قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1311|ئىنكاس: 0
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

[سۈبھى]: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى كېرەكمۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

10

دوست

2074

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35358
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 66
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-28

مۆھتىرەم ئەزا نادىر يازما چولپىنى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-4-24 15:16:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
000058484_piclink.jpg


ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى كېرەكمۇ

مايكول ج.بوكسىن (ئامېرىكا)

سۈبھى باغداش تەرجىمىسى


شېكىسپىر ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ 400 يىللىقى پەيتىدە، ئەنگلىيە «ياۋروپالىق» بولۇش كېرەكمۇ يوق دېگەن مەۋجۇتلۇق مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. 6-ئايدا، ئەنگلىيەلىكلەر بېلەت تاشلاپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىش قالماسلىقنى قارار قىلغاندا، توغرا تاللاش چىقىرىش ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ كۆپتۈرۈش سۆزلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ يېتىپ، ئاتالمىش «ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى»نىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىگە نىسبەتەن ھەقىقىي نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئەستايىدىل ئويلىشى كېرەك.
سايلام ئاممىسىنىڭ قارارىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر سودا مۇناسىۋىتى باشقۇرۇش ھەمدە خام چوت؛ دىپلوماتىيە سىياسىتى ھەمدە بىخەتەرلىك؛ پاراۋانلىق ۋە كۆچمەنلەر قاتارلىق دۆلەت ئىچى سىياسەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قالغان مەسىلىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزالىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، قائىدىلىرىنى، باشقۇرۇش ۋە بيۇيوكراتلىق پەيدا قىلغان ماھىيەتتىكى ۋە پىسخىكىدىكى پايدا-زىياننى قوبۇل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زور تاللاش، ئەمما چېتىلىدىغان مەسىلىلەر يا توغرا ياكى خاتا ئەمەس.
ئەنگلىيە سودا ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن چوڭقۇر ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىكى سالمىقى ناھايىتى چوڭ (ئەنگلىيە GDPنىڭ %30گە باراۋەر). شۇڭا، ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى سودا پائالىيىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودىغىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدىكى سودىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەسىرلەرنىڭ نېمە ئاتا قىلىشى يېڭى سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىش شەرتى ۋە ۋاقتىغا باغلىق.
1957-يىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسى بولغان ياۋروپا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى (EEC) قۇرۇلغان چاغدا پەقەت ئالتە دۆلەت (بېلگىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ليۇكسېمبۇرگ ۋە گوللاندىيە) بار ئىدى. ئەينى چاغدا تاموژنا بېجى سەۋىيەسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، شۇڭا EEC ئاتا قىلغان پايدا غايەت زور بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 28 ئەزاسى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بازىرى بار، ئومۇمىي تاموژنا بېجى ناھايىتى تۆۋەن.
رېئاللىق بولسا، ھازىر ئەنگلىيە چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ئەنگلىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئامالسىز. نېمىلا بولمىسۇن، تارىختا ئەمەلىي مىسالى يوق، گرېلاندنىڭ EECدىن چېكىنىپ چىقىشىنى سېلىشتۇرما ئەھۋال قىلىش ناھايىتى تەس، نوقۇل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىش تەپسىلاتى سۆھبىتىگىلا ئىككى يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. بۇ مەزگىلدە ئەنگلىيە فوندستېرلىڭىدا تەۋرىنىش كۆرۈلىدۇ، سودا پائالىيىتى تارقىلىپ كېتىشى ياكى كېچىكىشى مۇمكىن، ئەنگلىيەنىڭ سودا بىلەن ئالاقىدار بىر قىسىم مەبلەغلىرى ۋاقىتلىق توختايدۇ.
بۇ جەريان ئەنگلىيەنى نورۋېگىيەگە ئوخشايدىغان ئەھۋالغا قويۇشى مۇمكىن: ياۋروپا ئىقتىساد رايونىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسىم مۇنتىزم تەننەرخىنى ئۈستىگە ئېلىش بەدىلىگە كۆپ قىسىم ئوخشاش سودا ئالاھىدە ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. ھەم شۋېتسارىيەگە ئوخشىشى مۇمكىن، ئىككى تەرەپلىك سودا كېلىشىمىگە ئاساسەن پۇل تۆلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاۋار (ئەمما مۇلازىمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) يەككە بازىرىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. باشقا بىر ئېھتىماللىق بولسا دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا «يالغۇز ھەرىكەت قىلىدۇ». ئېھتىمال ئەنگلىيە ئۆزى ئۈچۈن يېپيېڭى ئەندىزە بەرپا قىلىشى مۇمكىن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەمەس دۆلەت بىلەن يېڭى سودا كېلىشىمى تۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.
ئەنگلىيەمۇ لوندون پۇل-مۇئامىلە شەھىرىنىڭ يەر شارى پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بولىدۇ، شۋېتسارىيەچە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىمال بۇ ئورۇنغا تەھدىت سېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى يەككە بازىرىنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمەت سودىسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ. پۇل خەجلەپ سودا ئېتىبارى مۇئامىلىسىنى ساقلاپ قېلىش ئەنگلىيەنى كەلگۈسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى كەلگۈسىدە پۇل-مۇئامىلە تولۇقلىمىسى ئارقىلىق قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى قوللىسا، ئەنگلىيەنىڭ خام چوتى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. قىسقىچە ئېيتقاندا، ئەگەر ئەنگلىيە چېكىنىپ چىقسا، بىر قىسىم سودا جەھەتتە ئىنتايىن مۈشكۈل تاللاشقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئەمما سودا پەقەتلا باشلىنىش. ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇشتىن چېكىنىپ چىقىشىنىڭ يەنە سىياسىي ئەكس تەسىرى بار، بولۇپمۇ ئەگەر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بۇ مەسىلە سەۋەبلىك پارچىلانسا شۇنداق، نەتىجىسى مەيلى قانداقلا بولسۇن، بۇ ئېھتىماللىقى ناھايىتى كىچىك. بۇ كەلگۈسىدىكى ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد سىياسىتىگە نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەنگلىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەۋزەللىكىگە ياكى ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
بىخەتەرلىك ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە، ئەنگلىيە ھەرىكىتى ئاستا ياۋروپا ئىتتىپاقى سەۋەبلىك ناھايىتى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغىنى يوق. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى سۇرىيەگە جازالاش تەدبىرى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنگلىيە پارلامېنتى بېلەت تاشلاپ ھەرقانداق ھەربىي ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى. ئەنگلىيەنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى ياۋروپادىكى باشقا مۇتلەق كۆپ قىسىم كەسپداشلىرىدىن ھەر جەھەتتە ئالدىدا ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقى قويۇق. ئەنگلىيە چېكىنىپ چىققاندا، گەرچە بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرىنىڭ يېڭى ئاخبارات ئۇچرىشىشى چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات مۇناسىۋىتى يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.
ئەھۋال ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس (ھېچ بولمىغاندا ئەنگلىيەنىڭ نەزىرىدە شۇنداق) بىر تەرىپى بولسا ياۋرودۇر، ئەنگلىيە ئەزەلدىن ياۋرو رايونىغا كىرمىدى. (مەن ئىلگىرى سابىق باش ۋەزىر ساچىر خانىمغا ياۋروپا رايونىنىڭ ئاساسى بولغان ئىقتىساد ۋە پۇل ئىتتىپاقىغا كىرمەسلىك تەكلىپى بەرگەن ئىدىم) بۇ توغرا قارار ئىدى، چۈنكى بۇ ئەنگلىيەنىڭ مۇكەممەل پۇل سىياسىتى ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىپ، دۆلەت ئىچىدە گۈللىنىش ۋە خاراب بولۇش ئايلىنىشى ۋە ياۋروپانىڭ باشقا قىسىملىرى ماس قەدەمدە بولمىغاندا پېرېۋوت نىسبىتى ئارقىلىق زەربىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلاتتى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ قېلىش ئېغىر زەربە بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پەقەت تېخىمۇ يۇقىرى تەننەرختە ئەزا دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ئاز پايدا تەمىنلەشكە مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن. ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدە كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىدا چىڭ تۇرۇشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ(مەسىلەن ماسترىكت شەرتنامىسىدىكى قىزىل رەقەم ۋە قەرز «تەلىپى»نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلىدۇ. نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر (بولۇپمۇ ياۋرو رايونى دۆلەتلىرى) كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ ئورتاق ئىقتىساد، جەمئىيەت، بانكا، قەرز ۋە پۇل كىرىزىسلىرىنى ھەل قىلىشتىن ئىزچىل ئۆزىنى قاچۇرماقتا.
ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشىنى قوللىغۇچىلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بارلىق كۈچى بىلەن كۆپتۈرمەكتە، رېئاللىقنى تەپسىلىي باھالاش ئەنگلىيەنىڭ چېكىنىپ چىقىشنى رەت قىلىشىنىڭ ئەنگلىيەگە نىسبەتەن تېخىمۇ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى كۆسىتىپ بەردى. ئەگەر ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ (ھەمدە ياۋروپا كومىتېتىنىڭ) تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ياخشى كۆرمىسە، ئەزالىق سالاھىيىتى شەرتىنى قايتىدىن سۆھبەتلەشسە بولىدۇ (باش ۋەزىر كامېيرون 2-ئايدا قىلغىنىدەك ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقسا بولىدۇ.
ئەمما ئەگەر ئەنگلىيە ھازىرلا چېكىنىپ چىقسا، بۇ تاللاش ناھايىتى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ، ئەگەر كەلگۈسىدە ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلسا، بولۇپمۇ قايتىدىن ئىتتىپاققا كىرمەكچى بولسا سۆھبەت ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدۇ (ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ ئەنگلىيەنى دورىماقچى بولغان باشقا ئەزا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلاشقاندا، ئالاھىدە قىيىن). ئەمەلىيەتتە، بۇ شەرت كامېيروننىڭ ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالدۇرۇپ قېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش شەرتىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئوسال بولۇشى مۇمكىن.

تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.

ئالاھىدە ئەسكەرتىش: باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە، ھەرقانداق شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ  توپلام قىلىپ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )