- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1824
- نادىر
- 1
- يازما
- 113
ئۆسۈش
82.4%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار كۈنۈڭلار خەيىرلىك بولغاي.
پۈتۈپ بولغان بىر تىببىي قوليازما تەتقىقاتىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاش ئۈچۈن سىلەردىن بىر نەچچە تۈرلۈك سوئال سورىسام، بۇ تىما ھەققىدە ھەقىقىي بىلىمى بارلار ئېغىر كۆرمەي سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭلار. ھەممىڭلارغا خۇدا ئەجرىنى بەرگەي. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسى قۇرغان تور بەتنى باشقۇرىدىغان رە...ت ئىسىملىك كىشىدىن ياردەم سورىغان ئىدىم. يا ماقۇل يا ياق دېمەي، ئۈندىمەستىن تۇرۇۋالدى)
ئەسلى كىرىش سۆز قىسمىنى بۇنچە تەپسىلىي يازماي ئەسەرنىڭ ئۆزىنىلا تەتقىق قىلغىنىم يېتىدۇ دەپ ئولتۇرساممۇ بولىۋېرەتتى، ئەمما ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت تارىخى ۋە ھازىرىنى دۆلەت سىرتىدا تونۇتۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى بىر ئوبرازىنى تىكلەشكە كۈچ قوشۇش مۇھىم شۇڭا تەپسىلىيراق قىلدىم. ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى ماتېرىيال تېپىش پۇرسىتى بارلىكى قېرىنداشلارنىڭ ۋاقتىنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ئەگەر خالىسا، مەن كىتاپتا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن ھەممەيلەنگە ئىسمىنى ئاتاپ رەھمەت ئېيتىمەن. ئەگەر بىر ھەپتىگىچە سىلەردىن مۇشۇ سوئاللارغا قارىتا ئەستايىدىل جاۋاپلار كەلسە، مەن بۇ جاۋاپلارنى يازغانلىرىمغا سېلىشتۇرۇپ كەم ياكى خاتا يەرلىرىنى تولۇقلىۋالغان بولسام. كېچىككەندىمۇ 10 كۈن ئىچىدە بۇ سوئاللارغا جاۋاپ يېزىش ئۈچۈن كۈچۈڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن.
سوئاللارغا جاۋاپ بېرىشنىڭ شەرتى: « يازغان سۆزلىرىڭىزنىڭ كىم تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە قايسى نەشرىياتتا نەچچىنجى يىلى نەشر قىلىنغان قايسى كىتاپنىڭ قانچىنجى بېتىدە بارلىقىنى يېنىدا تىرناق ئىچىدە ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىغايسىلەر.
(بۇ بىر ئىلمىي تەتقىقات بولغاچقا، دەۋالغان گەپلەرنى يېزىشقا بولمايدۇ، شۇڭا ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىپ، كىتاپتا يوق گەپنى يازمىغان بولساڭلار- دوختۇرخانا ۋە تېۋىپلەر ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلار كىتاپتا يوق، شۇڭا بۇلار يۇقىرىقى شەرتتىن مۇستەسنا)
سوئاللار:
1. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھازىر بار بولغان دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرى قايسىلار؟ ئۇلارنىڭ قۇرۇلغان يىلى؟ (بۇنىڭغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئۇيغۇرچە داۋالاش مەركەزلىرىنىمۇ قوشۇپ قويغان بولساڭلار)
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھازىر بار بولغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت داۋالاش مەركەزلىرى (دوختۇرخانا، شىپاخا...) قايسىلار؟ ئۇلار قايسى يىلى قۇرۇلغان؟ ئاساسلىقى قانداق ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قىلىدۇ؟ بۇ دوختۇرخانىلاردا زامانىۋىي تىبابەت ئۈسكۈنلىرى ۋە زامانىۋىي دوختۇرلارنىڭ نىسبىتى قانچىلىك؟
3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھازىر بار بولغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت ئەسەرلىرى تەتقىقات مەركىزىدىن قايسىلىرى بار؟ ئۇلار قاچان قۇرۇلغان؟ ئاساسلىقى قانداق ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ؟
4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە ھازىر بار بولغان مىللىي تىبابەت ئوقۇتۇش مەركەزلىرىدىن قايسىلىرى بار؟ قايسى يىلى قۇرۇلغان؟
5. جۇڭگو تەۋەسىدە ئەڭ تېخنىكىلىق، داۋالاش سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى، ئالىي مەلۇماتلىق مىللىي تىبابەت دوختۇرلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا ئۇتۇق قازانغان، بىردەك ئېتىراپقا ئېرىشكەن سەۋىيەلىك كەسپىي تېۋىپلاردىن كىملار بار؟ [ چوقۇم ھايات ياشاۋاتقان كىشىلەر بولۇشى كېرەك. تارىخىي كىشىلەرنى مەن تەپسىلىي يېزىپ بولدۇم] (شەخىسلىرىمىزنىڭ پەقەت ئىسمىلا لازىم. ئەسلىي ئۇلارنىڭ تەرجىمھالىنىمۇ قوشۇپ يېزىشقا ئەرزىيدۇ، ئەمما تەرجىمھالىنىمۇ بەرسەم مەزمۇندىن بەك چەتنەپ كېتىدۇ.)
6. دۆلەت سىرتىدا ( تۈركىيەدىن باشقا- چۈنكى تۈركىيە يېزىلىپ بولدى) ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە شۇغۇللىنىۋاتقان قايسى تەتقىقاتچىلار ۋە دوختۇرلار بار؟ ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى قايسىلار؟ قايسى يىلى قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؟
7. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە خەنزۇ يېزىقىدا، نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە دائىر قانداق ئەسەرلەر بار؟ ئۇلارنىڭ ئاپتورى، نەشر قىلىنغان يىلى ۋە نەشرىياتى قايسىلار؟
8. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە دائىر قايسى ئەسەرلەر بار؟ (ئېزىز ئاتاۋۇللاھ سارتېكىننىڭ كاتالوگى ۋە جۇڭگو دۆلەتلىك كۈتۈپخانىنىڭ كاتالوگى يېزىلىپ بولدى، ئۇنىڭدىن سىرت بۇرۇن- ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىش دولقۇنى مەزگىلىدە نەشر قىلىنغان ياكى ئۇندىن بۇرۇن نەشر قىلىنغان كىتاپلار بولسا مۇقاۋىسىنى ۋە نەشر ئۇچۇرلىرى بار ئاخىرىقى بېتىنى رەسىمگە تارتىپ يوللاپ بەرگەن بولساڭلار)
9. جۇڭگو تەۋەسىدە، ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، پۈتۈن زېھنىنى مۇشۇ ئىشقا قارىتىۋاتقان، ئىلمىي ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقىرىپ، بۇ يولغا چىن دىلىدىن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن، خەلقنىڭ ئېتىراپىقا ئېرىشكەن ئەرباپلار كىملەر؟ ( تېۋىپ ياكى دوختۇر ئەمەس، مەخسۇس تەتقىقاتچى، مەسلەن: ئېزىز ئاتاۋۇللاھ سارتېكىن ئەپەندىگە ئوخشاش) ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى قايسىلار؟
10. جۇڭگو تەۋەسىدە چىقىۋاتقان، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت قانداق ژۇرناللار بار؟ (تىلى چەكلەنمەيدۇ)
11. ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنى، خەنزۇ، موڭغۇل، تىبەت، جۇاڭ ۋە باشقا، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يەرلىك تىبابىتى بىلەن قوشۇپ، جۇڭگو تىبابىتى دەپ ئاتايمىزمۇ؟ ئەگەر مۇشۇنداق دېيىلسە بۇ گەپ قايسى خەنزۇچە كىتاپنىڭ نەچچىنجى بېتىدە بار؟ ئۇ كىتاپ كىملەر تەرىپىدىن يېزىلىپ قايسى يىلى قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؟
12. جۇڭگو تەۋەسىدە ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت بويۇملىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان، دۆلەت تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىنغان كارخانا ۋە شىركەتلەر قايسىلار؟ ( ھەرقايسى مىللىي تىبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرىدىن تارتىپ، ياستۇق ياساپ ساتىدىغان شىركەتكىچە ھەممىسى ھېساپ.)
13. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ئۇسۇلىدا داۋالىنىش نىسبىتى تەخمىنەن قانچىلىك؟ ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ئۇسۇلىدا داۋالىنىش نىسبىتى قانچىلىك؟
14. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى تەتقىقاتىنى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدىغان قانداق سىياسەت ۋە تەتقىقات تۈرلىرى بار؟ (مەركەزدىن بىۋاستە چىقىدىغىنى)
15. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مېنىستىرلىكىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى تىبابىتى تەتقىقاتىغا سالغان ئەمەلىي مەبلەغ، پايدىلىق سىياسەت ۋە تەتقىقات تۈرلىرى قايسىلار؟ (مەركەزدىن ئەمەس، سەھىيە مېنىستىرلىكىدىن چىقىدىغى)
16. جۇڭگو تەۋەسىدە، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت قانداق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ؟
17. جۇڭگودىكى زامانىۋىي تىببىي ئىلىم خادىملىرىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە تۇتقان پوزېتسىيەسى قانداق؟ ئۇنىڭ بۇ پوزېتسىيەسىنى ئۇنىڭ قايسى ئىلمىي تەتقىقاتىدىن بىلدىڭىز؟ ئەگەر بۇ تەتقىقات بىر نەشرىي ئەسەر بولسا قايسى يىلى قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؟ (مىللىتى چەكلەنمەيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، زامانىۋىي تىببىي ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرۈپ، تەتقىقاتىنى مىللىي تىبابەت بىلەن بىرلەشتۈرگەنلەرنى يازساڭلار بولىدۇ.)
18. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە جۇڭگو مىللىي تىبابىتى بىلەن ئەنئەنىۋىي مىللىي تىبابەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقى قانچىلىك؟ ئەگەر ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولسا، بۇنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت بولۇۋاتامدۇ، مەنپىمۇ؟ بۇ خىل بىرلەشتۈرۈشتە دۆلەت قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟ (ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ خەلق دوختۇرخانىلىرى ۋە باشقا زامانىۋىي دوختۇرخانىلارغا مىللىي تىبابەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ھەققىدە سۆزلىسەڭلار بولىدۇ. )
19. جۇڭگو مىللىي كۈتۈپخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كۈتۈپخانا ۋە ھەرقايسى شەھەر ۋە رايونلاردىكى قەدىمىي ئەسەر مەركەزلىرىدە ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت جەمئىي قانچىلىك مىقتاردا قوليازما بولۇشى مۇمكىن؟ بۇنىڭغا خەلقنىڭ قولىدا بار بولغان ئەسەرلەرنى قوشقاندا؟ جۇڭگو تەۋەسىدە ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان (قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ۋە ئەرەپ ئېلىپبەلىك )قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟ ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت خادىملىرىنىڭ ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى قانچىلىك؟
20. ياپونىيە مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
21. ئىران مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
22. ھىندىستان مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
23. گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، شېۋىتسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ مىللىي كۈتۈپخانىلىرىدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
24. روسيە مىللىي كۈتۈپخانىسىدا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
25. ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىدىكى كۈتۈپخانىلاردا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە ئائىت قانچىلىك قوليازما ئەسەر بولۇشى مۇمكىن؟
26. بۇلاردىن باشقا دۇنيانىڭ يەنە قانداق جايلىرىدا قانچىلىك ساندا ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىگە دائىر قوليازما ئەسەرلەر بولۇشى مۇمكىن؟
27. ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنىڭ تىبەتلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى قايسى خەنزۇچە كىتاپنىڭ قانچىنجى بېتىدە بار؟ بۇ كىتاپ كىم تەرىپىدىن قايسى يىلى يېزىلىپ، قايسى نەشرىيات تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؟
28. بىر مەزگىللىك چۆلدەرەشتىن كېيىىن، ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرى قايتىدىن جانلاندى. ھۆكۈمەت بۇنى قاچان، قايسى سىياسەتنىڭ تۈرتكىسىدە جانلاندۇردى؟ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردىكى مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى دۆلەت مەمۇرىمۇ؟ (ئۇيغۇر مىللىي تىبابەت دوختۇرخانلىرى قاچان بۇنداق چۆلدەرەپ قالغان ۋە قاچان قايتا گۈللەندى بۇنى تەپسىلىي دەپ بەرگەن بولساڭلار. )
29. سىزچە، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى خەلقئارادا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە قانداق مەزمۇنلارنىمۇ قوشۇپ قويۇش زۆرۈر.
قوشۇمچە: بەزى ئادەملەر قاتتىق كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا ئاندىن مىللىي تىبابەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ساقايسا گەپ يوق، ساقايماي قالسا مىللىي تىبابەت ھېچنېمىگە يارىمايدىغان قۇرۇق نەرسە دەپ گەپ تارقىتىدىكەن. بۇنداق قىلىش مەنچە، ئىلىمگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
مەن گەرچە دوختۇر بولمىساممۇ مىللىي تىبابەت ئەسىرىنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا شۇنداق بىر خۇلاسىگە كەلدىمكى، ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىدىكى تەقۋىيە دورىلىرى- ساق ئادەمنى ساق تۇتۇپ كېسەل بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىدىن ئىبارەت.
ھازىر خەق دۈم چۈشكەن ماكا، پاكا، ئاقسىل، پاقسىل، ۋىتامىن.... دەپ سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دورا ئەمەس بەلكى تەقۋىيەلەردۇر. بۇ تەقۋىيەلەرنىڭ تەرىقىلىرى ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتى ئەسەرلىرىدە ئېشىپ تېشىپ بار.
مەسىلەن: مەن تەتقىقات قىلغان قوليازمىدا ئىنسانلار غەرپ تىبابىتى تەقۋىيەسى چاغلايدىغان بېلىق مېيى كاپسۇلىدىن تارتىپ، غەرپ تىبابىتىنىڭ كەشپىياتى قاتارىدا كۆرۈلىدىغان Colchicine قاتارلىق بىرمۇنچە دورىلارنىڭ تەرىپى بار. بىر ئايلىق بولمىغان چۈجىنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئالىملار يېڭى ئىسپاتلىغان، ئەمما بۇ كىتاپتا ئۆز ئۆز ئەينى مۇنداق يازىدۇ: ھەر كىم چۈجۈ گۆشتىنى بىر ئايلىق بولماغۇنچە يەمەكلىكى شۈبھەلىكدۇر.
بۇنداق مىساللار بەك نۇرغۇن. ئۇنى بۇ يەردە بىردىن يېزىپ تۈگىتىپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇلار ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنى كونىلاردىن قالغان قۇرۇق گەپ قاتارىدا كۆرۈشنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئىنسانلارنى مىللىي تىبابەتنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەش ۋە قىممەتلىك بايلىقىمىزنى دۇنياغا توغرا تونۇتۇشقا كۈچ قوشۇش ئىشىغا ياردەم قولىنى سۇنغان قېرىنداشلارغا ئالدىنئالا رەھمەت ئېيتىمەن. خۇشۋاق بولغايسىلەر.
|
|