سەنەم باسقان سەنئەتلىىك ھايات
(پوۋېست)
گەرچە كەچنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى ئوچۇق بولسىمۇ، بۇ ئېگىز بىنانىڭ ئۆگزىسى يەنىلا سوغۇق ئىدى،قاتتىق شامال مېنى ئۇچۇرۇپ كېتىدىغاندەكلا،كۈچلۈك چىقىۋاتاتتى،چاچلىرىمنى قالايمىقان ئۇچۇراتتى.بۇرۇن بەش مېتىر ئېگىزلىككە چىقساممۇ بېشىم قىيىپ قورقۇنۇش باسىدىغان يۈرىكى ئاجىز بىر قىز،ئەمدى ھىچنىمىدىن قورقماي،بۇ ئېگىز بىنانىڭ ئۈستىدە،يەر يۈزىدىكى چېكىتلەردەك ئادەملەرگە،سەرەڭگە قېپىدەك ئۆيلەرگە،يېشىللىققا پۈركەنگەن ئاشۇ تاغلارغا،يۇلتۇزلاردەك يورۇۋاتقان كوچا چىراغلىرىغا ھاڭۋىقىپ قارىغىنىمچە،بۇ بىنا ئۆگزىسىنىڭ رېشاتكىسىدىن پەسكە قاراپ كۆڭلۈمدىكى توقۇنۇشلار ئارىسىدا ئۆرتىنىپ،ھاڭۋىقىپ تۇرماقتىمەن.
ھەي ھايات! مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟نېمە ئۈچۈن مىنىڭ بېشىمغا بۇ ئۆسەك سۆزلەر، بۇ قىسمەتلەر كېلىدۇ؟ئۇلار ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلىدۇ؟نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاشۇ رەھىمسىز توزاقلارنى قۇرىدۇ؟ بۇ ھاياتنىڭ مەن تارتىشقىدەك نەرى قالدى؟ئاتا-ئانام،تۇغقانلىرىم،سۆيگەن يىگىتىم، دوستلىرىمنىڭ، قوللۇغۇچۇلىرىمنىڭ ئىشەنچىسى، ھۆرمىتىدىن، مېھرى-مۇھەببىتىدىن ئايرىلدىم.مەن ئىشەنگەن كىشىلەر مېنى ھالاكەت يولىغا قىستىدى.
مەن بۇ دۇنياغا نەپرەتلىنىمەن،ئاشۇ رەھىمسىز دۇنيا ماڭا ئارزۇ-ئارمانلىرىنى قوغلىشىشنى ئۆگەتتى،لېكىن قانداق قوغدىنىشنى ئۆگەتمىدى.ئىرادىسىنى بوشاشتۇرماسلىقنى ئۆگەتتى،لېكىن پايدا - مەنپەئەت ئالدىدا جىنىنى بېرىدىغان،ۋاسىتە تاللىمايدىغان،باغرى تاش كىشىلەر ھالاكەتكە ئىتتەرسە،قانداق قۇتۇلۇشنى ئۆگەتمىدى.
كۆزلىرىمدىكى ياشلىرىمنى كۈچلۈك شامال ئۇچۇرۇپ ئەكېتىۋاتاتتى.
ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچلەر...
بۇنىڭدىن 4يىل ئىلگىرى مەن سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئىدىم ،ئوقۇشۇمنى تاماملىساملا ئۇلۇغ بىر مۇزىكانت،سەنئەتكارغا ئايلىنىدىغاندەك،گۈزەل سەھنىلەر قۇچاق ئاچىدىغاندەك،نۇرغۇنلىغان قوللۇغۇچىلىرىم بولىدىغاندەك بىلىنەتتى.ھەم قەتئىي ئىشىنەتتىم.
چۈنكى بۇ ئارزۇ-ئىستەكلىرىم بالىلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ
يېتىلگەن بولۇپ،مەندىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىپ باقمىغان.
بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى دادامنىڭ تەمبۇر چالغاندىكى كېلىشكەن سېماسى،تەمبۇردىن چىقىۋاتقان ئاشۇ لەرزان،گۈزەل كۈيلەر، ھېلىھەم يادىمدا...
ھېيت-بايراملاردا دادام-ئاپامنىڭ ،تۇغقانلارنى ئۆيىمىزگە چاقىرىپ،تەمبۇر چېلىپ نەزمە قىلىشى،ئاپامنىڭ نازاكەتلىك، لەرزان ئاۋازدا،خەلق ناخشىلىرىنى ئېيتىشى،مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىمغا ،تولىمۇ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان.
مۇشۇ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ تۈرتكىسىدە قەلبىمدە مۇزىكا ئىشتىياقى بىخلىنىپ،بارغانسېرى كۆكلەپ،ۋۇجۇدۇمنى قاپلىغانىدى.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ ئاپامنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيمەن دەپ چىڭ تۇرۋالغانىدىم.
ئاپام ئەسلى تولىمۇ مېھرىبان،غەيرەتلىك،رايىش ئايال ئىدى.
لېكىن بۇ قېتىم ئۇ تولىمۇ جاھىللىق بىلەن، مىنىڭ مۇزىكانت بولۇشۇمغا قارشى تۇردى.بىز بۇ مەسىلىنى ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تالاش-تارتىش قىلدۇق.بۇ مەن بىلەن ئاپامنىڭ ئارىسىدىكى تۇنجى تالاش-تارتىش بولۇپ،ھېچقايسىمىز يول قوياي دىمەيتۇق.
بىر كۈنى مەن بىلەن ئاپام تاماق ئۈستىلىدە بۇ تالاش-تارتېشىنى يەنەباشلىدۇق .تاماق ئۈستىلى يېنىدا دادام بىلەن ئۇكام "يەنە باشلاندى"دېگەن چىراي ئىپادىسىدە، جىمجىت بىزگە قاراپ ئولتۇراتتى.
_بۇ قانداق گەپ؟بىر قىزبالا شۇنداق جىق قىزبالىغا لايىق
كەسىپ تۇرسا ئوقۇماي،مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن دېگەن
قانداق گەپ ئەمدى؟ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنچۇ؟باشقىلارنىڭ ئالدىدا ،سورۇنلاردا مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ يۈرسە
باشقىلار بىزنى نېمە دەيدۇ؟بۇ يە چەتئەل بولمىسا!؟
كۈندە قولىدىن چالغۇ چۈشمەيدۇ،ئەمدى مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇيمەن
دەيدۇ،مۇزىكىمۇ كەسىپ قىلىپ ئوقۇيدىغان پەنمۇ؟مەن زادى كىمنىڭ غېمىنى يەۋاتىمەن؟مەنمۇ شۇ كىيىن بەختسىز بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەيمەنغۇ؟ دېگىنىچە ئەتكەن تامىقىنىمۇ يېمەي يىغلاپ ئولتۇراتتى.
_مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇسام نىمە بوپتۇ؟بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىققان نۇرغۇن ئايال مۇزىكانتلار بارغۇ؟ئۇلار ھەجەپ بەختسىز بولۇپ قالماپتىغۇ؟نېمىشقا مىنىڭ قىزىقىشىم،تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلمايسىلەر؟دىدىم دە، تاماق ئۈستىلىدىن تۇرۇپ ياتاق ئۆيۈمگە
كىرىپ دۈم يېتىپ يىغلاۋاتاتتىم،دادام ئاستا كىرىپ،مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ياشلىرىمنى سۈرتۈپ،يېنىمدا ئولتۇردى.
_ قىزىم،كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،ئاپىڭىزمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ،ئەمەلىيەتتە ھەممىدىن بەكرەك غېمىڭىزنى يەيدىغىنى يەنىلا شۇ ئاپىڭىز،ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ ئېيتىڭە قىزم،نېمىشقا مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇش خىيالىغا كېلىپ قالدىڭىز؟نېمە سەۋەبتىن بۇ كەسىپتە ئوقۇشتا چېڭ تۇرىسىز؟دەپ مېھرىبانلارچە ماڭا تىكىلدى.
_ جىنىم دادا،سىزمۇ بىلىسىز؟مەن كىچىك ۋاقتىمدىن تارتىپ سىزنىڭ دۇتار،تەمبۇر،گىتار چېلىشىڭىزنى ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم. سىزنىڭ ساز چىلىشىڭىز، ئاپامنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى ماڭا كىچىك ۋاقتىمدىنلا سىلەرگە ئوخشاش، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن كۈي ،ئاھاڭلارغا چېلىش ئاللىبۇرۇنلا مىنىڭ
ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا ئايلانغان، دېدىم مەن يىغلاپ تۇرۇپ.
