- تىزىملاتقان
- 2016-4-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 925
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
ئۆسۈش
85%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ، يۇقۇرىدا قۇربانبېك ئىسىملىك تورداشنىڭ مەزكۇر يازمىسى توغىرسىدا ناھايتى جېق تالاش تارتىش بۇلۇپتۇ ، نۇرغۇن كۆڭۈل ئاغىرقى بۇلۇنۇپتۇ . ھەتتاكى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغىمۇ دەز كىتىپتۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنداق مۇرەككەپ ئىشمۇ ئەمەس ، تىما مەزمۇنىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان كۆز قاراشتىكىلەر ئۆز دەلىلىنى قۇيۇپ ، ئىلـمىي مۇلاھىزە ئېلىپ بارسا تامامەن بولىدۇغۇ ؟
ئەمدى ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ، گەرچە مەن ھازىر باشقا ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولساممۇ ، لىكىن ئالىي مەكتەپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئولوگىيە تېخنىكىسى كەسپىدە ئۇقۇپ پۇتتۇرگەن ، شۇڭا ئىسىمدە قالغان نەزەرىيۋى بىلىملەر بۇيىچە ، بەزى ئېنىق بولـمىغان نۇقتىلارغا شەخسىي ئېنىقلىما بىرىپ ئۇتۇش پىكرىگە كەپقالدىم ، خاتا كەتسە ئەيىبكە بۇيرۇمىغايسىزلەر .
خوش ، بۇ يەردە تالاش تارتىش قوزغىغان گېن زادى قانداق نىمە ؟
گېن ئىرسىي ماددا بۇلۇپ ، ئۇ ھاياتلىقنىڭ قۇرۇلـمىسى ۋە خۇسۇسىيىتىنى ساقلاش ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش رولى بار د ن ئا تۇزۇلىشىدىن ئىبارەت .
بۇ تىمىدا ئوخشاش بولـمىغان ئىككى ياكى ئىككىدىن كۆپ قەۋمنىڭ گېن لىرىنىڭ مەلۇم نىسبەتتە ئوخشاشلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ . خوش ، بۇ توغىرسىدىمۇ سۆزلەپ باقاي . ئىسپاتلىنىشىچە ئىنسانلار نىڭ گېنى بانان ئىسىملىك مېۋىنىڭ گېنى بىلەن 30%ئوخشىشىدۇ ، ھەتتا چىۋىن بىلەنمۇ شۇ 30%تىن كۆپرەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ (ئەگەر بۇ نىڭغا گۇمانىي نەزەردە قارىغۇچىلار بولسا توردىن ياكى باشقا ماتېرياللاردىن ئىزدىنىپ كۆرسەڭلا بولىدۇ ). ۋەھالەنكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولغان چاشقاننىڭ گېنىنىڭ ئوخشاشلىقى بانان ۋە چىۋىننىڭ ئوخشاشلىقىدىن زور دەرىجىدە ئارتۇق تۇرىدۇ . گېن تۈزۈلشىنىڭ ئوخشاشلىقى توغىرسىدىكى بۇ كۆز قاراشلارنى ئىنسانغا تەدبىقلاپ كۆرەيلى . ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىنسانلار ئوخشاش بىر ئەجداد ، يەنى ھەزىرتى ئادەم بىلەن ھەزىرتى ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ . باياتتىن گېن ئۇقۇمىغا ئېنىقلىما بەرگەن ۋاقتىمىزدا ، گېننىڭ ئىرسىي ئۇچۇرلارنى ساقلايدىغان ۋە كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش رولى بار تۈزۈلۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق ، شۇنداق بولغانىكەن ، ئوخشاش بىر ئەجداد ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىز ئىنسانلار ، مەيلى قايسى ئىرق ، قايسى مىللەتتە بولايلى ، مەيلى قايسى تىلدا سۆزلەيلى ، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى گېننىڭ ئوخشاشلىقى ئەلۋەتتە يۇقۇردا مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن بانان ، چىۋىن ۋە چاشقان قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئوخشاشلىقىدىن زور دەرىجىدە ( بۇ يەردە زور دەرىجىدە دېگەن سۆز سىز ئويلىغاندىنمۇ بەك ئوخشاش دېگەن مەنىدە ) ئېشىپ كېتىدۇ . (بۇ ئوخشاشلىق پەقەت ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانىنىڭ ئەۋلادلىرى بىز دەپ ئۆزىنى ئىتراپ قىلدىغان ئىنسانلار توپىغا قارىتىلغان ، ھېلىقى شىمپەنزە ، گورىللا ، سۇنۋۇكۇڭ لاردىن ئۆزگەرگەنتۇق ، دەپ تۇرۋالدىغانلارغا ئىجازەت ) .
بۇ نەقىللەر ئارقىلىق بىز ، بىر مىللەت بىلەن يەنە بىر مىللەتنىڭ گېن لىرىنىڭ مانچە % پىرسەنت ئوخشىشىپ كىتىشى ، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ باغلىنىشى ئەجدادلىرىدا مۇئەييەن باغلىنىش بار دېگەن يەكۇننى كەلتۇرۇپ چىقاردىمۇ دەيلى ، بۇ باغلىنىشنىڭ ئەشۇ ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا دەۋرىدىن باشلاپلا مەۋجۇت ئىكەنلكىنى ئەقلى بار ھەرقانداق بىر ئىنسان قىينالـمايلا بايقىۋالالايدۇ .
بەنى ئىسرائىل ئەۋلادى بىلەن ئۆزبېكلەر ، ئويغۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى ساڭخاي مىللەتلىرى ، جەنۇبى ئامىرىكىدىكى ھىندىئان ئاھالىسى بىلەن شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىدىكى ئېسكىموسلار ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەن تىببەت تىللىق مىللەتلەر بىلەن غەربىي ياۋروپادىكى ئانگىلو ساكسون ئىۋلادلىرى .... بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مانچە پىرسەنت ئەتراپىدا گېن ئوخشاشلىقى مەۋجۇت . خوش ، ئەمسە بۇيەردە ئۆزبېكلەر بەنى ئىسرائىل ئىدى ، ياكى بەنى ئىسرائىل تۈرك ئىدى ، دېگەندەك كۆزقاراشلارنىڭ ئىنتايىن ئارتۇقچە بىر دەتالاش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەربىر تورداش ، مۇشۇ توغىرلىق كۆپ ئازار بىرىشلەر بولغىنىنى كۆرۈپ كۈلگىڭىز كىلىۋاتىدىغاندۇ ؟
مۇشۇ توغىرسىدا ما خەقنىڭ گېنى ئاۋۇ خەقنىڭ گېنى بىلەن مانچە پىرسەنت ئوخشايتى دەيدىغانلارنىڭ ئەقىللىقلىرى بۇ نىڭ ئادەم ئاتا ۋە ھەۋۋا ئانا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولدى ، سەل دۆترەكلىرىگە جاۋاب : سىز بەلكىم چاشقان ياكى چىۋىن بىلەن بىر ئەجداد تىن بولغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ بولدى . خۇلاسە كالام ، ۋەسسىلام ! |
|