دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق
خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى شۇ خىزمەت مۇھىتىنى يارىتىۋاتقان ئورۇننىڭ تەرەققىياتىنى بىۋاستە بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردە خىزمەتچىنىڭ ساپا ئۆلچىمى نىمە دىگەن بىر سۇئال پەيدا بۇلىدۇ.
بۇ سۇئالغا يەتتە سەككىز يىللىق شىركەت پائالىيىتى جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىمدىن چىقارغان خۇلاسەمنى ئويلىسام كاللامدا تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتىراپىدا بىر خىل خۇلاسە چىققان بولسا ،تۆت يىلدا يەنە بىر خىل خۇلاسە چىقىپ، ئىككى يىلنى دەۋىر قىلغان خۇلاسە جەمئىي تۈت خىل بوپتۇ. بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىڭ جەمىئەت، شىركەت،سودا،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تەجىرىبىلىرىمنىڭ يەنىلا كەمچىل ئىكەنلىكىمنى كۆرىۋالغىلى بۇلىدۇ.
شىركەت تەرەققىياتىنىڭ مەلۇم باسقۇچىغا كەلگەندە شىركەتتە نەچچە يىل ئىشلەپ شىركەتنىڭ ئاساسىي مەشغۇلات تەرتىپلىرىگە پىشقان، تىجارەت ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات تەپەككۈر ئىڭىنى ئۆزلەشتۈرگەن خىزمەتچىنىڭ تۇساتتىن خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىشى شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى قەدىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قۇيىدۇ. بۇ خىزمەتچىنىڭ ئورنىغا يەنە بىر خىزمەتچىنى قۇبۇل قىلغاندا ،گەرچە بۇ يىڭى خىزمەتچى ئۆزى قۇبۇل قىلىنغان خىزمەتنىڭ مەشغۇلات تەرتىپىگە پىششىق بولسىمۇ، شىركەتنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى چۈشىنىشكە ۋە تەرەققىيات تەپەككۈرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە كەم دىگەندە ئالتە ئاي ياكى بىر يىل ۋاقىت كىتىدۇ. چۈنكى شىركەتتىن ئىبارەت بۇ ئىقتىسادىي گەۋدىدە شىركەت ئاساسىي قۇرۇلمىسى، تۈزۈم،باشقۇرۇش ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-تۈزۈملىرى رامكىسى دائىرىسىدە ئىلىپ بېرىلغاچقا،تاشقى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاشتەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمما شۇ شىركەتنىڭ قىلىۋاتقان تىجارىتىنىڭ ئھتىياجى، شىركەتنىڭ تەرەققىيات نىشانى، شىركەت خۇجايىنىنىڭ تەپەككۈرىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا ئاساسەن ،ھەر بىر شىركەتنىڭ ئۇخشىمىغان خىزمەت مۇھىتى ،خىزمەتچىلەر ئۇتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە ئىش بىجىرىشتىكى ئوسوللىرىدا زور دەرىجىدىكى پەرىقلەر مەۋجۇت.
خىزمەتچىنىڭ ئىستىپا بېرىشىدە تۈۋەندىكىدەك سەۋەپلەر بۇلىشى مۇمكىن.
ئىش ھەققى- ھازىرقىدەك ئۇچۇر-تېخنىكا دەۋرىدە ،ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقى ھەممىگە ئايان. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشنى ئويلىمايدىغان خىزمەتچى بولسا بەلكىم خىزمەتنىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ كىتەلمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى بىزدە«گېنىرال بۇلۇشنى ئويلىمايدىغان ئەسكەر ياخشى ئەسكەر ئەمەس»دىگەن ماقال بار. خىزمەتچىنىڭ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇندىن ئىستىپا بېرىپ ئايرىلىشىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەپلىرىدىن بىرى ئىش ھەققىگە رازى بولماسلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ .
ئەمدى ئىش ھەققى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان خىزمەتتىن ئايرىلىش مەسىلىسى بولسا خىزمەتچىنىڭ شۇ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئورۇندىن ئېرىشىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرىمىگە رازى بولمىغانلىقىدىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تەھلىل قىلساق- بىزدە «چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ» دىگەن بىر گەپ بار، بىرى، خىزمەتچىنىڭ يارىتىۋاتقان قىممىتى ئېرىشىۋاتقان قىممىتىدىن چوڭ بولغاندا، يەنە بىرى خىزمەتچىنىڭ يارىتىۋاتقان قىممىتى بىلەن ئېرىشىۋاتقان قىممىتى تەڭ ،لىكىن خىزمەتچىنىڭ كاللىسىدىكى ئېرىشمەكچى بولغان ئىقتىسادىي قىممىتى يۇقىرى بولۇپ،شىركەت مۇئاش قۇشۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندا ئىستىپا بېرىدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.
بىر ئۇتتۇرا كىچىك تىپتىكى كارخانىنىڭ ئىككى يۈز خىزمەتچىسى بار دەپ پەرەز قىلساق، قۇرۇلما جەھەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىدىن بىرىدىن ئۈچكىچە،ئۇتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار بەشتىن ئۇن نەپەرگىچە، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكىلەر(ئالاھىدە تېخنىكا،پەن-تەتقىقات تۈرىدىكى خىزمەت ئورنى) بىردىن ئۈچكىچە بۇلىدۇ. تەمىنات جەھەتتىنمۇ يۇقىرى ،ئۇتتۇرا قاتلام باشقۇرغۇچىلار ۋە ئالاھىدە ئىش ئورنى شىتاتىدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەمىناتى يۇقىرى بۇلىدۇ، قالغان مۇتلەق كۆپ قىسىم خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشى دۆلەت ۋە يەرلىك بىكىتكەن مۇئاش ئۆلچىمى بۇيىچە ئىجىرا قىلىنىدۇ. كارخانىدا يۇقارقى كىشىلەر زىممىسىگە نورمال تىجارەت يۈرۈشتۈرۈش مەسئوليىتى، قانون خىيىم -خەتىرى،ئىقىتىسادىي زىيان مەسئوليىتى ،بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئوليىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر مەسئولىيەتلەر يۈكلەنگەن بۇلىدۇ، پۈتكۈل بىر كارخانا سىستىمىسىدىكى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا ئاجىرتىدىغان زېھىن-قۇۋۋەت، ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ،يەيدىغان غىمى كۆپ بۇلىدۇ. بۇلار شۇڭا ئەمگىكىگە ۋە زىممىسىدە كۆتۈرۈپ كىتىۋاتقان ئېغىر مەسئوليىتىگە مۇناسىپ ھالدا ئىقىتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىدۇ.
قالغان خىزمەتچىلەر پەقەت ۋە پەقەت ئۆز خىزمەت دائىرىسىگە تەۋە مەسئولىيەتنى ۋە مەجبورىيەتنىلا ئۈستىگىلا ئالىدۇ.شۇڭا ئېرىشىدىغان ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ شۇنىڭغا مۇناسىپ بۇلىدۇ.
ئەگەر خىزمەتچىنىڭ كارخانىدىكى قىلىۋاتقان خىزمىتى يۇقىرى ،ئۇتتۇرا قاتلام خىزمىتى بىراق ئېرىشىۋاتقان كىرىمى ئادەتتىكى خىزمەت ئورنىنىڭ مۇئاشى بولسا بۇ كارخانىدىكى مەسىلە.
يەنە ئەگەر خىزمەتچىنىڭ قىلىۋاتقىنى ئادەتتىكى خىزمەت ئورنى ئىشى ،بىراق ئېرىشمەكچى بولغىنى باشقۇرغۇچى ئورنىنىڭ تەمىناتى سەۋەپلىك كىلىپ چىققان خىزمەتتىن ئايرىلىش بولسا بۇ خىزمەتچىدىكى مەسىلە بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
مۇتلەق كۆپ قىسىم كارخانىلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ،بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭ يۇقىرى كىرىملىك خىزمەتچى بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس. شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپلا يۇقىرى كىرىمگە ئېرىششىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ھەممىسىگە جەريان كېرەك.
كارخانا تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ، سىتىراتىگىيىلىك نىشان ۋە پىلانىنىڭ بولماسلىقى، تىجارەتچىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بۇيىچە تىجارىتىنى شىركەتلەشتۈرۈپ،ئەمما كاللىسىدا يەنىلا تىجارەت تەپەككۈرى بۇيىچە شىركەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان ،خۇجايىننىڭ تىخىچە كارخانا تەپەككۈرىگە كىرمىگەنلىكى؛ شىركەت تىجارىتىنىڭ بىخ ھالىتىدە ئۈسىۋاتقان ئالاھىدە ۋاقتى، قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى شىركەت-كارخانىلارنىڭ ئىش ھەققى سەۋەپلىك خىزمەتچىلەردىن ئايرىلىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.بۇ يەردىكى مەسىلە دەل شۇ شىركەتتە.
شىركەتنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەسلىك، شىركەت قۇرۇلمىسى ۋە ئىش ئورنى ،يارىتىۋاتقان قىممىتى ۋە ئېرىشىۋاتقان قىممتىتى ئۇتتۇرسىدىكى گارمۇنىك مۇناسىۋەتنى تۇغرا مۆلچەرلىيەلمەسلىك، شىركەتكە كىرىپ ئىشلەشتىكى مۇددىئاسىنىڭ شۇ شەخىسنىڭ كىيىنكى مەزگىلدىكى ھاياتلىق پىلانى ئىچىدىكى رولى تۇغرىسىدا ئەستائىدىل ئويلانماسلىق، ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تۇغرا باھا بېرەلمەسلىك، قۇرۇق ھاياجان-ھىسىياتقا بېرىلىپ كىتىش قاتارلىق سەۋەپلەردىن شىركەتتىن ئېرىشىۋاتقان كىرىمىگە رازى بولماي ،ئىستىپا بېرىدىغان ئەھۋالنىڭ سەۋەبى دەل ئىستىپا سورىغۇچى خادىمدا بۇلىدۇ.
يۇقىرقىدەك ئەھۋاللارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل شۇكى -جەمىئەت ئامىلى .
بىرئادەتتىكى دۆلەت مەمورى ياكى كەسپىي شىتاتلىق خىزمەتچىنىڭ مۇئاش كىرىمى تەخمىنەن 3000يۇەندىن-4500يۇەنگىچە بۇلىدۇ.بۇنىڭدىن سىرىت ئىجتىمائىي سۇغۇرتا جەھەتتە شىركەت خىزمەتچىلىرىدىن تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى ئارتۇق تۇرىدۇ(دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن خۇسۇسىي شىركەت-كارخانىلار ئوبىيكتىپ رىئاللىق سەۋەبىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ سۇغۇرتىسىدىغا جامائەت ئولتۇراق فوندىنى قۇشمايدۇ) .شىركەت -كارخانىلارنىڭ ئادەتتىكى ئىش ئورنىنىڭ مۇئاشى 2500يۇەندىن 3500يۇەن ئەتىراپىدا بۇلىدۇ.شۇڭا كۆپ قىسىم يىڭى ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ چىققان خىزمەتچىلەر مۇئاش ئۆلچىمى جەھەتتە ئىستىخىيىلىك ھالدا دۆلەت مەمورى ۋە كەسىپى شىتات ئورۇنلىرىنىڭ مۇئاشىنى ئۆزلىرىگە ئۆلچەم قىلىدۇ.بۇ ئەھۋال شىركەتكە كىرگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا خىزمەتچىنىڭ دىلىدا بىر ئەپسۇسلۇق بۇلۇپ قالىدۇ، بۇ ئەپسۇسلۇقنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالمىغاندا ،قەلبىدە شىركەتكە ۋە خۇجايىنغا نارازىلىق پەيدا بۇلىدۇ.
دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ،ئىش تەقسىماتى ئېنىق،سېستىمىلاشقان خىزمەت ئەۋزەللىكى....قاتارلىق بىر مۇنچە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن دىيارىمىزدا ئەمدىلەتىن بىخى ئۇرۇپ كۆكلەۋاتقان شىركەت-كارخانىلارنىڭ خىزمەت مۇھىتى،شارائىتى قاتارلىق روشەن سىلىشتۇرمىلارمۇ نۇرغۇن يىڭى جەمىئەتكە چىققان ياشلارغا نىسبەتەن زور بىر پىسخىك تۇسۇق شەكىللەندۈرۈپ قۇيىدۇ.
سالاھىيەت- ئەگەر مەلۇم رايوندا ھاكىميەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوقوقى چوڭ، قانوننىڭ قانون ئىجرا قىلغۇچىغا بولغان نازارىتى يىتەرسىز بولسا،ھاكىميەت ئاپپاراتىدىكى كىچىككىنە بىر خىزمەت ئورنىدىكى ئىش بىجىرىش ھالقىسىمۇ مەلۇم نوپوز ۋە ئالاھىدە سالاھىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ .
ھازىرقى 80-يىلدىن كىيىنكىلەر ۋە 90-يىلدىن كىيىنكىلەرنىڭ خىزمەت قارىشىدا ،خىزمەت يۈنىلىشىنى تاللاش جەريانىدا ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ پىكرى خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، مىنىڭ بەزى ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئىلىپ بارغان سۆھبەتلىرىمدىن ھىس قىلىشىمچە ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ھەقىقىي مەنىدىكى خىزمەت پەقەتلا دۆلەت مەمورى،كەسپىي شىتاتلىق خىزمەت ئورنى ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىن ئىبارەت .باشقا شەخسى ئىگىلىكتىكى شىركەت-كارخانىلار مۇقىم ئەمەس،قاچان ۋەيران بۇلىشىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ،پاراۋانلىقى تېخى ياخشى ئەمەس ،دەم ئىلىشى كاپالەتكە ئىگە ئەمەس دەپ قارايدۇ. يەنە كىلىپ دۆلەت مەمورى ،كەسپى شىتاتلىق خىزمەت ئورنى ياكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردا پەرزەنتلىرى خىزمەتكە ئورۇنلاشسا پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە شەرەپ تۇيغۇسىغا ئېرىشكەندەك ، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت -كارخانىلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشسا شۇنچە يىل ئۇقۇتقان بالىسى خىزمەتتە مەغلۇپ بولغاندەك ھىسىياتقا كىلىپ قالىدىغان، يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئىمتىھانىنى ساقلاش مەزگىلىدە «پەرزەنتىم بىكار يۈرگەندىن بىرەر شىركەتكە كىرىپ ئىشلەپ تۇرمامدۇ،ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ كەتسە توختاپ قالسا بۇلىدىغۇ» دەپ ئويلايدىغان ئەھۋال خىلى ئوموميۈزلۈك مەۋجۇت. بۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە پەرزەنتىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى دۇنيا قارىشىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن .
بۈگۈنكى رىئال جەمىئىتىمىزدە ئۇلارنىڭ قارىشىنى خاتا دىگىلى بولمىسىمۇ ،ئومومىي ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا ،بۇندىن كىيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا دۆلەتنىڭ ئۆز فۇنكىسىيەلىك تارماقلىرىدا بۇنچە نۇرغۇن ئادەمنى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس.نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ مونوپول تىجارىتى ئىقتىسادنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىش يۇلىنى تۇسۇپ قۇيىۋاتقان، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۈنى كۈنسىرى خاراپلىشىۋاتقان ھالەتتە بولسىمۇ،ئۇلار يىقىن كەلگۈسىدە يەنىلا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇرۇنقىدەك گۈزەل كۈنلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ ماڭماقتا.بۇنىڭ بىلەن بۇ كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ جەمىئەتتىكى سالاھىيىتىدىمۇ ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بۇلىدۇ. كۆپ قىسىم قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇخىل دۆلەت تارماقلىرىنى چوڭ بىلىش ، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەت -كارخانىلارنى ياراتماسلىق كۆز قارىشىنىڭ نۇرغۇن تارىخى ۋە رىئال ئىجتىمائىي سەۋەبى بار. ئەمما دۇنيا مىقياسىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغان ۋاقىتتا ،شىركەت-كارخانىلارنىڭ جەمىئەت تەرەققىياتىدىكى كۈچى مىسىلسىز زور( بۇ يەردە كۆپچىلىككە مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانىسسى ئىشلىگەن ھۆججەتلىك فىلىم -«شىركەتنىڭ كۈچى» ۋە« كىم ئامىرىكىنى بارلىققا كەلتۈرگەن؟» نى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن).
خىزمەت تۇنۇشى-خىزمەت -ئادەمنىڭ ئۆز قىممتىنى ئىپادىلەشتىكى ۋە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپكى ئاساسى. خىزمەت بولسا كىشىلىك تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىشنىڭ بىر ۋاستىسى. خىزمەت چوڭ جەھەتتن ئەقلىي ئەمگەك ۋە جىسمانىي ئەمگەك دەپ ئىككى تۈرگە بۈلىنىدۇ.خىزمەتنىڭ تارىخى ۋەخاراكتىرىنىڭ ئۇخشىماسلىقىغا ئاساسەن خىزمەتتن ئېرىشىدىغان سالاھىيەت ،ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئوخشىمايدۇ.تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ھازىرغىچە خاراكتىرىنى ئۆزگەرتمىگەن خىزمەت يىزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچىدىكى دىھقانچىلىق بۇلىشى مۇمكىن. ھازىرقى ئۇچۇر ،بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە توختىماستىن يىڭى-يىڭى خىزمەت ئورۇنلىرى پەيدا بولماقتا.تور تېخنىكى،پىرۇگىراممىر دىگەنلەر يىڭىچە دەۋىردە پەيدا بولغان يىڭىچە خىزمەتلەردۇر.
دىھقاننىڭ جەمىئەتتىكى ئورنى ۋە كىرىمى ؛ ماھىر بىر پىرۇگىراممىرنىڭ جەمىئەتتىكى ئورنى ۋە كىرىمى...قاتارلىقلاردىكى پەرىق بولسا شۇ ئىش ئورنى يارىتىۋاتقان قىممەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئاڭ-ساپاسى تەرەققىي قىلسا ،ئۆزىمىزنىڭ يەرلىك گىپى بۇيىچە «ئۆز رىزقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغان» كىشىلەرنىڭ ،يەنى مەيلى ھۆكۈمەت كادىرى بولسۇن،مەيلى سودىگەر بولسۇن ،دىھقان بولسۇن،تازىلىق ئىشچىسى بولسۇن ..ماھىيەتتە ھەممىسى باراۋەر ئەمگەكچىلەر خالاس. كىشىلىك قەدىر- قىممەت جەھەتتە ئوخشاش بۇلىشى كېرەك.
بىراق كىسەل جەمىئەتتە خۇددى ئەپەندىمنىڭ «پەرىجەم يىسۇن» دىگەن لەتىپىسىدىكىگە ئوخشاش خىزمەت ئورنىغا ،دەرىجىسىگە،كىيىم-كىچىكىگە،پۇلىغا قاراپ مۇئامىلە قىلىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىدۇ.بۇ ئىلاھىي مىزانلاردىكى «-ئىنسانلار تارغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر»دىگەن بىشارەتلەرگىمۇ خىلاپ. بۇنداق بىنورمال ھادىسە خىزمەت تاللاش ئىڭىمىزغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.خىزمەتنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇرلاپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا ،خىزمەت يۈزەكى جەھەتتىكى جان ساقلاش ۋاستىسى بۇلۇپلا قالماستىن ،ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسىدىن ئىبارەت . ئىنساننىڭ مىڭىسى ،پۇت-قۇلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خىزمەت قىلىشقا قۇلايلىق قىلىپ يارىتىلغانكى، خىزمەت ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنى ۋە تەبىئەتنى ،كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەللىك ۋە رەزىللىكنى يەنىمۇ چوڭقۇر تۇنىيالايمىز،بۇ تۇنۇش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى ھاياتلىق ھىكمەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.شۇڭا خىزمەت بىزگە بېرىلگەن بىر ئامانەتتۇر.
ھەربىر كىشىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى ھەرگىز ئۆز ئىقتىدارىدىن ئىشىپ كەتكەن بولمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ كۆپ ئىزدىنىش،ۋاقىت ،زېھىن،تىرىشچانلىق،سەۋىر-تاقەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.شۇڭا ھەربىر خىزمەت ئۇرنىدىكى قېرىنداش خىزمەتنى ئۆزىنىڭ يەنە بىر مۇقەددەس ۋەزىپىسى،ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ئامانەت دەپ قارىشى ،خىزمەتنى قەدىرلەپ ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىقى كېرەك.
دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق- ئەڭ يەڭگىل ۋە كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان خىزمەتمۇ بەلكىم كىشىدىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان يىتەرلىك سەۋىر-تاقەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى خىزمەتنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋىر-تاقەت تەلەپ قىلىش شەكلىدە كىلىدۇ.ئىغىر ئەمگەك خىزمىتى زور جىسمانىي قۇۋۋەت تەلەپ قىلىدۇ، بۇ يەردىكى قىيىنلىق دەرىجىسى ياخشى جىسمانىي كۈچنى تەلەپ قىلىش شەكلىدە كىلىۋاتىدۇ. بەزى خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ قىيىنىلىق دەرىجىسى شۇ خىزمەتنىڭ ئۆز ئوبىيكتىغا ئاتا قىلغان سالاھىيىتىنى ئىتىراپ قىلىشقا جۇرئەت قىلىش شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.......يىغىپ ئىيتقاندا دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق. جەمىئەتكە يىڭىلا چىققاندا بۇ نۇقتا ھەر بىرىمىزنىڭ كاللىسىدا ئىنىق بۇلىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۇم، مىنىڭ ئۇقۇش ئۇنىۋانىم يۇقىرى ....دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن خىزمەت ئورنىدىن زىيادە يۇقىرى تەلەپ قىلىپ،ئاخىرىدا ئۆمىد قىلغان نەتىجىگە ئېرىشەلمەي، ئۆزىگە پىسخىك تۇسالغۇ پەيدا قىلىۋىلىشقا بولمايدۇ.
ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىز بىزنىڭ بىرقەدەر كەڭ بىلىم ئاساسىغا ،ئەتىراپلىق تەپەككۈر ئىڭىغا، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىغا ، كىشىلىك قاراش جەھەتتىكى يۇقىرى ساپاغا ،شۇنداقلا مەلۇم كەسىپ دائىرىسىدىكى كەسپىي نەزىرىيىۋى بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. لىكىن جەمىئەتكە چىققاندىن كىيىن ،رىئال خىزمەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كەسىپلىشىش ،ئەتىراپلىق تەجىربىگە ئىگە بۇلۇش ،ھەرقايسى جەھەتلەردىن پىشىپ-يىتىلىشكە كەم دىگەندە 3-5يىلغىچە ۋاقىت كىتىدۇ. ئىشلەپ بىر يىل ئۆتە ئۆتمەيلا ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ،«- مەن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە، ئۇنىڭدىن كۆپ تىل بىلىمەن، ئۇ قىلغاننى مەنمۇ قىلالايمەنغۇ،ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى نىمىشقا مەندىن كۆپ؟» دەپ ئويلاپ ،قايمۇقۇپ قالىدىغانلار نۇرغۇن. نورمال خىزمەتنى ،شۇ خىزمەتنى بىرەر قۇر چۈشىنىپ قالغان ئادەملەر تامامەن قىلىپ كىتەلەيدۇ، بىراق نورمال خىزمەت جەريانىدا تۇساتتىن يۈز بېرىدىغان ئەجەللىك مەسىللىلەرنى ھەل قىلىش قابىليىتىڭىز،تەجىربىڭىز بارمۇ-يوق، خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئېغىر مەسئوليىتىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالالايدىغان قۇۋۋىتىڭىز بارمۇ-يوق،،،دىگەنلەرنى ئويلىشىڭىز كېرەك.
جەمىئەتتە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ تارىخىنى ئۇقۇپ باقسىڭىز ئۇلاردا مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكنىڭ يەنى ھەممىسىنىڭلا قان-ياشلىق خىزمەت تارىخىنىڭ بارلىقىنى بىلىسىز، بۇنى شۇلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆمۈرلۈك يولدىشىدىن باشقىلار بىلمەيدۇ. ئۇخشاش ياشتىكى بەزىلەرنىڭ سىزدىن ئىلگىرى كەتكەنلىكى ئۇلارنىڭ سىزدىن بەكرەك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىنمۇ بولماسلىقى ،ئۇلارنىڭ ئائىلىدىنلا ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بولغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا خىزمەتكە ئۇچۇق تەپەككۈر بىلەن مۇئامىلە قىلىش ، شۇ خىزمەت ئورنىنى ۋە شۇ خىزمەت ئورنىنى ياراتقان ئادەملەرنى ھۆرمەتلەش كېرەك. ئاسان خىزمەت يوق ،ئەمما كۈڭۈللۈك خىزمەت بار . خىزمەتتتىكى قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلىنىپ ،ئۇنى ھەل قىلىڭ، خىزمەتداشلىرىڭىزغا ئۈمىد ۋە ئاكىتىپ ئىنىرگىيە ئاتا قىلىڭ، خىزمىتىڭىزنى ۋە خىزمەت مۇھىتىڭىزنى كۈڭۈللۈك بىر جەريانغا ئايلاندۇرۇڭ.ھەرگىزمۇ خىزمەت قىيىنچىلىقىڭىزنى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدەك ئويلاپ،ئۇنداق بۇلىشى كېرەك،مۇنداق بۇلىشى كېرەك ئىدى دەپ زارلىنىپ يۈرمەڭ. ھەممە ئىشقا ۋاقىت كىتىدۇ،سەۋىرچانلىق كىتىدۇ،تىرىشچانلىق كىتىدۇ.دۇنيادا ئاسان خىزمەت يوق.
2016-يىلى ماي، ئۈرۈمچى