قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

م.ئوغۇز: ھالال جۈپتىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

7

دوست

4120

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26563
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1378
توردىكى ۋاقتى: 285
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 08:20:06 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
image.jpg

ھالال جۈپتىڭىزنى قانچىلىك چۈشىنىسىز ؟

مۇستافا ئوغۇز

ئىلاۋە : ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن ياشلىرىمىز تۇرمۇش قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ئايىغى ئۈزۈلمەس جىدەل-ماجرالارنىڭ قۇربانى بولماقتا. ھەتتا ئاز بولمىغان بىر جۈپلەر ئۆزلىرى تەستە چىگكەن شۇ نىكاھ يىپىنى ئۆزى ئۈزمەكتە. ئەلۋەتتە، تۇرمۇش بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبلىرى ھەرخىل. ئىنتايىن ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىز باركى، نائىلاج شۇ يولنى تاللايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئاجرىشىش يەنىلا توغرا ھەم ھەقلىق بىر تاللاشتۇر. چۈنكى مەنپەئەتسىز نىكاھ ئىنسانغا بىر ئۆمۈر كىشەندۇر. شۇڭا ئۇ تۈردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ ھەققىنى يىگۈم يوق. لىكىن، ئۇششاق توقۇنۇشلار ئىچىدە ياشاۋاتقان ۋە ئەرزىمەس سەۋەبلەر تۈپەيلى تۇرمۇش بۇزۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقانلارغا ئۆز ھالال جۈپتىنى چۈشىنىپ بېقىشى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن نىيەتتە ئۇشبۇ ماقالىنى تەييارلىدىم. كۆپچىلىكىمىزگە سىر ئەمەسكى، بىزدىكى ئايىغى ئۈزۈلمەس ماجرالارنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى دەل قارشى جىنىسنىڭ خاراكتىر جەھەتتىكى بىزدىن پەرقلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا چۈشەنچىمىزنىڭ كەملىكى ھەم شۇ پەرقلەرگە قانداق مۇئامىلە تۇتۇشنى بىلمەسلىكىمىزدىندۇر. گەرچە ئەر ۋە ئايالنىڭ خاراكتىر جەھەتتە نۇرغۇن ئورتاقلىقى بولسىمۇ، مىڭە ۋە ھورمۇن قۇرۇلمىسىنىڭ بەزىبىر ئۆزگىچىلىكى تۈپەيلى ئىنتايىن كۈچلۈك خاراكتىر خاسلىقلىرى بار. بۈگۈنكى بۇ مەزمۇننىڭ توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك مەنپەئىتى بارلىقىغا ئىشىنىمەن. قىنى ئۇنداقتا بىرلىكتە ئۆزىڭىزنى ھەم قارشى تەرەپنى چۈشىنىپ بىقىڭ !

2006-يىلى ئامىرىكىلىق داڭلىق ئايال ئالىم، نىرۋا كىسەللەر پىسخولوگى، تەتقىقاتچى ۋە كلىنىكا دوختۇرى لوۋئەن بىرىزەندىن (Louann Brizendine)نىڭ "ئاياللار مىڭىسى"ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، غەرپ ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. سىتىلىشى ئىنتايىن ياخشى بولدى. نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار قوللاش پوزىتسىيىسى بىلدۇردى. ئەمما بىر قىسىم ئاشقۇن فىنىمىزم ئىدىيىسىدىكى كىشىلەرنىڭ رەددىيىسىگە ھەم ئۇچرىدى. چۈنكى بىرىزەندىن ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن پەرقلىق تەرەپلىرىنى ئىلمىيلىك نۇقتىسىدىن شەرھلىگەن ئىدى. بىراق، ئۇلار ئەر ۋە ئايال پەرقىنىڭ ئىلمىيسىزلىك ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. 2010-يىلى بىرىزەندىننىڭ "ئەرلەرنىڭ مىڭىسى" ناملىق ئىككىنجى كىتابى نەشىر قىلىندى. تۆۋەندە بىرىزەندىننىڭ قارىشىدىكى ئەر ۋە ئايالنىڭ مىڭە ۋە ھورمۇن قۇرۇلمىسى ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان 7 چوڭ خاراكتىر پەرقلىرىنى ئۆز كۆزقارىشىم بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئەر ۋە ئايالدىكى پەرقلەر تىخى ئىزدىنىلىۋاتقان، يىشىلمىگەن بىر ساھە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەلۇم بىر نەزەرىيىنىڭ نە قەدەر ئىلمىي پاكىتنى چىقىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا سەگەكلىك بىلەن تەنقىدىي كۆزدە مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. مانا بۇ چىنلىققا بولغان مەسئۇلىيەت جۈملىسىدىندۇر.

   1. ئاياللار بىر ۋاقىتتا بىرنەچچە مەسىلىنى تەڭ ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلالايدۇ. ئەرلەرنىڭ چوڭ مىڭىسى ئاياللارنىڭكىدىن چوڭراق كىلىدۇ. ئوتتۇرىچە ئىيتقاندا، 8%-10% قەدەر چوڭ دىيىشكە بولىدۇ. ئەر ۋە ئايالنىڭ چوڭ مىڭە مەلۇم بۆلەك قۇرۇلمىلىرىدا پەرقلەر مەۋجۇت: ئاياللارنىڭ چوڭ مىڭە ماڭلاي ياپراقچىسىنىڭ تەدبىر تۈزۈش ۋە مەسىلە يىشىشنى كونترۇل قىلىش رايۇنى ئەرلەرنىڭكىدىن چوڭراق كىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، ئاياللار بىرلا ۋاقىتتا بىرنەچچە مەسىلىنى تەڭ ئويلاپ تەڭ ھەل قىلالايدۇ. ھەتتا بىر مەسىلىنى بىرنەچچە قەدەم باسقۇچلۇق ئانالىز قىلالايدۇ. ئەرلەر كۆپىنچە پەقەت بىر باسقۇچلۇق تەپەككۇر يۈرگۈزەلەيدۇ. ئالايلۇق، كىر يۇيىۋاتقان ئايال كەچكە نىمە تاماق قىلىش، بالىنى سائەت نەچچىدە ئۇخلىتىش، ئەتىكى تويغا نىمە ئاپىرىشتىن تارتىپ ھەممىنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ كۆزىڭىزنىڭ ئىچىگە قاراپ گىپىڭىزنى جىم ئولتۇرۇپ تىڭشاۋاتقىنىدىن، گىپىمگە ئاجايىپ ئەستايىدىل قۇلاق سىلىۋاتىدۇ دەپ قالماڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ قىلماقچى بولغان باشقا بىر ئىشىنىڭ بىرنەچچە قەدەم باسقۇچلۇق پىلانىنى تۈزىۋاتقان بولىدۇ. ئەمما ئۇ گىپىڭىزنى ھەم قاچۇرماي چۈشىنىپ ئاڭلاۋاتقان بولىدۇ. بۇنى سىز سۆزلەۋاتقان تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر گەپنى قىلىپ سالغىنىدا ئاندىن ھىس قىلالايسىز. ئۇ چاغدا ئايالىڭىزدىن ھەرگىز رەنجىمەڭ ! چۈنكى ئۇنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى سىزنىڭكىدىن پەرقلىق. مانا شۇ سەۋەبتىن ئايال كىشى ھەم سىزنىڭ، ھەم بالىلىرىڭىزنىڭ، ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ، ھەم قىينىئانا-قىيىنئاتىسىنىڭ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىزنىڭ ھەتتا ئىشلەۋاتقان خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تەڭ چىقالايدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەرلەرگە تەقسىم قىلىنغان بولسا ئىدى، ئەرلەر ھەرگىزمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان بولاتتى. چۈنكى چوڭ مىڭە ماڭلاي ياپراقچىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشىمايدۇ. مانا بۇ يارىلىش مۆجىزىسى. "جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا" دەپ بىكار ئىيتىلمىغان. ئەلۋەتتە، مۇشۇ شەرەپكە لايىق ئانىلار ئۈچۈن ئىيتىلغاندۇر. ئەرلەرنىڭ چوڭ مىڭە چوققا ياپراقچىسى ۋە بادام مىغىزى يادرۇ قەۋىتى (چىكە ياپراقچىسىنىڭ ئالدى ئۈچىدىكى كۈلرەڭ تۈگۈن) ئاياللارنىڭكىدىن چوڭراق كىلىدۇ. بۇ ئەرلەرنىڭ يۆنىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئاياللاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇم يىراق ئادرىسقا بىرنەچچە قىتىم بارسىمۇ ئايالىڭىز يەنە سىزدىن قانداق بىرىشنى قايتا سورايدۇ. كۆپىنچە ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدەشتە ئەرلەرگە قارىغاندا ئەپسىزلىكى بەلكىم بۇنىڭ يىتەرلىك ئىسپاتى بولالىسا كىرەك.

   2. ئاياللارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ئەرلەرنىڭكىدىن ياخشى. ئادەتتە ئاياللارنىڭ ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاش مۇددىتى ئەرلەرنىڭكىدىن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئاياللارنىڭ چوڭ مىڭە سەقەنقۇر گەۋدە(海马体)سىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك. مانا بۇنى دەل ئاياللارنىڭ ئەستە ساقلاش دىسكىسى دىيىشكە بولىدۇ. ئۇچۇرلارنى سىستىمىلىق ھالەتتە ئارخىپلاشتۇرۇپ ساقلايدۇ ھەمدە بۇ رايۇن ئۇزۇن مۇددەتلىك ساقلاش بوشلۇقى ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كىشىلەرگە ياردەملىشىپ تاپىدۇ. بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل بۇرۇن يۈز بەرگەن مەلۇم ئىش ياكى ئۇچراتقان مەلۇم كىشىنى ئەستە ساقلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەتتا بەلكىم نەچچە يىل بۇرۇن سىز بىلەن تۇنجى تونۇشقاندا ئۇچىڭىزدا قايسى رەڭلىك كۆينەك ۋە ئىشتان بارلىقىنى دەپ بىرەلىشى مۇمكىن. ئامال بار ئايالىڭىزغا ئوشۇق ۋەدە بەرمەڭ، ۋەدە بەرسىڭىز چوقۇم قىلىڭ ! چۈنكى خەتەرلىك يىرى، نۆۋىتى كەلسە 10 يىل بۇرۇن بەرگەن ۋەدىڭىزنى چىكىت،پەشلىرىنى قالدۇرماي بىرمۇبىر دەپ سىزنى يەرگە قارىتالايدۇ. كۆپرەك كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان گەپلەرنى قىلىپ بىرىڭ ! چۈنكى ئۆتمۈشتە دىگەن بىر ئىغىز تاتلىق گىپىڭىزنى ئىسىڭىزگە سىلىپ سىزنى خوش قىلىۋىتەلەيدۇ. ئەمما، ئاياللارنىڭ تونۇش ئىقتىدارىنىڭ چىكىنىش سۈرئىتىمۇ ئەرلەرنىڭكىدىن تىز بولىدۇ. شۇڭا ياش چوڭايغانسېرى ئۇلار ئاسانلا دىۋەڭلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

   3. ئاياللار مەلۇم ئىشتىن ئۈنۈم كۆرمىگەن شارائىتتا ئاسانلا پاسسىپ ئىدىيەگە كىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇنسىز شارائىتتا ئاسانلا ئورۇنسىز غەم قىلىپ كىتىدۇ. چۈنكى ئەر ۋە ئايالنىڭ چوڭ مىڭە مارگىنال (边缘区) رايۇنىنىڭ مەسئۇلىيەت بىر تەرەپ قىلىش قىسمىدا بەزى بىر پەرقلەر مەۋجۇدتۇر. بۇنداق ئەھۋالنى مەلۇم توي بولغاندا ياكى ئۆيگە مىھمان كەلگەندە كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بالىڭىز باشقا شەھەرگە ئوقۇشقا كەتكەندە بالىڭىزغا ئايالىڭىز بىلەن بىللە ئەھۋال سوراپ تىلىفۇن قىلغىنىڭىزدا ئايالىڭىزنىڭ ئورۇنسىز ئەنسىرەش ۋە غەم يىيىشلىرىگە بەزىدە كۈلگىڭىز كەلسە، بەزىدە ئاچچىقىڭىز كىلىدۇ.

   4. ئاياللار ئەرلەرگە تايىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەرلەر تەۋەككۇلچىلىكنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار ئاغرىقنى ئەرلەردىن بەكرەك ئاسان ھىس قىلىدۇ. ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىي ھورمۇن پەرقى تۈپەيلى، چوڭ مىڭە ئاغرىق سېزىش قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئەرلەر تۇغۇلىشىدىنلا ئۇرۇقدان ھورمۇنى ئىچىدە بولغاچقا، چوڭ مىڭىنىڭ ئاغرىققا نىسبەتەن سىزىمچانلىقى ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ. ئاياللارنىڭ باش ئاغرىقىنىڭ يۈز بىرىش دەرىجىسى ئەرلەرنىڭكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. ئاياللارنىڭ باش ئاغرىقىغا مۇناسىۋەتلىك مىڭە ئىلىكتىر دولقۇنى ئىنتايىن ھەرىكەتچان كىلىدۇ. ئەرلەرگە كەلسەك، مىڭە ئىلىكتىر دولقۇنىنىڭ ھەرىكەتچان بولۇشى ئۈچۈن، ئاياللارنىڭكىدىن 3 ھەسسە كۈچلۈك غىدىقلىنىشقا مۇھتاج بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئاستا خاراكتىرلىك ئاغرىق ۋە ئۇنۋىرسال خاراكتىرلىك مۇسكۇل ئاغرىقلىرى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە ئەرلەرنىڭ تىنى ئاياللارغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك كىلىدۇ، ھەمدە ھورمۇن قۇرۇلما پەرقى تۈپەيلى ئاياللار ئەرلەرگە تايىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۆيدىكى توك سىمى ئۈزۈلسە، ئايال دەرھال ئەر توكچى چاقىرتىپ ئوڭشىتىدۇ. 4 قىتىم بۇزىلىپ قالسىمۇ، 5-قىتىم ئۆزەم ئوڭشاپ باقاي دىمەيدۇ، يەنە شۇ توكچىنى چاقىرىپ ئوڭشىتىدۇ. شۇڭا ئاياللار نازۇك خىزمەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. مەسىلەن كاتىباتلىق،بوغالتىرلىق،بانكىرلىق ۋە سىستىرالىق دىگەندەك ئىشخانا ئىچى خىزمەتلىرىگە ئامراق كىلىدۇ. ئەرلەر بولسا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا ئامراق كىلىدۇ. ھەرىكەتچان خىزمەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئىگىلىك تىكلەشكە ۋە ئىشخانا سىرتى خىزمەت قىلىشقا ئامراق كىلىدۇ.   

