قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1561|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جىڭدۇڭ ئىزچىل زىيان تارتىۋاتىدۇ، لېكىن نېمىشقا پۇل كەم ئەمەس؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

8

دوست

4848

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29515
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 1558
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-10
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


جىڭدۇڭ ئىزچىل زىيان تارتىۋاتىدۇ، لېكىن نېمىشقا پۇل كەم ئەمەس؟
دىلسۇز ئەرچىن تەرجىمىسى

جىڭدۇڭ مۇنداق بىر ئىش قىلدى، بۇ ئىش ھازىرقى ئەھۋالدا توغرا. لېكىن ئۆز ۋاقتىدا مايۈن بۇنى مازاق قىلغان. يەنى ئۇلار ئۆزى ئوبوروت ئورنى ۋە مال ئىسكىلاتى قۇرغان. جۇڭگودىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە ئۆزى مال ئوبوروت سۇپىسى قۇرىدىغانلار ئۇنچە كۆپ ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى. لېكىن لىيۇ چىياڭدۇڭ ئاشۇنداق قىلدى. گەرچە ئۇلار ئىزچىل زىيان تارتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردا پۇل كەمدەك كۆرۈنمەيتتى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مەبلەغ سالغۇچى جىڭدۇڭنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يىتەلىگەن.
  ئەگەر جىڭدۇڭنى پەقەتلا پۇل تاپمىغان دېسەكمۇ توغرا بولمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ كەسىپ ھالقىسىدىكى مەبلىغى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغاچقا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا زىياننى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1. جىڭدۇڭنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىيەتتە پايدا ئالغان. جڭدۇڭنىڭ زىيىنى ئاساسلىقى ئىسكىلات قۇرۇلۇشى بىلەن ئوبوروتتا بولغان. لېكىن ھازىر ئىسكىلاتنى قۇرۇپ بولغان.
2. جىڭدۇڭدەك شىركەتنىڭ ھازىرقى زىيىنى ئۇنىڭ ئىتىراتىگىيىسىنىڭ توغرىلىقنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ھازىرقى زىيىنى كىيىنكى تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساس بولىدۇ.
3. نېمىشقا ئامازون شۇنچە كۆپ يىل زىيان تارتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بازار قىممىتى يەنىلا شۇنچە يۇقىرى؟ نېمىشقا ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ بانكىغا قايتۇرىدىغان قەرزى ئۇلارنىڭ ئايلانما ئوبوروت كاپىتالىدىن كۆپ؟
4. جىڭدۇڭنىڭ ھازىرقى ئېلان ھەققى ئۇلارنىڭ پايدا تەڭپۇڭ نۇقتىسىدىن ئېشىپ كەتتى. جىڭدۇڭ ھازىر تۆت چوڭ كۆزنەكنىڭ پۇل تاپىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ بولدى. لېكىن ئۆزى زىيان تارتىۋاتىدۇ.
5. جىڭدۇڭ ھازىر كېڭىيىۋاتىدۇ. پەقەت كېڭىيىش ئۇسۇلى توغرا بولسىلا پايدا ئېلىشىدا مەسىلە يوق. شۇڭا ئۇنىڭ زىيان تارتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مەبلەغ سالىدىغانلار بار.

