلىي قول يازمىسىنىڭ ماددىيئىسپاتى، تېپىلىش ۋە ساقلىنىش جەريانى ھەققىدە ھېچنېمە دېمەيدۇ، پەقەت داستاننىڭيېزىلغان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىدىيەۋى مەزمۇنى ۋە شۇنىڭغا دائىر بەزىبىر ۋەقەنىڭجەريانى ھەققىدىلا قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار «جاھاننامە»نىڭ ئاپتورىئۈچۈن «ئايازبىك قۇشچى» دېگەن سۆزنى يېزىشتا قايسى مەنبەنى ئاساس قىلغانلىقىھەققىدىمۇ ھېچنېمە يازمىغان. مەن ئىزدىنىش ئارقىلىق توختى ئابىخان بىلەن ئابلىمىتھاجىنىڭ «جاھاننامە»غا كىرىش سۆز سۈپىتىدە يازغان يۇقىرىقى مەزمۇننىڭ ئەمەلىيەتتەتارىخچى مىرزا مەھمۇد جوراس (شاھ مەھمۇد جوراس) نىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاز سانلىقمىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشخانىسى تەرىپىدىنئىچكى ماتېرىيال سۈپىتىدە چىقىرىلغان «قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ1986- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلىنغان «تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى» ناملىقئەسىرىدىن پايدىلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتىم. مەسىلەن، «تارىخى رەشىدى ـــزەيلى»دە «ئايازبىك قوشچى» (بۇ ئىسىم بۇ ئەسەردە مۇشۇ ئىملادا يېزىلغان) ئىسىملىكبىر شائىر تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق يېزىلىدۇ: «ئايازبىك قوشچى خۇش تەبىئەت كىشىبولۇپ، بۇ ئىككى غەزەلنى ئابدۇرەشىدخاننىڭ شەنىگە ئىجاد قىلدى. ئۇنىڭ بىرىنى خانتەختكە يېڭى ئولتۇرغاندا، يەنە بىرىنى ئابدۇرەشىدخان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن خەلققەتوي قىلىپ بەرگەندە يازدى. ھەزرىتى ئابدۇرەشىدخان بۇ شېئىرلارنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈنئايازبەگكە ئاتمىش ساغداق (يۈرۈش) كىشىنى يەر- سۈيى بىلەن ۋە بىر ئېرىقنىڭ يەر-سۈيىنى ھەمدە مال- پۇل مەرھەمەت قىلىپ بەردى. بۇ بېرىلگەن ئادەملەرنىڭ يېرىمىخوتەندە، يېرىمى تاتاردا ئىدى». بۇ نەقىلدە ئايازبىك قوشچى دېگەن ئىسىم يەنە«ئايازبەگ» دەپمۇ يېزىلىدۇ. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك يېرى شۇكى، ئايازبىك قوشچىنىڭئابدۇرەشىدخان ھەققىدىكى «كەلدى» ناملىق 14 مىسرالىق 1- غەزىلى «ئى دەھىرسەرپارازى ئابدۇرەشىد غازى، دەرگاھىغا ئايازى ئۈمىدۋار كەلدى» دەپ، «تۇت» ناملىق 21 مىسرالىق 2- غەزىلى «گاھى ئايازى سارىغا، باققىل سادىق رۇخسارىغا،ياخشى- ياماننىڭ بارىغا لۇتپۇ كەرەمنى ئام تۇت» دەپ ئاياقلاشقان. مانا بۇمىسرالاردىن ئايازبىك قوشچىنىڭ يەنە «ئايازى» دېيىلىدىغانلىقىنىمۇ، جۈملىدىن ئۇنىڭيەنە ئابرۇيلۇق دۆلەت ئەربابى سۈپىتىدە ئاقسۇنىڭ خانى بولۇپ تۇرۇۋاتقانئابدۇرەشىدخاننىڭ قېشىغا كەلگەنلىكىنىمۇ بىلىۋالالايمىز. يەنە كېلىپ بۇ غەزەلدە ئاپتور ئۆزىنى «ئايازى» دەپ ئاتىسا،نەزمىي «جاھاننامە»دىمۇ ئاپتور ئۆزىنى «ئاياز» (ئايازا) دەپ يازىدۇ. كۆرۈۋالماقتەس ئەمەسكى، توختى ئابىخان بىلەن ئابلىمىت ھاجى «جاھاننامە»نىڭ ئاپتورى سۈپىتىدەقەيت قىلغان «ئايازبىك قۇشچى» دېگەن سۆز دەل مۇشۇ كىشىنى، يەنى «تارىخى رەشىدى ـــزەيلى»دىكى «ئايازبىك قوشچى»نى كۆرسىتىدۇ، يەنى توختى ئابىخان بىلەن ئابلىمىت ھاجى«جاھاننامە»نىڭ ئاپتورى سۈپىتىدە قەيت قىلغان «ئاياز بىك قۇشچى» دېگەن ئىسىم بىلەن«تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى»دىكى «ئايازبىك قوشچى» دېگەن ئىسىم بىر ئادەمنىڭئىسمىدۇر. شۇنداق بولغاندا توختى ئابىخان بىلەن ئابلىمىت ھاجى «جاھاننامە»نىڭئاپتورى ئۈچۈن تاللىغان «ئايازبىك قۇشچى» دېگەن ئىسىم  بۇ داستانغا جايىدا قويۇلغان. گەرچە«جاھاننامە»دە «ئايازبىك قۇشچى» قۇرۇلمىسىدىكى ئىسىم تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ،ئەمما «ئاياز»، «ئايازا» دېگەن سۆز داستان ئاپتورىنىڭ ئىسمى سۈپىتىدە قەيتقىلىنغان. دېمەك، «تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى»دىكى «ئايازبەگ»، «ئايازى» دېگەن ئىسىمبىلەن «جاھاننامە»نىڭ نەزمىي نۇسخىسىدىكى «ئاياز» (ئايازا) دېگەن ئىسىمنىڭقۇرۇلمىسى ۋە دەۋرىدىكى ئوخشاشلىق بۇ ئىككى سۆزنىڭ بىر كىشىنىڭ ئىسمى ئىكەنلىكىدىندېرەك بەرمەكتە. يەنە كېلىپ «تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى»دە: «ئابدۇرەشىدخاننىڭدەۋرىدە دۆلەت ئەربابلىرىدىن بولغان شائىر كىشىلەر كۆپ ئىدى. جۈملىدىن ئايازبىكقوشچى»مۇ شۇلارنىڭ بىرى ئىدى دېيىلگەن بولسا، «جاھاننامە»نىڭ ئاپتورى ئايازمۇئۆزىنى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن. مانا بۇ ئوخشاشلىقمۇ«تارىخى رەشىدى ـــ زەيلى»دىكى «ئايازبىك قوشچى» (ئايازبەگ، ئايازى) دېگەن كىشىبىلەن «جاھاننامە»دىكى «ئاياز» (ئايازا) دېگەن كىشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. لېكىن،«جاھاننامە»نىڭ ئىككىنچى نۇسخىسىدىكى «ئاياز شىكەستە» دېگەن دېگەن ئىسىم توغرائەمەس، بۇنى تۈزىتىش كېرەك. «جاھاننامە»نىڭ شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتو سۈرەت نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن- سىن نەشرىياتى تەرىپىدىن مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ نامىدا نەشر قىلىنغان نەسرىيلەشتۈرۈلگەن نۇسخىسى (3-نۇسخىسى) ئاپتورنىڭ ئىسمىدىن تارتىپ مەزمۇنىغىچە نەزمىي نۇسخىنىڭ بۇزۇلغان ۋارىيانتىبولۇپ قالغان، بۇ نۇسخىنى تەتقىقات ئۈچۈن پايدىلىنىش مەنبەسى قىلغىلى بولمايدۇ (بۇھەقتە نەسرىي «‹جاھاننامە› دىن نەسرىي ‹جاھاننامە› گىچە» ناملىق ماقالىگەقارالسۇن). ئەگەر تەتقىقاتتا بۇ نۇسخىدىن پايدىلىنىلغاندا ئاپتور خاتالىشىپقېلىشىمۇ مۇمكىن. ھەممىدىن چاتاق يېرى بۇ نۇسخىنىڭ سەۋەبىدىن «جاھاننامە»نىڭئاپتورى ئىلىشىپ كېتىپلا قالماي، بۇ داستان ناھەق ھالدا مىرزا مۇھەممەدھەيدەركۆرەگانغا مەنسۇپ قىلىپ قويۇلدى.  شۇنىڭغا «جاھاننامە»نى مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننىڭ نامىدا مۇتالىئە قىلىشنى توختىتىش كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا «جاھاننامە»نىڭ ھەقىقىي ئاپتورى ئالمىشىقلىق پېتى قېلىۋېرىدۇ.

   4. «رەفىقۇت- تالىبىن». بۇ ئەسەركىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، تەلەپچان مۇھەررىر، مەسئۇلىيەتچان ژۇرنالىستمۇھەممەتتۇردى مىرزىئەخمەت ئەپەندىنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ2011- يىللىق 6-، 2012- يىللىق 1-، 2- سانلىرىدا «رەفىقۇت- تالىبىن»(تالىپلاردوستى) دېگەن نامدا ئېلان قىلىندى. بۇ نۇسخىدا ئاپتورنىڭ ئىسمى «مىرزا شاھ مەھمۇدئىبنى مىرفازىل چۇراس» دەپ يېزىلغان، يەنى «رەفىقۇت- تالىبىن» مىرزا شاھ مەھمۇدئىبنى مىرفازىل چۇراس («شاھ مەھمۇد جوراس»مۇ دېيىلىدۇ)نىڭ نامىدا ئېلان قىلىندى.ئەمما بۇ كىتاب ئەسلىي مىرزا شاھ مەھمۇد ئىبنى مىرفازىل چۇراسنىڭ «ئەنىسۇت-تالىبىن» (تالىپلار قاياشى) ناملىق كىتابىدىن ئوسمانشاھ بەگ ئىبنى دۆلەتشاھ بەگنىڭپەرمانىغا بىنائەن ئاقسۇلۇق ئەبۇ مەنسۇر دېگەن كىشى مىلادىيە 1845- يىلىئۆزلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىققان نۇسخىدۇر.  شۇنىڭغا،«رەفىقۇت- تالىبىن»نى شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ ئاپتورلۇقىدا مۇتالىئە قىلىش توغرابولمايدۇ (بۇ ھەقتە «‹ئەنىسۇت- تالىبىن›دىن ‹رەفىقۇت تالىبىن›چە» ناملىق ماقالىگەقارالسۇن، «بۇلاق» ژۇرنىلى، 2014- يىللىق 6- سان).

   5. «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغادائىر ماتېرىياللار». شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ نامىدىكى «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغادائىر ماتېرىياللار» ناملىق بۇ ئەسەر 1976- يىلقى موسكۋا 1- نەشرىنىڭ پارسچەنۇسخىسىدىن ھەبىبۇللا ئېلىنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن 1988- يىل 9- ئايدا قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. ئەمما بۇ  كىتابنىڭخاتىمە قىسمىدا ئۇنى موللا ئىۋەز ئوغلى دوست قۇلى يازغانلىقى قەيت قىلىنغان.مەسىلەن، «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»نىڭ ئەڭ ئاخىرىدامۇنداق جۈملە بار: «بۇ كىتاب...خۇدانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتكۈچى ئاجىز بەندەموللا ئىۋەز ئوغلى دوست قۇلىنىڭ قولىدا تۈزۈلۈپ تامام بولدى». بۇ جۈملىنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم موللا ئىۋەز ئوغلى دوست قۇلىنى «ماتېرىياللار»نىڭ ئاپتورىئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بەلكىم ئۇ بۇ كىتابنىڭ تەرجىمانى ياكىكۆچۈرگۈچىسىدۇر. بۇنىڭ قىلچىلىك ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى، كىتابنىڭ 237- بېتىدە موللائىۋەز ئوغلى دوست قۇلىنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان، شاھ مەھمۇد جوراسنى قاتتىقھاقارەتلەيدىغان ۋە ئۈزۈل- كېسىل ئىنكار قىلىدىغان ئالا- تاغىل، شەپقەتسىزجۈملىلەر بار، بۇ جۈملىلەرنىڭ ئاخىرى تېخىمۇ بەتبەشىرە ۋە زىيادە يىرگىنچلىكبولۇپ، مىسال كەلتۈرۈشكە ئادەمنىڭ رايى خالىمايدۇ (مۇشۇ بەتتىكى جۈملىلەردە شاھمەھمۇد جوراس «بەتبەخت»، «نىجىس»، «مۇرتەت» قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەنھاقارەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭ شانلىق ھاياتى ئۈزۈل- كېسىل ئىنكار قىلىنغان). ئەلۋەتتەشاھ مەھمۇد جوراسنىڭ مۇنداق جۈملىنى يېزىشى مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس. بۇ كىتابنىڭبەدىئىي قۇرۇلمىسىدىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەر ۋە موللا ئىۋەز ئوغلى دوست قۇلىنىڭمەقسەت- مۇددىئاسىنى ئىنچىكە مۇتالىئە قىلغاندا، بۇ كىتابنى موللا ئىۋەز ئوغلىدوست قۇلى شاھ مەھمۇد جوراسنىڭ نامىنى ئەتەي سۇيىئىستېمال قىلىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسلىينامى نامەلۇم ئەسىرىنى ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان بولۇشئېھتىماللىقى بايقىلىپ تۇرماقتا. ئەگەر موللا ئىۋەز ئوغلى دوست قۇلى ئىسىملىك بۇئادەم  ھىجرىيە1012- يىلى (مىلادىيە 1603- يىلى) «تەزكىرەئى مەخدۇم ئەزەم ۋە خوجا ئىسھاق ۋەلى»دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى موللا ئىۋەز دېگەن كىشىنىڭ پۇشتى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا،بۇ خىل ئېھتىماللىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭغا، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى مۇشۇمەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىپ باققان بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. گەرچە بۇ كىتابنىڭئاپتورلۇق ھوقۇقى (مەنسۇپىيىتى) ئۈزۈل- كېسىل ئالمىشىپ قالمىغان بولسىمۇ، ئەمماكىتابنىڭ ھەقىقىي ئىگىسى ۋە مەنسۇپىيىتىگە خىرىس قىلىپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم بىر سىربار. دەل مۇشۇ سىر شاھ مەھمۇد جوراسنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدايېزىلغان ئەسەرلىرىنىڭ سانى، ماۋزۇسى ۋە مۇئەللىپھالى ئەڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن بىردىنبىر تارىخچىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. قىسقىسى، «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغادائىر ماتېرىياللار»نىڭ ھەقىقىي ئاپتورىنىڭ مەنسۇبىيىتىدىمۇ ئىلىشمىقانلىق مەۋجۇت،بۇ ئىلىشمىقانلىق ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىنمىغىچە ئۇنىڭ ھەقىقىي ئاپتورىنىڭ كىملىكىۋە مەنسۇپىيىتىنى كەسكىن مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمايدۇ (بۇ ھەقتە « ‹ئۈچ پارچەئەسەر› ۋە يەتتە خىل قاراش» ناملىق ماقالىگە قارالسۇن). شۇنداقتىمۇ «سەئىدىيە خاندانلىقى تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»نىڭ مۇقەددىمىسىدىن تارتىپ 230- بەت يۇقىرىدىنسانىغاندا 6- قۇرغىچىلىك شاھ مەھمۇد جوراس يازغان، قالغان قىسمىنى بولسا موللائىۋەز ئوغلى دوست قۇلى يازغان دېسەك بەلكىم خاتالاشقان بولماسمىز. شۇڭا، بۇئەسەرنىڭ ھەقىقىي ئاپتورى ھەققىدە تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ تۈگۈنلەرنى يېشىش كېرەك.   

(ئاپتور:  شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى)
bagdax

0

تېما

0

دوست

6443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 1928
توردىكى ۋاقتى: 520
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 13:33:47 |ئايرىم كۆرۈش
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ھاجى نۇرھاجى تەرجىمە قىلغان ‹‹چىڭڭىزنامە›› ناملىق ئەسەر ئەسلىدە رۇس يازغۇچىسى تەرىپىدىن ‹‹كاشىغەرنامە›› دەپ يېزىلغان، لېكىن نىمىشقىدۇر ئۇيغۇرچە نەشرىدە ‹‹چىڭڭىزنامە›› بولۇپ ئۆزگۈرۈپ كەتكەن.

2

تېما

10

دوست

7846

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24872
يازما سانى: 567
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2410
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 15:04:42 |ئايرىم كۆرۈش
ئەمىر غىياسنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئۆتكەندە بىر مۇنبەردە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم!

2

تېما

17

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4054
توردىكى ۋاقتى: 458
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 15:39:14 |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت .
bagdax

0

تېما

3

دوست

740

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58087
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 232
توردىكى ۋاقتى: 45
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-22
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 16:38:37 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆمەرجان نۇرىنىڭ مىللىيەتلىك ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن، بۇ پايدىسىز دېگەن قۇرلىرىنى ئوقۇپلا، بۇ ئەسەرنىڭمۇ مىللىيەت ۋە دىنىيەتنى سۇسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ دەستىكى بىلەن يېزىلدىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىميا...
يەنە كېلىپ، ئۆگدۈلمۈش توغرىسىدا فرانسىيەلىك بىر يەھۇدىي رومان يازدى دېگەننى قانداق چۈشىنىمىز؟!

2

تېما

1

دوست

2173

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59898
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 622
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-23
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 20:13:28 |ئايرىم كۆرۈش
UYGRAF يوللىغان ۋاقتى  2016-4-12 13:33
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، ھاج ...

توۋا نىمشقا شۇنداق بۇلدۇ    بىلدىغانلا با بۇلشى مومكىن بىلسىمۇ دىمىسە يە

2

تېما

52

دوست

9641

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   92.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 3017
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 21:03:18 |ئايرىم كۆرۈش
ئەلبەتتە «ئىش ئېگىسى بىلەن ، قۇش مېڭىسى بىلەن» دەيدىغان خەلق ماقالىسى بۇيىچە ئىش كۆرىلىشى كېرەك...
نۆۋەتتە مېنى ئويلاندۇرغان بىر مەسىلە، «   بىر قارىماققا ئەخلەت ئەرزىمەس بىرنەرسە. ئەمما، ئەخلەتمۇ  ئەگەرتوپلىنىپ كەتسە، نورمال مۇھىتنى بۇلغايدۇ.» دېگەن جۈملىنىڭ مەنتىقىلىق باغلىنىشىدا بولۇپ، مېنىڭچە بۇ جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ھەقىقىتەن ئويلىنىپ كۆرۈشكە توغرا كېلىدىكەن. چۈنكى، «بىر قارىماققا ئەخلەت ئەرزىمەس بىرنەرسە» دېيىلگەن جۈملە بىلەن« ئەخلەتمۇ  ئەگەرتوپلىنىپ كەتسە، نورمال مۇھىتنى بۇلغايدۇ.» دېگەن جۈملە «ئەمما» بىلەن باغلىنىشى كېرەكمۇ ، ياكى «ئەگەر» دېگەن باغلىغۇچى بىلەنمۇ؟

1

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 730
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 3096
توردىكى ۋاقتى: 1442
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

پىشقەدەم ئەزا تۆھپىكار ئەزا

8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-12 22:45:14 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-4-12 22:49  

مىللى مەنسۇپىيەتمۇ ياكى مىللى مەنسۇبىيەتمۇ؟ قايسسى توغرا.
نەسەب_ ئەرەپ تىلىدىن كەلگەن سۆز بولۇپ، جەمەت يىلتىزى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،
مەنسۇبۇن، مەنسۇبىيەتۇن._نەسەب دېگەن سۆزدىن تۈرلىنپ كەلگەن بولۇپ تەۋەلىك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ، ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر كۆپينچە ئەينى تەلەپپۇزدا قوبول قىلىنىدۇغۇ دەيمەن.ئەگەر بۇنى ئۇيغۇر ئېغىز تىلىغا ئاساسەن مەنسۇپ دەپ يازساق، ئۇنداقتا كىتاب دېگەننىمۇ كىتاپ دەپ يېزىشىمىزغا توغرا كېلەمدۇ قانداق؟
ئەلۋەتتە ماقالىنىڭ مەركىزى ئىددىيسى  بولغان ئاپتۇرلارنىڭ مىللى مەنسۇبىيتىنى خاتا ھالدا ئۆز مىللىتىگە تەۋە قىلىۋالماسلىق تۇغورسىدىكى ئاساسى يۆنىلىشى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشكە كەلسەك مۇشۇ ساھەدە چۇڭقۇر ئىزدەنگەنلەر بىر نىمە دېسۇن.  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )