«سەبىي تىلەكلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى
پەتتارجان مۇھەممەت ئەرقۇت خەۋىرى: يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن «سەبىي تىلەكلەر» ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
كىتاب پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھېكايە، مەسەل، چۆچەك، شېئىر، نەسىر قاتارلىق ژانىرلاردا يازغان ئەسەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، جەمئىي92 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن. ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ئىناقلىق، تەرەققىيات، ئىلىمگە ئىنتىلىش، كىتابقا مۇھەببەت، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، يۇرتنى سۆيۈش، ئەدەپ – ئەخلاقنى قەدىرلەش قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىمگە، كىتابقا بولغان ئىنتىلىشچانلىقى دەۋرىمىزدە ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ئىش.
گەرچە بۇ كىتابتىكى ئاپتورلارنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى، غەيرىتى، دادىللىقى، ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىلىكى مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەنلىكى، ئىدىيىۋىلىكىنىڭ روشەنلىكى كىتابخاننى قايىل قىلىدۇ. بۇ ھەقتە كىتابنىڭ «كىرىش سۆزى»دە مۇنداق دېيىلگەن:«پىچان ناھىيە لۈكچۈن مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەبىي قەلبى، ساددا قەلىمىدىن پۈتكەن بۇ ئەسەرلەرنى، ئاشۇ سەبىي قەلەمكەشلەرنى، ئۇلارنى قوللاپ يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلەرنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. چۈنكى بۇ بىر قىممەتلىك روھ. بەلكىم بىر كۈنلەردە ئاشۇ سەبىي قەلەمكەشلەر ئىچىدىن بەزىلىرى توم - توم ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىزنى قايىل قىلىپ ھۆرمەت تۆرىمىزدىن، شەرەپ سەھنىمىزدىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن. شۇ چاغدا بىز بۇ كىتابنى ئەسكە ئېلىشىمىز، قايسى بىر چەتئەللىك داڭلىق ئالىمنىڭ بالىلىق چېغىدىكى تاپشۇرۇق دەپتىرىنى كۆز - كۆز قىلىپ، ئۇنىڭ تالانت بىخىنى ئىزدەشكەندەك بۇ كىتابنى ھاياجان بىلەن قايتا ۋاراقلىشىمىز مۇمكىن. ئۈمىد ۋە تىرىشچانلىق ئارزۇلارنىڭ مۇمكىنچىلىك پەلەمپىيى.»
بۇ كىتاب ھەققىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، يەنە كېلىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەخسۇس توپلىمىنىڭ نەشرىياتتا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىملىق ئىش. بۇ بىزنى پەخىرلەندۈرىدۇ.
كىتابنى لۈكچۈن دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىقتىدارلىق مائارىپچى ئەخمەت ئىمىن بىلەن يازغۇچى ياقۇپ ئىسمائىل قۇرۇلچى تۈزگەن بولۇپ، يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت پىلانلىغان.
|