ئۇنداقتا، مەسىلە شۇكى، جىڭدۇڭ زىيان تارتقان بولسىمۇ نېمىشقا پۇل كەم بولمايدۇ؟ بۇنى سۇنىڭ بىلەن گومىيغا سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بىلىمىز.
1. نەخ پۇل ئوبوروتىنىڭ سودىغا نىسبەتەن قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلەمسىز؟
2. گومىي بىلەن سۇنىڭ ئاساسى جەھەتتىن پۇل تاپمايۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلار نېمىشقا شۇنچە كۆپ چوڭ دۇكانلارنى ئاچىدۇ؟ ھەم ئەرزان ساتىدۇ؟
3. ھازىر پۇل تاپالمىساق ياكى ئاز تاپساق مەيلى. كىيىن رەقىبىمىزنى يېڭىپ بولغاندىن كىيىن كۆپلەپ تاپىمىز. بۇ قاراش توغرىمۇ؟
بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئوخشاش، يەنى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتىغا ئېرىشىش. گومىي بىلەن سۇنىڭ دەل نەخ پۇل ھېسابات ئايلانمىسىغا تايىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرىدۇ ھەم پۇل تاپىدۇ.
مەسىلەن، مەن ھەركۈنى سىزگە ئون مىڭ يۈەن بەرسەم، دىققەت قىلىڭ، ھەر كۈنى بىرىمەن. لېكىن ئۈچ ئايدىن كىيىن ماڭا ئون مىڭ يۈەن قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسام، دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى سىزمۇ ھەركۈنى قايتۇرۇۋاتقان بولىسىز. ئەگەر بىر يىل داۋاملاشتۇرساق، سىزنىڭ نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتىڭىز ئۈچ مىليون 650 مىڭ يۈەن بولىدۇ. ئۇنداقتا، ھېسابلاپ بېقىڭ، سىز پۇل تاپتىڭىزمۇ؟
ھەر كۈنى كاپىتال كىرىپ چىقىپ تۇرغاندا ئۇلارنىڭ تاپىدىغىنى دەسلەپكى 900 مىڭ يۈەن بىلەن ئۈچ مىليون 650 مىڭ يۈەن ۋە بانكىنىڭ ئۆسۈمى بولىدۇ.
بۇنىڭ داۋلىسى ناھايىتى ئاددىي. گومىي بىلەن سۇنىڭنىڭ بىر يىلدا ئون مىليارد بېرىشكە تېگىشلىك پۇل بولسا، ئۇنى ئۈچ ئاي كەينىگە سۈرۈپ قايتۇرغاندا ئۇلارنىڭ قولىدا قالىدىغىنى ئىككى مىليارد 500 مىليون يۈەن نەخ ئايلانما ئوبوروت بولىدۇ. ئەگەر ئالتە ئاي كەينىگە سۈرگەندە بەش مىليارد بولىدۇ.
ئۇنداقتا، سۇنىڭ، گومىي بۇ پۇلنى بانكىغا قويامدۇ؟ ياق.

2007-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى چوڭ بولۇپ، پۇل پاخاللىشىشى بىلەن ئۆي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتتى. پۇل شۇنچە پاخاللاشقان ۋاقىتتا كاپىتال مەبلىغىنى يۈرگۈزمەي قانداقمۇ پۇلنى بانكىدا ساقلىسۇن؟

بىر پارچە يەر ئېلىپ بىنا سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆي باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلىسە، بۇنىڭ پايدىسى ئەلۋەتتە كۆپ بولىدۇ. ئەگەر سۇنىڭ بىلەن گومىي ئۆي مۈلۈك كەسپى بىلەن پۇل تاپسا، بانكىمۇ ئۇلارنىڭ قەرز ئېلىشىنى قوللايدۇ. ئۇلار يەنە داۋاملىق بانكىدىن مەبلەغ تولۇقلاپ پۇل تېپىۋېرىدۇ.
شۇڭا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتىغا تايىنىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تاپىدىغىنى بەك كۆپ بولمىسىمۇ، تېخى زىيان تارتسىمۇ، ئۇلارغا پايدا كېلىدىغان جاي باشقا. لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى كېرەك .
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتىغا تايىنىدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تاپىدىغىنى بەك كۆپ بولمىسىۇ، تېخى زىيان تارتسىمۇ، ئۇلارغا پايدا كېلىدىغان جاي باشقا. لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى چوقۇم يېتەرلىك بولۇشى كېرەك. بۇ دەل سۇنىڭ بىلەن گومىينىڭ توختىماي تارماق دۇكان ئېچىشىدىكى سەۋەب. شۇڭا سۇنىڭنىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسىدا پەقەت دۇكاننىڭ ئۆزىگىلا قاراشقا بولمايدۇ. بەزى ئاپپاراتلار يەنىلا سۇنىڭنىڭ سېتىش سوممىسىنى ۋە ساپ پايدىسىنى ئانالىز قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن سۇنىڭغا نەچچە يۈز ھەسسە ئىشەنچ بىلەن سۇنىڭنىڭ تېزرەك پىىشپ يېتىلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتمەكتە.

ئۇنداقتا، سۇنىڭ بىلەن گومىي زادى قانداق؟
بىز يەنىلا نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروت ئەھۋالىدىن باشلاپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. گېلى ئاللىقاچان ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن مال يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولدى. سۇنىڭ ئەرزان مالنى تۇتالمايدۇ. شۇڭا سۇنىڭ گېلى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى خالىمايدۇ. باھا مەسىلىسىدە گومىيمۇ گېلى بىلەن تالاش تارتىشتا. لېكىن 2000-يىلىدىن كىيىن، بولۇپمۇ 2005-يىلىدىن كىيىن خەيئېر، خەيشىن، چۇاڭۋېي قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن ئاۋۋال پۇل تۆلەپ ئاندىن مال يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ۋە گومىينىڭ نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى زور دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى.
مەسىلەن، سۇنىڭ بىلەن گومىينىڭ 2011-يىلىدىكى سېتىش سوممىسى ئوخشاشلا 110 مىليارد يۈەن بولغان. ئەگەر ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكىدەك ئەركىن ئازادە ۋەزىيەت بولىدىغان بولسا، ئۇلار زاۋۇتنىڭ ئۈچ ئايلىق ھەتتا يېرىم يىللىق پۇلىنى بېسىپ تۇرغاندا ئۇلارنىڭ قولىدا 275 مىليارد ياكى 550 مىليارد بولغان بولاتتى. لېكىن ھازىر پەقەت يېرىم ئايلا كەينىگە سۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا قولىدا قالىدىغىنى ئاران تۆت مىليارد 600 مىليون.
نۇرغۇن ئادەم بىلمەيدىغان تۈرلەر ۋە نۇرغۇن جىددىي نەخ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغان زىيان تارتقان تۈرلەر دەل نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى يېتىشمەسلىكتىن جايىدا ئۇخلاپ قالىدۇ.

شۇڭا سۇنىڭنىڭ يەنە ئارتۇق تۆت مىليارد 700 مىليوندىن كىيىن بانكىدىن سەككىز مىليارد قەرز ئېلىشىدىن نۇرغۇن ئادەم ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ. سۇنىڭ ھازىر داۋاملىق تۈردە مەبلەغ يۈرۈشتۈرىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ خۇپسەنلىك قىلىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن ئوبوروت قىلىشى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە گومىيمۇ بۇ بىر نەچچە كۈندىن بىرى يېرىم باھادا يەر سېتىۋاتىدۇ، گومىي شۇنداق قىلىپ گومىي شەھەرچىسىنى خەينەن ئاۋائاتسىيىسىگە سېتىپ بەش مىليارد ئالدى. بۇ باھا ئېنىقلا 2009-يىلىدىكى ئون مىلياردتىن كۆپ تۆۋەن، لېكىن گومىيمۇ دەل نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى كەمچىل بولغانلىقتىن شۇنداق قىلماي بولمىدى.

ئەمدى سۇنىڭنىڭ ھازىرقى تىجارەت مۇھىت ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئۇلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى زادى قانچىلىك بولىدۇ ؟
سۇنىڭ بىلەن گومىي ھازىر بۇرۇنقىدەك نەخ پۇلنى بېسىش ئۇسۇلىنى قوللانمايدۇ. ھەم تارماق دۇكاننى كۆپەيتىپ نەخ پۇل ئوبوروتىنى كۆپەيتىپ ئاندىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپمۇ يۈرمەيدۇ.
ئالدى بىلەن پۇل تۆلەش ئۇسۇلى نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتىنى زور دەرىجىدە ئازلىتىۋەتتى. يەنە بىر نۇقتىدىن ئۇلارنىڭ تارماق دۇكانلىرىنڭ سانى يېتەرلىك دەرىجىدە كۆپىيىپ بولدى. ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، جىڭدۇڭنىڭ داۋالغۇتىشى بىلەن سۇنىڭ ۋە گومىينىڭ پايدىسى يەنىلا نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى بولدى.

ئۈچىنچدىن، گومىي بىلەن سۇنىڭنىڭ چەكلىك بولغان نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى بۇرۇنقىدەك كۆپ بولۇشى ناتايىن. چۈنكى جۇڭگونىڭ ئومۇمى ئىقتىسادىنىڭ سۈرئىتىنڭ ئاستىلىشى، سودا ۋەزىيىتىنڭ كەسكىنلىشىشى بىلەن ئۇلارنىڭ پايدىسى يەنە قانچىلىك بولار؟
تۆتىنچىدىن، زەنجىرسىمان تارماق دۇكانلار بۇرۇن ئاز بولسىمۇ پۇل تاپاتتى، ھازىر ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ زەربىسىدە زىيان تارتمىغىنىنىڭ ئۆزى پايدا. لېكىن قولنى كۆيدۈرسىمۇ زىخنى تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ دە، چۈنكى گۆش زىخقا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئومۇملاشتۇرغاندا، نەخ پۇل ئوبوروتى ئىنتايىن قىسلىشىپ كەتتى. پايدا ئازلاپ ھەتتا زىيان چىقىشقا باشلىدى. بۇ سۇنىڭ بىلەن گومىينىڭ ھازىرقى ئەھۋالى. ئۇنداقتا، ئېلېكتىرونلۇق سودا قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالدا ۋاقىتلىق بار بولغان نەخ پۇل ئوبوروتىنى ئىشلىتىپ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، لېكىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ياكى ئوتتۇرا باسقۇچتا پايدا ئېلىش مۇمكىن ئەمەس.

نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا نەخ پۇل ئايلانما ئوبوروتى بولغان ئەھۋالدىمۇ، زىياننىڭ تەسىرى يەنىلا چوڭ بولىدۇ.
مەسىلەن، بىر شىركەتنىڭ يىللىق نەخ پۇل ئوبوروتى ئون مىليارد بولسا، يىللىق زىيىنى ئون مىليون بولىدۇ. ئۇنداق بولغاندا ئۇ نەچچە يۈز يىل مۇشۇنداق مېڭىۋەرسىمۇ ھېچنېمە بولمايدۇ. چۈنكى ئون يىلدا ئۇنىڭ زىيىنى ئاران 100مىليون بولىدۇ. يۈز يىلدا بىر مىليارد بولىدۇ. پەقەت نەخ پۇل ئوبوروتى ئۈزۈلۈپ قالمىسىلا، ئۇ بىر نەچچە كۈن ياكى يەنە بىر ئاز ۋاقىت كەينىگە سۆرىسە ئۇنىڭ پايدا ئالدىغىنىنى ياكى زىيان تارتىدىغىنىنى كىم بىلىدۇ.
زىيان تارتقان كارخانا پەقەت نەخ پۇل ئوبوروتى بولسىلا سەۋرچانلىق بىلەن ماڭسا يەنە داۋاملىق ماڭالايدۇ، لېكىن پايدا ئالغان شىركەت پايدا ئالغان ھالەتتىمۇ نەخ پۇل ئوبوروتىدىن ئايرىلسا شۇ ھامان تۈگەيدۇ.

بىز بۇ نەزەرىيە بىلەن جىڭدۇڭنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.
جىڭدۇڭنىڭ نەخ پۇل ئوبوروتى ئۈزۈلۈپ قالمىسىلا ئۇ ئازراق زىيان تارتسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇ نەخ پۇل ئوبوروتى بىلەن تامامەن يەنە ئۆز سودىسىنى قىلىۋېرىدۇ. شۇڭا جىڭدۇڭنىڭ پايدىسىدىن ئۇنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇنىڭ يىلدا نەچچە يۈز مىليون نەچچە مىليارد زىيان تارتقىنىنى كۆرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرەلمىدى، ۋەيران بولىدىغان بولدى دېسەك ئۇ چاغدا بىز خاتالاشقان بولىمىز.

جىڭدۇڭنىڭ نەخ پۇل ئوبوروتىدىن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، جىڭدۇڭنى ھەر يىللىق قەرزنى جىددىي كېڭەيتتى (يىلدا % 50 تىن يۇقىرى، ھازىر بۇ نىشان ناھايىتى ئاسان) دەپ پەرەز قىلساق، ئۇنداقتا ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل قەرزنى ۋە ۋاقىت ئۇزارتىپ قايتۇرىدىغان پۇلغا تامامەن يېتىشىدۇ.
مەسىلەن، بۇ يىل جىڭدۇڭنىڭ 36 مىليارد قەرزى بار دېسەك، زىيىنى ئىككى مىليارد، بىر ئاي كەينىگە سۈرۈپ قايتۇرسا، يىل ئاخىرىدا جىڭدۇڭنىڭ قولىدىكى پۇل بىر مىليارد كۆپ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۈچ مىليارد قەرز ۋە ئىككى مىليارد زىيان ئازلايدۇ. ئەگەر قەرزى 54 مىليارد دەپ پەرەز قىلساق، ئىككى مىليارد زىيان بولغان بولسا، يىل ئاخىرىغا بارغاندا قولىدىكى پۇل 500 مىليون ئازلايدۇ.

شۇڭا جىڭدۇڭنىڭ قەرزى قانچە كۆپ بولغانسېرى زىيىنى كۆپىيىپ كەتمىسىلا ئۇنىڭ قولىدىكى پۇل ئۇنىڭغا نۇرغۇن يىل يېتەرلىك بولغان بولىدۇ .
كىمنىڭ نەخ پۇل ئوبوروتى يوقالغان بولسا، شۇنڭ ئەھۋالى خەتەرلىك دېگەن گەپ. ھازىر كىم ھەممىدىن بەك خەتەرلىك ئەھۋالدا؟ ئەلۋەتتە سۇنىڭ بىلەن گومىي. ئۇلار يەر سېتىپ نەخ پۇل ئوبوروتىنى تولۇقلىغان يەردە نەخ پۇل ئوبوروتىغا ئەلۋەتتە جىددىي ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا سۇنىڭ بىلەن گومىي جىڭدۇڭنى بوزەك قىلىش ئارقىلىق خېرىدار جەلپ قىلىشى كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا جىڭدۇڭمۇ ئەلۋەتتە قايتۇرما زەربىگە ئۆتىدۇ.
شۇڭا يۈزەكى نۇقتىدىن قارىغاندا، ئېلېكتىرونلۇق سودا جېڭى خۇددى قالايمىقانچىلىكتەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن مۇشۇ ساھەدىكى كشىىلەر بۇنى ئېنىق چۈشىنىدۇ. لىيۇ چىياڭدوڭ، جاڭ جىندۇڭ، خۇاڭگۇاڭيۈ ھەممىسى بۇنى ئوبدان چۈشىنىدۇ. لېكىن خۇپسەنلىك قىلىپ چۈشەنمەيۋاتقىنى سۇنىڭغا ئىشەنچىنى باغلاۋاتقان تارقاق خېىرىدارلار. ئۇلار لىيۇ چىياڭدۇڭنى قۇرۇق تىرە تاراقشىتىۋاتىدۇ، ھەيۋىسى بار ماغدۇرى يوق دەپ قاراۋاتىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە تىرە تاراقشىتىۋاتقىنى سۇنىڭ.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ بوۋىسى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئامازونغا قارايدىغان بولساق، ئۆتكەنكى 20 يىلدا ئۇلار ئىزچىل زىيان تارتىپ كەلگەن، لېكىن بازار قىممىتى يەنىلا يۇقىرى. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، زىيان تارتقانلىق كارخانىنڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى يوق دېگەنلىك ئەمەس. ئىشەنچ باغلايدىغىنىمىز كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى پايدىسى. مانا بۇ ھەقىقىي مەبلەغ سېلىش بولىدۇ.

