مىننەتسىز ئەمگەكنى مىللەت قوللايدۇ
قوللىرىمىزغا ئېلىپ بىز، كىتاپ بىلەن قەلەمنى، ئوقۇش بىلەن كەسىپتە، ئۈلگە بولايلى بالىلارغا. بازىرىمىزدا قۇرۇپ بىز، شىركەت بىلەن زاۋۇتنى، ئىگلىك تىكلەپ قۇيايلى، پەرزەنىتلەرگە بالىلارغا.
مەن بازىرىمىز تەۋەلىكىدىكى مىللى كارخانىچىلار بىلەن پات-پات ئۇچۇرشىپ،ئۇلارنىڭ ئىگلىك تىكلەش چەريانلىرنى بىلگۈم كىلىپ ئۇلار بىلەن ھەم سۆھبەت بۇلۇشۇپ بۇ مىللى كارخانىلارغا،زاۋۇت-شىركەتلەرگە بېرىپ تۈۋەندىكىدەك چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم .
زاۋۇت-شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش،شىركەت-زاۋۇتلارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شۇنى ھېس قىلدىمكى،زاۋۇت-شىركەت خوجايىنلىرى بازىرىمىز تەۋەلىكىدىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن نامرات ئائىلەرنىڭ بەرزەنىتلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاش بىلەن بىرگە خەيرى-ساخاۋەت ئىشلىرىنى كۆپلەپ قىلىشنى كارخانا-زاۋۇتلىرىنىڭ روناق تېپىشىنىڭ مىزانى قىلغان.مەن ئۇلارنىڭ سودا ئىشلىرىدا ئادىل بۇلۇپ،خېرىدالىغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ ئۆز تىجارەتلىرىنى كەڭەيتىپ خەلىقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۋاتقانلىقلىرىنى ئۇقۇپ ئۇلاردىن بەك سۆيۈندۈم ۋە بۇ يازمىنى يازدىم.قېنى ئەمىسە تۆۋەندىكى تىپىك خاراكتىرلىك زاۋۇت- كارخانىلار ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
لاپچۇق گۈلباغ رايونى ئۇن زاۋۇتى، چېغىرتماقلىق كەنىت <<دىيارىم سۇلياۋ – پولات قۇرۇلمىلىق ئىشىك -دەرىزە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى>> ۋە راڭپىزا ئىشلەش زاۋۇتى، ئۇلۇقيول كەنىتتىكى سۇ يېغى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى، 7--3-1-كەنىتلەردىكى قۇم شېغىل ئىشلەش زاۋۇتلىرى ۋە خىش زاۋۇتلىرىغا نەزەر سېلىپ باقساق، بۇ زاۋۇتلارنىڭ ،ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شۇنى بىلگىلى بولدىكى ئۇلارنىڭ بازىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا قۇشقان تۆھپىسىدىن،خەلىق تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئاسايىشلىقلىرىدىن، بازىرىمىز تەۋەلىكىدە قىلۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن سۆيىۈنمەي تۇرالمايسەن، مەن شۇ ۋەجىدىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ يۇرت خەلقىنىڭ بۇ زاۋۇتلارغا بولغان ئىنكاسىنى بىلىپ بېقىش ۋە يۇرتداشلارنىڭ ئۇلارغا پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى مەقسەت قىلىپ بۇ ئاددى يازمىنى يېزىپ چىقتىم. قېنى ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر يازمىدىكى كەمتۈك جايلارغا ۋە زاۋۇتلىرىمىزنىڭ خوجايىنلىرىغا تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىڭلەرنى ئايىماي بەرگەيسىلەر.
ئالدى بىلەن بۇ زاۋۇتلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ كۆرەيلى.
1. لاپچۇق گۈلباغ رايونى ئۇن زاۋۇتى .
بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرى ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىپلا قالماي ، بۇغدايلارنى ماشىنا بىلەن ئەكىرىپ ئۇن تارتىش كوزىپىغا تۆكۈلسىلا ئاپتوماتىك ئۇسولدا ئۇن تارتىلىپ پىششىقلاپ تارتىلغان ئۇنغا ئاقارتىش قوشۇلماي سۈپەتلىك ئۆلچەم بويچە مەشغۇلات قىلىنىپ خالتىلارغا قاچىلاپ سېتىپ چىقىرىش ئورنىغا يەتكۈزۈپ بىرىلدۇ.
2. ئۇلۇغيول كەنىتتىكى ھەر خىل سۇ مايلىرنى پىششىقلاش زاۋۇتى.
بۇ زاۋۇتنىڭ سېخلىرى ئاپتوماتىك بولۇپ ،گازىر ،قىچا ،زاراڭزىلارنى ئايرىم-ئايرىم پىششىقلاپ ئىشلەپ ياغ تۇڭ باكلىرىغا ئايرىم -ئايرىم ئاپتوماتىك قاچىلايدۇ ۋە ماي باكلىرىنىڭ جۈمەكلىرىنى ئېچىپ ماي ئالغۇچىلارنى سۈپەتلىك پاكىزە مايلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3. چىغىرتماقلىق كەنىت كونا يامانتوغان مەھەللىسىدىكى راڭپىزا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى.
بۇ زاۋۇتنىڭ راڭپىزا ئىشلەش جەريانى ئاپتوماتىك تاماملىنىپ بازىرىمىز تەۋەلىكىدىكى راڭپىزا ساتىدىغان دۇكانلارنى خام ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋېتىپتۇ.
4. چىغىرتماقلىق كەنىت چۇڭ تاشيول ياقىسى ئوتتۇرا مەكتەپ ئاستىدىكى ساۋۇت يۈنۈسنىڭ سۇلياۋ ئىشىك،سۇلياۋ دەرىزە پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى،سېخلىرى ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىدۇ. ئىشىك دەرىزىلەرگە ئەڭ ئىلغار بۇلغان<< جۇڭسەن يىخۇ >> ماتىرىيالىنى ئىشلىتىدىغان زاۋۇت بۇلۇپ،ھازىر قارادۆۋە بازىرىدا سېلىنۋاتقان ئەمىن ئۆي قۇرلۇشلىرنىڭ ئىشىك دەرىزىلىرىنى تەمىنلەپلا قالماي بازىرىمىز تەۋەلىكىدىكى قۇرلۇشلارنىمۇ ئىشىك دەرىزىرە بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە.ھازىر ئالدىن زاكاز قىلغان ئىشىك دەرىزىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىشىك 200 يۈرۈشكە،دەرىزە 800يۈرۈشكە يىتىپ زاكاس ماتىرىياللار زاۋۇتتا ئىشلىنىپ تەييارلىنىپ بولۇندى ،بىر قىسمى سېتىققا چىقىرىلىپ قۇلدىن چىقىرىلدى .سېتىققا چىقارغان ئىشىك دەرىجىلىرنىڭ سانى 100 دانىدىن ئېشىپ قۇرلۇش قىلغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالدىغان مەھسۇلاتىغا ئايلاندى.
ھازىر قارادۆۋە چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ قۇرلۇش ئەترىتى ئالدىن زاكاس قىلىپ ئالغان دەرىجىلىرىلا 50 دانىدىن،ئىشىكلىرى 10 دانىدىن ئاشتى. قالغان قۇرلۇش ئەترەتلىرىمۇ ئالدىن مال زاككاس قىلىپ ئالدىن ئىشىك دەرىجىلەرنى ئېلىپ ئىشلىتىشكە باشلاپتۇ.
1-3-ۋە 7-كەنتلەردىكى ئابلېلىم كېرەم قاتارلىقلارنىڭ قۇم- شېغىل زاۋۇتلىرىنىڭ ئۈسكۈنلىرى ۋە سېخلىرىمۇ ئاپتوماتىك مەشغۇلات قىلىپ بازىرىمىز تەۋەلىكىدىكى چوڭ كىچىك قۇرۇلۇشلارنى ئوخشاشلا سۈپەتلىك قۇم-شېغىللار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋېتىپتۇ.
6. ئەللىك كەنىت ئەزاسى جېلىل ئابلېلىمنىڭ ئامبار كەنتىكە ئورۇنلاشتۇرغان قۇم-شېغىل زاۋۇتى بىلەن خىش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىمۇ ئۆسكىنلىرى ئىلغار،سېخلىرى ئاپتىماتلاشقان زاۋۇت بۇلۇپ بازىرىمىز قۇرۇلۇشلىرىنى سۈپەتلىك خىش ۋە قۇم -شېغىل بىلەن تەمىنلەپ كېلۋېتىپتۇ.ھازىر بۇ زاۋۇت يىلىغا 1000 تۈمەن دانە خىشنى پىششىقلاپ ئىشلەپ سېتىققا چىقىرالايدىكەن. بۇ زاۋۇت بىلەن قارادۆۋە چېنىقىش كۇلۇبى قۇرلۇش ئەتىرتىنىڭ مەسئولى ۋارىس سالى ئالدىن 50 يۈرۈش ئۆينىڭ خىش،قۇم-شېغىللىرىنى ئېلىش كىلىشىم تۈزەپ ئۆز تىجارەتلىرىنى باشلاپ ھازىرغا قەدەر 10 يۈرۈش ئەمىن ئۆينىڭ قۇرىلىشىنى تاماملاپتۇ.
بۇندىن باشقا بازىرىمىز تەۋەلىكىدە يەنە يېڭى ئەسىر كىيىم تىكىش زاۋۇتى،شەھرىزات پېچىنە- پىرەنىك زاۋۇتى،چوكا مۇز زاۋۇتى قاتارلىق زاۋۇت شىركەتلەر كەينى-كەينىدىن قۇرۇلۇپ خەلق ئاممىسىنىڭ يىمەك-ئىچمەك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا غايەت زور ئاسانلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ بازىرىمىز تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا، ھەمدە بۇ زاۋۇت خوجايىنلىرىمىز پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆمرىنى يەپ –ئىچىپ ئويناپ كۈلۈپ ئۆتكۈزىدىغانلارغا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ .قارادۆۋىدىن ئىبارەت بۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغانلىكى ھەر قانداق بىر كىشى قانائەتچان ئىقتىسادچىل ئىش – ئوقەتكە ماھىر بولۇپ ھاياتنىڭ پەيزىنى ماددىي بايلىقنىڭ داقا –دۇمباقلىرىدىن ،ئەيش-ئىشرەت كەيپ –ساپالىرىدىن ئەمەس بەلكى مەنىۋىي بايلىقنىڭ تىۋىشلىرىدىن ئىزدەيدۇ . ئىمان – ئېتىقادنى ئۆزىگە مىزان قىلىپ ،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ساخاۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش ،ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خەيرلىك ئىشلاردىن ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە خوشاللىق تاپىدۇ...
بۇندىن باشقا يىمەك- ئىچمەككە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ ،قارغولارچە مودا قوغلاشماي، ساپ يىمەكلىك، يېشىل يىمەكلىكلەرنى ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلغان ئورۇنلاردىن سېتۋېلىپ ئىستىمال قىلدۇ ھەم ئۆزلىرىنىڭ تۈرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن ئۆزىگە خاس ھاسىلاتلىرى بىلەن غەلبىسېرى ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
قېنى ئۇيغۇرلىرىم، مۇسۇلمان كارخانىچىلىرىم <<مېھنەتسىز ئەمگەكنى مىللەت قوللايدۇ>>دىگەن ھېكمەت بار، سىلەر خېرىدالىرىڭلارنىڭ رازىمەنلىكى،يۇرتنىڭ دۇئاسى بىلەن تىجارىتىڭلارنى تېخمۇ روناق تاپقۇزۇپ، يۇرتىمىز ئۈچۈن ،خەلقىمىز ئۈچۈن پارلاق كېلەچەكلەرنى يارىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشقايسىلەر.سىلەر مىللەتنىڭ ئۈمىت يۇلتۇزلىرى.كەلگۈسى كېلەچەكنىڭ يول باشچىلىرى،سىلەر بىلەن خەلقىمىمىز مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ گۈزەل يۇرت ماكانىمىزنى تېخمۇ روناق تاپقۇزغايسىلەر.
قومۇل قارادۆۋە بازىرى
ئىسھاق ياقۇپ
2016-يىل
|