- تىزىملاتقان
- 2015-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2081
- نادىر
- 2
- يازما
- 31
ئۆسۈش
100%
|
مىسىر سېتىلماقتا
باراك بارفى (ئامېرىكا)
سۈبھى باغداش تەرجىمىسى
سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان 4-ئاينىڭ بېشىدا مىسىرنى زىيارەت قىلىپ 22 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى، 22 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق نېفىت كېلىشىمى بىلەن مىسىرنىڭ ھالاكەتكە يۈز تۇتقان ئىقتىسادىنى يۆلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما بۇنداق كەڭ قورساق ياردەم ئېغىر بەدەل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ: مىسىر 1950-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان مىسىرغا بۆلۈپ بەرگەن قىزىل دېڭىزدىكى ئىككى ئارالدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ ئىش مىسىر رەھبەرلىرىنىڭ مىسىر يەنىلا رايونلۇق چوڭ دۆلەت دېگەن سەپسەتىسىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەمەلىيەتتە، مىسىر ھەتتا نورمىدىن ئارتۇق تولۇقلىمىغا تايىنىدىغان تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان نوپۇس پەيدا قىلغان دۆلەت ئىچىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز، غازاتچى ئۇنسۇرلار بۇ ۋەزىيەتتىن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك پايدىلاندى. مىسىر زادى قانداق بولۇپ شۇ ھالغا چۈشۈپ قالدى؟
مۇھەممەد ئەلى 1807-يىلى ئەنگلىيەلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ مىسىرنى بىرىنچى ئەمەلىيەتتىكى مۇستەقىل ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ئەمما ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل بۇ مۇستەقىللىقنى ئۆز مەيلىچە ئىسراپ قىلىپ، ئىزچىل بۈگۈنگىچە داۋاملاشقان سىرتنىڭ ياردىمىگە تايىنىشىنى پەيدا قىلدى.
ئالدى بىلەن، ئىسمائىل 1875-يىلى مىسىرنىڭ سۇۋەيش قانىلىنىڭ پاي ھوقۇقىنى سېتىپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئەمەلىيەت بۇنىڭ مالىيە يوچۇقىنى ئېتىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندا، ياۋروپالىق قەرز ئىگىلىرى قەرز قايتۇرۇۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان كومىتېت قۇردى. 1877-يىلغا كەلگەندە، مىسىرنىڭ %60دىن ئارتۇق كىرىمى قەرز قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلدى. 1882-يىلى، ئەنگلىيە مىسىردىكى مەبلىغىنى قوغداش ئۈچۈن مىسىرنى كونترول قىلدى.
مىسىرنىڭ ئەنگلىيەگە تايىنىشى جامال ئابدۇ ناسىر 1952-يىلى ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا ئاندىن ئاخىرلاشتى. ناسىر قۇچىقىنى كەڭ ئېچىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى قارشى ئالدى، سوۋېت ئىتتىپاقى مىسىرغا ئىلغار قورال-ياراقلارنى تەمىنلىدى. 1970-يىلى ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيەسى ئىسكەندەرىيە (ئالېكساندىرىيە) پورتىنى رۇس تىلى ئىككىنچى تىل بولغان رېئاللىقتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
بۇنىڭدىن سىرت، جامال ئابدۇل ناسىر يەنە بەدىلى ئېغىر خەلقچىل ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويدى. ئۇ بيۇيوكرات ئورگانلارنى كېڭەيتتى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن بىكار ئولتۇرىدىغان ھۆكۈمەت خىزمىتى بەردى؛ بۈگۈنكى كۈندە، ھۆكۈمەت مىسىردىكى %24 ئەمگەك كۈچىنى ياللاپ ئىشلەتمەكتە. ناسىر بولكىدىن تارتىپ نېفىتقىچە بولغان بارلىق تاۋارلارغا تولۇقلىما بەردى، 2013-2014 يىللىرى GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.1كە يەتتى. 2014-2015 يىلى %81 خام چوت قەرز قايتۇرۇش، تولۇقلىما ۋە مائاش بېرىشكە ئىشلىتىلىپ، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىقتىسادىي ئېشىشتا ھەل قىلغۇچ مۇھىم بولغان مائارىپ ۋە باشقا مەبلەغ سېلىشلارنى ئىگىلىۋالدى.
يۇقىرىقى بارلىق ئامىللار مىسىرنىڭ چەتئەل ياردىمىگە بولغان جىددىي ئېھتىياجىنى ئېغىرلاشتۇردى. ھەمدە ئەمەلىيەتتە، گەرچە ناسىردا سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىللىق بولسىمۇ، تاكى 1967-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ئاپەت خاراكتېرلىك ئۇرۇشى مىسىر-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئىلگىرى، مىسىر ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ سىرتقا قاراتقان ياردىمىدىكى ئەڭ چوڭ قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ كەلگەن ئىدى. ھەربىي جەھەتتە ئىسرائىلىيەگە خىرىس قىلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇچقۇچىلىرى سۇۋەيىش قانىلى ھاۋا بوشلۇقىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاۋا ئۇرۇشى قىلدى. جاھانگىرلىك ۋە ئىقتىسادىي بېقىندىلىقىنى تەنقىد قىلىشقا ئامراق ناسىر ئۆز قولى بىلەن ئۆز دۆلىتىنى بېقىندى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
ناسىرنىڭ ۋارىسى ئەنۋەر سادات ئەركىنلەشتۈرۈش ئارقىلىق مىسىر ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇپ، ئىسرائىلىيە بىلەن يارىشىشنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشتىن ۋاز كېچىپ، غەربىي ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا مايىل بولماقچى بولدى. ئۇ بۇ سەۋەبلىك ھەر يىلى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ياردەم مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەمما مىسىر نوپۇسىنىڭ يىللىق كۆپىيىشى %2.2 بولغاچقا، غايەت زور بۇ ياردەم پۇلىمۇ خىراجەتكە يەتمەيتتى.
بۈگۈنكى كۈندە، مىسىر ئوخشاشلا ياۋروپا ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تەمىنلىگەن ياردەمگە تايىنىدۇ، ياردەم يوللىرى ئەرەب ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات فوندى، ئەبۇزابى تەرەققىيات فوندى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تەرەققىيات فوندى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەرەب ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۇۋەيت فوندى جەمئىيىتى مىسىرغا 2 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تەمىنلىدى (بۇنىڭدا %50دىن ئارتۇقى ھەقسىز ياردەم)، مىسىرمۇ شۇڭا مەزكۇر ئورگاننىڭ ئەڭ چوڭ ياردەم قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت بولۇپ قالدى. يۇقىرىدا دېيىلگەن ياردەم ئاساسىي ئەسلىھە تۈرىگە مەبلەغ سېلىش ۋە خام چوت ۋە ئىقتىسادنى قۇتقۇزۇش مەبلىغى تەمىنلەش ئارقىلىق مىسىر ئىقتىسادىدا يۆلەش رولىنى ئوينىدى. بەزىدە يۈز بېرىدىغان قەرز ئۆچۈرۈشمۇ ياردەم تەمىنلىدى.
مىسىرلىقلار ئۆز دۆلىتىنىڭ مالىيە قىيىنچىلىقىنى ناھايىتى ئاز ئاڭلايدۇ. ئەكسىچە، ھۆكۈمەت كونترول قىلغان مېدىيەلەر يېڭى كۆۋرۈكنىڭ پۈتكەنلىكى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاشقانلىقىنى ماختاپ ئۇچۇرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا مىسىرنىڭ رايون ئىشلىرىدىكى رولىنى تەكىتلەيدۇ، مەسىلەن ئۈچەك ھالىتىگە كىرىپ قالغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىقى مۇساپىسى ھەمدە بىر يەرگە توپلىۋالغان لىۋان ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار.
بۇنداق تەشۋىق قىلىش مىسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە قۇدرەتلىك ۋە ئۆزگىچە ئورۇنگە ئىگە ئىكەنلىك ئەپسانىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر. جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، باشقا كۆپ ساندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە (بولۇپمۇ يەمەن ۋە لىۋان) ئوخشىمايدىغىنى، مىسىرنىڭ قەدىمىي پىرئەۋىن ئىمپېرىيەسىنى مەنبە قىلغان مىللىي تونۇش تۇيغۇسى بار. مىسىرنىڭ بىر خىللاشقان نوپۇسى (سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار %90دىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ)مۇ مىسىرنى ئىراق ۋە سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى چىرمىۋالغان مەزھەپ توقۇنۇشىدىن ساقلاپ قالغان ھەمدە كۈچلۈك مەركىزىي ھاكىمىيەت قۇردى.
ئەمما مىسىر رەھبەرلىرى توقۇپ چىقارغان رايونلۇق رەھبەرلىك ھېكايىسى ئاڭلىماققا بارغانسېرى پۈچەك بىلىنىدۇ. ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن 750 مىڭ مىسىرلىق ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۆتمۈشتىكى شان-شەرەپنى ئاساس قىلغان قۇرۇق ۋەدە ئەمەس، ئۇلار خىزمەتكە ئېھتىياجلىق. زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن ساياھەتچىلىك قىلىدىغان كەسپىگە پۇختا ئەمەس ئەمگەك كۈچى چەتئەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ قايتىدىن كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. زاۋۇت ئىشچىلىرى ئىنتىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىمۇ يەرلىك ئىشسىز ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى ساقلاپ قېلىشقا ئامالسىز.
مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ سىسى بۇ جىددىي ئېھتىياجلارنى قاندۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە زېمىننى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، دۆلەتنى يۆلەشتە ئېھتىياجلىق ياردەمگە ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئەمما ئوتتۇرا شەرق سىياسىيسىدىكى نۆل يىغىندىلىق ئويۇندا، بىر تەرەپنىڭ زىيىنى باشقا بىر تەرەپنىڭ پايدىسىدۇر. بۈگۈنكى مىسىرنىڭ ئەھۋالىدا، ئاممىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ئۈمىدىنىڭ يوققا چىقىشىدا ئەڭ چوڭ مەنپەئەتلەنگۈچى ئاشقۇن تەشكىلاتلاردۇر.
ئاشقۇن ئۇنسۇرلارنىڭمۇ: ھازىرقى زامان دېموكراتىك دۆلەتلەر ئەرەبلەر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ، دېگەندەك ئۆزىگە تۇشلۇق چۈشەنچە بېرىشى بار. بۇ ھەر كۈنى مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرغان ئاممىدا كۈچلۈك ھېسداشلىق ئويغاتتى. ئىسلام دىنىنىڭ ئۆتمۈشتىكى شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېتىبار بېرىش پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مەڭگۈ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغان بىر رايونلۇق چوڭ دۆلەت قۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى.
مىسىر رەھبەرلىرى يەنىلا بۇ خەتەرلىك ھېكايىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە ئىقتىدارىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. ئەمما ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، ئۇلار چوقۇم مىسىرنىڭ ئىقتىدار چېگراسىنى بىلىپ يېتىشى كېرەك. بارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قاتتىق قەدىرلەيدىغان دۆلەتتە، رايونلۇق چوڭ دۆلەت ئەپسانىسى تېز سۈرئەتتە يوقايدىغان قالدۇق بولۇشى كېرەك.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: باشقا تور بەت ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە، ھەرقانداق شەخس ۋە ئورگانلارنىڭ توپلام قىلىپ ئىشلىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
|
|