ماتىرىيال مەنبەسى :http://finance.china.com
مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ .
uyghuray

3

تېما

5

دوست

2321

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  55800
يازما سانى: 248
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 674
توردىكى ۋاقتى: 144
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-11
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

مۇشۇنداق سودا تېمىلىرى كۆپىرەك يوللانسا ، بىزمۇ بازار يوق دەپ ئولتۇرماي نىمىشكە بازار يوق ، يوق بازارنى قانداق بار قىلالايمىز دىگەنلەر توغۇرلۇق تەھلىل يۈرگۈزىدىغان ئەمەلىي بىلىملەرگە ئىگە بولاتتۇق .

3

تېما

2

دوست

6175

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9612
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 509
تۆھپە : 1584
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-8
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
خېلى ياخشى تېما بوپتۇ.  رەھمەت سىزگە

0

تېما

0

دوست

3365

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1062
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-11
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى   تىمىكەن   ئاجايىپ  ئىشلار  باركەن جاھاندا    دىمەك  كۆپ   شىركەتلەر  قەرزگە  مىنىپ   باياشاتلىق  قالپىقى  كىيىپ  يۇرۇپتۇ       مەن  جىڭدوڭنىڭ   ھامان  ۋەيران  بولىدىغانلىقىغا   بەرھەق  ئىشىنىمەن
uyghuray

0

تېما

0

دوست

1554

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   55.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10354
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان تەرجىمىدەك  تۇيۇلدى ماڭا.نۇرغۇن ئېقتىسادىي بىلىملەر بىلمىگەنلەر ئۈچۈن بايلىق بوپ قالىدۇ.

0

تېما

2

دوست

1283

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-9
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 00:15 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بولۇپتۇ ، ئىككى كۈن بولدى سۇنىڭ بىلەن گومىينىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تىلفۇن ئارقىلىق مەھسۇلات توغۇرلۇق ئىمتاھان ئىلىۋاتقىنىمغا . بۇلارنىڭ ئىستىراگىتىيەسى ھەرگىزمۇ بىز كۆرگەندەك ئاددى ئەمەس .

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   39.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1970
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6251
توردىكى ۋاقتى: 1651
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-11
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:05 |ئايرىم كۆرۈش
بىزنىڭ سەركار ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلرى شىركىتى تەرەققىي قىلسا ،تېخىمۇ كېڭەيتسە ،تور سودىسى جەھەتتە بايرام ،تاۋارىم قاتارلىقلار گۈللەنسە دەپ ئويلايمەن.

10

تېما

2

دوست

4862

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1488
توردىكى ۋاقتى: 330
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-9
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:42 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Weliyop تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-9 12:35  

ھازىر ئىلىكتىرونلۇق سودىدا «تاۋباۋ» باشقىچە يول تۇتۇپتۇ، ئەھۋال 2015-يىلىغا قەتئى ئوخشىمايدۇ، ئۇلارنىڭ دۇكانلىرىغا قارسىڭىز ماللارنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش تەپسىلاتى يوق، ھەم ئەلى ۋاڭ ۋاڭ دەيدىغا خۇددى بىز دائىم ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان QQغا ئوخشاش دۇكاندار بىلەن ئالاقە قىلىدىغان سۆزلىشىش قۇرالىنىمۇ يوق قىلىپتۇ، ھەم مال باھاسى بۇرۇنقىدىن قىممەت ، ئۇنىڭدىن «تىيەنماۋ» خىلىلا ياخشىكەن ، ھەم ساختىلىق ئاز. لىكىن تىيەنماۋ مۇ بۇرۇنقىدەك ماللارنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش جەريانىنى قىسقارتىۋىتىپتۇ. «جىڭدوڭ» بىلەن «سۇنىڭ»نىڭ دۇكانلىرىغا قارايدىغان بولسىڭىز «تاۋ باۋ» بىلەن «تىيەنماۋ» نىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىغا ئوخشاش، لىكىن مىلى قىممەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )