قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2376|ئىنكاس: 13

تارىخ گۇۋا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

3

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22397
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 3569
توردىكى ۋاقتى: 215
سائەت
ئاخىرقى: 2017-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-16 13:17:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر گۇم قىلغان ئاۋاز ئادەمنى شۈركەندۈرەتتى،  بومبا پارچىلىرى قېلىن چاپاندىن ئۆتۈپ تېنىڭىزگە سانچقلغاندا پوس-پوس قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، خۇددى ياغاشنى تاۋۇزغا سانچىغاندا چىققان ئاۋازدەك ،  شۇ  بەدەنگە مىقتەك سانچىلغاندا چىققان ئاۋازنى تاشقا  مۆھۈر باسقاندەك يۈرەكلەردە ئورناپ كېتەتتى ....
قىيامەتلىك جەڭ ..... ئۇنۇڭ يېنىدا ىرايى توپا باسقان بىر  يىگىت « ئا » دىدىدە گۇپلا يىقىلدى، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ تارسىلداپ ئېتىلىۋاتقان ئوقلىرىدىن ئاۋايلاپ يىگىتنى ئىككى قولتۇغىدىن سۆرەپ دالدا يەرگە  ئاپاردى  ۋە  ئوڭدا ياتقۇزۇپ چىرايىغا قارىدى، يۇزىدىكى قان ئارىلاش توپا -لايلارنى سۈرۈتتى ، ئەندىلا خەت تارتقان بۇرۇتلىرى، ۋە قاپقارا كۆزلىرى ئوچۇق ئاسمانغا قاراپ جان بەرگەن ئىدى، بۇ ھالنى كۆرۈپ ئۇنۇڭ بەدەنلىرى تىترەپ كەتتى، بىر چىلەك سوغ سۇنى  بېشىدىن قۇيۇۋەتكەندەك بولدى، روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك ، ۋۇجۇدى بىر دەقىقە تىترەشتىن كېيىن ئۆزۈنى ئوڭشىۋالدىدە دورا سومكىسىنى قويۇپ ھازىرلا جان ئۈزگەن ئەزىمەتنىڭ قولىدىن پىلۇمۇتنى يۇلۇپ ئالدىدە دۈشمان ئىستىھكامىغا تاتاتلىتىپ سايراتتى، ئۇ ھىچنىمىنى سەزمەيتتى، ھىچنىمىنى ئويلۇمايتتى، كۆزۈدۈن پەقەت غەزەپ ئوتى چاچرىسا،  پىلۇمۇتتىن ئەجەل ئوتى چاچرايتتى  .....

    ئۇ پىلۇمۇت تەپكىسىنى قايتا -قايتا بېسىۋىدى دېسكىدا ئوق قالمىغان ئىدى، ئۇ ئۆزۈنى سەل رۇسلاۋالدىدە ئەتراپقا زەن سالدى، شېھىتلەر بىرىنىڭ ئۈستىگە بىرى مىنگىشىپ  ياتاتتى، بەزىلەر مىدىرلاپ جان تالىشىۋاتاتتى،  ئۇنۇڭدا ئەندى ئۆلۈكتىن  قورقۇش قالمىدى، بەلكى تېخىمۇ قورۇقمايدىغان كۈش قوشۇلغاندەك بولدى، ئۇ يانغا قارىدى گازارمىدا دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر ياش جان ئاچچىغىدا ئۇنۇڭغا قولىنى ئۇزاتتى، خۇددى مېنى «قۇتۇلدۇرۋال» دەۋاتقاندەك،  ئەجەل چاڭگىلىنى سوزغان ھايات -مامات بىر دەقىقە ئارىلىغىدا قالغان،  يامغۇردەك تاراسلاپ ئېتىلىۋاتقان رەھىمسىز ئوققا قارىماي ئۇ ئۆمۈلەپ باردىدە ياش جەڭچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تاتتى،  ياش جەڭچى قولىدىكى يېقىندىلا ئالغان « باتۇرلۇق » ئوردىنىنى ئۇنۇڭغا تۇتقۇزدىدە كۈلۈمسىرەپ جان  بەردى ....
    بۇ جەڭگاھتىكى قاننىڭ سېسىق ھىدى بىلەن توپا-چاڭ قوشۇلۇپ جاھاننى ئاجايىپ بىر تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى، كۈننىڭ سوغۇقلىغىغا قارىماي نىمىلەردۇ تاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى، بەزى بىر جەسەتلەردىن چىققان قاڭسىق پۇراق ھىشكىمنىڭ خىيالىنى چاشمايتتى، بۇ بىر شىددەتلىك جەڭ، بۇ بىر ئادالەت جېڭى، بۇ بىر ھەققانىيەت جېڭى  ئىدى، ئەندى بۇ جەڭنىڭ ھەتتا ئۆلۈمنىڭ ھىچقاندەك تارتىشقىدەك يېرى قالمىغان ئىدى  ..........ئەزىمەتلەر جەڭگاھتا بۇيرۇقنى مۇققەدەس بىلىدۇ،  پولكۇۋنىك رەجەپ دائىم «سەگەك  تۇرۇڭلار، ۋاقىت غالىبە دىمەكتۇ ر، بىخەستەلىك جانغا زامىن، سىلەر بايراقنىڭ  لەپىلدىشىنى كۆرۈشۈڭلار  كېرەك» دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى ، ھەم «قالغان ئىشلارنى ماڭا قۇيۇپ بېرىڭلار» دەپ ئەزىمەتلەرنى  رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى  ......

    ناماز دىگەر، شامغىچە دۈشمەن ئىستىكامىنى بۆسۈپ ئالمىسا زۇرۇش ۋەزىيىتى  باشقىچە بولاتتى، قوماندان راجەپ تېزراق ھۇجۇم  تەشكىللەش  پىلانىنى تۈزۈۋاتاتتى تۇيۇقسىز دۈشمەن پوتىيىدىن ئېتىلغان مەرگەننىڭ ئوقى سانىتارنىڭ يېنىدىكى پىلۇمۇتچى يىگىتنىڭ بېشىغا تەگدىدە گۇپلا يەرگە يىقىلدى، ئوق باشقا تەككەن ئىدى ، ئۇ  يىگىتنىڭ بېشىنى قۇچاغلاپ بايىلا بومبا ئۈزۈۋەتكەن بارماقلىرىنى تېڭىپ قويغان بۇ ئەزىمەتنىڭ ئۆز  قولىدا جان بەرگەنلىگىنى زادىلا  ئىشەنمەي  قالدى  ،

    بۇ  ھادىسىلەرنى نېرىدا تۇرۇپ  كۆرۈۋاتقان  قوماندان تىپىرلاپ كېتىۋاتاتتى، جىددى پەيتتە ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇش يوق ! پولكوۋنىڭ رەجەپ يېنىچە ياتقان يېرىدىن بىر سىقىم توپىنى سىقىمداپ ئالدىدە ئاۋال پۇراپ يۈز-كۆزۈگە سۈركىدى ئاندىن 3 پىلۇمۇتچى يىگىتكە ئۆزلىرىنى قوغداش ھەققىدە شەرەت بەردى، تىپىرلاپ قانلىرى قىززىپ تۇرغان ئەزىمەتلەرگە ئاتاككىغا ئۆتۈش ھەققىدە كەسكىن بۇيرۇق چۈشۈردى .........« ئۇررا » « ئۇررا » « ئۇررا » قىيامەتلىك جەڭ يەنە باشلىنىپ كەتتى، غۇلجا ئاسمىنىدا « ئۇررا » نىڭ ئەكس سادالىرى بۇلۇتلار ئارىسىغا، كەڭ ساي ۋادىسىغا، جىمى ھاۋاغا تاراپ كەتتى ......ئۇ دورا سومكىسىنى تاشلىدىدە قەيەدىندۇ بىر پىلۇمۇتنى يۇلۇپ ئالدىدە قىزىل قىيامەت ، قىزىل ئوت ئىچىگە قۇيۇندەك چوڭ-چوڭ ئاتلاپ كىرىپ كەتتى  ......

    قاقىرلار قايتقاندا گۈللەر ھىدى شىۋاخلار ھىدى بىلەن قوشۇلۇپ قوماندان رەجەپنى شېھىتلەر مازىرىغا  يېتىلەپ  كەلدى ، .... شۇنداق، رەجەپ بۇنداق جەڭلەرنى كۆپ  كۆرگەن نەچچە ئونلىغان جەسەتلەرنى ئاتلاپ  ھۇجۇم باشلىغان كۇكۇم - تالقان بولغان تەنلەرنى بىر -بىرىگە جۈپلىگەن، قىپ -قىزىل قان ھىدى پۇراپ لاي -پاتقاق ئۈستىدە ئۆمۈلەپ ماڭغاندا جان بەرگەن شېھىتلەر، سەبداشلار كۆز ئالدىدىن كەتمىدى.... رەجەپ ئىككى قولىنى جۈپلەپ سەبداشلىرى قاتارىدا ياتقان ئالاھىدە بىر قەۋرىگە كەلدىدە تىزلىنىپ «شەپقەت ھەمشىرەم رىزۋانگۈل سىڭلىم سەن ئۆلمۈدۈڭ، سەن مەڭگۈ  ھايات، تارىق گۇۋا .....» دەپ ئاقارغان ساقاللىرىنى سىلاپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى ........
    سېسىق چورۇق ئەپەندىنىڭ «غېنى  باتۇر» كىتاۋىدىن  ئېلىندى  .

bagdax
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

3

دوست

1412

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62812
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 430
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2016-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-17 02:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غىنى باتۇر دىگەن كىتاب نەدە بار ،بىزنىڭ كىتابخانلاادا بارمۇ ،ئىلكىتاب بار بولسىمۇ بولاتتى
bagdax

2

تېما

14

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27382
يازما سانى: 1548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 4124
توردىكى ۋاقتى: 516
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-17 09:57:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2017-2-13 01:26  

.

0

تېما

1

دوست

526

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32937
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 145
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2016-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-17 10:31:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېسىق چورۇق   ؟  كىمدۇ  ؟   بىر  يەردە  ئاڭلىغەندەك  قىلىمەن  ....

0

تېما

0

دوست

1964

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   96.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32498
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 628
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2017-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-17 10:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       سېسىق  چورۇق  ئەپەندى   غۇلجا  - نىلقىدىن  ،   بۇلتۇر   نىلقىغا   ساياھەتكە  بارغاندا    مەلۇم  بىر  سورۇندا  تاسادىپى   ئۇچرۇشۇپ  موڭدۇشۇپ   قالغان   ، ھازىر  ئويلۇسام  گەپلىرى  تولىمۇ  قىززىق  ،  تېگى     بار  گەپ  قىلىدىغان   ،  خېلىلا   بىلىمى  مول  ،  كۆپنى  كۆرگەن  ئادەملىگى  چىقىپ  تۇراتتى  ......

9

تېما

0

دوست

2622

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28049
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 852
توردىكى ۋاقتى: 139
سائەت
ئاخىرقى: 2017-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-17 11:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېسىق چورۇق --- زىيا سەمىدى، بۇ كىشى  قازاقستاندا تۇغۇلۇپ،غۇلجىدا چوڭ بولغان،ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن،1950-يىللاردا مىللىي ئامىيە تارقىتىۋىتىلگەندە،زىيا سەمىدى ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنيەت نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان، يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەتتە ،مىللەتچى ئۇنسۇر دەپ قارىلىپ تەنقىتكە ئۇچرىغان،مەشھۇر شائىرىمىز زىيا سەمىدىنى تەنقىتلەپ ئەي زىيا ،ئارىمىزدا ئۈنگەن شۇمبۇيا دەپ مىسرالارنى يېزىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئېنىق مەيدانىىنى ئىپادىلىگەن.زىيا سەمىدى ھەم سوۋېت ئىتىپاقى گىراژدانى بولغاچقا ئۇزۇن ئۆتمەي ،ۋەتىنىمىزدىن يۈز ئۆرۈپ  سوۋېت قازاقستانىغا چىقىپ كەتكەن. شۇ يەردە بىرقانچە رومان،پوۋېست،داستانلارنى يېزىپ 1990-يىللاردا 80 نەچچە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )