قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1332|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

‹تارىم› پەرۋىشىدىكى مەمتىمىن ھوشۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

0

دوست

2770

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 361
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 161
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-30
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

‹تارىم› پەرۋىشىدىكى مەمتىمىن ھوشۇر
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپ)


   يىللار نېمە دېگەن تېز ئۆتىدۇ، مانا قاراڭ، «تارىم» ژورنىلى 1950-يىلى نەشىر قىلىنىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب بوستانىنى سۇغىرىپ كېلۋاتقىنىغا ھەش-پەش دېگۈچە 66يىل بولۇپتۇ. 66يىل قارىماققا بىردەملىك كەچمىش شامال ياكى سانىماققا ئاددىي سان بولغىنى بىلەن، ئۇ ئۆز بېشىدىن 66باھار، 66ياز، 66كۈز، 66قىشنىڭ ئاجايىپ كەچمىشلىرىنى بىرمۇ بىر ئۆتكۈزۈپ، تۇرمۇش ھېكمەتلىرىنى سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، بەدىئىي كامالىتى بىلەن ئەل-ئاۋامنى سۆيۈندۈرۇپ كەلگەن 66يىلدۇر.
   «تارىم» ژورنىلىدىن ئىبارەت بۇ زەمزەم بۇلاق 66يىلدىن بېرى پەقەت سەككىز يىللا سوغۇلۇپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا («تارىم» ژورنىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ تەسىرى بىلەن 1966-يىللىق 4-ساندىن نەشىر قىلىنىشتىن توختاپ قىلىپ، 1974-يىلى 1-ساندىن باشلاپ قايتا نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ) بىر قېتىممۇ سوغۇلۇپ باقمىدى. بەلكى بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى ئاققانسېرى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، تېخىمۇ مەۋج ئۇرۇپ، ئۆز قوينىنى-باغرىنى تېخىمۇ ياشارتىپ، بەئەينى گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن باغۇ-بوستانلىققا ئايلاندى. شۇنداق «تارىم» ژورنىلى 2016-يىلى نەق 66ياشقا كىردى، بىز ئۇنىڭ 66يىللىق سەھىپىسنى بىرمۇ بىر ۋاراقلاپ باقساق، ئۇنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىت بىلەن لىق تولغان تەكتىگە يەنىمۇ تېرەن شۇڭغۇپ باقساق، ئۇنىڭ گۈل-چېچەكلەرگە پۈرگەنگەن باغۇ-بوستانلىرىنى قانغىچە سەيلە قىلىپ باقساق، ئۇنىڭ تەكتى-ئەسرارىدىن «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش» تەك پارتىيىنىڭ ئەدەبىيات –سەنئەت فاڭجېنىدا باشتىن-ئاخىر  چىڭ تۇرغانلىقىدەك ھەقىقەتنى بايقايمىز.
«تارىم» ژورنىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىي ژورناللار ئىچىدىكى بىر «ئانا» ژورنال. بۇ«ئانا» ئەينى يىللاردىكى نۇرغۇن ئەدەبىيات ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بۆشۈكى بولغان. «تارىم» ژورنىلىدىن ئىبارەت بۇ جاپاكەش، ئاقكۆڭۈل، قەيسەر«ئانا» نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنى ئۆزىنىڭ ئىللىق قوينىدا يېنىككىنە ئەللەيلەپ، پەپىلەپ قاتارغا قوشتى.
    ئەينى يىللاردا «تارىم» ژورنىلى مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوخشاش نۇرغۇن ئەدەبىيات ھېرىسمەنلىرىنىڭ قولدىن قولغا ئۆتكۈزۈپ ئوقۇيدىغان بىردىنبىر ئوقۇشلۇقى، ئىجادىيەت بۆشۈكى ۋە بەيگە مەيدانى بولغانىدى. بۇ ھەقتە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 40يىللىقىغا ئاتاپ يازغان« ‹تارىم› بەدىئىي يېتەكچىم» ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ‹تارىم› ژورنىلىنىڭ ھەر بىر يېڭى سانىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا، خۇددى بىر قەدىناس دوستۇم، يېقىن سۆھبەتدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن. ‹تارىم› ژورنىلىنىڭ زادى قايسى زامانلاردىن باشلاپ نەشر قىلىنغانلىقىنى، بۇ ‹دوستۇم›بىلەن تونۇشقانلىقىمنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقىنى ئەسلىيەلمەيمەن. بۇ ژورنال ماڭا ئەزەلدىنلا مەۋجۇتتەك بىلىنىدۇ. مەن بۇ ژورنالسىز تۇرمۇشىمىزنى، مىللىتىمىزنىڭ ئومۇمي مەنىۋى ھاياتىن كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمەيمەن. ئىشقىلىپ، مەن ئېسىمنى تاپقاندىن بېرى بۇ ژورنالنى كىشلەرنىڭ قولىدا كۆرەتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىغا قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئۇنى مەكتەپ قىرائەتخانىسىنىڭ ژورناللارنى قويىدىغان تەكچىسىدىن ئىزدەيدىغان بولغانىدىم. بۇ ژورنال كۆپ ۋاراقدالغاچقا، پاتلا پېتىدىن چۈشۈپ يېڭى ۋاقتىدىكىگە قارىغاندا كۆپۈپ، سەمىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالاتتى. ئاندىن قىرائەتخانىمىزنىڭ تىرشچان خىزمەتچىسى ژورنالنىڭ يىرتىلغان يەرلىرىنى قاتتىق قەغەزدە چاپلاپ، بىر قانچە سانلىرىنى بىر قىلىپ تۈپلەپ قوياتتى. بۇ ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلۈكىنىڭ، قەدىرلىكىلىكىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ژورنالنى ئېچىشىم بىلەنلا ئەتراپىمدىكى ھەممە نېمىنى ئۇنتۇيتتىم-دە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى  شېئىر، قوشاقلارغا مەھلىيا بولۇپ، ھېكايە، چۆچەكلەرنىڭ ۋەقەلىكلىرى ئىچىگە كىرىپ كىتەتتىم. كېيىن مەكتىپىمىزدە ئەدەبىيات كۇرژۇكى تەشكىللەندى.  كۇرژۇكتىكى ئاساسلىق ئۆگىنىش ماتىرىيالىمىزمۇ «تارىم» (ئەينى يىللاردىكى «شىنجاڭ ئەدەبىيات -سەنئىتى» ) ژورنىلى ئىدى. مېنىڭ بۇ ژورنالنىڭ ئىلھامى بىلەن يازغان دەسلەپكى شېئىرلىرىم «پىئونېرلار گېزىتى»(ھازىرقى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» ) گە بېسىلدى. كېيىنچە بىر ئىككى نەسىرىي ئەسىرىم «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىندى. «تارىم» ژورنىلىغا ئەسەر يازدىغان كىشلەرنى مەن كاتتا يازغۇچى، شائىرلار دەپ بىلەتتىم.  نېمىشقىدۇر، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى چاچلىرى شالاڭلىغان، كۆزىگە پارقىراق گىرۋەكلىك كۆزەينەك تاقىغان. ئالدىغا سەل ئېڭىشىپ ماڭىدىغان، ئورۇق، ئېگىز بويلۇق ئادەملەر سىياقىدا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەتتىم. شۇڭلاشقىمىكىن ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىمدە ‹تارىم› ژورنىلىغا ئەسەر ئەۋەتىشكە زادىلا جۈرئەت قىلالمايتتىم.
‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› مەزگىلىدە ‹تارىم› ژورنىلى بىر قانچە يىل نەشر قىلىنىشتىن توختاپ قالدى. ژورنالنىڭ ھېلىقى تىرىشچان كۇتۇپخانا خادىملىرى بىلەن ئىخلاسمەن مۇشتىرلىرى چاپلاپ، تۈپلەپ قويغان كونا سانلىرى بىزدەك ھەۋەسكارلارنىڭ تېخىمۇ قەدىرلەپ، قولدىن قولغا ئېلىپ ئوقۇيدىغان قىممەتلىك ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالدى. » («تارىم»ژورنىلى 1990-يىللىق 9-سان) .
   مەمتىمىن ھوشۇر 1965-يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا « ئالما »ناملىق تۇنجى ھېكايسى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. «ئاخىرقى سىناق»، « قىزنىڭ قەلبى» ناملىق ھېكايىلىرىنى ئېلان قىلىش ئىمكانيىتى بولماي، ياشلار ئارىسىدا قوليازما ھالەتتە تارقىلىپ كەتكەن. 1966-يىلى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ، ئەدىبلەرنىڭ بېشىغا نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت، بېسىم-رىيازەت، ئازاب-كۈلپەتلەر چۈشكەن. مەمتىمىن ھوشۇر «يېزىقچىلىق يېقىن يولايدىغان ئىش ئەمەسكەن!» دەپ قەلەمنى تاشلىۋەتكەن. 1978-يىلىدىن كېيىن ۋەزىيەتتە چوڭ ياخشىلىنىش بولغان. «ئىلى گېزىتى» نىڭ تۇرسۇن لېتىپ، تۇرسۇن زېرىدىن، مۆمىن سەپىرى، مالىك كېۋىر قاتارلىق مۇھەررىرلىرى مەمتىمىن ھوشۇرنى ھېكايە يېزىشقا ئۈندىگەن، ئىلھام –مەدەت بەرگەن. مەمتىمىن ھوشۇر 1978-يىلدىن كېيىن قولغا قايتىدىن قەلەم ئېلىپ « گۈلدەستە» ناملىق بىر ھېكايە يازغان. بۇ ھېكايە «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. «شىنجاڭ گېزىتى» دە قايتا بېسىلغان. مەمتىمىن ھوشۇر بۇ ھېكايىنىڭ ئىلھامى بىلەن «جەڭچى»، «يول»،« نەي ئاۋازى»، «ئوقۇتقۇچى»، « جۇخار گۈلى»، « ئۈچ تۈپ كۆچەت»، «ئۇستام»، « ئىككى پارچە خەت» ،... قاتارلىق ھېكايىلەرنى يازغان.
1978-يىلى كەچكۈزدە ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھرىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنى ئاچقان. بۇ يىغىنغا «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمىدىن قاھار جېلىل ئالايتەن كەلگەن. شۇ چاغدا «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەت شاۋدۇن قاھار جېلىل غۇلجىغا مېڭىشنىڭ ئالدىدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالىنى سۈرۈشتۇرۇپ بېقىشىنى، ئەگەر مەمتىمىن ھوشۇر خالىسا ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر ئاپتۇر قاتارىدا «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمىگە كىلىپ بىر نەچچە ئاي ئىشلەش تەكلىپىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپلىغان. بۇ ھەقتە تۆھپىكار ژورنالىسىت، ئەدىب مۇھەممەت شاۋدۇن « مەن ۋە ئىلى ئاپتۇرلىرى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:  «.... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يولداش قاھار جېلىلنى غۇلجىغا كاماندۇرۇپكىغا ئەۋەتىدىغان بولدۇق. ئەينى چاغدا‹ ئالما› دېگەن ھېكايىنى يېزىپ ئەۋەتكەن مەمتىمىن ھوشۇر بىردىنبىر ھېكايە يازغان ئىستۇدېنت بولغاچقا، ئۇنىڭ ھېكايىسىنىڭ نامى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسمى ئېسىمدە قالغانىكەن. بىر كۈنى بىرسىنىڭ ئۆيىدە غۇلجىدىن كەلگەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى بىلەن پاراڭلىشىپ قېلىپ :
ــ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› باشلىنىشتىن بىر يىل ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان مەمتىمىن ھوشۇر دېگەن بىر غۇلجىلىق بالا ‹ئالما› دەپ بىر ھېكايە يازغانىكەن.شۇ ھېكايىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ قەلىمىدىن ئۈمىد بار ئىدى. پات-پات شۇ بالىنى ئەسلەيمەن. ئۇ بارمىدۇ؟ بولسا نەدىدۇ؟ -دېدىم. ھېلىقى كىشى ئۇنى بىلدىغانلىقى، غۇلجا شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىيىتى قۇرۇلۇش ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇ كۈتۈلمىگەن ئۇچۇرنى ئاڭلاپ خۇش بولغانىدىم. قاھار جېلىل غۇلجىغا ماڭىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ، غۇلجىغا بارغاندىن كېيىن مەمتىمىن ھوشۇرنى ئىزدەپ تېپىشنى، ئەگەر ئۇ خالىسا، ئىشچى-دېھقان-ئەسكەر ئاپتور قاتارىدا  تەھررىر بۆلۈمىگە تەكلىپ قىلىپ بىر نەچچە ئاي ئىشلىتىشنى تاپلىدىم. قاھار جىلىل قايتىپ كېلىپ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىدارىسى رۇخسەت قىلسا ئۆزىنىڭ تەھررىر بۆلۈمگە كېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن دەرھال ئالاقە يازدۇرۇپ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئىدارىسىگە ئەۋەتتىم. ئۇزاق ئۆتمەي مەمتىمىن ھوشۇر تەھررىر بۆلۈمىمىزگە كەلدى، مەن ئۇنى نەسىرىي ئەسەر تەھررىرلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇم » ( «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 5-سانى، 144-، 145-بەتلەر ).
   مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ھېكايىسى «ئوقۇتقۇچى» نىڭ قانداق ئېلان قىلىنغانلىقى، «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمىدە قانداق چىنىققانلىقى ھەققىدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، « ‹تارىم›- بەدىئىي يېتەكچىم » ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: « ... جۇدۇنلۇق كۈنلەر ئۆتۈپ 1978-يىلغا كەلگەندە، قولۇمغا قايتا قەلەم ئېلىپ يازغان تۇنجى ھېكايەم- ‹گۈلدەستە›‹شىنجاڭ گېزىتى› دە ئېلان قىلىندى. ئارقىدىن ‹ئىلى گېزىتى› گە ‹جەڭچى›، ‹يول›، ‹نەي ئاۋازى›،... قاتارلىق ھېكايىلىرىم بېسىلدى. شۇ يىلى كەچكۈزدە ئىلى ۋىلايىتى غۇلجىدا ئىجادىيەت يىغىنى چاقىردى. بۇ يىغىنغا ‹تارىم› ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىدە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەۋاتقان يولداش مۇھەممەت شاۋۇدۇن قاھار جېلىلغا مېنىڭ ئىجادىيە ئەھۋالىمنى ئۆگىنىپ بېقىشنى تاپلىغانىكەن. قاھار جېلىل مەن بىلەن تونۇشۇپ، «ئوقۇتقۇچى» دېگەن بىر پارچە ھېكايەمنى ئېلىپ كەتتى. بۇ ھېكايە «تارىم» ژورنىلىدا بېسىلغان تۇنجى ئەسىرىم بولۇپ قالدى. بۇ خۇددى «تارىم»نىڭ مۇھەرىرلىرى مېنى«تارىم» ژورنىلىنىڭ ئىشىكىدىن ئۆزلىرى باشلاپ ئەكىرىپ قويغاندەكلا ئىش بولدى. ھازىر ئويلىسام، ژورنال مۇھەرىرلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئاپتۇرلارنى بايقاپ، يېتەكلەپ مېڭىشىمۇ مۇھىم ئىش ئىكەن » ( «تارىم»ژورنىلى 1990-يىللىق 9-سان).
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلىدا «ئوقۇتقۇچى» ناملىق ھېكايىسىنى ئېلان قىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئاشقان. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر شۇندىن كېيىن «تارىم» ژورنىلىنىڭ نوپۇزى يۇقىرى، ئەسەر تاللاشتىكى ئۆلچىمى قاتتىق دەپ تونۇپ، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىزچىل يۇقىرى ئۆرلىدى. ئەڭ ياخشى يېزىلغان دەپ قارىغان ئەسەرلىرىنى «تارىم» ژورنىلىغا ئەۋەتىشكە ئالدىرىدى. نەتىجىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرغان ياخشى ئەسەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى« تارىم» ژورنىلىدا ئېلان قىلدى. يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمى ئۆزى ئاچقان ۋە «تارىم» ژورنىلى تەھررىر بۆلۈمى بىلەن ھەر قايسى يەرلىك ژورنال تەھررىر بۆلۈملىرى بېرلىشىپ ئاچقان ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئىزچىل قاتنىشىپ، يازغۇچى، شائىرلار بىلەن تونۇشۇش، تۇرمۇش ئۆگىنىش، ئۇستاز ئەدىبلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت تەجرىبە، ساۋاقلىرىنى  ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى. نەتىجىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر تەدىرىجى ھالدا، ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ ئۈمىدلىك تايانچ كۈچكە ئايلانغان، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بولغان قىزىقىش-ھەۋىسى ھەسسىلەپ ئېشىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى تەدىرىجى مۇقىملاشقان.
يازغۇچى مەمتىمى ھوشۇر 1990-يىللاردا «تارىم» ژورنىلىدا ئارقا-ئارقىدىن « بۇرۇت ماجراسى»(« تارىم »ژورنىلى 1991-يىللىق 1-سان)، ، «قىرلىق ئىستاكان»(« تارىم »ژورنىلى 1991-يىللىق 8-سان) ،« مۇساپىرلار قاۋىقىدا»(« تارىم »ژورنىلى 1991-يىللىق 4-سان) ، « ئالتۇن چىشلىق ئىت»(« تارىم »ژورنىلى 1993-يىللىق 10-سان) ، «ئۆلۈككە خەت»(« تارىم »ژورنىلى 1992-يىللىق 4-سان)،« چار خوراز»(« تارىم »ژورنىلى 1995-يىللىق 8-سان) ، «خاسىيەتلىك قار»(« تارىم »ژورنىلى 1993-يىللىق 4-،5-سان) ، «ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشلەر»(« تارىم »ژورنىلى 1998-يىللىق 4-سان) ، «داپ»(« تارىم »ژورنىلى 1998-يىللىق 7-سان) ،«قۇم باسقان شەھەر»(روماندىن پارچە)(«تارىم» ژورنىلى 1996-يىللىق 8-سان) قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پىروزىچىلىقدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچى دەپ تەرىپلەندى. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغىمۇ بىراقلا تونۇلدى.               
  دېمەك، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلى ئارقىلىق مەشھۇر يازغۇچىغا ئايلاندى. ئۆز نۆۋىتىدە «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمىمۇ يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا ۋە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. 1990-يىلى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ھېكايىسى ش ئۇ ئا ر تۇنجى نۆۋەتلىك «‹تارىم› ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا، 1992-يىلى «ئۆلۈككە خەت» ناملىق ھېكايىسى ش ئۇ ئا ر بويىچە «‹تارىم›ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا 2001-يىلى « بۇرۇت ماجراسى» ناملىق ھېكايىسى ش ئۇ ئا ر بويىچە «تارىم» ژورنىلى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى تەبرىكلەش پائاليىتىدە «ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشت
  يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر «تارىم» ژورنىلىنىڭ 1997-يىللىق 1-سانىدىن تاكى 2006-يىللىق 4-سانىغىچە تەھرىر ھەيئىتى بولغان. «تارىم» ژورنىلى 1985-يىلى ش ئۇ ئا ر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتى يۈزىسىدىن تەسىس قىلغان « بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز» مەخسۇس سەھىپىسىدە « شادلىق بېغىشلايدىغان يول» («تارىم» ژورنىلى 1987-يىللىق 4-سان) دېگەن ماۋزۇدا تونۇشتۇردى. يەنە «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 8-سان مۇقاۋىسنىڭ 2-بېتىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن. «تارىم» ژورنىلى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50يىللىقىنى تەبرىكلەش پائاليىتىدە يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر« ‹تارىم ›نىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ئۈچۈن باش قاتۇرۇش ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مەجبۇرىيىتى»دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇق تېكىستى تۆۋندىكىچە:
«ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئەدىب دوستلار!
بىز بۈگۈن ‹تارىم› ژۇرنىلى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە جەم بولدۇق. ‹تارىم› ژۇرنىلى ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىمىز بىلەن تەڭ دېگۈدەك دۇنياغا كۆز ئېچىپ يېرىم ئەسىرلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ، كەڭ ئەدىبلەرنى ئۆز ئەتراپىغا ئۈنۈملۈك ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەدەبىيات قوشۇنىمىزنى بارغانسېرى ئۇلغايتىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش سېپىدىكى ھەر ساھە ئاممىغا ئۈزلۈكسىز مەنىۋى ئوزۇقلارنى ئاتا قىلىپ، بۈگۈنكى بۇ پەللىگە يېتىپ كەلدى. ‹تارىم›ژۇرنىلىنىڭ 50يىللىق مۇساپىسى-پارتىيىمىزنىڭ ‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش› فاڭجېنىدا، ‹ئەدەبىيات-سەنئەتنى خەلق ئۈچۈن، ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش› توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغان، ئەدىبلىرىمىز ئۈچۈن كەڭ ماھارەت كۆرستىش مەيدانى ھازىرلاپ بەرگەن، ياش كۈچلەر ئۈچۈن تەربىيىلىنىش مەكتىپى بولغان، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ياراتقان شانلىق مۇساپە.
  تارىم ژۇرنىلى دۇنياغا كەلگەن ئەينى يىللاردا مەملىكىتىمىزدە تېخى يېڭى جۇڭگۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا چىقىدىغان ئەدەبىي ژۇرناللىرىنى قانداق ئىشلەش، قانداق باشقۇرۇش جەھەتلەردە تەييار ئۈلگىلەر يوق ئىدى. ‹تارىم› يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە جۈرئەت قىلغان باشلامچى ژۇرنال. ئۇ ئەينى يىللاردا ئاچقان ‹قېرىنداش مىللەتلەر ئەدەبىياتى›، ‹دۇنيا ئەدەبىياتى›، ‹خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى›، ‹كلاسسىك ئەدەبىياتتىن پارچىلار›،... قاتارلىق سەھىپىلىرى بىلەن بۈگۈنكى ‹دۇنيا ئەدەبىياتى›، ‹مىراس›، ‹شىنجاڭ سەنئىتى›، ‹بۇلاق›، ‹ئەدەبىي تەرجىملەر› ژۇرناللىرى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان؛ شۇنداقلا پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن دۇنياغا كەلگەن ھەر قايسى يەرلىك ئەدەبىي ژۇرناللار ئۈچۈن ژۇرنالچىلىقتا دەسلەپكى ئۆرنەك بولغان ئانا ژۇرنال .
شۇ ئۇزۇن يىللاردا‹تارىم› ژۇرنىلىدا ئىشلىگەن جاپاكەش مۇھەررىرلىرىمىز،ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئۈنچىقماي، نام-نىشان قوغلاشماي، ئەجىر بىلەن تۆكۈپ، قانچە جانسىز ئەسەرلەرگە ھاياتىي كۈچ بەخش ئەتتى، قانچە ياش كۈچلەرنى قاتارغا قاتتى، قانچە نامسىز شەخىسلەرنى ھۆرمەت سەھنىسىگە چىقاردى. مەن بارلىق ئەدىبلىرىمىزگە ۋاكالىتەن ‹تارىم› ژۇرنىلى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ ۋاپات بولغان مۇھەررىرلىرىمىزنى سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمەن؛ ‹تارىم› ژۇرنىلىدا ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان ۋە ھازىرغىچە ژۇرنالدا ئىشلەۋاتقان بارلىق پېشقەدەم مۇھەررىرلىرىمىزدە ئالىي ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. شۇ ئۇزۇن يىللاردا مۇنەۋۋەر ئەدىبلىرىمىز ئۆزىنىڭ قايناق ھېسسىيات، ئارزۇ-ئۈمىد، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى يېڭى ئىزدىنىشلىرىنى ‹تارىم› نىڭ سەھىپىسىگە تۆكۈپ، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئاجايىپ ئوبرازىنى، زامانىمىزنىڭ ئېسىل كارتىنىلىرىنى سىزىپ چىقتى. ئوقۇرمەنلىرىمىز ھايات، تۇرمۇش توغرىسىدىكى ئوي-خىياللىرىغا شۇ ئەسەرلەردىن جاۋاب تاپتى؛ مەنىۋى تەشنالىقىنى ‹تارىم› نىڭ ئۆركەشلەپ تۇرغان ئېقىنىدىن سۇ ئىچىپ قاندۇردى. ‹تارىم› ژۇرنىلىنىڭ يېرىم ئەسىرىدىن بۇيانقى مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋى مەدەنيىتىنى تولۇقلاش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسنى ھېچقانداق ماددىي قىممەت بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.
   ‹تارىم› ژۇرنىلى بۈگۈنكى ئىسلاھات دولقۇنىدا نۇرغۇن ئەدەبىي ژۇرناللار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شارائىتتا يېڭى خىرىس، يېڭى رىقابەتلەرگە دۇچ كەلدى. ‹تارىم› ژۇرنىلىنىڭ قەلەم ھەققىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ژۇرنالنىڭ تەھرىرات ئورنى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان بېسىپ-تارقىتىش ئورنىنىڭ ئىككى تەرەپتە بولۇشى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى دەۋدىن قېلىپ قالغان بىنورمال ئەھۋال، بۇ ھازىرقى بازار ئىگىلىكى شارئىتىدا ‹تارىم› نىڭ ئۆز ئىقتىسادىغا ئۆزى مەسئۇل بولۇپ مۇستەقى راۋاجلىنىشىغا تامامەن پايدىسىز. يېرىم ئەسىرىدىن بېرى مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى تولۇقلاپ كەلگەن ‹تارىم› ژۇرنىلىنىڭ بۈگۈنكى پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسى بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئاكىتپ ئىزدەنمەكتە. بۈگۈن ‹تارىم› نىڭ 50يىللىق تويىنىڭ مۇشۇنداق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە بۇ مەرىكىگە دۆلەت، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىمىزنىڭ شەخسەن ئۆزى كېلىپ قاتنىشىپ ئىشلىرىمىزغا يوليورۇق بېرىشى پارتىيە، ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ‹تارىم› ژۇرنىلىغا بولغان ئىشەنچ، ئۈمىدىنى، كەڭ ئەدىبلىرىمىزگە بولغان ھۆرمەت ۋە غەمخورلۇقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. مەن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن بۈگۈنكى يىغىلىشقا قەدەم تەشرىپ قىلغان تۆمۈر داۋامەت، ئابلەت ئابدۇرېشىت، ئىسمايىل تىلۋالدى باشلىق رەھبەرلىرىمىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
ئەدىبلىرىمىزنىڭ ‹تارىم› ژۇرنىلىنى ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرى بىلەن قوللىشىنى، ‹تارىم› ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىرىكى ياخشى ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئەتراپىغا كۈچلۈك ئەدىبلەر قوشۇنىنى جەلپ قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى ئەسىرگە مۇناسىپ ژۇرنال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. »
   «تارىم» ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمى يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ئائىت ئوبزور ماقالىلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا، گەۋدىلەندۇرۇشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. مەسىلەن، ئەكبەر قادىر، پەرھات جاماللارنىڭ«يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن سۆھبەت» («تارىم»1993-يىللىق 10-سان)، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوچۇق خەت» («تارىم»ژۇرنىلى 1994-يىللىق 3-سان)، ئابدۇسالام ئابدۇشۈكۈرنىڭ«مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بايان شەكلى ۋە پېرسوناژلىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسى»(«تارىم»ژۇرنىلى 1998-يىللىق 3-سان)، ئەھەد داۋۇتنىڭ « مەمتىمىن ھوشۇر ھېكايىلىرىنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى»(«تارىم»ژۇرنىلى 2000-يىللىق 4-سان)، خەلچەم رېشىتنىڭ«ئالتۇن چىشلىق ئىت»تىن تۇغۇلغان ئوي-پىكىرلەر» («تارىم»1996-يىللىق 6-سان)، ئىسمايىل تۆمۈرنىڭ«‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›توغرىسىدا»(«تارىم»ژۇرنىلى1996-يىللىق 6-سان)، كېرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ«مەمتىمىن ھوشۇر چاتما ھېكايىچىلىقىنىڭ باشلىنىشى»(«تارىم»ژۇرنىلى 1998-يىللىق 9-سان) ، ئەركىن ئەمەت توركاننىڭ«مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەدەبىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە ئەسەرلىرىدىكى خاھىشچانلىق  توغرىسىدا»(«تارىم»ژۇرنىلى 2007-يىللىق 1-سان)، پەرىدە مالىكنىڭ«مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن سۆھبەت» («تارىم»ژۇرنىلى 2002-يىللىق 3-سان)، قاسىم سىدىقنىڭ«چىنلىقنىڭ رەھىمسىز يۈزى»(«تارىم»ژۇرنىلى 2013-يىللىق 6-سان) ،... ناملىق ماقالە-ئوبزورلىرى بەس-بەستە ئېلان قىلىنىپ « مەمتىمىن ھوشۇر تەتقىقاتى» نىڭ شەكىللىنىشنىگە ئاساس سالدى.


(«تارىم» ژورنىلى 2016-يىللىق5-سان)
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34908
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1078
توردىكى ۋاقتى: 305
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MIH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-27 12:57  

ئاپتورنىڭ جاپالىق ئەجرىگە ھەشقاللا ! ناھىيىتى تېتىملىق يازما بوپتۇ .

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3612
توردىكى ۋاقتى: 1180
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   ئۇيغۇر ھازىرقى زامان كىتاب ،مەتبۇئات،نەشرىياتچىىقىنىڭ سەركىسى بولغان
‹تارىم ›ژورنىلىلىغا ھۆرمەت بىلدۈرىمەن .

2

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 3180
توردىكى ۋاقتى: 346
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شۇ زامانلاردىكى مۇھەررىر ، تەھرىرلەر ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ، ئۇستاز بولۇشقا لايىق كىشىلەركەن . مەمتىمىن ھۇشۇرنى مۇشۇ ساھەگە باشلاپ كىرىپتىكەن ، ئىچى تارلىق ، كۆرەلمەسلىك قىلىپ يولىنى توسماپتىكەن .

بۈگۈنكىلەر ئاشۇ كىشىللىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئەمىلى ئىش قىلىدىغان ، يىتەكلەيدىغان ، يول كۆرسۈتىدىغان ياخشى خىسلەتلىرىنى ئۈگەنسەك بولۇدۇ .
uyghuray

2

تېما

3

دوست

5859

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  38188
يازما سانى: 722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1696
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-5-27 14:16
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان كىتاب ،مەتبۇئات،نەشرىياتچىىقى ...

ئەگەشتىم .

4

تېما

3

دوست

2128

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6463
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 293
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
نۆۋەتتە ھەممە ساھە گوروھۋزلىق ، يۇرتۋازلىق بەك ئېغىر،

1

تېما

9

دوست

3220

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   40.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 251
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 974
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مەن شەخسەن مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ يازمىلىرىنى ياقتۇرىمەن.
ئەمما تارىم ژۇرنىلى يىگىرمە ئوتتۇز يىللار بۇرۇنقىدەك سۈپەتلىك دېسە ئىشىنىپ كەتمەيمە.

1

تېما

0

دوست

5500

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   10%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1617
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimit007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-27 19:26  

مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ناھايىتى قىزىقارلىق، ئادەمنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدۇ، ئەسەرلىرىنى ئوقۇسا ئادەم قىزىقارلىق كىنو كۆرگەندەك بولىدۇ، بولۇپمۇ ‹‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›› دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ كۈلۈپ بولالماي يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالغان ئىدىم، كېيىن ‹‹چوشقىلارغا بايرام›› دېگەن ئەسىرىنىمۇ ئوقۇدۇم، يۇقارقى ئەسەلىرى ئىنتايىن قىزىقارلىق چىققان ئەسەرلىرىدۇر. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ‹‹قۇم باسقان شەھەر›› دېگەن كىتابىمۇ ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا تېگىشلىك كىتابتۇر، مەن مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسام بەئەينى ھەجۋىي كىنو كۆرگەندەك بولىمەن. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قايسىكى بىر كىتابىدا تاماكا چېكىپ، خىيال سۈرگەن بىر پارچە سۈرىتى بار ئىدى، مەن مۇشۇ ئىشنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر بىلەلمىدىم، تاماكا چېكىپ تۇرغان كۆرۈنۈشنى كىتابقا قىستۇرما رەسىم قىلىش مېنىڭچە چۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر ئىشتۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )