ئانىنىڭ تەربىيەسى دىگەن نىمە؟
ھەممىزگە مەلۇم، ئانا ئائىلىنىڭ يۈرىكى، مىللەتنىڭ يۈرىكى. ئانىنىڭ ئائىلىدە، جەمئىيەتتە ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن چوڭ. ئانىلار نۇرغۇنلىغان ئىزباسارلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ.ئۇنداقتا،ئانا تەربىيەسى قانداق بۇلىدۇ؟ ئانا تەربىيەسى دىگەن نىمە؟ئەلۋەتتە مەندەك ئانا بولۇپ باقمىغان، ئانىلار دۇنياسىنى چۈشەنمەيدىغان بىر ئاددى قىزنىڭ ئانا تەربىيەسى ھەققىدە ئېغىز ئىچىش بەلكىم سىلەرچە كۈلكىلىكتۇ،ئەمما مەن يىگىرمە نەچچە يىللىق ئالغان ئانا تەربىيەمنى يىغىنچاقلاپ كۆرۈپ باققۇم كەلدى.چۈنكى مەندىمۇ ئانا دىگەندىن ئىبارەت بۈيۈك ۋەزىپە بار ئەمەسمۇ؟
ئۇنداق بولسا ئۆز گىپىمىزگە كىلەيلى،ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۇنداق قىلساڭ مۇنداق بۇلىدۇ،مۇنداق قىلساڭ ئۇنداق بۇلدۇ دەپ تەربىيە بېرىپ باقمىغان. ئاپام ئەزەلدىن ئېغىزىدا تەربىيە قىلمايدۇ، ھەممىنى ھەرىكىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئاپامنىڭ ئانامغا مۇئامىلە قىلىشىدىن ،مەن چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەندىم.ئاپام يولۇققان بارچە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ھەممىنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم، ئەمما ئاپامنىڭ شۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە ئوڭۈشسىزلىقلارنى قانداق يەڭگەنلىكىنى كۆدۈم. بەزى ئىشلاردا گەرچە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىسىمۇ،سەۋىرچانلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرغىننى كۆردۈم.ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ ، ئەرلەردەك جاسارەت بىلەن، ئىگىلمەس روھ بىلەن قورۇقماي قىلغانلىقىنى كۆردۈم، ئاپام دائىم،"ھەىكەت بەرىكەت "دەيدىغان گەپ بار ،ھەركەت قىلساقلا ، چوقۇم نەتىجە بۇلىدۇ دەپ شۇنچىلىك تىرشىدۇ. ئاپام يەنە ، باشقىلارغا تايانغاندىن ، ئۆزۈڭنىڭ كۈچىگە تايانغىن دىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايانساق ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىمىز دەيدۇ. ئاپام مەيلى قانداقلا ئىشقا يولۇقسۇن،ھەرگىز باشقىلارغا يۆلىنۋالمايدۇ.ئاپام مىنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ قاتارغا قوشتى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىدى،ئەمما بىرە قىتىم ۋايساپ باقمىدى. بىر ئايالنىڭ ئۆزى يالغۇز بالا بىقىپ ھەتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتمىقىى ئۇنچە ئاسان ئەمەس،ئاپام ھەم ئۆينىڭ ئىششىنى ھەم ئېتىزنىڭ ئىششىنى قىلىدۇ.مەيلى ئېتىزنىڭ ئىششىدا بولسۇن ھەرقانداق بىر ئەردىن قىلىشماي قىلىدۇ،ئائىلىنىڭ ئىششىنىمۇ ھىچبىر ئايالدىن قىلىشماي قىلىدۇ. مەن ھازىر ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن، ئوقۇش پۇلى يۇقىرى ، تۇرمۇش خىراجىتى كۆپ كىتىدۇ، ئەمما ئاپام مىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ كەلدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ، باشقىلارنىڭ مەيلى ئىتىز ئىششى ۋە ئائىلە ئىششى بولسۇن خۇشاللىق بىلەن قىلىشىپ بېرىدۇ. نەچچە قىتىم ئاپامغا ئۇلار بىزگە قىلىشىپ بېردىغان يەردە ، ھىلىمۇ سىنىڭ جاپايىڭ ئازمىدى دەپ ئۇلاردىن ئاغرىىنىپ قۇيىمەن،ئەمما ئاپام ماڭا باشقىلارمۇ ئامالسىزلىقتىن ئېغىز ئاچىدۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلساق بۇ بىر ساۋابلىق ئىش دەيدۇ.مەن دەسلەپتە ئانچە كاللامدىن ئۆتكىزەلمىدىم ،ئەمما ئويلىغانچە ، ئەگەر بىز شۇنداق ئەھۋالغا يولۇقساق قانداق قىلمىز دىگەنلەرنى ئويلاپ ، ئاپامنىڭ دىگىننى چۈشەندىم. ئاپام مانا مۇشۇنداق ئاددى ، ئاقڭۆڭۈل ئايال.
ھىلىمۇ ئىسىمدە، بىر قىتىملىق خانىم-قىزلار بايرىمىدا مەكتەپتىن يېرىم كۈن قويۇپ بەردى ، تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقىتلار ئىدى،ھەممىز مەكتەپ فورمىسى كىيەتتۇق،قىزلارنىڭ ھەممىسى مەكتەپ فورمىسىنىڭ ئىچىگە ئۆزلېرىنىڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىۋالغان ئىدى . قىزلارنىڭ ھەممىسى ئويناپ كىلىشنى پىلانلاشقان ئىدى، ئەمما مىنىڭ ئۇنداق قالايمىقان، ۋاراڭ-چۇرۇڭ يەرلەرگە بارغۇم كەلمەيتتى، ئەمما دوستلىرىممۇ دىگەن ، ئۇلارنىڭ ئاپىلىرى ئۇلارنى ئۇنداق يەرلەرگە بېرىشىنى توسىدىكەن ، لىكىن نىمىشقا ئۇلار يەنە بارىدۇ؟ئەمما ئاپام ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى دەپ باقمىدى. ئاپام ماڭا ئىشىنىپ ئۇنداق گەپلەرنى دىمىسە ، چۈنكى مىنى ئۇنداق يەرلەرگە بارمايدۇ دەپ ئويلايدۇ، لقكقن مەن ئۇنداق يەرلەرگە بارسام ئاپامنىڭ ئۈمۈدىنى يەردى قويمامدىم.
بىر كۈنى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىمىز ئوغلى توغرىسىدا بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى، ئوغلى ئانچە گەپ ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك.مەن شۇ چاغدا مۇنداق دىدىم:مۇئەللىم،بىر سىقىم قۇمنى ئىلىپ چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن چىڭ سىقىمداپ تۇرسىڭىز ، قولىڭىزنىڭ ئارلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ، ئەمما بوش تۇتۇپ تۇرسىڭىز جىقراق تۇتۇپ قالالايسىز دىدىم. مۇشۇ ئىشنى يەكۈنلەپ چىقساق بەلكىم بىر ئىشلارنى بىز چىڭ تۇتپ ياخشى قىلىشنى ئويلىغانچە ئەكسىچە ئۈنۈمگە ئېرىشىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
مۇشۇ مەزگىللەردە چاي ئويناش بەك مودا بولۇپ كەتتى، دەسلەپتە شەھەر ئاياللىرىدىن باشلىنىپ ھازىر ئائىلىدە نۇرغۇن ئىششى بار يېزا ئاياللېرىغىچە يىتىپ كەلدى.ھازىر چاي ئوينىمايدىغان ئاياللار بەلكىم بەك ئاز ئۇچرىشى مۇمكىن.بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىز ئوقۇغۇچىلارغىمۇ بۇ چاي كەلكۈن بولۇپ بېسىپ كەلدى،ھەتتا بىر-بىرسى ئىككى يەردە بولسىمۇ توردا ئويناش ۋەزيىتى شەكىللەندى . بۇنىڭ نىمە ئۈچۈنلىكىنى چۈشىنىپ يىتەلمىدىم.بىرقانچە يىقىن دوستۇم مىنىمۇ ئويناشقا چاقىردى ، ئەمما مىنىڭ يەنىلا رايىم يوق ئىدى، مەن بۇنداق ئىشلارغا ئانچە قەزەقەپ كەتمەيتتىم.چۈنكى بىز تېخى مۇستەقىل كىرىم يارىتىدىغان باسقۇچقا بارمىدۇق،ھەممە ئىشتا ئۆيدىكىلەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۋىتىپ تۇرۇپ يەنە بىر يۈكنى قوشىۋالساق بۇ تازا ئاقىلانىلىك بولماي قالدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپاممۇ ئويناپ باقمىسا مەن ئويناپ يۈرسەم ئانچە ئەقىلگە سىغمايدۇ.
ئەمدى يۇقارقى ئىشلارنى يىغىپ ئېيتساق، مىڭ ئېغىز تەربىيەدىن بىر قىتىملىق ھەرىكەت ئەلا.مەن ئاپامدىن قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگەندىم.ئاپامنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىدىن، سەۋىرچانلىقنى ، ئاقكۆڭۈللۈكنى ، چىدامچانلىقنى ......نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم.ئاپامدىن ماڭگۈ پەخىرلىنىمەن، ئاپا مەڭگۈ سىنى سۈيىمەن.
ئەلۋەتتە ، مىنىڭ ئاپامدىن ئالغان تەربيەم ، بۈگۈن سۆزلىگەندىن كۆپ ، بۈگۈن سۆزلىگەندىن ئەلا.بەلكىم مەن يىتەرلىك ئىپادىلەپ بۇلالمىغاندىمەن،ئەمما مەن نىمە دىمەكچى دىگەندە: ئانا تەربىيەسىدە ، ھەرىكەت تەربىيەسى بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ھەربىر ئانا بولغۇچى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق بالا تەربىيەلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.شۇنىڭدا بىرقىسىم قىزلار ۋە ئوغۇللار بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى يوقتۇرۋالمايتتى. بىلەرمەنلىك قىلىپ ئېغىر تېمىدىن ئېغىز ئىچىپ قويدۇم، ئەمما ھەممىسى مىنىڭ تۇرمۇشىمدىن كەلگەن ھەقىقەتلەر، ئاپامنىڭ ماڭا كۆرسەتكەنلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بۇلالمىدىم، قەلىمىم ئاجىزلىق قىلدى .
|