- تىزىملاتقان
- 2016-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2374
- نادىر
- 2
- يازما
- 143
ئۆسۈش
12.47%
|
sezgvr يوللىغان ۋاقتى 2016-5-24 19:01
بۇ ئادەمنىڭ خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بۇ ئادەم تۈركمىد ...
باشباقان كورتمۇ، تۈركمۇ، ئەرەپمۇ بۇ ئېنىق ئەمەس. بۇمۇ تۈركىيەدە خەقلەر تالاش تارتىش قىلىۋاتقان بىر نۇقتا. بۇنىڭغا قارتا باشباقاننىڭ تاغىسى، باشباقاننىڭ يېزىسىغا بېرىپ تەكشۈرگەن مۇخبىرلارغا بىز كورت ئەمەس دەپتۇ. بەزى ئىنكاسچىلار باشباقاننى ئەرەپ دەپتۇ. ئەمما، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارايدىغان بولساق، ئۇ تۇغۇلغان ۋە چوڭ بولغان يېزىنىڭ ئىسمى كايى (قايى) يېزىسى ئىكەن. كايى دېگىنى 24 ئوغۇز قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ، يەنى ئوسمان ئېمپراتورلۇقىنىڭ قۇرغۇچى قەبىلىلىرىدىن بىرى. لېكىن بۇنداق دېگەنلىكمۇ بۇ يەردە پۈتۈنلەي ئوغۇزلارلا ياشايدۇ دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، بۇ نام يەر جاي ناملىرىنى تۈركچىلەشتۈرۈش دولقۇنىدا بېرىلگەن بىر نام بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئەمما، تۈركىيەدەك بىر ئۇلۇس دۆلىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى كىشى ئۆزى تەۋە بولغان مىللەتكە ئەمەس، بەلكى تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك.تۈركىيە دېگەن ئىسىمغا قاراپلا بۇ دۆلەتتە تۈركلەر ھەممىدىن كۈچلۈك دەپ ئويلىۋالساق، خاتا بولىدۇ. چۈنكى، مەجلىستە تۈركلەرنىڭ سانىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ سانى كۆپ. ئەمما ئاساسىي قانۇن بويىچە دۆلەتنىڭ ئىسمى ئۆزگەرمەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئىسىم كۆزىگە سەت كۆرۈنىدىغان كىشىلەر تۈركىيە دېمەي تېجې دەۋالىدۇ. تېجې دېگىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقارتىلمىسى. بۇ گەپنى مىللەتچىلەر ئاساسەن ئىشلەتمەيدۇ. ئاساسەن كورتلار ۋە باشقا تۈركلەرگە ئۆچ مۇخالىپچىلار ئىشلىتىدۇ. بۇنداق كىشىلەر ت.ج. دېگەن ئىبارىنى رەسمىي ھۆججەت، كېنىشكە، خەت-چەك، مائارىپ ۋە مەديادا ھاكىم ئورۇنغا چىقارغان بولۇپ، باش چوققىلاردا تۈركىيە دېگەن گەپنى كۆرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئىدارە ئورگانلارنىڭ ۋېۋىسكىسى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ۋېۋىسكىسى، ئالىي مائارىپ تۈگىتىش ماقالىلىرىنىڭ تېشى، پاسپورت قاتارلىق جايلاردا ت.ج. دەپ يازىدۇ. بۇ مەسىلە تۈرك ئېنتېلەكتۈەللەرنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغان بىر مەسىلە. ھەتتا 2013- يىلى سەھىيە مېنىستىرلىقى باش مېنىستىرلىققا ئىلتىماس سۇنۇپ، پۈتۈن سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ۋېۋىسكىسىدىكى تېجې دېگەن خەتنىمۇ ئېلىۋېتشكە قوشۇلۇشىنى سورىغان.
تۈركىيەدە باشباقان، دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى، تىنچ گۈللىنىشنى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى، خەلقنىڭ پاراۋانلىقىنى بىرىنجى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇنداق قىلماي، مىللەتچىلىك قىلسا ، سايلامدا خەق ئۇنىڭغا بېلەت بەرمىسە چۈشۈپ كېتىدىغان گەپ.
مەنچە، مەيلى قايسى مىللەتتىن، ئىرقتىن ۋە دىندىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر خۇدانى ۋە ئىنساننى سۆيمەيدىغان، ھەققانىيەت تۇيغۇسى ئاجىز بىر ئىنسان ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋالسا بالايىئاپەت ئەنە شۇنىڭدىن چىقىدۇ. بىر سىياسەتچى دۈشمىنىنىڭمۇ ھۆرمىتىنى قوزغىيالىسا ئاندىن خەلقنىڭمۇ ھۆرمىتىنى قوزغىيالايدۇ. مەسىلەن، مۇھسىن يازىجىئوغلۇ، ئالپ ئارسلان تۈركەش...
|
|