- تىزىملاتقان
- 2015-4-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 228
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
76%
|
مۇكەممەل ئەرنى كۈتۈش
جۇ دامىڭ
15 يىل بۇرۇن، ئايگۈل ئىسىملىك گۈزەل بىر قىز، ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، «ت ر گ» تەرجىمە شىركىتىدە ئىشلىگەن ئىدى. ئۇ قىز ئۆزىگە تولىمۇ ئىشىنەتتى، ھەر قاچان ئۆزىگە پەقەت ئەڭ مۇكەممەل ئەرلەرنى مۇناسىپ دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقىمۇ مەن چوقۇم قىلچە نۇقسانسىز ئەركەككە ياتلىق بولىمەن، ئۇنىڭ جەزمەن ئۆيى، ماشىنىسى، پۇلى بولۇشى، يەنە تېخى قامەتلىك، شوخ-تېتىك، كۆيۈنۈشنى بىلىدىغان بولۇشى كېرەك، بولمىسا ھېچكىمگە تەگمەيمەن دەپ ئويلايتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھىنى ئىزدەش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.
كۈنلەر، ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى. ئىلگىرىكى نازىنىننى ھەش-پەش دېگۈچە بىلىنەر-بىلىنمەس قورۇق بېسىپ ئوتتۇرا ياشقا ئۇلاشتى، ۋاقىت ئاتقان ئوق. لېكىن ھازىرغىچە ئۇ يەنىلا يالغۇز.
ئۇ قۇربان ھېيتتا ئاتا-ئانىسى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقىنىدا، 12 ياشلىق ئوغلى بىلەن 8 ياشلىق قىزىنى يېتىلىۋالغان ئىلگىرىكى يېقىن ھەمشىرىسى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى، شۇندىلا يالغۇزلۇقنىڭ ھېچقاچان بىلىنمىگەن دەرتلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى چۇلغىدى.
ئۇلار ئۆزئارا ئەسرالىشىپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشتى، بالىلىقتىكى ئەسلىمىلەرگە غەرق بولۇشتى. ئوماق بالىلار ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ قوغلاشماق ئوينىشىۋاتاتتى، دوستىنىڭ چېھرىدە ئانىلارغا خاس بەخت تۇيغۇسىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى.
ــ ئايگۈل، شۇنچە يىلدىن بىرى كۈتكىنىڭدەك بىرەرسىمۇ ئۇچرىمىدىمۇ؟ ـ سورىدى دوستى.
ــ بىرسى ئۇچرىدى - دېدى ئايگۈل.
ــ شۇنداقمۇ؟ قانداقراق يىگىت ئىدى؟ دەپ باقمامسەن؟-دوستى قىزىقىپ بىلىشكە ئالدىرىدى.
ــ ئۇ دەل مەن كۈتكەندەك مۇكەممەل ئەركەك ئىدى، تىرىشچان، كېلىشكەن، بەستلىك، باشلىقنىڭ بالىسى تېخى، ئۆي، ماشىنا ھەممىسى تەل، ئىشقىلىپ مېنىڭ تەلىپىمنىڭ ھەممىسىگە دەل چۈشەتتى! - بۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ، ئايگۈلنىڭ يۈزىگە توساتتىن قىزىللىق ئولاشتى، خۇددى تۇنجى سۆيگۈنى يادىغا يەتكەندەك.
ــ ئۇنداق بولسا، نېمىشقا ئۇنى چىڭ تۇتمايسەن؟- دوستى قاتتىق ھەيران بولۇپ سورىدى.
بۇ ۋاقىتتا، ئايگۈل ئېغىر ئۇھسىنىپ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە «ئامال يوق، ئۇمۇ بىر مۇكەممەل قىزنى ئىزدەۋېتىپتۇ» دېدى.
......
تۇرمۇشتا، كىمىكى مۇكەممەللىك ئىستىسە، ئېرىشكىنى تەنھالىق بولىدۇ. ھەتتا ھېكايىلەردىكى «مۇكەممەل ئەركەك» مۇ ھەم شۇنداق.
|
|