قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 265|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ھۈكەر: يۈرىكىم يىغلايدۇ (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

933

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:51 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

يۈرىكىم يىغلايدۇ

(نەسر)

شىرزات ئادىلجان ھۈكەر



  ئۆزۈمنى يوقاتقان ھالدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن مەنزىلىمنى نىشانلىماي قايغۇ ئىچىدە مېڭىپ، كۆزۈمدىكى ياش ، قەلبمدىكى ئازابنى كىشىلەر نەزىرىدىن قاچۇرۇپ كېتىپ بارىمەن .
تۈنۈگۈنلا ئازاب قوينىدىن ئۆزىنى تارتىپ تەن ساقلىقىنى قايتۇرۇپ كەلگەن مومام مانا بۈگۈن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى . يۈرۈكۈم ھازىدار ! ئانامدەك كۆيۈنۈپ ، ئاتامدەك مېھرى – شەپقەت ئاتا قىلغان ، قەلبىمدە يۈكسەكلىكى ئېشىپ ئالىيجاناپ سانالغان مومامدىن ئايرىلدىم .
ھەي ، تاتلىق تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان سۈرەتتىن ئۆز ئازابىمغا داۋا ئىزدىدىم . ئەمما ئۇ شۇ كۈلگەنچە بىرەر ئېغىز سۆز قىلىپ قويمايىتتى . سۈرەتنى ئېلىپ يۈرۈكۈمگە ، يۈزۈمگە ياققىنىمدا ئۇنىڭ ئىسسىق چىقارغان نەپەسلىرىگە قېتىلىپ مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان لەۋلىرى يۈزۈمگە تەگمىدى . توپا – چاڭلار ئارىسىدا ئۇزاق يالداما بولغان سۈرەتنىڭ مۇزدەك يۈزى مېنى ئەندىكتۈردى . سۈرەت نېمە قىلىدۇ ؟ ئەلۋەتتە ، بىردەملىك ئازابنى تۈگىتىپ مەۋھۇم دۇنيارىڭدىكى ياراڭنى پەسەيتىدۇ . سېغىنىشتىن تامغان يېشىڭنى سۈرتۈپ ساڭا تەسەللىي بېرەلەمدۇ ؟ ياق ! سۈرەت يىغا ، خۇشاللىق ، ئازاب ئالدىدا يەنىلا كۈلۈپ تۇرىدۇ . تاكى ئوتتا كۆيۈپ كۈل بولغانغا قەدەر كۈلگىنىنى يوقاتمايدۇ .


1
ئۈچ كۈن ئاۋال . سەن بىلەن ھەممە يەردىن ئىسپىرىت پۇرىقى گۈپۈلدەپ ، ئاغرىق – سىلاقلارنىڭ ۋايساشلىرى بىلەن تولغان دوختۇرخانا ئىچىدە بىللە ئىدىم . سەن باشقىلاردىن روشەن پەرىقلىق ئىدىڭ . تېمەنلىكىڭ ، ساغلاملىقىڭ تېنىڭدە ئۆز كۈچ قۇۋىتىنى كۆرسەتتىمىكىن مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلەتكەن ، قەلبىڭدىكى غۇبارسىز مېھرىڭنى مېنىڭ قوينۇمغا تۆكۈپ بەرگەن ئىدىڭ .
ئىككى كۈن ئاۋال . قۇياش تاغ كەينىدىن قىزىل ئوتقاشتەك پارلاپ زېمىن يۈزىگە ئىللىق نۇرىنى تۆكۈپ سەن بىلەن ، مەن بىلەن يۈزلەشتى . ئانام سېنى داۋالاپ ساقايىتقان دوختۇرلارغا رەھمەت ئېيتىپ سېنى دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقتى . دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆزۈڭنى دۇنيادىكى بەختكە ئېرىشتىم دەپ ئويلىدىڭمۇ ، خۇشاللىقىڭ چىرايىڭدا قۇياشتەك نۇر چاچتى . مەن ئۈچۈن ئەسكى ، ۋەيرانە كۆرىنىدىغان غېرىبانە كۆلبەڭ ، سەن ئۈچۈن جەننەت ئوردىسىدەك ، گۈلى – گۈلىستاندەك كۆرىنەتتى . نەزىرىڭدىكى بۇ بىباھا دۇنيارىڭ بۈگۈن كېچە خۇشاللىق ئىلكىدە قىزىڭ ، نەۋرىلىرىڭنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرىق قىلدى .
بىر كۈن ئاۋال . « جەننەت ئوردىسى » دىن ئانام كۆز ئېچىپ ناشتىلىقىمىزنى غەملىدى . موما شۇ كۈنى مېنى قۇچىقىڭدا ئەركىلىتىپ تاماق شېرەسى ئۈستىدە ماڭا تاماق يېگۈزدۈڭ . ئاق تاملىرى ئىستىن سارغىيىپ كەتكەن ئۆيۈڭدە تۇرغۇم بولمىسىمۇ سېنىڭ مېھرىڭ ، سوغۇق قاپلىغان ۋەيرانىچىلىقنى ياساپ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى . يېنىڭدىن نېرى بولماي بۈگۈننىمۇ كەچ قىلدىم . ئۇيقۇ لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلغاندا مېنى ئۆز قوينىڭغا ئېلىپ ياتتىڭ .


2
تاڭ سەھەر سۈبھى كۆتۈرۈلۈپ ئالتۇندەك قۇياش ھارارەتلىك نۇرىنى يۈزىمگە چۈشۈرگەندە سەگىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم  . ئانام ئەتىگەنلىك تامىقىمىزنى تەييار قىلىش ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى . سەن تېخىچىلا شېرىن ئۇيقىدا ئىدىڭ . مەن لېۋىمنى يۈزۈڭگە ياققىنىمدا بۆلەكچىلا سوغۇق سېزىم پەيدا بولدى . سەن شۇ پېتى ئۇيقىدا ئىدىڭ . « چارچاپ قالغان بولساڭ ئۇخلىۋال ! » . قۇياش يەر يۈزىگە تىك چۈشكەندە ئانام قورسىقىڭنى ئويلاپ سېنى ئويغاتتى . سەن بىردەملىك ئۇيقىغا ئەمەس ، مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرىق بولۇپسەن ، ئانامنىڭ بېشىڭنى قۇچىقىغا قويۇپ « ئانا ، ئانا ئويغان ! » دېگەن سۆزلىرى يۈرۈكۈمگە بىر خىل تەشۋىشلىكنى سېلىپ يۈرەك سوقۇشۇمنى تېزلەشتۈرىۋەتتى . ئانامنىڭ كۆزىدىن تاراملىغان ياشتىن  ئاخىرى ھاياتلىقنىڭ ئامانەت ئىكەنلىكىنى ، بۇ ئامانەتنى چوقۇم قايتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدىم . يىللارنىڭ رەھىمسىز ئۆتمۈشلىرىدە موما سەنمۇ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدىڭ .


3
يىللار شەپقەتسىز . شۇ يىللار يېڭىلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئامراق نەرسىلىرىنى بىر – بىرلەپ ئېلىپ كېتىپ ، ئىنساننى ھىجران ئازابىدا كۈل قىلىدۇ . سېغىنىشتا تۆككەن ياشلار تاراملاپ قۇرۇپ تۈگەپ كەتكۈچە يەنە قانچىلىغان نەرسىلەرنى بىزدىن ئايرىيدۇ ، بۇنى بىلىشكە ئاجىزمىز .


4
ئۇزاقتىن – ئۇزاققا سوزۇلغان جامائەت تاۋۇتۇڭ كەينىدىن تەۋرەپ كەلمەكتە . مىسلىسىز ئازاپ ئىچىدە يىغلاپ قالغان قىزلىرىڭ ساڭا مۇراجەت قىلماقتا : « جېنىم ئانا ! بىزنى تاشلاپ كەتمە ! » بۇ خىل ئازابلىق مۇراجەت يۈرۈكىڭنى تىرىلدۈرەلمىدىمۇ ؟ موما ! نېمە ئۈچۈن  تاۋۇتۇڭنى ئازاب ئىچىدە كۆتۈرۈپ ماڭغان ئوغۇللىرىڭنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئۆز مېھرىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغان ئازاب تۇمانلىرىنى تارقىتىۋەتمەيسەن ؟! مەن ئويلايمەن ، قارلىق تۇتۇپ مېيىتىنى ئۇزۇتۇپ ، چىڭ دۇنيانىڭ ئىشىكىنى يەر ئاستىدىن ئېچىپ يىغا – زار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويغاندىمۇ نېمە ئۈچۈن شۇ ئادەم قولىنى پۇلاڭلىتىپ ھازىدارلارغا « خوش » دەپ قويمايدۇ .
مەنزىلگە كەلگەندە قەبرە قاراڭغۇلۇق ۋە سوغۇق تۇپراق بىلەن سېنى ئۆز قوينىغا تارتىپ كىرىپ كەتتى . موما ! ھايات كەچمىشلىرىڭنى ئۆز دۇنيارىڭدا قالدۇرۇپ كەتتىڭ .


دۆۋىلەنگەن قارا تۇپراق بېشىدا تاشتىن ئويۇلغان قەبرە تېشى ئۆز سۈرىتىڭنى خاتىرلىمەكتە . ئانام ، دادام ، پۇشتۇڭ جەمەتى بولغان قېرىنداشلىرىڭ قەبرەڭ بېشىدا يۇم – يۇم يىغلاپ ، دۇئادا قول كۆتۈرۈپ ساڭا جەننەتتىن ئورۇن تىلىمەكتە.
سۆيۈملۈك نەۋرىلىرىڭ ساڭا ئەركىلىگەندەك قەبرەڭ تېشىغا گىرە سالماقتا .


موما !
تەقدىر تەققازاسى بىلەن ھامان بىر كۈن سەن بىلەن جەم بولىمىز . بەلكىم شۇ كۈنلەردە بىزنى يادلايدىغانلارمۇ شۇ كۈننى كۈتىدۇ . چۈنكى ھايات يىللار قوينىدا تۈگەيدۇ .


ئاپتۇر: شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى 2014- يىللىق تىل-ئەدەبىيات كەسپىدىن
uyghuray

0

تېما

1

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66283
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:07 |ئايرىم كۆرۈش
kabra texi digan nim digan gap,momigez inkilawi kurbanma.su boyida filimini kuganma xu filimnig hanqisida birjig qoxka guxi kaltur digan gapni tilimizga tilmaqla birjig kala guxi kaltur dap tarjima kigan. dimakqi uyghur mazar madiynitiga hurmat killi

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئۇف ... ئەجەپ ئېسىمگە سالدىڭىز .

1

تېما

0

دوست

915

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  64372
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:26 |ئايرىم كۆرۈش
   ۋىجدانلىق يۈرەك يىغلاشقا يارالغان. ۋىجدان ۋە غۇرۇر قەلەمكەشلەرنىڭ بىسى ئۆتكۈر شەمشىرى....
uyghuray

11

تېما

1

دوست

933

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:15 |ئايرىم كۆرۈش
hejran007 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 17:07
kabra texi digan nim digan gap,momigez inkilawi kurbanma.su boyida filimini kuganma xu filimnig hanq ...

ئالدى بىلەن مېنىڭ تېمامغا نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.  سىزدىن سوراپ باقاي سىز بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان يېقىنلىرىڭىزنىڭ قەبرىسىگە قوپۇرۇلغان تاشنى نېمە دەيسىز؟ ئەجىبا ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭكىنى «قەبرە تېشى» دەمدۇ؟  مېنىڭ سىز دېگەندەك «مازار مەدەنىيتى» گە بولغان چۈشەنچەم كەمچىل، ھەم  يوق دېيەرلىك شۇڭا بۇ جەھەتتىن كەچۈرۈم سورايمەن!  
يەنە بىر گەپ قارىماققا سىز ئۇيغۇرلارنىڭ «مەدەنىيەت» لىرىگە  بەك ھۆرمەت قىلىدىغاندەك تۇرىسىز، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنكاسىڭىزنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يازمايسىز؟ ئەلۋەتتە بۇمۇ بىر مەدەنىيەت.  ئارتۇق كەتكەن گەپلىرىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن !!!!!!

0

تېما

1

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66283
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:13 |ئايرىم كۆرۈش

RE: ھۈكەر: يۈرىكىم يىغلايدۇ (نەسىر)

hukar يوللىغان ۋاقتى  2016-5-25 21:15
ئالدى بىلەن مېنىڭ تېمامغا نەزەر ئاغدۇرغىنىڭىزغا كۆپ  ...

uyghurqe yizeh kirguzguq yohti,siz kayse mazarda uyghurning kabra bixiga kabra tixe tikliginni kurdegiz,birmomayning ulumi bilan bir millatning madiyniti tag tugap katmaydu.karag,hanzu mazarligining hammisida kabra tixi barligini man kugan,amma man kugan uyghur mazarligida kabra tixe yoh. nawada kabra tixeni siz uqratkan bolsegiz dal muxunigga yurak agrimisa sahtilih bop kalidu.halida israelnig kaqmix rumanida mundah bayan bolup  xaharda yat muhit yat tilda tarbiylangan ikki nawrinig sahradiki qog anisinig kabrisiga jorulditip siywatkanliki suzlangan.man uylap kaldim   uyghurlardiki mazar madiynitinig arka kurnixi islam dini,hox   buradar    undahta sizning ismigez uyghurqa amma yizih uslubigez abjaxmu kandah,yaki asarda taswirlangan kabra tixe silarnig mahallida omuklaxkan madiniyat hadisisimu

0

تېما

1

دوست

339

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   19.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66283
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:25 |ئايرىم كۆرۈش
sizga kiqikkina tawsiyarim xuki,uyghurqa yazalaydighinigez din suyundum ,amma biligki uyghurqa yizixta samimiyatsiz imlaga dikkat kimmigan kixinig uyghirqa yigliyalaydiginiga katey ixanmayman,karap bikiga pax bilan qikitlarning tolimu qupaylixip katkiniga inkasigizdiki

11

تېما

1

دوست

933

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   86.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  54424
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 14:42 |ئايرىم كۆرۈش
hejran007 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-26 13:25
sizga kiqikkina tawsiyarim xuki,uyghurqa yazalaydighinigez din suyundum ,amma biligki uyghurqa yizix ...

  ھە  ماقۇل  سىزنىڭ  راست.    سىزنىڭ  توغرا.     راستمنى دېسەم  بۇ  بىرمۇنچە  خېتىڭىزدىن  چۈشەنگىدەك  بىرنېمە تاپالمىدىم.    مۇمكىن  بولسا  سىز  مۇشۇ  توغرىسىدا  بىرنىمە  يېزىڭ  ئاندىن كۆپچىلىك  بىلەن تەڭ  پىكىردە  بولارمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )