ئىلىم پەن ھەممىگە قادىرمۇ ؟
ئىلىم-پەن دىگەن دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ مۇناسىۋېتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانىي بىلىم ، شۇڭا ئۇنىڭ كۈچ قۇۋۋىتى بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك دەرىجىدىن تاشقىرى ئەمەس ، پەقەت ۋە پەقەتلا مەلۇم چەكلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ . ئۇنداقتا ئىلىم پەندىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك كۈچنىڭ ھەل قىلالمايدىغان قىيىنچىلىقى زادى نېمە ؟ بۇ قىيىن مەسىلە دەل پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان زاتنىڭ سىرلىرىدۇر . تارىختىن بۇيان بۇ توغرىسىدا سانسىز ئالىملار ئىزدەنگەن بولسىمۇ ئاخىرى قەدىمىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدى ھەم ئاخىرىدا پۈتۈن كائىناتنىڭ بىر ياراتقۇچىسى ھەم كونترول قىلغۇچىسى باركەن دىگەن يەكۈننى چىقاردى .
ئىلىم-پەندىن ئىبارەت بۇ يول ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزغا قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلىشالايمىز ھەم ياراتقۇچىنىڭ كائىناتتىكى ئىگىدارچىلىقىنى ۋە قۇدرەتلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم چۈشىنىشكە باشلايمىز ، ئەمما ياراتقۇچىنىڭ سىرلىرىنى پۈتۈنلەي يىشىشكە ئىلىم پەننىڭ كۈچى يەتمەيدۇ . ئىنسانلار دۇنيالىق بىلىمى بىلەن ياراتقۇچىنىڭ ئەمەس ، يارىلىشتىن بۇرۇنقى بىلەن ئۆلگەندىن كىيىنكى سىرلارنىمۇ ئاچالمايدۇ .
ياراتقۇچىنىڭ سىرىنى ئېچىش راسىتتىنلا مۇشۇنداق قىيىنمۇ ؟ جاۋابى ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان بىر ئېغىز سۆز ، ياق . ياراتقۇچىنىڭ سىرىنى ئېچىش دىگەن بۇ سۆز بەك چوڭ سۆز بولۇپ ئەينى زاماندىكى ۋە ھازىرقى دەۋردىكى ئىلىم پەندە كامالەتكە يىتىپ دۇنياغا داڭق چىقارغان نۇرغۇن ئىلىم-پەنچىلەر ۋە پەيلاسوپلار بۇ سۆزنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغاچقا ، ياراتقۇچىنى ئىنكار قىلىپ قىسقا يول بىلەن نىشانىغا يەتكەن . چۇنكى ئېلىم- پەن ئۇچالايدىغان ،ماڭالايدىغان، ئۈزەلەيدىغان نەرسىلەرنى ياسىيالىغان بولسىمۇ ، ئۇلارغا جان ئاتا قىلالمىدى . پەلسەپە ۋەھىي بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرغان بىلەن ، ئەقلىي خۇلاسە بىلەن ئورۇنسىز ئۇرۇشلارنى توسىيالمىدى . چۈنكى ئىلىم-پەن دىگەن دۇنيالىق نەرسىلەرنىڭ مۇناسىۋېتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنسانىي بىلىم ئىدى . پەلسەپە بولسا ئادەملەرنىڭ ئادەملەر قوبۇل قىلالايدىغان ھادىسىلەر ئۇستىدىن چىقىرىلغان تەجىربىلەر ئاساسىدا يەكۇنلەنگەن ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلى ئىدى . بۇ خىل ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئۇسۇلى يەنىلا ئىنسانغا مەنسۇپ بولغاچقا ئىنساندىن ھالقىغان ياراتقۇچى بىلەن يارالغۇچى مۇناسىۋېتىنى ۋەھىينى ئىنكار قىلغان ئاساستا خۇلاسىلەپ بېرەلمەيدۇ.
ئۇنداقتا ياراتقۇچىنى ھەقىقىي تونۇشنىڭ يولى بارمۇ ، قانداق قىلغاندا ئىلىم پەننى ياراتقۇچىنى تونۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ ؟ ياراتقۇچىنى تونۇشنىڭ ئاساسى بولسا ئۇنىڭ ئۆزىنى سۈپەتلىگەن سۈپەتلىرى بولۇپ ، ئىلىم پەننىڭ تەتقىق قىلىش دائىرىسى بۇ ئاساسىي مەنبەدىن چىقىپ كەتمەسلىكى لازىم ، ئىلىم پەننى مۇشۇ ئاساسنىڭ ئىچىدە ئىشلىتىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق كائىناتنى ياراتقۇچىنى تونۇغىلى بولىدۇ ھەم قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىققىلى بولىدۇ .
قۇرئاننىڭ نۇرغۇن بايانلىرىدا ‹ ...سۆز ۋادىسىدا ئېزىپ يۇرگۇچىلەر › دەيدىغان بىر ئىنسانى سۈپەت بار . بۇ دەل يورۇق يولنى تاشلاپ قويۇپ قاراڭغۇلۇققا يول ئېلىپ ماڭغان كىشىلەرنىڭ بىر تەسۋىرى بولۇپ ، بىر نەرسىنى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىدىن قەستەن باشقا بىر دائىرىگە چىقىرىۋېتىپ شۇنىڭ بىلەن مەشغۇل بولىدىغانلارغا ، دەۋرىمىزدىكى ئۆزىنىڭ قەيەردىن پەيدا بولۇپ ئۆلگىنىدىن كىيىن قەيەرغە بارىدىغانلىقىنى ئۆزلىرىنى شۇنچە يۇقىرى پەن تېخنىكىسى بىلەنمۇ ھەقىقىي ھېس قىلالمىغان كۆزى ئوچۇق بولسىمۇ قەلبى قارىغۇ بولۇپ ھەقىقەتنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان . چۇنكى سۆزلىگۈچىنىڭ ۋەزىپىسى چۇشىنىشلىك چۈشەندۈرۈش . سۆز ئويۇنى ئويناپ ئالاھىدە ئىمتىياز تەلەپ قىلىش ئەمەس ...
|