_قىزىم، مۇزىكىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنى ئوقۇشتىن سىرت
ئۆگەنسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ؟ئاۋۋال بىر ياخشى كەسىپنى تاللاپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇڭ،تەتىللەردە،دەم ئالغان ۋاقىتلىرىڭىزدا دەرستىن سىرت ئۆگەنسىڭىزمۇ بۇلىدىغۇ؟
-ياق دادا،مەن چۈشۈمدىمۇ سىزچالغان ۋە باشقامۇزىكانتلار چالغان ئاھاڭلىرىنى چۈشەيمەن،ئوتتۇرا مەكتەپنى تېرىشىپ ياخشى ئوقۇشۇمدىكى سەۋەبمۇ دەل سەنئەت مەكتەپكە ئۆتۈش، مۇزىكا كەسپىنى ئوقۇش،ھەقىقىي
بىر مۇزىكانت بۇلۇش،بۇ بىردەملىك قىزغىنلىق ئەمەس ، بۇ مىنىڭ نىشانىم دادا...
دېگىنىمچە ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتىم.
دادام ماڭا تەسەللىي بېرىپ،ئاپام بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئاپام ۋە دادامنىڭ بىرمۇنچە نەسىھىيىتى بىلەن ،ئۇلارغا نۇرغۇنلىغان ياخشى ئوقۇش توغرىلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ،سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇزىكا كەسپىدە ئوقۇپ كەتتىم.شۇنداقلا نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت دەرسلىرىنى تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن ئۆگەندىم،مەشىق قىلدىم،ھەم ئوقۇشنمۇ پۈتتۈرۋالدىم.
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ گىتتىرىم ۋە تەرجىمىھالىمنى كۆتۈرۈپ،ئاپتونوم رايونلۇق ۋە شەھەرلىك ئۆمەكلەرگە ئوركېستىرلارداغا باردىم.
ئۇ يەرلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم .
شۇنداق قىلىپ يېرىم يىل ۋاقتىم ئونۋىرسىتىتتا ساۋاقداشلىرىم،
دوستلىرىم بىلەن قۇرغان «سەنەم» مۇزىكا گۇروپىمىز بىلەن ئىجارىگە ئالغان يەر ئاستى ئۆيدە مەشىق قىلىش،كىچىك تىپتىكى
يىغىلىشلار ۋە شىركەت كارخانىلارنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى دېگەندەك كىچىك تىپتىكى سەھنىلەردە ئويۇن قويۇپ پارچە خىراجەت پۇلىمىزنى
تېپىپ،داۋاملىق پۇرسەت كۈتۈش بىلەن ئۆتتى.
بىر كۈنى مېھرى ئىللىق ئۆيىمىزنىڭ بالىكونسىدىن سىرتقا قاراپ گىتتارىمنى قۇچاقلىغىنىمچە، كاللامدىن ئۆتمىگەن خىياللارنى ئويلاپ ھاڭۋىقىپ ئولتۇراتتىم.تۇيۇقسىز ئاپام يېنىمغا كېلىپ،چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
_چىرايلىق قىزىم،ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى بىر
كۈندە، ياكى ئازراق ۋاقىتتىلا رىياللىققا ئايلانمىغان،ئىچىڭىزنىڭ نېمىگە سىقىلۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن،ھەرگىز مەيۈسلەنمەڭ،ھەرقانداق ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بار،چوقۇم ياخشى
بولۇپ كىتىدۇ،نېمە ئۈچۈن مۇشۇ بوش ۋاقىتلىرىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئىجادىيەت قىلىپ باقمايسىز قىزىم؟،سىزنىڭ تۇغما تالانتىڭىز بار،يەنە كېلىپ بۇ كەسىپتە 5يىل ئوقۇدىڭىز،ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولۇشى كېرەك،سىزگە ئىشىنىمەن،سىز چوقۇم
قىلالايسىز.، دېدى.
شۇنداق، كىچىكىمدىن تارتىپ خەلق ئاھاڭلىرىنى، پېشقەدەم ئۇستازلارنىڭ،چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى چېلىپ،ئېيتىپ كەلدىم،ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولغان ئىجادىيەت،ماڭا تەئەللۇق بولغان كۈي،ئاھاڭ بولۇشى كېرەك.دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،ھەم ئاپامغا بولغان ھۆرمىتىم،مىننەتدارلىقىم ئىچىمنى ئۆرتىدى.
ئۇنداقتا،..ئىجادىيەت ئۈچۈن ئىلھام بولۇشى كېرەك،بۇ ئىلھام
نەدىن كېلىدۇ؟ئوقۇۋاتقاندا ئۇستازلىرىم ئىجادىيەت توغرىلىق نۇرغۇن
دەرسلەرنى بەرگەن،يوللارنى كۆرسەتكەن، مەن ئۇچاغلاردىكى
تاپشۇرۇق،ئىمتىھانلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ئاھاڭلار،كۈيلەرنى
ئىجادىيەت دەپ كەتكىلى بولمايتتى.ھەممىسى ئازدۇر-كۆپتۇر
چەتئەلنىڭكىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ،ئۇ مۇزىكىلار ماڭا
تەئەللۇق ئەمەس ئىدى.
ئۇنداقتا ئىجادىيىتىمنى قانداق باشلايمەن؟ ئىلھامىمنى قانداق
تاپىمەن؟مانا مۇشۇ خىياللىرىم بىلەن بىر قانچە كۈن قايمۇقۇپ، كېچىلىرىمۇ ئۇخلىيالماي يۈردۈم.ئىلھامىمنى ئىزدەش ئۈچۈن
بىرقانچە كۈن ئۇدا شەھەر سىرتىدىكى ئورمانلىققا بېرىپ دەل-دەرەخلەرگە، سۇلارنىڭ ئېقىشىغا قاراپ،گىتتىرىمنى بىر نېمىلەرگە تىرىڭشىتىپ، ھېچقانداق ماڭا تەئەللۇق بولغان كۈينى
تاپالمىدىم.شۇنداق گۈزەل مەنزىرە ئالدىمدا تۇرسىمۇ ئىلھامىم
كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.كەچ كىرىشكە تەمشەلگەندە گىتتارىمنى مۈرەمگە ئېسىپ،كەچتىكى ئويۇن قويۇشقا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن ئاپتوۋۇز بېكىتى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.تۇيۇقسىز قولۇقۇمغا تولىمۇ گۈزەل، ئادەمگە بىر خىل خۇشاللىق ئاتا قىلالايدىغان
تەمبۇر كۈيى ئاڭلاندى.بۇ ئاۋاز يېقىن ئارىلىقتىكى ئۈچ
قەۋەتلىك ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرىپىدىن كېلىۋاتاتتى.مەن بۇ كۈينى بۇرۇن ئاڭلاپ باقمىغان،ئەجەبا بۇ كۈي ئىجادىيەتمىدۇ؟
دېگەن خىياللار بىلەن ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي شۇ قورۇغا
كىرىپ قاپتىمەن.بۇ قورۇ خىلىلا كونىرىغان بولۇپ، سىرتىغا «چىقىلىدۇ»دېگەن خەت يېزىپ قويۇلغان ،لېكىن ئىچى خىلىلا
پاكىز ھەم رەتلىك تۇراتتى.مەن تولىمۇ قىزىققان نەزەردە ھەممە يەرگە تەكشى قاراپ،مۇزىكا چىقىۋاتقان ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئۆينىڭ ئالدىغا چىقىشىمغا،30ياشلار چامىسىدىكى ياغلىقىنى
خويمۇ ياراشتۇرۇپ ئارتىۋالغان بىر ئايال ،قولىدا چەينىكىنى
كۆتۈرگىنىچە پەيدا بولدى.شۇنداقلا مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىق
بىلەن:
_سىڭلىم بىرسىنى ئىزدەمسىز دەپ كۈلۈمسىرىدى.
-ياقاي يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان،تەمبۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قىزىققىنىمدىن ئۆزۈممۇ بىلمەي كىرىپ قاپتىمەن ھەدە .دېدىم مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
_ھە... قىنى كېلىڭ سىڭلىم،ئۆيگە كىرىپ ئاڭلاڭ،دېدى دۈمبەمگە ئېسىۋالغان گىتتىرىمغا قارىۋېتىپ،ۋە مېنى باشلاپ ئىچكىرىدىكى بىر ئۆيگە ئەكىردى.ئۆينىڭ ئىچى تولىمۇ ئەپچىل،لېكىن شۇنداق ئىللىق ،دەرىزىگە تىزىلغان تەشتەكلەردىكى گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ ئەپچىل ئۆيگە تولىمۇ "ئوماق" تۈس ئاتا قىلغان ئىدى.ئەلۋەتتە مىنىڭ كۆزۈم ئاۋۋال تام گىلىمىنىڭ ئۈستىگە ئېسىپ قويۇلغان چالغۇلارغىمۇ
چۈشۈپ ئۈلگۈردى.ھەرخىل چوڭ-كىچىكلىكتىكى تەمبۇر،دۇتار،داپ،گىتار قاتارلىق چالغۇلار ئېسىقلىق تۇراتتى.گۈزەل تەمبۇر ئاۋازى توختاپ،گۈللەرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان 35ياشلار چامىسىدىكى،ئۇزۇن،قارا چاچلىرىنى بىرتال ئۆرۈپ مۈرىسىدىن چۈشۈرىۋالغان،كىيگەن كىيىملىرى ئاددى-ساددا لىكىن
لاتاپىتى تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،ئات يۈزلۈك،قاپقارا قاشلىرى،يوغان
كۆزلىرى،ئېگىز قاڭشارلىرى خۇددى رەسىمدىكى ئاماننىسا ئۇستازغا ئوخشايدىغان بىر گۈزەل ئايال ماڭا قاراپ:
_كېلە،قىزىم كېلە،بۇياققا كېلىپ ئولتۇر،دەپ ئۆينىڭ بىر تەرىپىگە تىزىلغان كىرېسلوغا تەكلىپ قىلدى.
مەن ھودۇققىنىمچە كىرېسلوغا كېلىپ گىتتارىمنى چىڭ تۇتقىنىمچە ئولتۇردۇم.
_بۇ سىڭلىمىز ئىشىك ئالدىدا سىلى چالغان تەمبۇرنىڭ ئاۋازىغا مەستخۇش بولۇپ تۇرۇپتىكەن،مەن باشلاپ كىردىم.دېدى ھېلىقى ياغلىق چىگىۋالغان ھەدەش.
_ھە...مۇنداق دېگىن،ھە شۇ ئىسىۋالغان گىتتىردىنلا مۇزىكىغا ئىشتىياقى بارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ،بۇ خاننىڭ،ھە قىزىم ئېيتە؟ ئوقۇمسەن؟
_ياق ھەدە،ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم.ھازىر شۇ ئۇيە -بۇيەلەردە مۇزىكا چېلىپ پارچە خىراجەت پۇلۇمنى تېپىپ يۈرىيمەن.
-ھە،مۇنداق دېگىن.قارىغاندا سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوخشايسەن؟
_ھەئە شۇنداق.
_قارا ماۋۇ قىزنىڭ يامانلىقىنى،بەك ياخشى قىپسەن قىزىم،ۋاي راست بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا نېمە سەۋەبتىن كەپقالدىڭ؟
_ھە مەن شۇ بۇ ئەتراپنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل،ئىلھامىم كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ،ھەم مەشىق قىلغاچ شۇ...
_ۋاي ئاللاھ،..قارا ماۋۇ قىزنىڭ يۈرىكىنىڭ يوغانلىقىنى!بىر قىز بالا ئۆزۈڭ يالغۇز مۇشۇنداق چەت يەرلەردە يۈرسەڭ ،خەتەرلىك ئەمەسمۇ؟
-ئۇغۇ شۇ،مەن شۇ ئىجادىيەت قىلىدىغانغا ياردىمى بولامدىكىن دەپ.
_ئوھۇي مۇنداق دە! ھە چالە قىزىم گىتتىرىڭنى ئىلىپ بىرە پەدىنى.
_ماقۇل ھەدە دەپ گىتتىرىمنى قولۇمغا ئېلىشىمغا:
_ھەراست مەن چۈشىنىدىغان پەدىلەرگە چال جۇمۇ!چەتئەلنىڭكىنى ئەمەس،دېدى كۈلكە ئارىلاش چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
مەن گىتتىرىمنى قولۇمغا ئېلىپ،تەڭشىۋالغاندىن كىيىن دادام تەمبۇر بىلەن چېلىشقا ئەڭ ئامراق كۈيى "دىل كۈيى"
ناملىق كۈينى گىتاردا ئورۇنداپ بەردىم.مەن بۇ كۈينى نەق
3يىل مەشىق قىلغانىدىم. چېلىپ بولىشىمغا...
_ۋاي تاتلىق قىزىم قوللىرىڭغا دەرد بەرمىسۇن،مەن قىزلىرىمىزنىڭ ئىچىدە گىتتار بىلەن خەلق كۈيىنى بۇنچىۋالا ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالالايدىغان قىزلارنى پەقەتلا كۆرمىگەن،دېگىنىچە بۇ چىرايلىق ھەدەش ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
_قاراڭ،ھەدە ئاباي سىز چالغان مۇزىكىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن،سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزمۇ؟
_ھە...ئاباي چالغان كۈيمۇ؟شۇنداق مىنىڭ بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇ
بىر ئىجادىيىتىم قالىدىغان ئوخشايدۇ دېگىنە،دېگىنىچە كۈلۈپ
كەتتى ،بۇ چىرايلىق ھەدەش.
_ھەدە ھازىر ئازراق ئالدىرايتتىم، ئەتە ۋاقتىڭىز بولسا گوروپىمىزدىكى دوستلىرىمنى ئەكەلسەم بىرە پەدە چېلىپ بىرەسىزمۇ؟
_بولىدۇ،بولىدۇ كۈي دىگەننىمۇ مۇزىكىنى چۈشىنىدىغانلارغا چېلىپ بەرسە ھاردۇقى چىقىدۇ ئادەمنىڭ،.ئەتە ئۇدۇللام كېلىۋەر قىزىم،ئىشىكىم ساڭا ئوچۇق دېدى،چىرايلىق ھەدەش تولىمۇ مېھرىبان تەلەپپۇزدا.
ھەمدە مېنى ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزىتىپ سورىدى.
_ئىسمىم ئائىشە بولىدۇ،سىنىڭچۇ؟قىزىم.
_سەنەم،مىنىڭ ئىسمىم سەنەم ھەدە ...
شۇنداق قىلىپ مەن ھاياجان ئىلىكىدە قايتتىم.
ئەتىسى ئەنە شۇ ھاياجانلىرىم بىلەن سەھەر ئورنۇمدىن تۇرۇپ،چىرايلىق ياسىنىپ،«سەنەم»مۇزىكا گۇرۇپىمىزدىكىلەرگە تېلېفون قىلىپ ئۇلارنى يىغدىم،ئۇلارغا بىر چىرايلىق خەلق سەنئەتچىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدىغانلىقىم توغۇرلۇق ئاغزى-ئاغزىمغا تەگمەي سۆزلىدىم.
ئۇلارمۇ تىزلا يىغىلدى.مەن يولبويى بۇ چىرايلىق ئۇستازنى ماختاپ،ئۇلارنى ئۇستازنىڭ ئوماق ئۆيىگە باشلاپ باردىم.
بۇ بىر كۈن چىرايلىق ئائىشە ئۇستازنىڭ ئۆيىدە بەس-بەستە مۇزىكا چېلىپ،ناخشا ئېيتىش بىلەن تىزلا ئۆتۈپ كەتتى.
شۇ ئارىدا مەن بەزىدە گۇرۇپىمىزدىكى دوستلىرىم بىلەن ،بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز،ئائىشە ئۇستازنىڭ ئۆيىگە بېرىپ مۇزىكا ئاڭلاش بىلەن ئۆتكۈزدۈم.لېكىن يەنىلا ئىجادىيەت ئىلھامىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيۋاتاتتىم.
بىر كۈنى ئائىشە ئۇستازدىن سورىدىم.
_ئائىشە ئۇستاز مىنىڭ شۇنداق بارلىق كىشىلەر ياخشى كۆرۈپ ئاڭلايدىغان،بىر مۇزىكا،كۈينى ئىجاد قىلغۇم بار،لېكىن بىلمىدىم مەندە زادى نېمە كەم؟
_قارا قىزىم،سەنئەتكاردا تالانتتىن باشقا چوقۇم ئالاھىدە،ھېچكىمدە يوق «يۈرەك»بولۇشى كېرەك،پەقەت ئۆزۈڭگىلا خاس بولغان «بىردىن-بىر يۈرەك»،.دېدى قولىدىكى دۇتتىرىنى تەڭشىگەچ.
_ئۇنداقتا بۇ «ئالاھىدە بىردىن-بىر يۈرەك» مەندە يوقمىدۇ؟
_سەندە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس قىزىم،سىنىڭ ھاياتىڭ تېخى ئۇ باسقۇچتا ئەمەس.ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تۇرمۇش،ھايات مۇساپىسى ئاندىن بىر ياخشى سەنئەتكارنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.
_قانداق ھايات مۇساپىسى؟سورىدىم مەن ئۇلاپلا.
-ياخشى ئاڭلا قىزم،دەپ دۇتارىنى قويۇپ ماڭا قاراپ سۆزلىدى.
_بارلىق داڭلىق، مەشھۇر،خەلق سۆيگەن مۇزىكانت،ناخشىچى،رەسسام،ئارتىس،يازغۇچىلارغا ئەستايىدىل،ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلساڭ،ئۇلاردا بىر ئورتاقلىق بار.
_نېمە؟
ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم بىر شەكىلسىز،ئىپادىلىگۈسىز نەرسە بار.
_ئۇ زادى نېمە ھەدە؟
_ئازاب....
_نېمە؟؟؟
_ئازاب ،بەختسىزلىك،جاپا-مۇشەققەت،قانلىق ياش،ئېتىراز،تىزپۈكمەيدىغان ئىزچىل ئىرادە.
قارا قىزم،ئادەم بۇلارنى بېشىدىن كەچۈرمىگۈچە ئۇ مەڭگۈ بىر
داڭلىق شەخس بولالمايدۇ.
_ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ياخشى ،يۈرەكنىڭ تارىسىنى چىكەلىگىدەك،باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان مۇزىكا ئىشلىگىلى بولىدۇ؟
_بىر كۈينى قۇراشتۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۆزۈڭ شۇ كۈينى چىن قەلبىڭدىن ياخشى كۆرۈشىڭ كېرەك،ھەرگىزمۇ باشقىلار ئەمەس.مۇزىكا پەقەت ئازابلانغان يۈرەكتىن،ھەقىقىي مۇھەببەتتىن،قايناق ھېسسىياتتىن،ھاياتلىقتىكى ئۆزگۈچىلىكلەردىن كېلىدۇ.سەن بۇلارنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ،ئىشلىگەن مۇزىكاڭ روھسىز ئىنساندەك ھېچكىمنىڭ يۈرەك تارىسىنى چېكەلمەيدۇ قىزم.
شۇنداق،مەن بىلىدىغان نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ تولىمۇ بەختسىز كەچۈرمىشلىرى بار.ئۇلار ئازابلىنىپ باققان،بەختسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان،جاپا-مۇشەققەتلەرنى تارتقان،قانلىق ياشلارنى تۆككەن.يۈكسەك شىجائەتلەر بىلەن ئېتىرازلارنى بىلدۈرگەن،
ئۇنداقتا مەنچۇ؟
مەن تېخى مۇھەببەتلىشىپمۇ باقمىدىم،بەختسىزلىككە ئۇچراپمۇ باقمىدىم،مەندە مۇزىكىدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىگە قايناق ھېسسىيات يوق.
قانداق قىلىش كېرەك؟؟؟
شۇ ئارىلىقتا بىزنىڭ گوروپىمىزنى ئەل-يۇرتقا شان-شۆھرىتى پۇركەتكەن
بىر شىركەت،يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ،ئىچىلىش مۇراسىمىغا مۇزىكا چېلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.بۇ بىزنىڭ گۇرىپىمىزغا نىسبەتەن تولىمۇ خۇشاللىنارلىق پۇرسەت ئىدى.بىز تولىمۇ خۇشال ھالدا قوشۇلدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق.ئويۇن ئاياغلاشقاندىن كىيىن قايتىشقا تەمشىلىۋاتساق،تۇيۇقسىز بىر كېلىشكەن دىرېكتور ياردەمچىسى كېلىپ،كەتمەي تۇرۇشىمىزنى، بىزگە بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىر نەچچە پەدە سازچېلىپ ناخشا ئېيتىپ بېرىشىمىزنى ئېيتتى.
بىز تېخىمۇ خوش بولۇپ ھاياجانلىنىپ كەتتۇق. بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم شەخسى زىياپەتلەردە ساز چېلىشىمىز ئىدى.
بىزگە،جۈملىدىن ماڭا بىر داغدام يول كۆرىنىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. بۇ يىغىلىشنىڭ داڭلىق شەخسلەرنىڭ يىغىلىشى ئىكەنلىگى ئېنىق ئىدى.
بۇ زىياپەت خەلقئارا سودا -ساراينىڭ زىياپەت زالىدا بولۇپ،بۇ چوڭ ھەشەمەتلىك زالنىڭ ئىككى چوڭ ئۈستىلى ھەرخىل نازۇ-نېمەتلەر ۋە ئىچىملىكلەر بىلەن لىق تولغانىدى.سودا ساھەسىدىكى ۋە بەزى ئەمەلدارلار تولىمۇ قىزغىن كەيپىياتتا پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.بىز چالغۇلىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، بىر قۇر سالاملىشىپ ،ھودۇققان ھالدا ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردۇق.ساھىبخان شىركەت دىرېكتورى تولىمۇ گەپدان ھەم سالاپەتلىك بولۇپ،ئۇ قولىغا رومكىسىنى ئىلىپ، بىزنى
_بۇ ئۇكىلىرىمىز،سىڭىللىرىمىزنى مۇراسىمدا كۆردىڭلار ھەقاچان،
بۇ ئۇكىلىرىمىز،سىڭىللىرىمىز يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان،
سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ،ئىختىساسلىق سەنئەتكارلار،بۈگۈن سىلەرنىڭ كۆڭۈل ئارامىڭلارغا ئازراق كۈي مۇزىكا،ناخشىلارنى ئاڭلاپ بېسىمىنى يېنىكلەتكەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇرايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ داستىخاننى سالدىم.ئېچىلىپ ئولتۇرشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،دېدى ھەمدە رومكىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.
شۇنداق قىلىپ بۇساھىپخاننىڭ شۇنداق جىق مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ،ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا بىزنى ماختىشى،ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۇكىلىرىم دەپ ھۆرمەتلىشى بىزنى ھاياجانلاندۇردى.ھەم
سازلېرىمىزنى تەڭشەپ چوڭلار ياقتۇرىدىغان بىر قانچە پەدىگە چېلىپ ناخشا ئىيىتتۇق.ھەم تولىمۇ خۇشال كەيپىياتتا بۈگۈنكى ئويۇن قويۇش ھەققىمىزنى ئېلىپ قايتتۇق.
شۇنۇڭدىن كىيىن،بۇ پۇلدار داڭلىق شەخسلەر بىزنى پات-پات مۇشۇنداق خوشەمەت ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىش سورۇنلىرىغا تەكلىپ قىلىدىغان بولدى.بارا-بارا بۇ سورۇنلار بىزگە خوش ياقمايۋاتاتتى. بولۇپمۇ مەن ئۆز غايەمدىن،ئارزۇ-ئىستەكلىرىمدىن يىراقلىشىپ كېتىپ بارغاندەك قورقۇنۇش ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم.ئاخىرى بىر كۈنى مېنى يىرگەندۈردىغان،كۆڭلۈمگە تولىمۇ ئازار بېرىدىغان ئىش يۈزبەردى.
يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش پۇلدارلار ۋە ئەمەلدارلار يىغىلغان بىر سورۇن
ئىدى.مەن ناخشامنى ئېيتىپ بولۇپ تازىلىق ئۆيىگە چىقتىم.ئارقامدىن
40ياشلار چامىسىدىكى،تاپقان پۇلىنىڭ ھەممىسىنى خۇددى قورسىقىغىلا يەۋەتكەندەك يوغان قورساق بىر پۇلدا چېقىپ مېنى چاقىردى.
مەن ھەيران بولۇپ بۇ ئادەمگە تىكىلدىم.
مەن يا بۇ ئادەمنى تۈزۈك تونۇمىسام،ماڭا زادى نېمە گېپى باردۇ؟دېگەن خىياللارنىمۇ قىلىپ ئۈلگۈردۈم.
_قاراڭ سىڭلىم،دەپ گەپ باشلىدى بۇ ئادەم رەھبەرلەردەك تەلەپپۇزدا.
_سىڭلىم سىزگە دىققەت قىلۋاتقىلى خىلى بولدى،بىر قانچە مېھماندارچىلىقتا مۇزىكا چېلىپ ،ناخشا ئېيتىپ ماڭا تولىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇردىڭىز،مۇشۇ مۇزىكا چالغان قوللىرىڭىز،ناخشا ئىيىتقان ئاۋازىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن، ماڭا تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدىڭىز، خالىسىڭىز سىڭلىم،يېقىندا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساياھەتكە بارماقچى ئىدىم،سىز نېمۇ بىللە ئىلىۋالاي،بىر نەچچە ئاي ساياھەت قىلىپ كۆڭۈل ئېچىپ كىلەيلى،قانداق؟دېگىنىچە قولۇمنى تۇتتى.
كاللامنى توك سوقۇۋەتكەندەك بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ سەسكىنىپ كەتتىم.بۇ ئوغرىنىڭ كۆزلىرىدىن يىرگىنىشلىك بىر مەقسەتلەر چىقىپ تۇراتتى.مەن تىزلا قولىنى سىلكىپ قويدۇرۇۋەتتىم.
ئۇ يەنە،قاراڭ سىڭلىم،مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، ھازىر سەنئەتكارلارنىڭ كۈنىمۇ بەكلا تەس،نام چىقارغان ،كەسىپتەئۇتتۇق قازانغان قايسى بىر سەنئەتچىنىڭ ئارقىسىدا ،بىزگە ئوخشاش پۇل تاپقان،يول تاپقانلار يوق دەيسىز.ئەمدى سىزمۇ كىچىك ئەمەس،بىز ساياھەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن سىزگە چوقۇم بىر ناخشا-مۇزىكا پىلاستىنكىسى ئىشلىتىپ بىرىمەن.
ئېسىل ماشىنىمۇ ئىلىپ بىرىمەن.ھازىرقىدەك سورۇنلاردا،يىغىلىشلاردا ناخشا ئېيتىپ جاپا تارتىپ يۈرمەيسىز،دېگەچ يەنە قولۇمنى تۇتۇشقا ئۇرۇندى.
مەن قورققىنىمدىن تىترەپ ، "ياق بولدى"دېگىنىمچە قېچىپ ھاجەتخانىغا كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋالدىم.قورققىنىمدىن پۈتۈن بەدىنىم تىتىرەيتى. توۋا!!!ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىكەن،مەن زادى نېمىنى خاتا قىلدىم؟
ھاجەتخانىدا ئازراق ئۆزۈمنى بېسىۋالغاندىن كىيىن،گوروپىمىزدىكى يەنە بىر باس گىتارچى بالىغا تېلفون قىلىپ،گىتتارىمنى ئېلىپ قۇيۇشىنى،
تاپىلاپ قايتىپ كەتتىم.
كېچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى.توۋا!ئۇ مىنىڭ دادام دىمەتلىكقۇ،
نېمىشقا ماڭا ئاشۇ گەپلەرنى قىلىدۇ؟مېنى كىم كۆرۈپ قالدى بۇلا...
ئەجەبا،مەن ئۇلارغا بىر شاللاق قىزلاردەك تەسىر بەرگەندىمەنمۇ؟
ۋاي يۈزۈم ...بۇ ئىشنى باشقىلار ئاڭلىسا نېمىمۇ دە ھە؟!دېگەن خىياللار بىلەن ئازاب كاللامنى چىرمىۋالدى.كۆزلىرىمدىن ئۈمىدسىزلىك ياشلىرى توختىماي تۆكۈلمەكتە ئىدى.
ئەتىسى گورۇپا ئەزالىرىنى يىغىپ،ئۇلارغا بۇنىڭدىن كىيىن سورۇنلاردا ناخشا ئېيتماسلىق تەكلىپىنى بەردىم .ئويلىماپتىمەن،گوروپىمىزدىكى ئىككى ئوغۇل ئەزاغا بۇ سورۇنلار خىلى بۇرۇنلا ياقماپتىكەن.يەنە ئىككى قىز ئەزارىمىزمۇ بۇ قارارىمغا قوشۇلدى.
شۇنۇڭدىن كىيىن بىزبارىلىق سورۇنلاردىن كەلگەن تېلېفونلارنى رەت قىلدۇق. لېكىن بىزنىڭ جاپالىق كۈنلىرىمىز باشلىنىشقا باشلىدى.كۈنلەر ئۆتكەنسېرى بىز ئىجارىگە ئالغان يەرئاستى مەشىق ئۆيىمىزنىڭ ئىجارە پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمىگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇرۇپپىمىزدىكى ئۈچ ئەزارىمىزنىڭ يۇرتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزىسىدىن بولۇپ،ئائىلە شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا،بىز ئېختىزاتتىن خىلىلا قىينالدۇق.توختىماي ئويۇن قويۇش پۇرسىتى ئىزدىدۇق، قىشنىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدىمۇ شارائىتى ناچار،ھەتتا بېرىدىغان ھەققى ئاز بولغان كىچىك تىپتىكى سەھنىلەردىمۇ ئامالسىز ئويۇن قويدۇق.پۇل تېجەش ئۈچۈن خىلى يىراق يەرلەرگىمۇ پىيادە بېرىپ پىيادە قايتتۇق.بىزنىڭ ھالىمىز شۇنچە خاراب بولسىمۇ،ھېچقايسىمىز ئۆيدىكىلىرىمىزگە "پۇل بىرىڭلار "دېيىشكە يۈزىمىز چىدىمىدى.چۈنكى ئۇلار بىزنى مۇشۇ ياشقىچە باقتى،ئوقۇش پۇللىرىمىزنى تۆلەپ ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتتى. جەمئىيەتكە چىقىپمۇ ئەمدى قايسى يۈزىمىز بىلەن" پۇل "دەيمىز .
توۋا!مەكتەپتىكى ئاشۇ ئارزۇ-ئارمانلار ،ئوقۇشنى پۈتتۈرسەكلابىزنى خۇددى گۈزەل كېلەچەك كۈتۈپ تۇرىدىغاندەك ئاشۇ تۇيغۇلار قىنى؟
مۇشۇ خىياللار بىلەن كېچىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيۋاتاتتى.كاللامدا خىياللاردىن سىرت،تولىمۇ مۇڭلۇق بىر مېلودىيە ياڭراۋاتاتتى.
بۇ بەلكىم ئائىشە ئۇستاز ئېيتقان "ئىلھام " بولسا كېرەك.
بېشى جۈمەكتىن تېمىپ چۈشۈۋاتقان سۇنىڭ ئاۋازىدەك، ئامالسىز قالغان ،ئۆرتىنىۋاتقان يۈرەك سوقۇشى ،ئېغىر تىنىقلارغا ئوخشايدىغان رىتىم،ئوتتۇرى خۇددى تۆمۈرچىنىڭ قاتتىق،كۈچەپ تۆمۈر ئۇرۇشلىرىدەك ئېتىرازلىق ، ئەۋجىلىك رىتىم. ئاخىرى قەتئىيلىك،سۇنماس ئىرادە،غەيرەت چىقىپ تۇرىدىغان،خۇددى ئېگىز قارلىق تاغلاردىكى ئەكس سادالاردەك جەسۇر ،جەڭگىۋار بىر كۈي ئۇدارلىرى كاللامدا توختىماي تەكرارلىنىۋاتاتتى.
ئالدىمدا گۈزەل ھەم قاراڭغۇ ئورمان،
بۇ ئورمان يىرتقۇچ ھەم غايىگە تولغان.
ئارقامغا ياناي دەپ قايرىلىپ باقسام.
ئارزۇيۇم كۆزلىرى ياشلارغا تولغان.
بولدى قىل ئارزۇيۇم تۆكمە يېشىڭنى،
ياق توختات ئەپسۇسلۇق قاقشاشلىرىڭنى.
سەن ئۈچۈن توختاتماي قەدەملىرىمنى،
ئالماس كەبى ئىرادەم، كۆتەر بېشىڭنى
.
ئالدىمدا گۈزەل ھەم قاراڭغۇ ئورمان،
قەدەملىرىم ئېغىر ھەم تاشلار بوغۇلغان.
ئارزۇيۇم ۋەسلىگە يەتكۈزمەس ئۈچۈن،
يىرتقۇچلار قوقاق سەپ خىرىسلار قىلغان.
بولدى قىل ئارزۇيۇم تۆكمە يېشىڭنى ،
ئەيھانناس قورقمايمەن،كۆتەر بېشىڭنى.
بۇ ئىسسىق يۈرىكىم تىلتۇمار ماڭا،
قىلدىممەن نىيىتلەر قىزغىن سۆيۈشنى
دەرھال قولۇمغا گىتارنى ئىلىپ،تېلېفونۇمنىڭ ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارىنى ئىچىپ،چېلىشقا باشلىدىم. شۇنداقلا توردىن مۇشۇ مۇزىكىغا چۈشىدىغان تېكىست ھەم تېكىستنىڭ ئاپتورىنى ئىزدەپ تاپتىم،بۇشېئىر خۇددى مىنىڭ مۇزىكام ئۈچۈن يېزىلغاندەك نەقلا چۈشكەنىدى.
شېئىرنى يازغۇچىسىنىڭ ئىسمى زۇلپۇقاربۇلۇپ، مەن مەقسىتىمنى بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كىيىن،بۇ شائىر تېلېفون نومۇرىنى قالدۇرۇپ،ئەتىسى ئىزدەپ بېرىشىمنى، يۈزتۇرانە پاراڭلىشىشنى ئېيتتى.
مۇشۇ قىزغىنلىق بىلەن ئەتىدىكى پىلانلارنى تۈزۈپ بىر كېچە ئۇخلىماي چىقتىم.ئەتىسى گورۇپىمىزدىكى ئەزالارنى يېغىپ،ئۇلارغا بۇ" ئىجادىيىتىمنى "ئاڭلاتتم. بۇ مۇزىكا ئۇلارغىمۇ بەكلا يارىدى،ھەمد مېنى ماختىشىپ كەتتى.مەن ئەزەلدىن بۇنداق ھاياجانلىنىپ باقمىغانىدىم.بىز بىرلىكتە بۇ مۇزىكىنى قايتا-قايتا چېلىپ،چالغانسېرى ھاياجانلاندۇق،جانلاندۇق.تېكىستىنىمۇ ناھايىتى تىزلا ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم.
بۈگۈن ناھايىتى سوغۇق بولسىمۇكەيپىياتىم بەكلام ياخشى ئىدى.ئاپئاق
قارلارئاسماندىن تۆكۈلۈۋاتقان مامۇخلاردەك،تولىمۇ گۈزەل يىغىۋاتاتتى.
مەن "شائىر"يىگىتنىڭ ئېيتقىنى بويۇنچە "قوراللىق ساقچى ئەترەت" نىڭ ئالدىدا ساقلاۋاتاتتىم.مەن ئەزەلدىن بۇ يەردە بىرسىنى ساقلاپ تۇرىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم،يۈزلىرىم ،قوللىرىم توڭلاپ ئۆزۈمنىڭ ئەمەستەكلا ئىدى.
خىلى بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن "قوراللىق ساقچى ئەترىتى"ئىچىدىن،بويى ئېگىز، بەستلىك،ئۇچىسىدىكى فورمىسى تولىمۇ ياراشقان بىر ياش يىگىت چىقىپ كېلىۋاتاتتى.مەن كۆڭلۈمدە :
-بۇ كېلىۋاتقان بالا شائىر شۇمىدۇ؟ياق،ئەمەس.شۇنداق ياش بالىنىڭ ئۇنچىلىك شېئىر يېزىشى مۇمكىن ئەمەس،ياق،ھازىرقى يىگىتلەر شېئىر يېزىشقا قىزىقمايدۇ.شۇنداق،ئۇ ئەمەس.قاچانمۇ چىقار؟يە باشقا تەرەپتىن كىلىۋاتامدىغاندۇ؟دېگەنلەرنى ئويلىغاچ باشقا تەرەپلەرگە ئۆرۈلۈپ ئىزدەۋاتاتتىم.لېكىن دەل شۇ بالائارقامدىن كېلىپ:
_سەنەم سىزمۇ؟ دەپ كۈلۈمسىرىدى.
مەن توڭلاپ قېتىپ قالاي دېگەن يۈزلىرىمنى تەستە مىدىرلىتىپ:
_شۇنداق.دېدىم.
_ھە،ئۇزۇن ساقلىتىپ قويدۇم،سەت بولدى.يۈرۈڭ!ئالدىمىزدا بىر تېز تاماقخانا بار.شۇ يەرگە كىرىپ پاراڭلىشايلى،دەپ مېنى بىر غەربچە تېز تاماقخانىغا باشلاپ كىردى.
ئۇھ،"ئاخىرى ئىسسىق يەرگە كىردىم" دەپ ئويلاپ ،ئىچىدىكى ئىسسىق بىر ئورۇننى تاللاپ چاققانلا بېرىپ ئولتۇردۇم.
شائىر يىگىت بېرىپ ئىسسىق قەھۋە بىلەن يەيدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىپ ئۇدۇلۇمدا ئولتۇردى.ھەم مېنىڭ ئەسلىمگە كېلىشىمنى ساقلىغاندەك گەپمۇ قىلماي ئولتۇردى.بىرئازدىن كىيىن قەھۋە ئېچىشىمنى ئېيتتى.مەن ئازراق ئىسسىپ ئەسلىمگە كېلىۋالغاندىن كىيىن،ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ سۆزۈمنى باشلىدىم.
_سەت بولدى،ئالدىراش ۋاقتىڭىزدا كېلىپ سىزنى ئاۋارە قىلدىم.
_ھېچقىسى يوق،قېنى نېمە گەپتى؟توردا ياخشى چۈشىنىپ بولالمىدىم.
_مۇنداق ئىشتى،مەن سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن،نامى چىقمىغان بىر مۇزىكانت. تېخى تۈنۈگۈن ئىلھامىم كېلىپ قېلىپ بىر مۇزىكا يازغان،بۇ مۇزىكامغا توردىن تېكىست ئىزدەپ،سىزنىڭ شېئىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇردۇم. بۇ شېئىرىڭىزنى مېنىڭ مۇزىكام ئۈچۈن يازغاندەكلا قىلىسىز.شۇ سەۋەبتىن سىزنىڭ شېئىرىڭىزنى مۇزىكامغا تېكىست قىلاي دېگەن،لېكىن مەن تېخى يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ سىزگە بەرگىدەك پۇل تېپىپ بولالمىدىم.لېكىن خالىسىڭىز ماڭا ياردەم قىلىپ شېئىرىڭىزنى ئىشلىتىشىمىزگە قوشۇلغان بولسىڭىز،كىيىن پۇل تاپقاندا قەلەم ھەققىڭىزنى بەرسەم،دېدىم مەن تولىمۇ ئەستايىدىل يېلىنىش تەلەپپۇزىدا.ھەم ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلدىم.
_ۋاي شۇ ئىشمىدى،شۇنداق جىددىي كۆرۈشىمەن دېسىڭىز نىمەبولغاندۇ؟دەپ ھەيران قاپتىمەن.مەيلى ،ھېچقىسى يوق،ئىشلىتىڭ،مەنمۇ بۇ شېئىردىن باشقىلار پايدىلانسۇن دەپ تورغا يوللىغان،دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ھەراست،ناخشىڭىز پۈتكەندىن كىيىن ماڭا ئەۋەتىڭ جۇمۇ؟
_بولىدۇ.چاتاق يوق،ئەلۋەتتە.
مەن قەھۋەنى تېزلا ئېچىۋېتىپ،رەھمەت ئېيتىپ خۇشال ھالدا قايتىم .ھەم بۇ خۇشاللىقنى دوستلىرىمغا يەتكۈزدۈم.
شۇ ئارىلىقتا بىزقىزغىن كەيپىياتتا مەشىققە چۈشۈپ كەتتۇق.لېكىن ئالدىمىزدا مۇھىم بىر مەسىلە تۇراتتى.ئۇ بولسىمۇ بۇ ناخشىنىڭ ئاۋازى بىلەن مۇزىكىسىنى چوقۇم، كەسپىي ئۈنگە ئېلىش ئۆيىدە ئۈنگە ئېلىشقا توغرا كېلەتتى.بۇنىڭغا ئازدىگەندىمۇ نەچچە مىڭ يۈەن بولمىسا بولمايتتى. بۇ مەسىلە ھەممىمىزنىڭ بېشىنى بەكلا قاتۇردى.
بىز بارلىق يېقىن دوستلىرىمىزغا تېلېفون ئۇرۇپ،بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتنى ئېيتىپ قەرز ئالماقچى بولدۇق.لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىدى.
توغرا ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش تېخى باشلاش باسقۇچىدا ئەمەسمۇ؟قانداقمۇ قىلامىز؟ھەي!!!!!!!!!!
شۇ بىر نەچچە كۈن مەن ئۆيدە ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋېلىپ،تېلېفون دەپتىرىمدىكى تونۇشلارنىڭ ھەممىسىگە تېلېفون قېلىپ چىقتىم.يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى.
بىر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىكىلىرىم بىلەن بىرگە ناشتا قىلىپ بولۇپ سومكامنى ئېلىپ سىرتقا چىقتىم.ھەم مەھەللىمىزدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.يانفونۇمنى ئېلىش ئۈچۈن سومكامنى ئاچسام بىر تۇتام پۇل تۇراتتى.كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،ساناپ باقسام نەق 5000يۈەن بولۇپ،كۆزلىرىمگە ھاياجان ياشلىرى كەلدى.ۋە دادامغا تېلېفون قىلدىم.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دادا...ئاۋازىم تىترەپ چىقىۋاتاتتى.
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم،نېمە ؟ئاۋازىڭىز بىرخىللا چىقىدىغۇ؟نېمىش بولدى قىزىم؟
_شۇ دادا سومكىدىكى پۇلنى كۆرۈپ شۇ....
_ھە ،شۇنىڭغىمۇ كۆڭلىنى يېرىم قىلامدۇ قىزىم،خوش بولسىڭىز بولاتتى ئەسلى،ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىز سىزنى خوش قىلۋىتەيلى دېگەن.
_ھە، دادا، شۇ بەك خوش بولۇپ كېتىپ ھەم تەسىرلىنىپ
يىغا تۇتۇۋاتىدۇ.
_قاراڭ قىزىم،ئالدىنقى كۈنى ئۇكىڭىز سىزنىڭ ناخشىڭىزنى ئۈنگە ئېلىش ئۈچۈن پۇل لازىم بولۇپ،باشقىلاردىن قەرز سوراۋاتقانلىقىڭىزنى، سىزگە ئىچى ئاغرىغانلىقىنى ئېيتتى .شۇڭا ئاپىڭىز بىلەن مەن سىزگە ياردەم قىلايلى دەپ سومكىڭىزغا سېلىپ قويدۇق.قولىڭىزغا بەرسەك خىجىل بولۇپ قالارمىكىن دىدۇق.
_شۇ دادا چوپچوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ سىلەردىن پۇل ئېلىپ يۈرۈيمەن.مەن بەك خىجىل دېگىنىمچە يىغلىۋەتتىم.
_جىنىم قىزىم،نېمىگە يىغلايسىز؟سىز مەيلى قانچىلىك چوڭ بولۇڭ ھامىنى بىزنىڭ قىزىمىز،مەڭگۈ قىزىمىز،بىز سىزگە ئىشىنىمىز،دېدى دادام تولىمۇ ئىللىق تەلەپپۇزدا.
_رەھمەت دادا
_رەھمەت دېمەڭ قىزىم،بىزمۇ چوڭ ئىشلارنى قېلىپ بېرەلمىدۇق،لېكىن ھەر ۋاقىت سىزنىڭ غېمىڭىزنى يەيمىز،تىرىشىڭ قىزىم.نەتىجىسى قانداق بولسا بولسۇن ،جەريان مۇھىم.مەن سىزگە ئىشىنىمەن،سىز چوقۇم ئۇتۇق قازىنىسىز،بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز .دېدى دادام
تېلېفوننى قويۇپمۇ ھاياجان،خۇشاللىق ياشلىرىم كۆزلىرىمدىن تۆكۈلدى. مەن ئاتا-ئانامنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم
رەھمەت سىلەرگە.............
بىرقانچە كۈندىن كىيىن بۇ تۇنجى ئىجادىيىتىمنى ئاخىرى پۈتتۈردۈم.ھەمدە سەنئەت مەكتەپتىكى رەسسام،ئوپېراتور،دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە بىز ئىجارىگە ئالغان يەر ئاستى ئۆينى تولىمۇ سەنئەتلىك ياساپ،كۆرۈنۈشنىمۇ ئېلىۋالدۇق.ھەم كىرىشتۈرۈپ،ھەر قايسى تور تاراتقۇلاردا تارقاتتۇق.
ئوننەچچە كۈنگىچە دوستلىرىمىز ئۇرۇق تۇغقانلىرىمىزنىڭ ماختىشىدىن باشقا ئۇنۇم بولمىغاندەك قىلاتتى. نەق 20-كۈنىگە كەلگەندە يانفونۇم تۇيۇقسىز جىرىڭلىدى.بۇ تېلېفون دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن تالانتلىق ناخشىچى،مۇزىكانتلار،ئارتىسلارنى خەلققە تونۇتقان،بىر داڭلىق ئۈن-سىن شىركىتى بولۇپ،تىلفۇندا بىزنىڭ ناخشىمىزنىڭ توردىكى كۆرۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىگى،بىز بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ خۇشاللىق بىزگە تولىمۇ تەستە ھەم تۇيۇقسىز كەلگەنىدى.
مەن خۇشاللىقىمدىن ئۆزۈمنى باسالماي شائىر يىگىتكە ئۆزۈممۇ بىلىپ-بىلمەي تېلېفون قىلدىم.
_ ياخشىمۇ؟دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى باسالماي سۆزلەپ كەتتىم.
_زۇلپىقار سىزگە كۆپ رەھمەت،بىزنىڭ ناخشىمىز توردا ئوتتەك قىزىق نۇقتا بولۇپ كېتىپتۇ،ھازىر ماڭا بىر شىركەتتىن توختام تۈزۈش توغرىلىق تېلېفون كەلدى.مەن بەك ھاياجانلىنىپ ئۆزۈمنى باسالمايۋاتىمەن.سىزگە كۆپ رەھمەت،سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتسام بولا؟
_ بەك رەھمەت ئېيتقىڭىز بولسا،ۋاقتىڭىز چىققاندا ماڭا ئاشۇ ناخشىنى
ئايېرىم چېلىپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ.مۇشۇ ماڭا رەھمەت ئېيتقىنىڭىز بولۇپ قالسۇن قانداق؟دېدى ئۇ شائىر يىگىت.
_بولىدۇ،چاتاق يوق .دېدىم مەن چاققانلا.
_ئالدىمىزدا سىز دەم ئالغان بىر كۈنى چېلىپ ئېيتىپ بېرەي،قاچان دەم ئالىسىز؟
_ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى بىر كۈنلا دەم ئالىمەن،سىزنىڭچىچۇ؟
_بولىدۇ.ئەمسە يەكشەنبە كۈنى تېلېفون قىلاي قانداق؟
_ماقۇل.
خوشلىشىپ تېلېفوننى قويۇپ تۇرۇشۇمغا،گوروپىمىزدىكى دوستلىرىم بىرخىل گۇمان ئارىلاش كۈلكە نەزىرى بىلەن ماڭا چاقچاق قىلىشقا باشلىدى.
_ھە سەنەم قىز،تىنىچلىقتۇ؟بۇ خۇشخەۋەرنى ھەجەپ بىرىنچى بولۇپ شائىر يىگىتكە يەتكۈزدىڭىز،بىز بىلمەي قالغان بىرە ئىش يوقتۇ؟ئەمدى مۇھەببەت مېلودىيەسىنى ئوينايمىزمۇ نېمە؟.دېگىنىچە مېنى خىجىل قىلىپ كۆزۈمگە كىرىشىلىۋىلشتى. مەن:
_نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسىلە،ئۇ بالا شېئىرىنى بىزگە بىكارغا بېرىپ بىزگە چوڭ ياردەم قىلدى. دېگىنىمچە يۈزلىرىم قىزىپ، قىزىرىپ كەتتىم.
ئۇلار يەنىلا مېنى ئۇنى-بۇنى دېيىشىپ گەپتە سوقۇشۇپ كۈلۈشتى.
شۇنداق قېلىپ بۇ بىرقانچە كۈن توختام تۈزۈش،ھەرخىل پىلان يىغىنلىرى بىلەن تىزلا ئۆتۈپ كەتتى.يەكشەنبە كۈنى مەن ئۆزۈممۇ ھېس قىلمىغان ھالدا ئەينەككە قاراپ ياساندىم.نەزىرىمدىكى ئەڭ چىرايلىق كىيىمىمنى كىيىپ،يەر ئاستى مەشىق ئۆيىمىزگە قاراپ چاپتىم.بۈگۈن مەشىق ئۆيىدە ھېچكىم يوق بولۇپ،جىمجىت ئىدى.مەن ھەيران بولۇپ رەشىدەگە تېلېفون قىلدىم.
_ۋوي قىزچاق كەلمەيسىلەر؟
_ۋاي سەنەم گۈلۈم،بۈگۈن سىزنىڭ شائىر يىگىتىڭىز كېلىدۇ ئەمەسمۇ،شۇڭا بىر كۈن دەم ئالايلى دېيىشتۇق.شائىر يىگىتىڭىزگە ئۆزىڭىز بىر قوللۇق،مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتىپ بەرمەمسىز.
_ھەجەبكەنسىلەر،ئۇ بالا مىنىڭ يىگىتىم ئەمەس، بىلىپ تۇرۇپ.
_ھە،بولمىسا بولۇپ قالار،ئىشقىلىپ بىزبۈگۈن دەم ئالىمىز ئۆزىڭىز قاراپ بىر ئىش قىلاسىز.
_بەك ئەسكىكەنسىلە،بوپتۇ ئەمسە ،خوش.
_تېلىفوننى قويۇپ بىر خىل ئىللىق سېزىم بىلەن مىيىقىدا كۈلدىم.
شائىر يىگىتمۇ ئۇزۇنغا قالمايلا يېتىپ كەلدى.ئۇ ئۇچىسىغا ئادەتتىكى كىيىمىنى كىيىۋالغان بولۇپ،بۈگۈن كۆزۈمگە تولىمۇ كېلىشكەن كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى.
بۇ مىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇھەببەت ئوتى تۇتاشقان ئۇچۇرىشىشىم بولغاچقا،پۇت-قوللىرىم قولاشمايۋاتاتتى.ھەتتە مەشىق ئۆيىمىزنىڭ ئوتتۇرىدا تىزىلغان سازلارنى نەچچە قېتىم ئۆرۈپ بولدۇم.
ئۇ يىگىتمۇ مىنىڭ ھودوقوۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدى بولغاي سۆز باشلىدى.
_ھە راست،ئەۋەتكەن ناخشىڭىزنى ئاڭلىدىم،مۇزىكىسى ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ،باشقىلارنىڭمۇ ياخشى كۆرىدىغىنىغا ئېشىنەتتىم،باشقا ئىشلار قاندىقاراق؟
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مەنمۇ جىددىيلىشىشتىن توختاپ،سۆزلەشكە باشلىدىم.
_ئىشلاما ؟شۈكرى،ئىشلا بەكلا ياخشى،ئالدىنقى كۈنى بىر شىركەت بىلەن توختام تۈزىدۇق.بىر مەزگىل كوللېكتىپ مەشىق ۋە ئۆگىنىشتىن كىيىن،ھەرقايسى باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ ئويۇن قويىدىكەنمىزشۇ،دېدىم مەن تولىمۇ ھاياجانلانغان تەلەپپۇزدا.
_ھە ياخشى بوپتۇ،ئەمدى ناخشىڭىزنى ئاڭلاي،قاندا؟
مەن كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ،گىتارىمنى قولۇمغا ئىلىپ بۇ تۇنجى ئەسىرىمنى ،يۈرىكىم تۇنجى قېتىم ئىتتىك سوققان بۇ يىگىتكە سازىمنى چېلىپ،ناخشامنى ئېيتىشقا باشلىدىم.بۇ قېتىم مەن چىلىۋاتقان بۇ مۇزىكا،ئېيتىۋاتقان ناخشا تولىمۇ نازۇك مۇھەببەت تۈسىنى ئالغان بولۇپ،بۇ "تۈس"نى ئۇ يىگىتنىڭ قەلبىمۇ تۇيدى بولغاي،ئۇمۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇراتتى.
توۋا، بۇسىزىم مەندە ھېچ قاچان بولۇپ باقمىغان بىرخىل ئىللىق ھەم تاتلىق سېزىم بولۇپ،يۈرىكىمنىڭ سوقۇشى ئۆزۈمگە ئاڭلىنىۋاتاتتى.يۈرىكىمنىڭ سوقۇشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بولسام كېرەك،گىتارىمنىڭ تارىلىرىنى كۈچەپ ئۇرۇپ چېلىپ،جىمجىتلىقنى بۇزىۋاتاتتىم.
ناخشامنى تۈگەتتىم،ھەم بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم،شائىر يىگىت ماڭا قاراپ ھاڭۋىقىپلا ئولتۇراتتى،يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى بولغاي،قىززىغىنىدىن يەرگە قارىۋالدىم،يىگىت ئەسلىگە كېلىپ،چاۋاك چېلىپ:
_بەك ياخشى چالدىڭىز،ئاۋازىڭىزمۇ بەك يىقىملىقكەن،دەپ ماختىدى.
بۇ ماختاش مېنى قەۋەتلا خوش قىلىۋەتتى.ئۆزۈمنى ئارانلا بېسىپ "رەھمەت"دېدىم مەن نازۇك ئاۋازدا.
شۇ ئەسنادا ئىككىمىز قىزغن پاراڭلاشتۇق، مەن گورۇپىمىزنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر چۈشەندۈردۈم.ئۇ يىگىتمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەدەبىياتتا ئوقۇغۇسىنىڭ بارلىقىنى،كىيىن ساقچى-ئوفىتسېرلار ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ،ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى،ئىشتىن سىرت ۋاقىتلاردا، يېزىقچىلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.بىز ئۇزۇن پاراڭلاشقاندىن كىيىن بىرلىكتە تاماققا باردۇق،ھەم يەنىلا قىزغىن پاراڭلاشتۇق،ئۇ مىنىڭ ئاغزىمدىن گورۇپىمىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن قۇرۇلۇش،ۋە كىيىنكى مۇساپىمىزدە يولۇققان قىيىنچىلىقلار ۋە قىزىقارلىق ئىشلار،خۇشاللىقلىرىمىز جەريانلىرىنى ئاڭلاپ بىزگە قايىل بولغانلىقىنى ئېيتىپ،مېنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز پاراڭلىشىۋېتىپ كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالدۇق.
شائىر يىگىت مېنى ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويغاچ،مەن بىلەن داۋاملىق ئىزدىشىپ،سىردىشىپ،تېخىمۇ يېقىن دوستلاردىن بولغۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.مەنمۇ خىجىل بولۇپ، ئالمىدەك قىزىرىپ تۇرۇپ قوشۇلدۇم.
شۇنداق قىلىپ بىزخىلى بىر مەزگىل تېلىفونلۇشۇپ،كۆرۈشۈپ يۈردۇق.
ئۇ يىگىت مېنى تولىمۇ گۈزەل يەرلەرگە ئاپىراتتى،ھەم ھايات توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى.مەن ئۇنىڭ ھايات پەلسەپەلىرىنى ئاڭلىغاچ،ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇشنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم.مەنمۇ ئۇنى ناخشىلىرىم ۋە قىزىق گەپلىرىم بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ،كۈلدۈرۈۋېتەتتىم،بەزىدە ئۇ ئىچى كۈيۈپ كەتسە مەڭزىمنى چىمداپ ياكى بوينۇمنى بىر قولى بىلەن يېنىك سىقىپ ئەركىلىتەتتى.بەزىدە چاقچاق قىلىپ جىلەمۇ قىلاتتى،مەن ئاچچىقىم كەلگەندەك دومسىيىپ چىرايىمنى تۈرۈۋالغاندەك قىلساممۇ،ئۇنىڭ بارلىق ئەركىلىتىشلىرىنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم.
توغرا...مەن مۇھەببەتلەشتىم.
ھەش-پەش دېگۈچە بىزنىڭ تەربىيەلىنىش ۋاقتىمىز توشۇپ،باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ سەييارە ئويۇن قويۇش ۋاقتىمىزمۇ كېلىپ قالدى.مەن ئۆيدىكىلىرىم ۋە شائىر يىگىتىم بىلەن خوشلىشىپ،گۇرۇپپىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ بۇ سەپەرگە ئاتلاندۇق.
ھەرقايسى ناھىيە ۋە شەھەرلەردە ئويۇن قويۇشىمىز ناھايتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇۋاتاتتى،بىزنىڭ كىرىمىمىزمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى،ھەمدە نۇرغۇن شىركەتلەر بىزنى مەھسۇلات ئېلانلىرىغا تەكلىپ قىلىشتى. بىزنىڭ كۈندىلىك ئىش تەرتىپىمىز ۋاسىتىچى شىركەت تەرىپىدىن ناھايىتى تولۇق ئورۇنلاشتۇرىلغان بولۇپ،كۈندە بىرە قېتىم ئۆيگە ياكى شائىر يىگىتىمگە تېلىفون قېلىش پۇرسىتى چىقاتتى.كۆڭلۈمدىكى سېغىنىش بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. بىزنىڭ سەھنىلەردە ئويۇن قويۇش قېتىم سانىمىز كۆپەيگەنسېرى بىزنى تونۇيدىغانلار ۋە قوللايدىغانلار كۆپىيىپ بىزنى تېخىمۇ خۇشال قىلىۋاتاتتى.بىز بىلەن بىللە ئويۇن قويۇشقا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى ناھايىتى چىرايلىق بىز ئۇسۇلچى قىز بار بولۇپ،بۇ قىز مېنى ياخشى تونۇمىسىمۇ ماڭا بەكلا يېقىنچىلىق قىلاتتى.مەنمۇ بۇ قىزغا ئۆز يولىدا ،قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلاتتىم،ياكى كۆڭۈل بۆلەتتىم.بىز بىر-بىرىمىزگە ئىچ سىرلىرىمىزنى تۆكىدىغان، خىلى ياخشى دوسىتلاردىن بولۇپ قالغانىدۇق.
بىز ئاخىرى سەييارە ئويۇن قۇيۇش سەپىرىمىزنى تۈگىتىپ،قايتىپ كەلدۇق.ئۆيدىكىلەر بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ بولۇپ،شائىر يىگىتىمنىڭ خىزمەت ئورنىغا چاپتىم.ئۇنىڭ خىزمەت تۈزۈمىنىڭ قاتتىق بولۇشى سەۋەبىدىن،ئۇ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئاران چىقتى.مەن ئۇنى كۆرۈپ،كۆزلىرىمگە لىق ياش ئالدىم،ھەم باغرىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم.ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىتتىك سېلىشى،تىنىقلىرىنىڭ تىزلىشىشى،ئاغزىغا گەپ كەلمەيۋاتقانلىقىدىن مېنى بەكلا سېغىنغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بىز تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن تېز تاماقخانىدا ئولتۇرۇپ، تۈزۈك پاراڭلاشمايلا ئۇنىڭ بىر سائەت رۇخسەت سورىغان ۋاقتى توشۇپ قالدى.بىز بىر-بىرىمىزگە كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. خۇددى باھارنىڭ مەيىن شاماللىرىدا يەلپۈنۈۋاتقان يوپۇرماقلارنىڭ ئاۋازىدەك لىرىك بىر رىتىم قۇلاق تۈۋىمدە ياڭراۋاتاتتى.
كۈزۈمنى يۇمساملا ئۇنىڭ سېماسى،
يۈرىكىم ئۇنىڭغا تەشنا باھانەسى.
نازۇك تەن ئۇنىڭغا ئەسىر خانەسى،
پاك سۆيگۈم ئۇنىڭغا قەقنۇس بالەسى.
ئىللىق بىر سېزىم ۋۇجۇدۇمدا،
قايناق ھېسسىيات ۋولقانلىماقتا.
مۇھەببەت ئەپسۇنلىرى ئوقۇلماقتا،
يۈرىكىم ئەپسۇن بىلەن شۇڭغۇماقتا.
كۆزلىرىم تەشنا بولۇپ سىلجىماقتا،
ئەي جىنىم سەن ئۈچۈن سەنەمدۇرمەن.
2016-يىل 20-ئاپرىل ئۈرۈمچى
قارلۇق مىدېيا پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئولىيەت شىركىتىدىن_- خەيرىگۈل خېلىل ئىبراھىم ئالاقىلىشىش نومۇرى:18699123017
|