بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elyuksel تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-4-30 18:44
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ساقلىنىدىغان 13 ئىش
ئەليۈكسەل
دۇنياغا داڭلىق كارخانىچىلار ژۇرنىلى «فوربىس» (Forbes) نىڭ ماقالە ئاپتورى، پىسخولوگىيە دوختۇرى ئەيمى مورىن (Amy Morin) خانىم 2014-يىلى «روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ساقلىنىدىغان 13 ئىش» دېگەن ئىسىمدا بىر كىتاب چىقارغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدا ئاشۇ 13 ئىشنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بەدەن ساغلاملىقىغىلا ئەھمىيەت بېرىپ، روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ھالقىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۈستىدە توختالغان نۇرغۇن ماقالىلەر پەقەت كەسكىنلىك، جاسارەتلىك، ئۈمىدۋارلىق ۋە يېڭىلمەسلىك ئىقتىدارلىرىنىڭ گېپىنىلا قىلىدۇ. ئەمما، بىز روھىي جەھەتتىكى كۈچلۈكلۈكنى روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر قىلىشتىن ساقلىنىدىغان ئىشلار ئارقىلىقمۇ تونۇپ يېتەلەيمىز. تۆۋەندىكىسى روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ساقلىنىدىغان 13 ئىشتىن ئىبارەت.
1-رەسىم: ئەيمى مورىن 2014-يىلى چىقارغان «روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ساقلىنىدىغان 13 ئىش» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى.
1. قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۆزلىرى پەيدا قىلغان ئەھۋاللار ئۈچۈن پۇشايمان قىلمايدۇ، ياكى ئۆزلىرى يولۇققان مۇئامىلىلەر ھەققىدە كۆپ ئويلىنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، تۇرمۇشتا ئادىل بولمىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەنگەن بولىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى پەيدا قىلغان ناچار ئەھۋاللار ئىچىدىن ئاڭلىق ھالدا قۇتۇلۇپ چىقالايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاقلاردىن مىننەتدار بولىدۇ. بەزى ئەھۋاللار ناچارلىققا يۈزلەنگەندە، ئۇلار «شۇنداق بولۇپ قالدى»، دېگەن پۇزىتسىيىدە بولىدۇ. ياكى بولمىسا «ئەمدى ئېلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى قەدەم قايسى؟» دەپ ئويلايدۇ.
2. ئۆز ھوقۇقى ياكى نوپۇزىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر باشقىلارنى ئۆزلىرىنى تۆۋەن ياكى يامان كۆرسىتىدىغان ھوقۇققا ياكى ئورۇنغا ئىگە قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كەيپىياتلىرىنى ئۆزلىرى كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ئۆزلىرىنىڭ تاشقىي ئەھۋاللارغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
3. ئۆزگىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۆزگىرىشلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ۋە ئۆزلىرىگە يۈكلەنگەن قىيىن ئۆتكەللەرنى قارشى ئالىدۇ. ئۇلاردا ئەندىشە مەۋجۇت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئەندىشە ئۆزلىرىگە نامەلۇم ئىشلاردىن كەلمەي، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ قانائەتچان ۋە پاسسىپ بولۇپ قېلىشىدىن كېلىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە ئېنىقسىزلىق روھىي جەھەتتە كۈچلۈك ئادەمگە يېڭى ئېنېرگىيە ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم ئۆز قابىلىيەتلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدۇ.
4. ئۆزى كونترول قىلالمايدىغان ئىشلارغا كۈچىنى ئىسراپ قىلىش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ماشىنا قىستاڭچىلىقى، يوقاپ كەتكەن سومكىسى، ياكى باشقا كىشىلەر ھەققىدە ئانچە كۆپ ۋايسىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار يۇقىرىدىكى ئىشلارنىڭ ئۆز كونتروللىقى ئاستىدا ئەمەسلىكىنى چۈشىنىدۇ. مەلۇم بىر ناچار ئەھۋالغا يولۇققاندا، ئۇلار دائىم كونترول قىلالايدىغان بىر نەرسە ئۇلار ئۆزلىرى قايتۇرىدىغان ئىنكاس ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز پوزىتسىيىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. ھەمدە ئۇلار بۇ ھەقىقەتتىن ئوبدان پايدىلىنىدۇ.
5. باشقىلارنى خوش قىلىش ئۈستىدە قايغۇ ئۇرۇش
بەزى كىشىلەر باشقىلارنى خوش قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بولسا باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشنى ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلايدۇ. بۇ ئىككى ئىشنىڭ ھەر ئىككىسى ياخشى ئىش ئەمەس. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر پەزىلەتلىك بولۇشقا، ئادىل بولۇشقا، ۋە مۇۋاپىق پەيتتە باشقىلارنى خوش قىلىشقا تىرىشىدۇ. شۇنداقلا گەپنى ئوچۇق قىلىشتىن قورقمايدۇ. بەزىلەر خاپا بولغاندا ۋە مەلۇم بىر ئەھۋالنى باشقىلار كونترول قىلغاندا روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۇنىڭغا رازىلىق بىلەن تاقەت قىلالايدۇ.
6. ئىلمىي ئۇسۇلدا تەۋەككۈلچىلىك قىلىشتىن قورقۇش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئىلمىي ئۇسۇلدا (ياكى ھېسابلاپ تۇرۇپ) تەۋەككۈلچىلىك قىلىشنى خالايدۇ. بۇ قارىغۇلارچە تەۋەككۈلچىلىك قىلىش بىلەن زادىلا ئوخشىمايدىغان بىر ئىش. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ خەتىرى بىلەن پايدىلىرى ئۈستىدە مۇكەممەل ئويلىنىپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئىشلارنى تولۇق باھالاپ، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار بولغان ئەڭ ناچار سىنارىيەلەرنىمۇ تولۇق مۆلچەرلەپ، ئاندىن ئىش باشلايدۇ.
7. بۇرۇنقى ئىشلارغا پېتىپ قېلىش
ئۆتمۈشنى ئېتىراپ قىلىش، بولۇپمۇ بۇرۇنقى ئىشلاردىن قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ پايدىسى كۆپ. ئەمما، روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر بۇرۇن يۈز بەرگەن سەلبىي ئىشلار ياكى ئۆتۈپ كەتكەن ئالتۇن دەۋرلەر ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ روھىي كۈچلىرىنى ئىسراپ قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ روھىي ئېنېرگىيىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھازىر ۋە كەلگۈسىنى پارلاق قىلىشقا سەرپ قىلىدۇ.
8. ئوخشاش خاتالىقلارنى تەكرار سادىر قىلىش
بىر ئادەم مەلۇم بىر ئىشنى كۆپ قېتىم تەكرارلاپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان بىر نەتىجىنى كۈتكەندە، بىز ئۇ ئادەمنى «ساراڭ بولۇپ قاپتۇ»، دەيمىز. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر بۇرۇنقى ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە تولۇق ئېلىپ، سادىر قىلغان خاتالىقلىرىدىن تەجرىبە-ساۋاق ئېلىشقا رازى بولىدۇ. ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۆز-ئۆزىنى تۆغرا ۋە ئۈنۈملۈك چۈشىنىپ تۇرۇش ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ بىرى.
9. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىگە نارازى بولۇش
باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە خوشال بولۇش ناھايىتى كۈچلۈك كىشىلىك خاراكتېر تەلەپ قىلىدۇ. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئەنە شۇنداق خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ. ئۇلار باشقىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ياكى نارازى بولمايدۇ. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت پۇرسەتلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىدۇ، ھەمدە ئاسان يولغا ئىنتىلمەيدۇ.
10. مەغلۇپ بولغاندا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىش
ھەر بىر مەغلۇبىيەت ئۆزىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنىڭ پۇرسىتى. زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان كىشىلەرمۇ دەسلىپىدە كۆپلىگەن مەغلۇبىيەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر زۆرۈر بولغاندا قايتا-قايتىلاپ مەغلۇپ بولۇشقا رازى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەھۋالدىكى بىردىن-بىر شەرتى، ھەر بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن ئېرىشكەن تەجرىبە-ساۋاق ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى نىشانغا ئۆزلۈكسىز يېقىنلاشتۇرۇپ مېڭىش.
11. يالغۇز قېلىشتىن ئەنسىرەش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۆزلىرى يالغۇز ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلاردىن ھۇزۇرلىنىدۇ، ھەتتا ئۇنداق ۋاقىتلارنى قەدىرلەيدۇ. ئۇلار ئىشلىمىگەن ۋاقىتلارنى بۇرۇنقى ئىشلار ئۈستىدە ئويلىنىش، كېيىنكى ئىشلارنى پىلانلاش، ۋە ھۇسۇللۇق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇلار كۆتۈرەڭگۈ-روھلۇق بولۇش ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىشتا باشقىلارغا تايانمايدۇ. ئۇلار باشقىلار بىلەن بىللە بولغاندا خوشال ئۆتىدۇ، شۇنداقلا يالغۇز قالغان ۋاقىتلارنىمۇ خوشال-خۇرام ئۆتكۈزەلەيدۇ.
12. «دۇنيا ماڭا قەرزدار» دەپ ئويلاش
روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر «مېنىڭ قانداق تەييارلىقلارنى ئېلىپ بارغانلىقىم ۋە قانداق ئوقۇشلارنى تاماملىغىنىمدىن قەتئىينەزەر، دۇنيا ماڭا مائاش بېرىشكە، ماڭا پاراۋانلىق نەرسىلىرىنى تەمىنلەشكە، ۋە مېنى بىر ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە قەرزدار»، دەپ ئويلىمايدۇ. روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ھەر بىر قەدەمدە ئۆز قابىلىيەتلىرىگە ئاساسەن ئىشلەش ۋە شۇ ئاساستا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشقا تەييار تۇرىدۇ.
13. دەرھال نەتىجە قازىنىشنى ئۈمىد قىلىش
قانداق ئىش قىلىشتىن قەتئىينەزەر، روھىي جەھەتتە كۈچلۈك كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىككە ئىدىيىۋى تەييارلىق قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ قىلغان ئىشىدىن دەرھال نەتىجە چىقىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيىسى بىلەن ۋاقتىنى ئىنتايىن ياخشى پىلانلاپ ئىشلىتىپ، مۇساپە جەريانىدا ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەر بىر ئىلگىرىلەش ۋە قازانغان ھەر بىر كىچىك مۇۋەپپەقىيەتنى تەبرىكلەيدۇ. ئۇلاردا ئۇزۇن مۇددەتلىككە بەرداشلىق بېرىش قابىلىيىتى بار بولىدۇ. ئۇلار ھەقىقىي تۈردە ئۆزگىرىش ياساش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ.
پايدىلانغان مەنبە:
[1] Mentally Strong People: The 13 Things They Avoid
(2016-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى)
|