  5. ئەرلەر كۆرۈنۈشكە ئېتىبار بىرىدۇ، ئاياللار تەپسىلاتىغا ئېتىبار بىرىدۇ. ئاياللارنىڭ ماڭلاي پوستلاق قەۋىتىدىكى چوڭ مىڭە ھۈجەيرە سانى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ. بۇ رايۇن ھۆكۈم قىلىش ۋە پىلان تۈزۈشكە مەسئۇل ئىقتىدارلىرىنى كونتىرول قىلىدۇ. يەنى، ئەرلەر مەلۇم ئىشنىڭ كۆپرەك نەتىجىسىگە قارايدۇ، ئاياللار تەرەققىيات جەريانىغا قارايدۇ. ئەگەر بىر ئەر بىر ئەرگە ئەتىر سوۋغا قىلسا، ئۇ پەقەت سىرتىغا قاراپ ئەتىرلىكىنى بىلىپ دوستىغا قاراپ "رەھمەت" دىگەن بىر ئىغىز سۆز بىلەن تاماملايدۇ. ئەگەر بىر قىز يەنە بىر قىزغا ئوخشاشلا ئەتىر سوۋغا قىلسا، سوۋغات قوبۇل قىلغان قىز كۆپىنچە پەقەت "رەھمەت،ئاداش" بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ئۇ قىز يەنە:" ئاداش نىمە ماركا ؟ قايسى دۆلەتنىڭ ؟ قانچىگە ئالدىڭ؟ نەدىن ئالدىڭ؟ باشقا پۇراقلىق ئەتىرلىرىمۇ بارمىكەن؟" دىگەندەك سوئاللارنى ياغدۇرۋىتىدۇ. چۈنكى قىزلار تەپسىلاتىغا قىزىقىدۇ. ئەرلەر بازارغا ئاياق ئالغىنى چىقسا، ئادەتتە ئىككى -ئۈچ دۇكاننى چۆگلەپلا بىر ئاياقنى تاللاپ ئالالايدۇ. ئاياللار ئوخشىمايدۇ. بىر سودا ساراينى پۈتۈنلەي دىگۈدەك چۆگلەپ چىقىپ ئاندىن بىر ئاياقنى ئىلىشقا ئاران قارار بىرىدۇ. ئايالىڭىز بىلەن مەلۇم بىر تويغا باردىڭلار دەيلى، كەچتە قايتىپ كەلگىنىڭلاردا دادىڭىز سىزدىن:" بالام، توي قانداقراق بولدى؟" دەپ سورىسا، سىز پەقەت:" ياخشى بولدى" دەپ جاۋاب بىرىشىڭىز مۇمكىن. دادىڭىز ئۈچۈنمۇ، سىز ئۈچۈنمۇ توي توغۇرلۇق دىئالوگ تۈگكەن بولىدۇ. ئەمدى ئاپىڭىز ئايالىڭىزدىن ئوخشاش سوئالنى سورىغىنىدا ئوخشاش جاۋاب چىقىشى مۇمكىنمۇ ؟  ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى تويدا ئوغۇل تەرەپ قىز تەرەپكە قانچىلىك قىز مىلى ئەكەپتۇ، قىز تەرەپ دەستىخانغا نىمىلەرنى تىزىپتۇ، تويدا قانچىلىك ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن بىلەيزۇك چۈشۈپتۇ، قىز مىلىغا قىيىنئانا نىمە دەپتۇ دىگەندەك پۈتۈن ئىشلارنى بىلىۋالغان تۇرسا، ئەلۋەتتە، ئوخشاش جاۋاب چىقمايدىدە. بەلكىم ئەڭ ئاز يىرىم سائەتتە سۆزلەپ تۈگىتىشى مۇمكىن. ئەي ئايال ! بەزىدە يولدىشىڭىزنىڭ مەلۇم ئىشقا سىزدەك تەپسىلىي بولالماسىلىقىدىن رەنجىمەڭ ! چۈنكى مىڭە قۇرۇلمىڭىز ئوخشاشمايدۇ.   

   6. ئەرلەر ئەقلىي ھۆكۈمگە مايىل، ئاياللار ھىسسىي ھۆكۈمگە مايىل كىلىدۇ. بۇنى ئەلۋەتتە مۇتلەقلەشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئومومىيلىقتىن كۈچكە ئىگە. مانا بۇ كۆپ ساندىكى قىزلارنىڭ ئىجدىئامىي پەنلەرگە، ئوغۇللارنىڭ تەبىئىي پەنلەرگە ئامراق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مۇۋەپپىقىيەت قازانغان قىزلاردا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئوغۇللارغا قارىغاندا مۇكەممەلۋازلىق ئىدىيىسى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. چۈنكى ئەرلەر ئەمەلىيەتچان كىلىدۇ. مەلۇم بىر يىرى يارىغان قىزنى ئىككىلەنمەي تاللىيالايدۇ. لىكىن ئۇتۇق قازانغان ئۇ قىز ئامىرىكىنىڭ كىنوسىدىدىكىدەك ھەم پۇلدار، ھەم كىلىشكەن، كورىيىنىڭ كىنوسىدىكىدەك مەسئۇلىيەتچان، ھىندىستاننىڭ كىنوسىدىكىدەك رومانتىك ئوغۇللارنى ئېستەيدۇ. مانا بۇ ھىسسىي ئېستەك مەسىلىسى ئەمەلىيەتتىن يىراق بولغاچقا ياش چوڭايغانسىرى ئۇلارغا كۆپ روھىي بىسىم تۇغدۇرىدۇ.

  7. ئەرلەر يالغۇزلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاياللار مۇڭدىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىسىم كۈچەيگەن چاغلاردا، چوڭ مىڭە بادام مىغىزى يادرۇسىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۈچىيىدۇ. ئەرلەرنىڭ بادام مىغىزى يادرۇسىنىڭ ئوڭ قىسمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تىخىمۇ كۈچەيسە، ئاياللارنىڭ سول قىسمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى كۈچىيىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەرلەر بىسىمغا يولۇققاندا، كۆپرەك ئۆزى يالغۇز ھەرىكەت قىلىپ بىسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. ئاياللار بولسا كۆپرەك چاغلاردا دوستلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىدۇ. مانا بۇ ئەرلەرنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ئاياللارغا قارىغاندا بەكرەك ئامراق بولىشىنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك. ئەرلەر بىسىمغا يولۇققاندا، كۆپرەك ئۆزى يالغۇز ماڭىدۇ، يۈگرەيدۇ، توپ ئوينايدۇ، كومپىيۇتىر ئويۇنى ئوينايدۇ ۋەياكى بەدەن چىنىقتۇرىدۇ. قىزلار كۆپىنچە بولسا مەلۇم يىقىن دوستلىرىنى چاقىرىپ دەرت تۆكىدۇ. ئايالىڭىز مەلۇم بىسىمغا يولۇققاندا، ئۇنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭ ! ئۇنىڭ دىلى سىزدىن ئازار يىگەندە ھەرگىز تاشلاپ قۇيۇپ سىرتقا چىقىپ كەتمەڭ ! سىز يىنىدا ئولتۇرۇپ چىرايلىق گەپ قىلىپ ھەل قىلمىسىڭىز سىرتقا چىقىپ كىتىپ ھەرگىز ھەل قىلالمايسىز. چۈنكى ئۇ كۆڭلى يىرىم بولغاندا ئەڭ مۇھتاج بولىدىغىنى يەنىلا سىز. سىزگە مىڭ قاقشىسىمۇ يىنىدا جىم ئولتۇرۇپ بىردەم ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈڭ. ئاندىن كۆزىگە قاراپ " مەن خاتا قىلدىم، كەچۈر " دەپ قويسىڭىز ئىش ھەل بولىدۇ. چۈنكى شۇنداق شارائىتتىمۇ ئۆزىنى تاشلاپ قويماي، يىنىدا تۇرغىنىڭىزدىن قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى سىز بىلەلمەيسىز. ئۇ ھەرگىز سىزگە ئۇنى دىمەيدۇ.

   بۇلاردىن سىرت، يەنە بىر مەزمۇننى مەن كۆرگەن باشقا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئىلىپ 8-تۈر پەرق سۈپىتىدە قوشۇپ قويۇشنى لايىق تاپتىم.
   8. ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك كۆپ گەپ قىلىدۇ. ئەنگىلىيە ئوكىسفۇرد ئۇنۋىرىسىتى ۋە ئامىرىكا مېرىيلەند ئۇنۋىرسىتى ئارقىمۇ-ئارقىدىن يىڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىلان قىلغان بولۇپ 2013-يىلى 21-فىۋرال تەيۋەننىڭ ”中广新闻网“تور بىتىدە كۆردۈم. يەنى، تەتقىقات نەتىجىسىدە شۇنداق دىيىلگەن:" ئاياللارنىڭ چوڭ مىڭە ئاۋاز-تىل كونترۇل قىسمىدىكى ئاقسىل مىقدارى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ ئىكەن. ئامىرىكا مېرىيلەند ئۇنۋىرسىتى تەتقىقاتچىلىرى 3-5 ياشلار ئەتراپىدىكى 10 نەپەر قىز ۋە ئوغۇلنىڭ مىڭە قىسمىنى تەتقىق قىلغىنىدا، قىزلارنىڭ ئاۋاز-تىل كونتىرول قسمىنىڭ ئاقسىل مىقدارى ئوغۇللارنىڭكىدىن 3 ھەسسە كۆپ چىققان. ئاخىرىدا، ئاياللارنىڭ ھەركۈنى سۆزلەيدىغان سۆز مىقدارى 20 مىڭ، ئەرلەرنىڭ 7مىڭ دەپ نەتىجە چىقارغان. يەنى، ئەرلەرنىڭ قول-پۇت ھەرىكىتى كۆپرەك، ئاياللارنىڭ ئىغىز ھەرىكەت كۆپرەك ئىكەن. ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، ئەرلەر ئاياللىرى بىلەن يىتەرلىك دەرىجىدە پاراڭلىشىپ بىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئاياللار بىرلىشىپ "چاي" ئوينايدۇ. چاي ئويناش پەقەت بىز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەزى تۈرك خەلقلىرىدە، شۇنداقلا تۈركىيە تۈركلىرىدىمۇ بار ئەھۋال. تويلىرىمىزدا ئەتىگەندە ئەرلەر 2 سائەتتە ئۇزاپ بولىدۇ-يۇ، چۈشتىن باشلاپ كەلگەن ئاياللار كەچ سائەت 6-7 لەردە ئاران ئۇزاپ تۈگەيدۇ. بىزنىڭكىدەك چىيى يوق، تويى يوق باشقا مىللەتنىڭ ئاياللىرى كۆپ گەپ قىلمامدۇ ئەمىسە دىيىشىڭلار مۇمكىن. ئۇلارنىڭ باشقا خاراكتىرلىك سورۇنلىرىمۇ كۆپ، ئەلۋەتتە. ئەرلەر كۆپرەك مەقسەتلىك پاراڭ ئاچىدۇ، ئىلمىيلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئاياللار كۆپىنچە مەلۇم تىمىنى مەقسەتنى قىلىپ پاراڭ ئاچمايدۇ، بەلكى يىقىنلىق قىلىپ پاراڭ ئاچىدۇ. ئاياللار ئادەتتە ياخشى كۆرمىگەن كىشىگە گەپ قىلمايدۇ. " ئايالىم كۆپ گەپ قىلىدۇ" " ھىرىپ كەلگىنىمدە قۇلاقنى تولا ئاغرىتتى"دەپ تىرىكمەڭ. چۈنكى كۆپچىلىك ئايال شۇنداق. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە بار ئىش. سز بىز ئۆزگەرتەلمەيمىز. گەپ قىلمىسىڭىزمۇ يىنىدا ئولتۇرۇپ گەپلىرىنى تىڭشاپ بىرىڭ. سىز يوق چاغدا 10مىڭ سۆزنى ئۇيەر بۇيەردە سۆزلەپ تۈگەتكەن بولسۇن، قالغان 10مىڭنى ئاڭلىماي ئامالىڭىز يوق. تۆمۈردىن قولاق سىلىپ بولسىمۇ ئاڭلاڭ، قېرىندىشىم. "سىلەرنىڭ ياخشىراقىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر" دىگەن بىزنىڭ ئەخلاق ئۈلگىمىز.

   خاتىمە :
   ئارىمىزدا ئاياللارنىڭ ئورنىنى تۆۋەن كۆرىدىغان، ئاياللارنىڭ ئوقۇشى نامەھرەم دەپ ئىلىمسىز قالدۇرىدىغان، تۆشەك ئىشى ئۈچۈنلا تۆرەلگەن دەپ قارايدىغان بىر قىسىم قالاق ئىدىيىدىكى كىشىلىرىمىز بار بولۇپ، ئۆزلىرى ئوقۇتمىغان شۇ قىزلىرىنىڭ تۇغۇت كۈنى كەلگەندە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ نامەھرەم ئەرلەرگە ئوپىراتسىيە قىلدۇرىۋاتقان مەنتىقىسىز شۇ كىشىلەرگە ئېچىنىمەن. ئەر ۋە ئايال باراۋەر دەپ شوئارنى توۋلاپ، ئايالىنى سىرتتا ئىشلىتىپ قويۇپ، ئۆيىدە بىكار يىتىپ ئايالىنىڭ چاپىنىدا تەرلەۋاتقان ئەركەكسىمانلارغا ئېچىنىمەن.

   ئاياللار ئەركىنلىكى دەپ جار سالدۇق، لىكىن ئاياللىرىمىز "ئەركەكلەر سىلەر نەدە ؟"دەپ نىدا قىلماقتا. بىز ئاياللارغا ئەسلى ئىلىشقا تىگىشلىك ئەركىنلىكنى بەردۇقمۇ ياكى ئەرلىك ئورنىمىزنى بوشاتتىقمۇ بىلەلمىدىم. ئۆتمۈشتە "زورمىگەر" بۇۋامغا مومام بۇنچىلىك نىدا قىلمىغان ئىكەن. بىز ئاياللارغا شۇنچە ئەركىنلىكنى بەردۇق، جىنىس پەرقىنى يوقىتىپ، ھەممىمىز ئوخشاش باراۋەر ئوتتۇرا جىنىس بولايلى دىدۇق،-يۇ، يەنە نىمە تۈگىمىگەن نىدالار بۇ ؟چۈشەندىمكى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى ھەرگىزمۇ نىمە كىيسەڭ كىيگىن، نەدە يۈرسەڭ يۈرگىن، كىمنى سۆيسەڭ سۆيگىن ئەمەسكەن، ئەسلى ئەركىنلىك ئەركەكلىرىمىزدىكى ئايالىغا بولغان چىن مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىقتا ئىكەن. بۇرۇنلاردا قىز تەرەپكە ئەلچى كىرسە، " ئوغۇلنىڭ ئەخلاقى قانداقراق ئىكەن ؟" دەپ سورىغان "قىز"موماملار ئاجايىپ بەختلىك ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن. قاچانكى " ئوغۇلنىڭ خىزمىتى بارمىكەن ؟" دىگەن سوئال پەيدا بولدى ئىشلار ئۆزگەردى. بەختنى بىز ئۆپكىنىڭ يىنىدىكى يۈرەكتىن ئەمەس، يانچۇقنىڭ ئىچىدىكى ئاقچىدىن ئىزدىگەن كۈندىن باشلاپ ئىشلار ئۆزگەردى. ھازىر بۇ سوئال قىز تەرەپتىن سورىلىدىغان بولدى، ئوغۇل تەرەپ بۇ سوئالدىن نۇمۇس تۇيغۇسى ھىس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئومۇملاشتى. قىز بالىلار خىزمىتىم بولمىسا ئوغۇل بالا ئالمايدۇ دەپ ئۇچرىغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ باقماقتا. يەتتە پەرزەنتى ۋە مومىيىنى قوشۇپ گۈلدەك باققان بوۋامنىڭ نەۋرىسى بۈگۈن بىر تال خوتۇنىنى باقالمايۋاتىدۇ. مانا بۇ رىئاللىق. ئاڭلىسام بوۋاممۇ مۇشۇ ئوكسىگىندىن نەپەس ئالغان، ئوخشاش سۇنى ئىچكەن، ئوخشاش ناننى يىگەن ئىكەن، پەقەت ئوخشىمىغان نىيەتتە سەجدە قىلغان ئىكەن خالاس. مەن ئويلايمەنكى، ھالال جۈپتى ئۈچۈن ئىككى بىلىكىنىڭ كۈچىنى ئايىغان ئەركەك، جۈپتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايايدۇ.

2016-يىلى 19-ماي (پەيشەنبە)
uyghuray

0

تېما

19

دوست

3353

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1023
توردىكى ۋاقتى: 499
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 12:35:36 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ، مۇستاپا ئوغۇز ئەپەندىم ! ناھايتى تېتىملىق تېمىدىن يەنە بىرنى ئېپ كەپسىز. ئاللا ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ! مەنپەئەتلىك يازمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي!

0

تېما

19

دوست

3353

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1023
توردىكى ۋاقتى: 499
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 12:41:59 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇمۇن ۋە مەريەم ھەدەمنىڭ (ئەلۋەتتە بۇ ئىككىسىنى ئوخشاش ئىددىيەدە دىمەكچى ئەمەسمىەن) مۇستەپا ئوغۇز ئەپەندىمنى ئۈلگە قىلىۋېلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن!

0

تېما

0

دوست

107

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67407
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 14:01:49 |ئايرىم كۆرۈش
ئاياللار ئەركىنلىكى دەپ جار سالدۇق، لىكىن ئاياللىرىمىز "ئەركەكلەر سىلەر نەدە ؟"دەپ نىدا قىلماقتا. بىز ئاياللارغا ئەسلى ئىلىشقا تىگىشلىك ئەركىنلىكنى بەردۇقمۇ ياكى ئەرلىك ئورنىمىزنى بوشاتتىقمۇ بىلەلمىدىم. ئۆتمۈشتە "زورمىگەر" بۇۋامغا مومام بۇنچىلىك نىدا قىلمىغان ئىكەن. بىز ئاياللارغا شۇنچە ئەركىنلىكنى بەردۇق، جىنىس پەرقىنى يوقىتىپ، ھەممىمىز ئوخشاش باراۋەر ئوتتۇرا جىنىس بولايلى دىدۇق،-يۇ، يەنە نىمە تۈگىمىگەن نىدالار بۇ ؟چۈشەندىمكى، ئاياللارنىڭ ئەركىنلىكى ھەرگىزمۇ نىمە كىيسەڭ كىيگىن، نەدە يۈرسەڭ يۈرگىن، كىمنى سۆيسەڭ سۆيگىن ئەمەسكەن، ئەسلى ئەركىنلىك ئەركەكلىرىمىزدىكى ئايالىغا بولغان چىن مۇھەببەت ۋە ھەقىقىي مەسئۇلىيەتچانلىقتا ئىكەن. بۇرۇنلاردا قىز تەرەپكە ئەلچى كىرسە، " ئوغۇلنىڭ ئەخلاقى قانداقراق ئىكەن ؟" دەپ سورىغان "قىز"موماملار ئاجايىپ بەختلىك ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن. قاچانكى " ئوغۇلنىڭ خىزمىتى بارمىكەن ؟" دىگەن سوئال پەيدا بولدى ئىشلار ئۆزگەردى. بەختنى بىز ئۆپكىنىڭ يىنىدىكى يۈرەكتىن ئەمەس، يانچۇقنىڭ ئىچىدىكى ئاقچىدىن ئىزدىگەن كۈندىن باشلاپ ئىشلار ئۆزگەردى. ھازىر بۇ سوئال قىز تەرەپتىن سورىلىدىغان بولدى، ئوغۇل تەرەپ بۇ سوئالدىن نۇمۇس تۇيغۇسى ھىس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئومۇملاشتى. قىز بالىلار خىزمىتىم بولمىسا ئوغۇل بالا ئالمايدۇ دەپ ئۇچرىغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ باقماقتا. يەتتە پەرزەنتى ۋە مومىيىنى قوشۇپ گۈلدەك باققان بوۋامنىڭ نەۋرىسى بۈگۈن بىر تال خوتۇنىنى باقالمايۋاتىدۇ. مانا بۇ رىئاللىق. ئاڭلىسام بوۋاممۇ مۇشۇ ئوكسىگىندىن نەپەس ئالغان، ئوخشاش سۇنى ئىچكەن، ئوخشاش ناننى يىگەن ئىكەن، پەقەت ئوخشىمىغان نىيەتتە سەجدە قىلغان ئىكەن خالاس. مەن ئويلايمەنكى، ھالال جۈپتى ئۈچۈن ئىككى بىلىكىنىڭ كۈچىنى ئايىغان ئەركەك، جۈپتىگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايايدۇ................................................................................................................................... بۇ سوزلىرڭىزنى بەك ياقتۇردۇم  رەھمەت سىزگە ئىلمىڭىز زىيادە بولغاي
uyghuray

1

تېما

0

دوست

1753

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 530
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 16:51:38 |ئايرىم كۆرۈش
  ئاجايىپ     پاساھەتلىك    جۇملىلەر    بىلەن   تولدۇرۇپسەن  ئۇكام  ،  بەزى  بىر  يازغان   قۇرلىرىڭ  ئەمەلىيەتكە   تولىمۇ    ئۇيغۇم   ،  ئەتىگەنلا  ياقىمىزنى  تۇتۇپ  «  توۋۋا  »   دىگەن  ئىشلارنى    ئەندى  كۆزۈمىز  بىلەن  كۆرۈۋاتىمىز  ، ئۆز  پەرزەنتلىرىمىز  ئاغزىدىن  ئاڭلاۋاتىمىز  .....
      يەنە  توۋۋا  دەيمەن  بەزىدە   ، ھەر  ئادەمنىڭ   ئەر- ئاياللار  باراۋەرلىگىگە   بەرگەن    تەبىرى    ئوخشاش  بولمايدىكەن   ،  سېنىڭمۇ  ئاساسىڭ  باردۇ  ۋەياكى   توغرۇدۇ   بىلمىدىم    ،  مېنىڭ  مۇشۇ  جاھىل  ، قاتمال   ، مۇتائەسسىپ ئىدىيەم    يەنىلا   ئەر  دىگەن  ئەر  ،  ئايال  دىگەن  ئايال  دەپ  نىدا  قىلىدۇ   ،  ھەتتا   بەزەن   تۈنلىرى   « ياق   !    ئەر  -ئايال    تەڭ  ئەمەس  !    »  دەپ  جۆيلۈپ  سالىمەن  ......

0

تېما

6

دوست

1500

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56316
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 439
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 17:32:09 |ئايرىم كۆرۈش
بۇنى يازغان قوللارغا ئاپىرىن !
  

0

تېما

0

دوست

420

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   60%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60787
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 130
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-19 22:42:14 |ئايرىم كۆرۈش
alip1924 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-19 17:32
بۇنى يازغان قوللارغا ئاپىرىن !

ئىلمىڭىز زىيادە بولغاي، قولىڭىزغا دەرت تەگمىسۇن

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3152
توردىكى ۋاقتى: 341
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-20 01:45  

مىنىڭ نەزىرىمدە ئاياللارنى چۈشۈنىش ئۈچۈن ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىلا ۋاقىت ، زىھىن ئىسراپچىقى .
چۈنكى شۇنچە ۋاقىت ، زىھىن سەرپ قىلىپ ئۇلارنى چۈشۈنۈپ بولدۇم دەپ ئويلىساڭ ، ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ھېچقانچە چۈشەنمىگىنىڭنى ھىس قىلىپ قالىدىكەنسەن .

ئۆزىنىڭ بىر تال ئايالىنى چۈشۈنۈپ بولغىچە ، ئادەم پەيلاسوپقا ئايلىنىپ بولىدىكەن ، بىراق شۇ ئايال يەنىلا ئەمىلىيەتتە چۈشۈنىلمىگەن پېتى قالىدىكەن .

شۇڭا ئاياللار توغۇرلۇق ، دەل شۇ مىنۇتتا نىمە بولسا شۇنىڭغا ئىنكاستا بولساڭ يىتەرلىك ، قالغىنى ئىزدەنگەن بىلەنمۇ ئىزدەنمىگەن بىلەن ئوخشاشلا .

بۇ شەخسى ، ھەم ئۆزگەرمەس قارىشىم .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )